< ماركۇس 9 >
ئۇ ئۇلارغا يەنە: ــ مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كۈچ-قۇدرەت بىلەن كەلگەنلىكىنى كۆرىدىغانلار باردۇر. | 1 |
Og han sagde til dem: „Sandelig, siger jeg eder, der er nogle af dem, som staa her, der ingenlunde skulle smage Døden, førend de se Guds Rige være kommet med Kraft.”
ۋە ئالتە كۈندىن كېيىن، ئەيسا پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى ئايرىپ ئېلىپ، ئېگىز بىر تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە ئۇنىڭ سىياقى ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىلا ئۆزگىرىپ، | 2 |
Og seks Dage derefter tager Jesus Peter og Jakob og Johannes med sig og fører dem alene afsides op paa et højt Bjerg, og han blev forvandlet for deres Øjne.
كىيىملىرى يەر يۈزىدىكى ھېچبىر ئاقارتقۇچىمۇ ئاقارتالمىغۇدەك دەرىجىدە پارقىراپ قاردەك ئاپئاق بولدى. | 3 |
Og hans Klæder bleve skinnende, meget hvide, saa at ingen Blegemand paa Jorden kan gøre Klæder saa hvide.
ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدا مۇسا ۋە ئىلياس [پەيغەمبەرلەر] تۇيۇقسىز كۆرۈندى؛ ئۇلار ئەيسا بىلەن سۆزلىشىۋاتقانىدى. | 4 |
Og Elias tillige med Moses viste sig for dem, og de samtalede med Jesus.
پېترۇس بۇ ئىشقا جاۋابەن ئەيساغا: ــ ئۇستاز، بۇ يەردە بولغىنىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى! بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى! ــ دېدى | 5 |
Og Peter tog til Orde og siger til Jesus: „Rabbi! det er godt, at vi ere her, og lader os gøre tre Hytter, dig en og Moses en og Elias en.”
(چۈنكى پېترۇس نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالغانىدى، چۈنكى ئۇلار قورقۇنچقا چۆمۈپ كەتكەنىدى). | 6 |
Thi han vidste ikke, hvad han skulde sige; thi de vare blevne helt forfærdede.
تۇيۇقسىز بىر پارچە بۇلۇت ئۇلارنى قاپلىۋالدى ۋە بۇلۇتتىن: «بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر؛ ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار!» دېگەن ئاۋاز ئاڭلاندى. | 7 |
Og der kom en Sky, som overskyggede dem; og en Røst kom fra Skyen: „Denne er min Søn, den elskede, hører ham!”
ئۇلار لاپپىدە ئەتراپىغا قارىشىۋىدى، لېكىن يەنە ھېچكىمنى كۆرمىدى، ئۆز يېنىدا پەقەت ئەيسانىلا كۆردى. | 8 |
Og pludseligt, da de saa sig om, saa de ingen mere uden Jesus alene hos dem.
ئۇلار تاغدىن چۈشۈۋاتقاندا، ئەيسا ئۇلارغا، ئىنسانئوغلى ئۆلۈمدىن تىرىلدۈرۈلمىگۈچە، كۆرگەنلىرىنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى ئەمر قىلىپ تاپىلىدى. | 9 |
Og da de gik ned fra Bjerget, bød han dem, at de ikke maatte fortælle nogen, hvad de havde set, førend Menneskesønnen var opstanden fra de døde.
ئۇلار ئۇنىڭ بۇ سۆزىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، «ئۆلۈمدىن تىرىلىش» دېگەننىڭ زادى نېمە ئىكەنلىكى ھەققىدە ئۆزئارا مۇلاھىزىلەشتى. | 10 |
Og de fastholdt dette Ord hos sig selv og spurgte hverandre, hvad det er at opstaa fra de døde.
ئۇلار ئۇنىڭدىن يەنە: ــ تەۋرات ئۇستازلىرى نېمە ئۈچۈن: «ئىلياس [پەيغەمبەر مەسىھ كېلىشتىن] ئاۋۋال قايتىپ كېلىشى كېرەك» دېيىشىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. | 11 |
Og de spurgte ham og sagde: „De skriftkloge sige jo, at Elias bør først komme?”
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرۋەقە [مەسىھتىن] ئاۋۋال كېلىدۇ، ئاندىن ھەممە ئىشنى ئورنىغا كەلتۈرىدۇ؛ ئەمدى نېمىشقا مۇقەددەس يازمىلاردا ئىنسانئوغلى كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت چېكىدۇ ۋە خورلىنىدۇ، دەپ پۈتۈلگەن؟ | 12 |
Men han sagde til dem: „Elias kommer først og genopretter alting; og hvorledes er der skrevet om Menneskesønnen? At han skal lide meget og foragtes.
لېكىن مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئىلياس [پەيغەمبەر] دەرھەقىقەت كەلدى ۋە دەل مۇقەددەس يازمىلاردا ئۇ ھەققىدە پۈتۈلگەندەك، كىشىلەر ئۇنىڭغا نېمىنى خالىسا شۇنداق قىلدى. | 13 |
Men jeg siger eder, at baade er Elias kommen, og de gjorde ved ham alt, hvad de vilde, efter som der er skrevet om ham.”
ئۇلار مۇخلىسلارنىڭ يېنىغا قايتىپ بارغىنىدا، زور بىر توپ ئادەملەرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىۋالغانلىقىنى، بىرنەچچە تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئۇلار بىلەن مۇنازىرە قىلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردى. | 14 |
Og da de kom til Disciplene, saa de en stor Skare omkring dem og skriftkloge, som tvistedes med dem.
ئۇنى كۆرگەن پۈتۈن خالايىق ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى ۋە يۈگۈرۈپ كېلىپ ئۇنىڭ بىلەن سالاملاشتى. | 15 |
Og straks studsede hele Skaren, da de saa ham, og de løb hen og hilsede ham.
ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئۇلار بىلەن نېمە توغرۇلۇق مۇنازىرە قىلىشىۋاتىسىلەر، ــ دەپ سورىدى. | 16 |
Og han spurgte dem: „Hvorom tvistes I med dem?”
خالايىقتىن بىرەيلەن ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، مەن ئوغلۇمنى سېنىڭ ئالدىڭغا ئېلىپ كەلدىم، چۈنكى ئۇنىڭغا گاچا قىلغۇچى بىر روھ چاپلىشىۋالغان. | 17 |
Og en af Skaren svarede ham: „Mester! jeg har bragt min Søn til dig; han har en maalløs Aand.
ھەر قېتىم روھ ئۇنى چىرمىۋالسا، ئۇنى تارتىشتۇرۇپ يىقىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بالىنىڭ ئاغزى كۆپۈكلىشىپ، چىشلىرى كىرىشىپ كېتىدۇ؛ قاقشال بولۇپ قالىدۇ. مۇخلىسلىرىڭدىن جىننى ھەيدىۋەتكەيسىلەر دەپ تىلىدىم، بىراق ئۇلار قىلالمىدى، ــ دېدى. | 18 |
Og hvor som helst den griber ham, slider den i ham, og han fraader og skærer Tænder, og han visner hen; og jeg har sagt til dine Disciple, at de skulde uddrive den, og de kunde ikke.”
ئۇ جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇراي؟! مەن سىلەرگە يەنە قاچانغىچە سەۋر قىلاي؟ ــ بالىنى ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار ــ دېدى. | 19 |
Men han svarede dem og sagde: „O du vantro Slægt! hvor længe skal jeg være hos eder, hvor længe skal jeg taale eder? Bringer ham til mig!”
ئۇلار بالىنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. ئەيسانى كۆرۈش بىلەنلا روھ بالىنىڭ پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇرۇۋەتتى. بالا يىقىلىپ، ئاغزىدىن كۆپۈك چىققان پېتى يەردە يۇمىلاپ كەتتى. | 20 |
Og de ledte ham frem til ham; og da han saa ham, sled Aanden straks i ham, og han faldt om paa Jorden og væltede sig og fraadede.
ئۇ بالىنىڭ ئاتىسىدىن: ــ بۇ ئىش بېشىغا كەلگىنىگە قانچە ئۇزۇن بولدى؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ كىچىكىدىن تارتىپ شۇنداق، | 21 |
Og han spurgte hans Fader: „Hvor længe er det siden, at dette er kommet over ham?” Men han sagde: „Fra Barndommen af;
جىن ئۇنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن كۆپ قېتىم ئوتقا ۋە سۇغا تاشلىدى. ئەمدى بىر ئامال قىلالىساڭ، بىزگە ئىچ ئاغرىتىپ شاپائەت قىلغايسەن! ــ دېدى. | 22 |
og den har ofte kastet ham baade i Ild og i Vand for at ødelægge ham; men om du formaar noget, da forbarm dig over os, og hjælp os!”
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «قىلالىساڭ!» دەيسەنغۇ! ئىشەنچتە بولغان ئادەمگە ھەممە ئىش مۇمكىندۇر! ــ دېدى. | 23 |
Men Jesus sagde til ham: „Om du formaar! Alle Ting ere mulige for den, som tror.”
بالىنىڭ ئاتىسى دەرھال: ــ مەن ئىشىنىمەن؛ ئىشەنچسىزلىكىمگە مەدەت قىلغايسەن! ــ دېدى يىغلاپ نىدا قىلىپ. | 24 |
Straks raabte Barnets Fader og sagde med Taarer: „Jeg tror, hjælp min Vantro!”
ئەمدى ئەيسا كۆپچىلىكنىڭ يۈگۈرۈشۈپ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھېلىقى ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئەي ئادەمنى گاس ۋە گاچا قىلغۇچى روھ! بۇيرۇق قىلىمەنكى، ئۇنىڭدىن چىق، ئىككىنچى كىرگۈچى بولما! ــ دېدى. | 25 |
Men da Jesus saa, at Skaren stimlede sammen, truede han den urene Aand og sagde til den: „Du maalløse og døve Aand! jeg byder dig, far ud af ham, og far ikke mere ind i ham!”
شۇ ھامان جىن بىر چىرقىرىدى-دە، بالىنى دەھشەتلىك تارتىشتۇرۇپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. بالا ئۆلۈكتەك يېتىپ قالدى، خالايىقنىڭ كۆپىنچىسى «ئۇ ئۆلدى!» دېيىشتى. | 26 |
Da skreg og sled den meget i ham og for ud, og han blev ligesom død, saa at de fleste sagde: „Han er død.”
لېكىن ئەيسا بالىنى قولىدىن تۇتۇپ يۆلىدى، بالا ئورنىدىن تۇردى. | 27 |
Men Jesus tog ham ved Haanden og rejste ham op; og han stod op.
ئەيسا ئۆيگە كىرگەندىن كېيىن، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ بىلەن يالغۇز قالغاندا ئۇنىڭدىن: ــ بىز نېمە ئۈچۈن جىننى ھەيدىۋېتەلمىدۇق؟ ــ دەپ سوراشتى. | 28 |
Og da han var kommen ind i et Hus, spurgte hans Disciple ham i Enrum: „Hvorfor kunde vi ikke uddrive den?”
ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ خىل [جىن] دۇئا ۋە روزىدىن باشقا يول بىلەن چىقىرىلماس، ــ دېدى. | 29 |
Og han sagde til dem: „Denne Slags kan ikke fare ud ved noget, uden ved Bøn og Faste.”
ئۇلار شۇ يەردىن ئايرىلىپ، گالىلىيەدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. بىراق ئۇ بۇنى ھېچكىمنىڭ بىلىشىنى خالىمايتتى. | 30 |
Og da de gik ud derfra, vandrede de igennem Galilæa; og han vilde ikke, at nogen skulde vide det.
چۈنكى ئۇ مۇخلىسلىرىغا: ــ ئىنسانئوغلى ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ، ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرىدۇ. ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن ئۇ تىرىلىدۇ، ــ دېگەن تەلىمنى بېرىۋاتاتتى. | 31 |
Thi han lærte sine Disciple og sagde til dem: „Menneskesønnen overgives i Menneskers Hænder, og de skulle slaa ham ihjel; og naar han er ihjelslaaet, skal han opstaa tre Dage efter.”
لېكىن [مۇخلىسلار] بۇ سۆزنى چۈشەنمىدى ھەمدە ئۇنىڭدىن سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. | 32 |
Men de forstode ikke det Ord og frygtede for at spørge ham.
ئۇ كەپەرناھۇم شەھىرىگە كەلدى. ئۆيگە كىرگەندە ئۇ ئۇلاردىن: ــ يولدا نېمە توغرىسىدا مۇلاھىزىلەشتىڭلار؟ ــ دەپ سورىدى. | 33 |
Og de kom til Kapernaum, og da han var kommen ind i Huset, spurgte han dem: „Hvad var det, I overvejede med hverandre paa Vejen?”
لېكىن ئۇلار شۈك تۇردى، چۈنكى ئۇلار يولدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ دەپ بىر-بىرى بىلەن مۇلاھىزىلەشكەنىدى. | 34 |
Men de tav; thi de havde talt med hverandre paa Vejen om, hvem der var den største.
ئۇ ئولتۇرۇپ، ئون ئىككەيلەننى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ كىم بىرىنچى بولۇشنى ئىستىگەن بولسا، شۇ ھەممەيلەننىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، ــ دېدى. | 35 |
Og han satte sig og kaldte paa de tolv og siger til dem: „Dersom nogen vil være den første, han skal være den sidste af alle og alles Tjener.”
ئاندىن ئۇ كىچىك بىر بالىنى ئوتتۇرىدا تۇرغۇزدى ۋە ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىپ تۇرۇپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: | 36 |
Og han tog et lille Barn og stillede det midt iblandt dem og tog det i Favn og sagde til dem:
ــ كىم مېنىڭ نامىمدا مۇشۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. كىم مېنى قوبۇل قىلسا، ئۇ مېنى ئەمەس، بەلكى مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. | 37 |
„Den, som modtager eet af disse smaa Børn for mit Navns Skyld, modtager mig; og den, som modtager mig, modtager ikke mig, men den, som udsendte mig.”
يۇھاننا ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشكەنلەردىن بولمىغاچقا، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى. | 38 |
Johannes sagde til ham: „Mester! vi saa en, som ikke følger os, uddrive onde Aander i dit Navn; og vi forbøde ham det, fordi han ikke følger os.”
لېكىن ئەيسا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى مېنىڭ نامىم بىلەن بىر مۆجىزە ياراتقان بىرسى ئارقىدىنلا مېنىڭ ئۈستۈمدىن يامان گەپ قىلىشى مۇمكىن ئەمەس. | 39 |
Men Jesus sagde: „Forbyder ham det ikke; thi der er ingen, som gør en kraftig Gerning i mit Navn og snart efter kan tale ilde om mig.
چۈنكى بىزگە قارشى تۇرمىغانلار بىزنى قوللىغانلاردۇر. | 40 |
Thi den, som ikke er imod os, er for os.
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، مەسىھكە مەنسۇپ بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن، مېنىڭ نامىمدا سىلەرگە ھەتتا بىرەر پىيالە سۇ بەرگەن كىشىمۇ ئۆز ئىنئامىغا ئېرىشمەي قالمايدۇ. | 41 |
Thi den, som giver eder et Bæger Vand at drikke i mit Navn, fordi I høre Kristus til, sandelig, siger jeg eder, han skal ingenlunde miste sin Løn.
لېكىن ماڭا ئېتىقاد قىلغان بۇنداق كىچىكلەردىن بىرىنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرغان ھەرقانداق ئادەمنى، ئۇ بوينىغا يوغان تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. | 42 |
Og den, som forarger en af disse smaa, som tro, for ham var det bedre, at der laa en Møllesten om hans Hals, og han var kastet i Havet.
ئەگەر ئەمدى قولۇڭ سېنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى قولۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا كىرگىنىڭدىن كۆرە، چولاق ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەلدۇر. (Geenna ) | 43 |
Og dersom din Haand forarger dig, saa hug den af; det er bedre for dig at gaa som en Krøbling ind til Livet end at have to Hænder og fare til Helvede til den uudslukkelige Ild, (Geenna )
چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. | 44 |
[hvor deres Orm ikke dør, og Ilden ikke udslukkes.]
ئەگەر ئەمدى پۇتۇڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى كېسىپ تاشلىۋەت. چۈنكى ئىككى پۇتۇڭ بار ھالدا دوزاخقا، يەنى ئۆچۈرۈلمەس ئوتقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، توكۇر ھالدا ھاياتلىققا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. (Geenna ) | 45 |
Og dersom din Fod forarger dig, saa hug den af; det er bedre for dig at gaa lam ind til Livet end at have to Fødder og blive kastet i Helvede, (Geenna )
چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. | 46 |
[hvor deres Orm ikke dør, og Ilden ikke udslukkes.]
ئەگەر كۆزۈڭ سېنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرسا، ئۇنى ئويۇپ تاشلىۋەت. ئىككى كۆزۈڭ بار ھالدا ئوتلۇق دوزاخقا تاشلانغىنىڭدىن كۆرە، سىڭار كۆزلۈك بولۇپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرگىنىڭ ئەۋزەل. (Geenna ) | 47 |
Og dersom dit Øje forarger dig, saa riv det ud; det er bedre for dig at gaa enøjet ind i Guds Rige end at have to Øjne og blive kastet i Helvede, (Geenna )
چۈنكى دوزاختا شۇلارنى [يەيدىغان] قۇرت-قوڭغۇزلار ئۆلمەيدۇ، يالقۇنلۇق ئوت ئۆچمەيدۇ. | 48 |
hvor deres Orm ikke dør, og Ilden ikke udslukkes.
ھەممە ئادەم ئوت بىلەن تۇزلىنىدۇ ۋە ھەربىر قۇربانلىق تۇز بىلەن تۇزلىنىدۇ. | 49 |
Thi enhver skal saltes med Ild, og alt Offer skal saltes med Salt.
تۇز ياخشى نەرسىدۇر. ھالبۇكى، ئەگەر تۇز ئۆز تۇزلۇقىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ ئۆزۈڭلاردا تۇز تېپىلسۇن ۋە بىر-بىرىڭلار بىلەن ئىناقلىقتا ئۆتۈڭلار. | 50 |
Saltet er godt; men dersom Saltet bliver saltløst, hvormed ville I da give det sin Kraft igen? Haver Salt i eder selv, og holder Fred med hverandre!”