< ماركۇس 8 >
شۇ كۈنلەردە، يەنە زور بىر توپ خالايىق يىغىلغانىدى. ئۇلارنىڭ يېگۈدەك ھېچنېمىسى بولمىغاچقا، ئۇ مۇخلىسلىرىنى يېنىغا چاقىرىپ: | 1 |
Naqueles dias, quando havia de novo uma multidão, e não tinham o que comer, [ Jesus ] chamou os discípulos a si, e disse-lhes:
ــ بۇ خالايىققا ئىچىم ئاغرىيدۇ. چۈنكى ئۇلار مېنىڭ يېنىمدا تۇرغىلى ئۈچ كۈن بولدى، ئۇلاردا يېگۈدەك ھېچنەرسىمۇ قالمىدى. | 2 |
Tenho compaixão da multidão, porque já há três dias que estão comigo, e não têm o que comer.
ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئاچ قورساق قايتۇرسام، يولدا ھالىدىن كېتىشى مۇمكىن. چۈنكى بەزىلىرى يىراقتىن كەلگەنىكەن، ــ دېدى. | 3 |
E se eu os deixar ir sem comer para suas casas desmaiarão no caminho; e alguns deles vieram de longe.
مۇخلىسلىرى بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بۇنداق خىلۋەت بىر جايدا بۇ كىشىلەرنى تويدۇرغۇدەك ناننى نەدىن تاپقىلى بولسۇن؟ ــ دېيىشتى. | 4 |
Os seus discípulos lhe responderam: De onde poderá alguém saciar estes de pão aqui no deserto?
ــ قانچە نېنىڭلار بار؟ ــ دەپ سورىدى ئۇ. يەتتە، ــ دېيىشتى ئۇلار. | 5 |
[Jesus] lhes perguntou: Quantos pães tendes? E eles disseram: Sete.
بۇنىڭ بىلەن ئۇ خەلقنى يەردە ئولتۇرۇشقا بۇيرۇدى. ئاندىن يەتتە ناننى قولىغا ئالدى ۋە [خۇداغا] تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتىپ ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تۇتۇشقا مۇخلىسلىرىغا بەردى. ئۇلار خالايىققا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى. | 6 |
Então mandou à multidão que se sentassem no chão. Em seguida, tomou os sete pães, e tendo dado graças, partiu-os, e os deu a seus discípulos, para que os pusessem diante deles. E eles os puseram diante da multidão.
[مۇخلىسلاردا] يەنە بىرقانچە كىچىك بېلىقمۇ بار ئىدى. ئۇ خۇداغا تەشەككۈر ئېيتىپ ئۇلارنى بەرىكەتلەپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىشنى ئېيتتى. | 7 |
E tinham uns poucos peixinhos, e havendo dado graças, disse que também os pusessem diante deles.
خالايىق تويغۇچە يېدى؛ ئۇلار ئېشىپ قالغان پارچىلارنى يەتتە سېۋەتكە تېرىۋالدى. | 8 |
Eles comeram, e se saciaram; e levantaram, do que sobrou dos pedaços, sete cestos.
يېگەنلەر تۆت مىڭچە كىشى ئىدى. ئۇ ئۇلارنى يولغا سالدى، | 9 |
Os que comeram eram quase quatro mil. Depois os despediu.
ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە دەرھال كېمىگە چۈشۈپ، دالمانۇتا تەرەپلىرىگە باردى. | 10 |
E logo entrou no barco com os seus discípulos, e veio para a região de Dalmanuta.
پەرىسىيلەر چىقىپ، ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلىشىپ، ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشكىلى تۇردى. | 11 |
Os fariseus vieram, e começaram a disputar com ele, pedindo-lhe sinal do céu, para o testar.
ئۇ ئىچىدە بىر ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ: ــ بۇ دەۋر نېمىشقا بىر «مۆجىزىلىك ئالامەت»نى ئىستەپ يۈرىدۇ؟ شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، بۇ دەۋرگە ھېچقانداق مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ، ــ دېدى. | 12 |
E ele, suspirando profundamente em seu espírito, disse: Por que esta geração pede um sinal? Em verdade vos digo, que não se dará sinal a esta geração.
ئاندىن ئۇلاردىن ئايرىلىپ، يەنە كېمىگە چىقىپ، دېڭىزنىڭ ئۇ چېتىگە ئۆتۈپ كەتتى. | 13 |
Então os deixou, voltou a embarcar, e foi para a outro lado [do mar].
مۇخلىسلار نان ئېلىپ كېلىشنى ئۇنتۇغان بولۇپ، كېمىدە بىر تال ناندىن باشقا يەيدىغىنى يوق ئىدى. | 14 |
E [os seus discípulos] haviam se esquecido de tomar pão, e nada tinham, a não ser um pão com eles no barco.
ئۇ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇپ: ــ ئېھتىيات قىلىڭلار، پەرىسىيلەرنىڭ ئېچىتقۇسى ۋە ھېرودنىڭ ئېچىتقۇسىدىن ھېزى بولۇڭلار، ــ دېدى. | 15 |
E [Jesus] lhes deu a seguinte ordem: Prestai atenção: tende cuidado com o fermento dos fariseus e o fermento de Herodes.
مۇخلىسلار ئۆزئارا مۇلاھىزىلىشىپ: ــ ئۇنىڭ بۇنداق دېيىشى نان ئەكەلمىگەنلىكىمىزدىن بولسا كېرەك، ــ دېيىشتى. | 16 |
E indagavam-se com os outros porque não tinham pão
ئەيسا ئۇلارنىڭ نېمە [دېيىشىۋاتقانلىقىنى] بىلىپ: ــ نېمىشقا نان يوقلۇقى توغرىسىدا مۇلاھىزە قىلىسىلەر؟ سىلەر تېخىچە پەم-پاراسەت ياكى چۈشەنچىگە ئىگە بولمىدىڭلارمۇ؟ قەلبلىرىڭلار تېخىمۇ بىخۇدلىشىپ كېتىۋاتامدۇ؟ | 17 |
[ Jesus ] soube e lhes disse: Por que indagais que não tendes pão? Não percebeis ainda, nem entendeis? Tendes o vosso coração endurecido?
كۆزۈڭلار تۇرۇپ كۆرمەيۋاتامسىلەر؟ قۇلىقىڭلار تۇرۇپ ئاڭلىمايۋاتامسىلەر؟ ئېسىڭلاردا يوقمۇ؟ | 18 |
Tendes olhos, e não vedes? Tendes ouvidos, e não ouvis?
بەش مىڭ كىشىگە بەش ناننى ئوشتۇغىنىمدا، پارچىلارغا لىق تولغان قانچە كىچىك سېۋەتنى يىغىۋالدىڭلار؟ ــ دېدى. ــ ئون ئىككىنى، ــ جاۋاب بەردى ئۇلار. | 19 |
E não vos lembrais de, quando parti os cinco pães entre os cinco mil, quantos cestos cheios de pedaços levantastes? Responderam-lhe: Doze.
ــ يەتتە ناننى تۆت مىڭ كىشىگە ئوشتۇغىنىمدا، پارچىلارغا لىق تولغان قانچە سېۋەتنى يىغىۋالدىڭلار؟ ــ دېدى ئۇ. ــ يەتتىنى، ــ جاۋاب بەردى ئۇلار. | 20 |
Quando [parti] os sete entre os quatro mil, quantas cestas cheias de pedaços levantastes? Eles disseram: Sete.
ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداقتا، قانداقسىگە سىلەر تېخى چۈشەنمەيسىلەر؟ ــ دېدى. | 21 |
Ele lhes perguntou: Ainda não entendeis?
ئۇلار بەيت-سائىدا يېزىسىغا كەلدى؛ خالايىق بىر كور ئادەمنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈندى. | 22 |
Então vieram a Betsaida. E trouxeram-lhe um cego, e rogaram-lhe que o tocasse.
ئۇ كور ئادەمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ يېزىنىڭ سىرتىغا يېتىلەپ باردى؛ ئۇنىڭ كۆزلىرىگە تۈكۈرۈپ، ئۈستىگە قوللىرىنى تەگكۈزۈپ: ــ بىرەر نەرسە كۆرۈۋاتامسەن؟ ــ دەپ سورىدى. | 23 |
Ele tomou o cego pela mão e o tirou para fora da aldeia. Depois cuspiu nos olhos dele e, pondo as mãos encima dele, perguntou-lhe: Tu vês alguma coisa?
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ: ــ كىشىلەرنى كۆرۈۋاتىمەن؛ ئۇلار خۇددى مېڭىپ يۈرۈۋاتقان دەرەخلەردەك كۆرۈنۈۋاتىدۇ، ــ دېدى. | 24 |
Ele levantou os olhos e disse: Vejo as pessoas; pois vejo como árvores que andam.
ئاندىن ئۇ قايتىدىن قوللىرىنى ئۇ ئادەمنىڭ كۆزلىرىگە تەگكۈزدى. ئۇ كۆزلىرىنى ئېچىۋىدى، كۆزلىرى ئەسلىگە كېلىپ، ھەممە نەرسىنى ئېنىق كۆردى. | 25 |
Então [Jesus] pôs de novo as mãos sobre os seus olhos, e ele olhou atentamente. Assim ele ficou restabelecido, e passou a ver todos claramente.
ئەيسا ئۇنى ئۆيىگە قايتۇرۇپ: ــ يېزىغىمۇ كىرمە، ياكى يېزىدىكى ھېچكىمگە بۇ ئىشنى ئۇقتۇرما، ــ دەپ تاپىلىدى. | 26 |
Então o mandou para sua casa, dizendo: Não entres na aldeia.
ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن چىقىپ قەيسەرىيە-فىلىپپى رايونىغا قاراشلىق كەنت-يېزىلارغا باردى. يولدا ئۇ مۇخلىسلىرىدىن: ــ كىشىلەر مېنى كىم دەيدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 27 |
Jesus saiu com os seus discípulos para as aldeias de Cesareia de Filipe; e no caminho perguntou a seus discípulos: Quem as pessoas dizem que eu sou?
ئۇلار ئۇنىڭغا: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس [پەيغەمبەر] ۋە يەنە بەزىلەر ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى دەپ قارايدىكەن، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. | 28 |
Eles responderam: João Batista, e outros, Elias; e outros, algum dos profetas.
ئۇ ئۇلاردىن: ــ ئەمدى سىلەرچۇ، سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس جاۋابەن: ــ سەن مەسىھدۇرسەن، ــ دېدى. | 29 |
E ele lhes perguntou: E vós, quem dizeis que eu sou? Pedro lhe respondeu: Tu és o Cristo.
ئۇ ئۇلارغا ئۆزى توغرۇلۇق ھېچكىمگە تىنماسلىقنى جىددىي تاپىلىدى. | 30 |
E lhes ordenou que a ninguém dissessem aquilo dele.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر ئىكەنلىكىنى [مۇخلىسلىرىغا] ئۆگىتىشكە باشلىدى. | 31 |
E começou a lhes ensinar que era necessário que o Filho do homem sofresse muito, e fosse rejeitado pelos anciãos e pelos chefes dos sacerdotes e escribas, e que fosse morto, e depois de três dias ressuscitasse.
ئۇ بۇ ئىشنى ئوچۇق-ئاشكارا سۆزلەپ بەردى. بۇنىڭ بىلەن پېترۇس ئۇنى بىر چەتكە تارتىپ، ئۇنى ئەيىبلەشكە باشلىدى. | 32 |
Ele dizia essa palavra abertamente. Então Pedro o tomou à parte, e começou a repreendê-lo.
لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ مۇخلىسلىرىغا قاراپ، پېترۇسنى ئەيىبلەپ: ــ ئارقامغا ئۆت، شەيتان! سېنىڭ ئويلىغانلىرىڭ خۇدانىڭ ئىشلىرى ئەمەس، ئىنساننىڭ ئىشلىرىدۇر، ــ دېدى. | 33 |
Mas [Jesus] virou-se e, olhando para os seus discípulos, repreendeu Pedro, dizendo: Sai de diante de mim, satanás! Pois tu não compreendes as coisas de Deus, mas sim as humanas.
ئاندىن مۇخلىسلىرى بىلەن خالايىقنىمۇ چاقىرىپ مۇنداق دېدى: ــ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! | 34 |
Então chamou a si a multidão com os seus discípulos, e disse-lhes: Se alguém quiser me seguir, negue a si mesmo, tome a sua cruz, e siga-me;
چۈنكى كىمدەكىم ئۆز جېنىنى قۇتقۇزاي دېسە، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ؛ لېكىن كىمدەكىم مەن ئۈچۈن ۋە خۇش خەۋەر ئۈچۈن ئۆز جېنىدىن مەھرۇم بولسا، ئۇنى قۇتقۇزىدۇ. | 35 |
pois quem quiser salvar a sua vida, a perderá; mas quem perder a sua vida por causa de mim e do Evangelho, esse a salvará.
چۈنكى بىر ئادەم پۈتكۈل دۇنياغا ئىگە بولۇپ، جېنىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! | 36 |
Pois que proveito teria alguém, se ganhasse o mundo todo, e perdesse a sua alma?
ئۇ نېمىسىنى جېنىغا تېگىشسۇن؟! | 37 |
Ou que daria alguém em resgate de sua alma?
چۈنكى كىمدەكىم زىناخور ۋە گۇناھكار بۇ دەۋر ئالدىدا مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلىمۇ ئاتىسىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە مۇقەددەس پەرىشتىلەر بىلەن بىللە كەلگىنىدە، ئۇنىڭدىن نومۇس قىلىدۇ. | 38 |
Porque todo aquele que se envergonhar de mim e de minhas palavras nesta geração adúltera e pecadora, também o Filho do homem, quando vier na glória de seu Pai com os santos anjos, envergonhar-se-á dele.