< ماركۇس 7 >
بۇ چاغدا، پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بەزىلىرى يېرۇسالېمدىن كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلدى؛ | 1 |
Og Farisæerne og nogle af de skriftkloge, som vare komne fra Jerusalem, samle sig om ham.
شۇ پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن بەزىلىرىنىڭ تاماقنى قولىنى يۇماي، يەنى «ناپاك» ھالدا يەۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭدىن: ــ مۇخلىسلىرىڭ نېمىشقا ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ ئەنئەنىلىرىگە رىئايە قىلماي، بەلكى يۇيۇلمىغان قوللىرى بىلەن تاماق يەيدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى (چۈنكى پەرىسىيلەر ۋە پۈتۈن يەھۇدىيلار ئاتا-بوۋىلىرى تەرىپىدىن قالدۇرۇلغان ئەنئەنىنى چىڭ تۇتقاچقا، ئاۋۋال قوللىرىنى ئەستايىدىللىق بىلەن يۇمىسا، تاماق يېمەيدۇ. شۇنىڭدەك بازاردىن قايتىپ كەلگەندىمۇ، ئۇلار قول يۇماي بىرنەرسە يېمەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىيالە-قەدەھ، داس-چۆگۈن ۋە مىس قاچىلار ۋە دىۋانلارنى يۇيۇش توغرىسىدا تاپشۇرۇلغان نۇرغۇنلىغان ئەنئەنىلەردىمۇ چىڭ تۇرىدۇ). | 2 |
Og da de saa nogle af hans Disciple holde Maaltid med vanhellige, det er utoede, Hænder
(thi Farisæerne og alle Jøderne spise ikke uden at to Hænderne omhyggeligt, idet de fastholde de gamles Overlevering;
og naar de komme fra Torvet, spise de ikke uden først at tvætte sig; og der er mange andre Ting, som de have vedtaget at holde, Tvætninger af Bægere og Krus og Kobberkar og Bænke),
saa spurgte Farisæerne og de skriftkloge ham ad: „Hvorfor vandre dine Disciple ikke efter de gamles Overlevering, men holde Maaltid med vanhellige Hænder?‟
ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ يەشايا پەيغەمبەر سىلەر ساختىپەزلەر توغراڭلاردا ئالدىنئالا توپتوغرا بېشارەت بەرگەن! [ئۇنىڭ] يازمىسىدا پۈتۈلگەندەك: ــ «مۇشۇ خەلق ئاغزىدا مېنى ھۆرمەتلىگىنى بىلەن، بىراق قەلبى مەندىن يىراق؛ | 6 |
Men han sagde til dem: „Rettelig profeterede Esajas om eder, I Hyklere! som der er skrevet: „Dette Folk ærer mig med Læberne, men deres Hjerte er langt borte fra mig.
ئۇلار ماڭا بىھۇدە ئىبادەت قىلىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئۆگەتكەن تەلىملىرى پەقەت ئىنسانلاردىن چىققان پەتىۋالارلا، خالاس». | 7 |
Men de dyrke mig forgæves, idet de lære Lærdomme, som ere Menneskers Bud.‟
چۈنكى سىلەر خۇدانىڭ ئەمرىنى تاشلاپ قويۇپ، ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىۋالىدىكەنسىلەر ــ داس-چۆگۈن، پىيالە-قەدەھلەرنى يۇيۇش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان نۇرغان باشقا ئىشلارنى ئەنئەنە قىلىپ يۈرىسىلەر. | 8 |
I forlade Guds Bud og holde Menneskers Overlevering.‟
ئۇ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ سىلەر ئۆزلىرىڭلارنىڭ ئەنئەنىسىنى چىڭ تۇتىمىز دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى ئەپچىللىك بىلەن بىر چەتكە قايرىپ قويدۇڭلار! | 9 |
Og han sagde til dem: „Smukt ophæve I Guds Bud, for at I kunne holde eders Overlevering.
چۈنكى مۇسا [پەيغەمبەر]: «ئاتا-ئاناڭنى ھۆرمەت قىل» ۋە «ئاتىسى ياكى ئانىسىنى ھاقارەتلىگەنلەر ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنسۇن» دەپ ئەمر قىلغان. | 10 |
Thi Moses har sagt: „Ær din Fader og din Moder‟; og: „Den, som bander Fader eller Moder, skal visselig dø.‟
لېكىن سىلەر: ــ بىرسى «ئاتىسى ياكى ئانىسىغا: ــ مەن سىلەرگە ياردەم بەرگۈدەك نەرسىلەرنى ئاللىقاچان «قۇربان قىلىپ» خۇداغا ئاتىۋەتتىم ــ دېسىلا، | 11 |
Men I sige: Naar en Mand siger til sin Fader eller sin Moder: „Det, hvormed du skulde være hjulpen af mig, skal være Korban (det er: Tempelgave), ‟
شۇ كىشىنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشغا بولمايدۇ، دەپ ئۆگىتىسىلەر. | 12 |
da tilstede I ham ikke mere at gøre noget for sin Fader eller Moder,
شۇنداق قىلىپ، سىلەر [ئەۋلادلىرىڭلارغا] تاپشۇرغان ئەنئەنەڭلەرنى دەپ خۇدانىڭ ئەمرىنى يوققا چىقىرىۋەتتىڭلار، ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كۆپ ئىشلارنى قىلىسىلەر. | 13 |
idet I ophæve Guds Ord ved eders Overlevering, som I have overleveret; og mange lignende Ting gøre I.‟
ئاندىن خالايىقنى يەنە يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: ــ ھەممىڭلار ماڭا قۇلاق سېلىڭلار ۋە شۇنى چۈشىنىڭلاركى، | 14 |
Og han kaldte atter Folkeskaren til sig og sagde til dem: „Hører mig alle, og forstaar!
ئىنساننىڭ سىرتىدىن ئىچىگە كىرىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھېچقاندىقى ئۇنى ناپاك قىلمايدۇ، بەلكى ئۆز ئىچىدىن چىقىدىغان نەرسىلەر بولسا، ئۇلار ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ. | 15 |
Der er intet uden for Mennesket, som, naar det gaar ind i ham, kan gøre ham uren; men hvad der gaar ud af Mennesket, det er det, som gør Mennesket urent.
ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! ــ دېدى. | 16 |
[Dersom nogen har Øren at høre med, han høre!‟]
ئۇ خالايىقتىن ئايرىلىپ ئۆيگە كىرگەندە، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن بۇ تەمسىل ھەققىدە سورىدى. | 17 |
Og da han var gaaet ind i Huset og var borte fra Skaren, spurgte hans Disciple ham om Lignelsen.
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەرمۇ تېخىچە چۈشەنمەي يۈرۈۋاتامسىلەر؟! سىرتتىن ئىنساننىڭ ئىچىگە كىرىدىغان ھەرقانداق نەرسىنىڭ ئۇنى ناپاك قىلالمايدىغانلىقىنى تونۇپ يەتمەيۋاتمامسىلەر؟ | 18 |
Og han siger til dem: „Ere ogsaa I saa uforstandige? Forstaa I ikke, at intet, som udenfra gaar ind i Mennesket, kan gøre ham uren?
[سىرتتىن كىرگەن نەرسە] ئىنساننىڭ قەلبىگە ئەمەس، ئاشقازىنىغا كىرىدۇ، ئاندىن ئۇ يەردىن تەرەت بولۇپ تاشلىنىدۇ، ــ دېدى (ئۇ بۇ گەپنى دېيىش بىلەن، ھەممە يېمەكلىكلەرنى ھالال قىلىۋەتتى). | 19 |
Thi det gaar ikke ind i hans Hjerte, men i hans Bug og gaar ud ad den naturlige Vej, og saaledes renses al Maden.‟
ئۇ يەنە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىدىغىنىلا، ئىنساننى ناپاك قىلىدۇ. | 20 |
Men han sagde: „Det, som gaar ud af Mennesket, dette gør Mennesket urent.
چۈنكى شۇلار ــ يامان نىيەتلەر، زىناخورلۇق، جىنسىي بۇزۇقلۇقلار، قاتىللىق، ئوغرىلىق، ئاچكۆزلۈك، رەزىللىكلەر، ئالدامچىلىق، شەھۋانىيلىق، ھەسەتخورلۇق، تىل-ئاھانەت، تەكەببۇرلۇق ۋە ھاماقەتلىكلەر ئىنساننىڭ ئىچىدىن، يەنى ئۇنىڭ قەلبىدىن چىقىدۇ | 21 |
Thi indvortes fra, fra Menneskenes Hjerte, udgaa de onde Tanker, Utugt, Tyveri, Mord,
Hor, Havesyge, Ondskab, Svig, Uterlighed, et ondt Øje, Forhaanelse, Hovmod, Fremfusenhed;
ــ بۇ رەزىل ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئىنساننىڭ ئىچىدىن چىقىپ، ئۆزىنى ناپاك قىلىدۇ. | 23 |
alle disse onde Ting udgaa indvortesfra og gøre Mennesket urent.‟
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، تۇر ۋە زىدون ئەتراپىدىكى رايونلارغا باردى ۋە بىر ئۆيگە كىردى. گەرچە ئۇ بۇنى ھېچكىم بىلمىسۇن دېگەن بولسىمۇ، لېكىن يوشۇرۇپ قالالمىدى. | 24 |
Og han stod op og gik bort derfra til Tyrus's og Sidons Egne. Og han gik ind i et Hus og vilde ikke, at nogen skulde vide det. Og han kunde dog ikke være skjult;
دەرۋەقە، ناپاك روھ چاپلاشقان كىچىك بىر قىزنىڭ ئانىسى ئۇنىڭ توغرىسىدىكى خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلدى | 25 |
men en Kvinde, hvis lille Datter havde en uren Aand, havde hørt om ham og kom straks ind og faldt ned for hans Fødder;
(ئايال يۇنانلىق بولۇپ، سۇرىيە ئۆلكىسىدىكى فەنىكىي مىللىتىدىن ئىدى). ئۇ ئۇنىڭدىن قىزىدىن جىننى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈندى. | 26 |
(men Kvinden var græsk, af Herkomst en Syrofønikerinde, ) og hun bad ham om, at han vilde uddrive den onde Aand af hendes Datter.
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئالدى بىلەن بالىلار قورسىقىنى تويغۇزسۇن؛ چۈنكى بالىلارنىڭ نېنىنى كىچىك ئىتلارغا تاشلاپ بېرىش توغرا ئەمەس، ــ دېدى. | 27 |
Og han sagde til hende: „Lad først Børnene mættes; thi det er ikke smukt at tage Børnenes Brød og kaste det for de smaa Hunde.‟
لېكىن ئۇ بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ دۇرۇس، ئى رەب، بىراق ھەتتا ئىتلارمۇ ئۈستەل ئاستىدا تۇرۇپ بالىلاردىن چۈشكەن نان ئۇۋاقلىرىنى يەيدىغۇ، ــ دېدى. | 28 |
Men hun svarede og siger til ham: „Jo, Herre! ogsaa de smaa Hunde æde under Bordet af Børnenes Smuler.‟
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ سېنىڭ مۇشۇ سۆزۈڭ تۈپەيلىدىن يولۇڭغا قايت، جىن قىزىڭدىن چىقىپ كەتتى، ــ دېدى. | 29 |
Og han sagde til hende: „For dette Ords Skyld gaa bort; den onde Aand er udfaren af din Datter.‟
ئايال ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندە، مانا قىز كارىۋاتتا ياتاتتى، جىن ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتكەنىدى. | 30 |
Og hun gik bort til sit Hus og fandt Barnet liggende paa Sengen og den onde Aand udfaren.
ئەيسا يەنە تۇر ۋە زىدون شەھىرىنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلاردىن چىقىپ، «ئون شەھەر» رايونى ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، يەنە گالىلىيە دېڭىزىغا كەلدى. | 31 |
Og da han gik bort igen fra Tyrus's Egne, kom han over Sidon midt igennem Dekapolis's Egne til Galilæas Sø.
خالايىق ئۇنىڭ ئالدىغا تىلى ئېغىر، گاس بىر ئادەمنى ئېلىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قولۇڭنى تەگكۈزۈپ قويساڭ، دەپ ئۆتۈنۈشتى. | 32 |
Og de bringe ham en døv, som ogsaa vanskeligt kunde tale, og bede ham om, at han vilde lægge Haanden paa ham.
ئۇ ئۇ ئادەمنى خالايىقتىن ئايرىپ بىر چەتكە تارتىپ، بارماقلىرىنى ئۇنىڭ قۇلاقلىرىغا تىقتى، تۈكۈرۈپ، [بارمىقىنى] ئۇنىڭ تىلىغا تەگكۈزدى. | 33 |
Og han tog ham afsides fra Skaren og lagde sine Fingre i hans Øren og spyttede og rørte ved hans Tunge
ئاندىن ئۇ ئاسمانغا قاراپ ئۇھ تارتىپ خورسىنغاندىن كېيىن، ئۇ ئادەمگە: «ئەففاتا» (مەنىسى «ئېچىل») دېدى. | 34 |
og saa op til Himmelen, sukkede og sagde til ham: „Effata!‟ det er: lad dig op!
ئۇ ئادەمنىڭ قۇلاقلىرى دەرھال ئېچىلىپ، تىلىمۇ ئېچىلىپ راۋان گەپ قىلىشقا باشلىدى. | 35 |
Og hans Øren aabnedes, og straks løstes hans Tunges Baand, og han talte ret.
ئەيسا ئۇلارغا بۇنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى تاپىلىدى. لېكىن ئۇلارغا ھەرقانچە تاپىلىغان بولسىمۇ، بۇ خەۋەرنى يەنىلا شۇنچە كەڭ تارقىتىۋەتتى. | 36 |
Og han bød dem, at de ikke maatte sige det til nogen; men jo mere han bød dem, desto mere kundgjorde de det.
خالايىق [بۇ ئىشقا] مۇتلەق ھەيران قېلىشىپ: ــ ئۇ ھەممە ئىشلارنى قالتىس قىلىدىكەن! ھەتتا گاسلارنى ئاڭلايدىغان، گاچىلارنى سۆزلەيدىغان قىلىدىكەن، ــ دېيىشتى. | 37 |
Og de bleve over al Maade slagne af Forundring og sagde: „Han har gjort alle Ting vel; baade gør han, at de døve høre, og at maalløse tale.‟