< ماركۇس 7 >

بۇ چاغدا، پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدىن كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلدى؛ 1
Một hôm, các thầy Pha-ri-si và thầy dạy luật từ Giê-ru-sa-lem đến gặp Chúa Giê-xu.
شۇ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ تاماقنى قولىنى يۇماي، يەنى «ناپاك» ھالدا يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: ــ مۇخلىسلىرىڭ نېمىشقا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلماي، بەلكى يۇيۇلمىغان قوللىرى بىلەن تاماق يەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى (چۈنكى پەرىسىيلەر ۋە پۈتۈن يەھۇدىيلار ئاتا-بوۋىلىرى تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان ئەنئەنىنى چىڭ تۇتقاچقا، ئاۋۋال قوللىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن يۇمىسا، تاماق يېمەيدۇ. شۇنىڭدەك بازاردىن قايتىپ كەلگەندىمۇ، ئۇلار قول يۇماي بىرنەرسە يېمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىيالە-قەدەھ، داس-چۆگۈن ۋە مىس قاچىلار ۋە دىۋانلارنى يۇيۇش توغرىسىدا تاپشۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىلەردىمۇ چىڭ تۇرىدۇ). 2
Họ thấy các môn đệ của Chúa không rửa tay trước khi ăn.
3
(Theo tục lệ cổ truyền, người Do Thái, đặc biệt là người Pha-ri-si, đều rảy nước trên cánh tay trước khi ăn.
4
Mỗi khi đi phố về, họ đều tẩy uế như thế, rồi mới ngồi vào bàn ăn. Họ còn làm nhiều điều khác theo tục lệ, như làm phép tẩy uế nồi niêu, bát đĩa …)
5
Các thầy Pha-ri-si và thầy dạy luật chất vấn Chúa: “Tại sao môn đệ Thầy không rửa tay trước khi ăn theo tục lệ cổ truyền?”
ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ يەشايا پەيغەمبەر سىلەر ساختىپەزلەر توغراڭلاردا ئالدىنئالا توپتوغرا بېشارەت بەرگەن! [ئۇنىڭ] يازمىسىدا پۈتۈلگەندەك: ــ «مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن، بىراق قەلبى مەندىن يىراق؛ 6
Chúa Giê-xu đáp: “Các ông đạo đức giả! Tiên tri Y-sai đã miêu tả các ông thật đúng: ‘Miệng dân này nói lời tôn kính Ta, nhưng lòng họ cách xa Ta.
ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس». 7
Việc họ thờ phượng Ta thật vô ích, thay vì vâng giữ mệnh lệnh Ta, họ đem dạy luật lệ do họ đặt ra!’
چۈنكى سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىۋالىدىكەنسىلەر ــ داس-چۆگۈن، پىيالە-قەدەھلەرنى يۇيۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغان باشقا ئىشلارنى ئەنئەنە قىلىپ يۈرىسىلەر. 8
Các ông vâng giữ tục lệ của loài người, mà bỏ qua mệnh lệnh của Đức Chúa Trời.”
ئۇ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ سىلەر ئۆزلىرىڭلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى ئەپچىللىك بىلەن بىر چەتكە قايرىپ قويدۇڭلار! 9
Chúa tiếp: “Các ông khéo léo chối bỏ luật Đức Chúa Trời để giữ tục lệ của các ông.
چۈنكى مۇسا [پەيغەمبەر]: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. 10
Chẳng hạn khi Môi-se dạy: ‘Phải hiếu kính cha mẹ,’ và ‘Ai nguyền rủa cha mẹ phải bị xử tử.’
لېكىن سىلەر: ــ بىرسى «ئاتىسى ياكى ئانىسىغا: ــ مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان «قۇربان قىلىپ» خۇداغا ئاتىۋەتتىم ــ دېسىلا، 11
Nhưng các ông cho là đúng khi con cái nói với cha mẹ rằng những gì con có thể giúp cha mẹ là Co-ban (nghĩa là lễ vật đã dâng lên Đức Chúa Trời),
شۇ كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشغا بولمايدۇ، دەپ ئۆگىتىسىلەر. 12
rồi các ngươi không cho phép người ấy làm gì cho cha mẹ mình nữa.
شۇنداق قىلىپ، سىلەر [ئەۋلادلىرىڭلارغا] تاپشۇرغان ئەنئەنەڭلەرنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ ئىشلارنى قىلىسىلەر. 13
Như vậy, vì truyền thống của mình mà các ông đã hủy bỏ lời của Đức Chúa Trời. Các ông còn làm nhiều điều khác cũng sai quấy như thế!”
ئاندىن خالايىقنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ ھەممىڭلار ماڭا قۇلاق سېلىڭلار ۋە شۇنى چۈشىنىڭلاركى، 14
Sau đó Chúa Giê-xu gọi đoàn dân đến, Ngài phán: “Anh chị em lắng nghe và cố hiểu lời này:
ئىنساننىڭ سىرتىدىن ئىچىگە كىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقاندىقى ئۇنى ناپاك قىلمايدۇ، بەلكى ئۆز ئىچىدىن چىقىدىغان نەرسىلەر بولسا، ئۇلار ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ. 15
Người ta bị dơ bẩn không phải vì những vật từ bên ngoài vào, nhưng vì những điều ra từ trong lòng.”
ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! ــ دېدى. 16
ئۇ خالايىقتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىل ھەققىدە سورىدى. 17
Khi Chúa Giê-xu rời đám đông vào nhà, các môn đệ thắc mắc, hỏi Ngài về câu ẩn dụ ấy.
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەي يۈرۈۋاتامسىلەر؟! سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەيۋاتمامسىلەر؟ 18
Chúa đáp: “Các con cũng không hiểu nữa sao? Các con không biết thức ăn không làm cho con người ô uế sao?
[سىرتتىن كىرگەن نەرسە] ئىنساننىڭ قەلبىگە ئەمەس، ئاشقازىنىغا كىرىدۇ، ئاندىن ئۇ يەردىن تەرەت بولۇپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى (ئۇ بۇ گەپنى دېيىش بىلەن، ھەممە يېمەكلىكلەرنى ھالال قىلىۋەتتى). 19
Vì nó không vào trong lòng, chỉ đi qua cơ quan tiêu hóa rồi ra khỏi thân thể.” (Lời Chúa dạy cho thấy các thực phẩm đều không ô uế).
ئۇ يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىلا، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ. 20
Chúa dạy tiếp: “Những điều ra từ trong lòng mới làm cho con người dơ bẩn.
چۈنكى شۇلار ــ يامان نىيەتلەر، زىناخورلۇق، جىنسىي بۇزۇقلۇقلار، قاتىللىق، ئوغرىلىق، ئاچكۆزلۈك، رەزىللىكلەر، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تىل-ئاھانەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىدۇ 21
Vì từ bên trong, từ tâm hồn con người, sinh ra những tư tưởng ác, như gian dâm, trộm cắp, giết người, ngoại tình,
22
tham lam, độc ác, lừa dối, phóng đãng, ganh ghét, phỉ báng, kiêu căng, và dại dột.
ــ بۇ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئۆزىنى ناپاك قىلىدۇ. 23
Chính những thứ xấu xa từ bên trong mới làm con người dơ bẩn.”
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تۇر ۋە زىدون ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى ۋە بىر ئۆيگە كىردى. گەرچە ئۇ بۇنى ھېچكىم بىلمىسۇن دېگەن بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇپ قالالمىدى. 24
Sau đó, Chúa Giê-xu rời xứ Ga-li-lê, đến miền Ty-rơ và Si-đôn. Khi vào nhà, Ngài không muốn cho ai biết, nhưng không sao giấu được.
دەرۋەقە، ناپاك روھ چاپلاشقان كىچىك بىر قىزنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى 25
Một người phụ nữ có con gái bị quỷ ám, nghe Chúa đến, lập tức ra quỳ trước mặt Ngài,
(ئايال يۇنانلىق بولۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىدىكى فەنىكىي مىللىتىدىن ئىدى). ئۇ ئۇنىڭدىن قىزىدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى. 26
van xin Ngài đuổi quỷ cho con gái mình. Bà là người Hy Lạp gốc Sy-rô Phê-ni-xi,
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئالدى بىلەن بالىلار قورسىقىنى تويغۇزسۇن؛ چۈنكى بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، ــ دېدى. 27
Chúa Giê-xu phán với bà: “Ta phải cứu giúp người Ít-ra-ên trước! Đâu có thể lấy bánh của con đem ném cho chó!”
لېكىن ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ ئۈستەل ئاستىدا تۇرۇپ بالىلاردىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، ــ دېدى. 28
Bà thưa: “Vâng, đúng thế thưa Chúa! Nhưng chó chỉ ăn bánh vụn của con cái từ trên bàn rơi xuống!”
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ مۇشۇ سۆزۈڭ تۈپەيلىدىن يولۇڭغا قايت، جىن قىزىڭدىن چىقىپ كەتتى، ــ دېدى. 29
Chúa đáp: “Bà đã nói thế, cứ về nhà đi! Quỷ đã ra khỏi con gái bà rồi!”
ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، مانا قىز كارىۋاتتا ياتاتتى، جىن ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەنىدى. 30
Về đến nhà, bà thấy con gái mình nằm trên giường tỉnh táo, không bị quỷ ám nữa.
ئەيسا يەنە تۇر ۋە زىدون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن چىقىپ، «ئون شەھەر» رايونى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، يەنە گالىلىيە دېڭىزىغا كەلدى. 31
Từ Ty-rơ, Chúa Giê-xu qua Si-đôn, xuống vùng Mười Thành và đến biển Ga-li-lê.
خالايىق ئۇنىڭ ئالدىغا تىلى ئېغىر، گاس بىر ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈنۈشتى. 32
Người ta đem đến một người điếc và ngọng, nài xin Chúa Giê-xu đặt tay chữa lành.
ئۇ ئۇ ئادەمنى خالايىقتىن ئايرىپ بىر چەتكە تارتىپ، بارماقلىرىنى ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا تىقتى، تۈكۈرۈپ، [بارمىقىنى] ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى. 33
Chúa Giê-xu dắt anh ra khỏi đám đông, đặt ngón tay vào lỗ tai và lấy nước bọt thấm vào lưỡi anh,
ئاندىن ئۇ ئاسمانغا قاراپ ئۇھ تارتىپ خورسىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمگە: «ئەففاتا» (مەنىسى «ئېچىل») دېدى. 34
rồi ngước mắt lên trời, thở mạnh và bảo: “Mở ra!”
ئۇ ئادەمنىڭ قۇلاقلىرى دەرھال ئېچىلىپ، تىلىمۇ ئېچىلىپ راۋان گەپ قىلىشقا باشلىدى. 35
Lập tức, anh ấy nghe hoàn hảo, lưỡi anh được thong thả nên anh nói năng rõ ràng.
ئەيسا ئۇلارغا بۇنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى تاپىلىدى. لېكىن ئۇلارغا ھەرقانچە تاپىلىغان بولسىمۇ، بۇ خەۋەرنى يەنىلا شۇنچە كەڭ تارقىتىۋەتتى. 36
Chúa Giê-xu bảo mọi người đừng thuật chuyện đó với ai, nhưng càng ngăn cấm, người ta càng phổ biến rộng hơn.
خالايىق [بۇ ئىشقا] مۇتلەق ھەيران قېلىشىپ: ــ ئۇ ھەممە ئىشلارنى قالتىس قىلىدىكەن! ھەتتا گاسلارنى ئاڭلايدىغان، گاچىلارنى سۆزلەيدىغان قىلىدىكەن، ــ دېيىشتى. 37
Ai nấy đều ngạc nhiên vô cùng, bảo nhau: “Ngài làm gì cũng tuyệt diệu! Đến cả người điếc nghe được, người câm nói được.”

< ماركۇس 7 >