< ماركۇس 1 >
خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا مەسىھنىڭ خۇش خەۋىرىنىڭ باشلىنىشى: | 1 |
天主子耶穌基督福音的開始,
يەشايا پەيغەمبەرنىڭ يازمىسىدا خاتىرىلەنگەندەك: ــ «مانا، ئالدىڭدا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن. ئۇ سېنىڭ يولۇڭنى ئالدىنئالا تەييارلايدۇ. | 2 |
正如先知依撒意亞書上記載的:「看,我派遣我的使者在你面前,預備你的道路。
ئاڭلاڭلار، دالادا بىرسىنىڭ توۋلىغان ئاۋازىنى! ئۇ: «پەرۋەردىگارنىڭ يولىنى تەييارلاڭلار، ئۇنىڭ ئۈچۈن چىغىر يوللىرىنى تۈپتۈز قىلىڭلار!» ــ دەيدۇ». | 3 |
曠野中有呼號者的聲音:你們當預備上主的道路,修直他的途徑。」
كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈش ئېلىپ بارىدىغان يەھيا [پەيعەمبەر] چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ، گۇناھلارغا كەچۈرۈم ئېلىپ كېلىدىغان، توۋا قىلىشنى بىلدۈرىدىغان [سۇغا] «چۆمۈلدۈرۈش»نى جاكارلاشقا باشلىدى. | 4 |
洗者若翰便在曠野裏出現,宣講悔改的洗禮,為得罪之赦。
پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكىلەر ۋە پۈتكۈل يېرۇسالېم شەھىرىدىكىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشى بىلەن ئۇنىڭ تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى. | 5 |
猶太全地和耶路撒冷的群眾都出來,到他那裏,承認自己的罪過,在約但河裏受他的洗。
يەھيا بولسا تۆگە يۇڭىدىن قىلىنغان كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى؛ يېمەكلىكى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى. | 6 |
若翰穿的是駱駝毛的衣服,腰間束的是皮帶,吃的是蝗蟲與野蜜。
ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايتتى: ــ مەندىن قۇدرەتلىك بولغان بىرى مەندىن كېيىن كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئېڭىشىپ كەشلىرىنىڭ بوغقۇچىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن! | 7 |
他宣告說:「那比我更有力量的,要在我以後來,我連俯身解他的鞋帶也不配。
مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ. | 8 |
我以水洗你們,他卻要以聖神洗你們。」
شۇ كۈنلەردە، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسارەت شەھىرىدىن كېلىپ، يەھيا تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى. | 9 |
在那些日子裏,耶穌加利肋亞納匝肋來,在約旦河裏受了若翰的洗。
ئۇ سۇدىن چىققاندىلا، ئاسمانلارنىڭ يېرىلىپ، روھنىڭ كەپتەر قىياپىتىدە چۈشۈپ، ئۆز ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى. | 10 |
他剛從水裏上來,就看見天裂開了,聖神有如鴿子降在他上面;
شۇنىڭ بىلەن ئاسمانلاردىن: «سەن مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇم، مەن سەندىن تولۇق خۇرسەنمەن!» دېگەن بىر ئاۋاز ئاڭلاندى. | 11 |
又有聲音從天上說:「你是我的愛子,我因你而喜悅。
ۋە روھ دەرھال ئۇنى چۆل-باياۋانغا سۈيلەپ چىقاردى. | 12 |
聖神立刻催他到曠野裏去。
ئۇ چۆلدە قىرىق كۈن تۇرۇپ، شەيتان تەرىپىدىن سىنىلىپ تۇراتتى. ئۇ شۇ يەردە ياۋايى ھايۋانلار بىلەن بىللە ئىدى؛ شۇ كۈنلەردە پەرىشتىلەر ئۇنىڭ خىزمىتىنى قىلدى. | 13 |
他在曠野裏,四十天之久,受撒殫的試探,與一起,並有天使服侍他。
ئەمدى يەھيا سولانغاندىن كېيىن، ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ: «ۋاقىت-سائىتى توشتى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يېقىنلاشتى! توۋا قىلىڭلار، خۇش خەۋەرگە ئىشىنىڭلار!» دەپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى جاكارلاشقا باشلىدى. | 14 |
若翰被監禁後,耶穌來到加利肋亞,宣講天主的福音,
說:「時期已滿,天主的國臨近了,你們悔改,信從福音罷!」
[شۇ كۈنلەردە] ئۇ گالىلىيە دېڭىزى بويىدا كېتىۋېتىپ، سىمون بىلەن ئىنىسى ئاندرىياسنى كۆردى. ئۇلار بېلىقچى بولۇپ، دېڭىزغا تور تاشلاۋاتاتتى. | 16 |
當耶穌沿著加里肋亞海行走時,看見西滿和西滿的兄弟安德肋在海裏撒網,他們原是漁夫。
ئەيسا ئۇلارغا: ــ مېنىڭ كەينىمدىن مېڭىڭلار, مەن سىلەرنى ئادەم تۇتقۇچى بېلىقچى قىلىمەن! ــ دېدى. | 17 |
耶穌向他們說:「來跟隨我,我要使你們成為漁人的漁夫。」
ئۇلار شۇئان تورلىرىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. | 18 |
他們便立刻拋下了網,跟隨了他。
ئۇ شۇ يەردىن بىرئاز ئۆتۈپ زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپنى ئىنىسى يۇھاننا بىلەن كۆردى. بۇ ئىككىسى كېمىدە تۇرۇپ تورلىرىنى ئوڭشاۋاتاتتى. | 19 |
耶穌向前行了不遠,看見載伯德的兒子雅各伯和他的弟弟若望,正在船上修網。
ئۇ شۇئان ئۇلارنىمۇ چاقىردى. ئۇلار ئاتىسى زەبەدىينى مەدىكارلار بىلەن بىللە كېمىدە قالدۇرۇپ، ئۆزلىرى ئۇنىڭ بىلەن ماڭدى. | 20 |
耶穌遂立即召叫他們;他們就把自己的父親載伯德和傭工們留在船上,跟隨他去了。
ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كىردى. شابات كۈنى ئۇ ئۇدۇل سىناگوگقا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى. | 21 |
他們進了葛法翁;一到安息日,耶穌就進入會堂教訓人。
خالايىق ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيرانۇھەس بولۇشتى. چۈنكى ئۇنىڭ تەلىملىرى تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭكىگە ئوخشىمايتتى، بەلكى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. | 22 |
人都驚奇他的教訓,因為他教訓他們正像有權威似的,不像經師們一樣。
سىناگوگتا ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ: | 23 |
當時,在他們的會堂裏,正有一個附邪魔的人,他喊叫
ــ ئى ناسارەتلىك ئەيسا، بىز بىلەن كارىڭ بولمىسۇن! سەن بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، سەن خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلايتتى. | 24 |
說:「納匝肋人耶穌! 我們與你有什麼相干﹖你竟來毀滅我們! 我佑道你是誰,你是天主的聖者。」
لېكىن ئەيسا [جىنغا] تەنبىھ بېرىپ: ــ ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمدىن چىق! ــ دېدى. | 25 |
耶穌叱責他說:「不要作聲! 從他身上出去!」
ناپاك روھ ھېلىقى ئادەمنىڭ تېنىنى تارتىشتۇرۇپ، قاتتىق ۋارقىرىغىنىچە ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. | 26 |
邪魔使那人拘攣了一陣,大喊一聲,就從他身上出去了。
خالايىق ھەممىسى بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران بولۇپ، ئۆزئارا غۇلغۇلا قىلىشىپ: ــ بۇ قانداق ئىش؟ يېڭى بىر تەلىمغۇ! چۈنكى ئۇ ھوقۇق بىلەن ھەتتا ناپاك روھلارغىمۇ بۇيرۇق قىلالايدىكەن، ئۇلارمۇ ئۇنىڭ سۆزىگە بويسۇنىدىكەن، ــ دېيىشتى. | 27 |
眾人大為驚愕,以致彼此詢問說:「這是怎麼一回事﹖這是新的教訓,並具有權威;他連給邪魔出命,邪魔也聽從他。」
بۇنىڭدىن ئۇنىڭ شۆھرىتى شۇ ھامان پۈتۈن گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ئەتراپىغا پۇر كەتتى. | 28 |
他的聲譽遂即傳遍了加里肋亞附近各處。
ئۇلار سىناگوگدىن چىقىپلا، ياقۇپ ۋە يۇھاننا بىلەن سىمون ۋە ئاندرىياسنىڭ ئۆيىگە باردى. | 29 |
他一出會堂,就同雅各伯和若望來到了西滿和安德肋的家裏。
ئەمما سىموننىڭ قېينئانىسى قىزىتما ئىچىدە يېتىپ قالغانىدى. ئۇلار دەرھال ئۇنىڭ ئەھۋالىنى [ئەيساغا] ئېيتتى. | 30 |
那時,西滿的岳母正躺著發燒;有人就向耶穌提起她來,
ئۇ ئايالنىڭ قېشىغا بېرىپ، قولىدىن تۇتۇپ، يۆلەپ ئۆرە تۇرغۇزدى. ئۇنىڭ قىزىتمىسى دەرھال ياندى ۋە ئۇ ئۇلارنى كۈتۈشكە كىرىشتى. | 31 |
耶穌上前去,握住她的手,扶起她來,熱症隨即離開了她;她就伺候他們。
كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق ئاغرىقلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. | 32 |
到了晚上,日落之後,人把所有患病的和附魔的,都帶到他跟前,
پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئىشىك ئالدىغا توپلاشقانىدى. | 33 |
閤城的人都聚在門前。
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەر تۈرلۈك كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋەتتى. لېكىن ئۇ جىنلارنىڭ گەپ قىلىشقا يول قويمىدى، چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى. | 34 |
耶穌治好了許多患各種病症的人,驅逐了許多魔鬼,並且不許魔鬼說話,因為魔鬼認識他。
ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى ئاتماستىنلا، ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، [شەھەردىن] چىقىپ، خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى. | 35 |
清晨,天還很黑,耶穌就起身出去,到荒野的地方在那裏祈禱。
سىمون بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ئۇنى ئىزدەپ چىقتى. | 36 |
西滿和同他在一起的人都去追尋他,
ئۇنى تاپقاندا: ــ ھەممە ئادەم سېنى ئىزدىشىۋاتىدۇ! ــ دېيىشتى. | 37 |
找到了他,就向他說:「眾人都找你呢! 」
ئۇ ئۇلارغا: ــ باشقا يەرلەرگە، ئەتراپتىكى يېزىلاردىمۇ سۆز-كالامنى جاكارلىشىم ئۈچۈن بارايلى. چۈنكى مەن دەل مۇشۇ ئىش ئۈچۈن كېلىشىم، ــ دېدى. | 38 |
耶穌對他們說:「讓我們到別處去,到鄰近的村鎮去罷! 叫我也在那裏宣講,因為我是為這事出來的。」
شۇنداق قىلىپ، ئۇ پۈتكۈل گالىلىيە ئۆلكىسىنى ئايلىنىپ، سىناگوگلىرىدا سۆز-كالامنى جاكارلايتتى ھەمدە جىنلارنى كىشىلەردىن ھەيدىۋېتەتتى. | 39 |
他遂到加里肋亞各地,在他們的會堂裏宣講,並驅逐魔鬼。
ماخاۋ كېسىلى بار بىر كىشى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ يېلىنىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: ــ ئەگەر خالىسىڭىز، مېنى كېسىلىمدىن پاك قىلالايسىز! ــ دەپ ئۆتۈندى. | 40 |
有一個癩病人來到耶穌跟前,跪下求他說:「你若願意,就能潔淨我。」
ئەيسا ئىچى ئاغرىغاچ قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ خالايمەن، پاك قىلىنغىن! ــ دېۋىدى، | 41 |
耶穌動了憐憫的心,就伸手撫摸他,向他說:「我願意,你潔淨了罷!」
شۇ سۆز بىلەنلا ماخاۋ كېسىلى دەرھال بىماردىن كېتىپ، ئۇ پاك قىلىندى. | 42 |
癩病立時脫離了他,他就潔淨了。
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ [مەسئۇل] كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، كاھىنلاردا گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ كېسەلدىن پاكلانغانلارغا ئەمر قىلغان [قۇربانلىقلارنى] سۇنغىن، ــ دەپ ئۇنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ يولغا سالدى. | 43 |
然後耶穌嚴厲警告他,立即催他走,
並向他說:「當心! 什麼也不可告訴人,但去叫司祭檢驗你,並為你的潔淨,奉獻梅瑟所規定的,給他們當作證據。」
بىراق ئۇ ئادەم چىقىپ، بۇ ئىشنى كۆپ يەرلەردە جار سېلىپ، كەڭ يېيىۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ھېچقانداق شەھەرگە ئوچۇق-ئاشكارا كىرەلمەي، بەلكى شەھەرلەر سىرتىدىكى خىلۋەت جايلاردا تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى؛ خالايىق ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭ يېنىغا توپلىشاتتى. | 45 |
但那人一出去,便開始極力宣揚,把這事傳揚開了,以致耶穌不能再公然進城,只好留在外邊荒野的地方;但人們卻從各處到他跟前來。