< ماركۇس 6 >
ئۇ ئۇ يەردىن كېتىپ، ئۆز يۇرتىغا كەلدى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. | 1 |
예수께서 거기를 떠나사 고향으로 가시니 제자들도 좇으니라
شابات كۈنى كەلگەندە، ئۇ سىناگوگدا تەلىم بېرىشكە كىرىشتى. تەلىمىنى ئاڭلىغانلاردىن كۆپ ئادەم ئىنتايىن ھەيران بولۇشۇپ: ــ بۇ ئادەم بۇلارغا نەدىن ئېرىشكەندۇ؟ ئۇنىڭغا مۇشۇنداق دانالىق قانداق بېرىلگەن؟ ئۇنىڭ قولىدا مۇشۇنداق مۆجىزىلەر قانداق يارىتىلىدىغاندۇ؟ | 2 |
안식일이 되어 회당에서 가르치시니 많은 사람이 듣고 놀라 가로되 `이 사람이 어디서 이런 것을 얻었느뇨 이 사람의 받은 지혜와 그 손으로 이루어지는 이런 권능이 어찌 됨이뇨
ئۇ ھېلىقى ياغاچچى ئەمەسمۇ، مەريەمنىڭ ئوغلى، شۇنداقلا ياقۇپ، يوسە، يەھۇدا ۋە سىمونلارنىڭ ئاكىسىغۇ؟ ئۇنىڭ سىڭىللىرىمۇ بۇ يەردە ئارىمىزدا تۇرۇۋاتمامدۇ؟ ــ دېيىشتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنىڭغا ھەسەت-بىزارلىق بىلەن قارىدى. | 3 |
이 사람이 마리아의 아들 목수가 아니냐? 야고보와 요셉과 유다와 시몬의 형제가 아니냐? 그 누이들이 우리와 함께 여기 있지 아니하냐?' 하고 예수를 배척한지라
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ھەرقانداق پەيغەمبەر باشقا يەرلەردە ھۆرمەتسىز قالمايدۇ، پەقەت ئۆز يۇرتى، ئۆز ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا ۋە ئۆز ئۆيىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر بولمايدۇ، ــ دېدى. | 4 |
예수께서 저희에게 이르시되 `선지자가 자기 고향과 자기 친척과 자기집 외에서는 존경을 받지 않음이 없느니라' 하시며
شۇنىڭ بىلەن قوللىرىنى بىرقانچە بىمارنىڭ ئۈستىگە تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتقاندىن باشقا، شۇ يەردە ئۇ ھېچقانداق مۆجىزە يارىتالمىدى. | 5 |
거기서는 아무 권능도 행하실 수 없어 다만 소수의 병인에게 안수하여 고치실 뿐이었고
ۋە ئۇ ئۇلارنىڭ ئىمان-ئىشەنچسىزلىكىدىن ھەيران قالدى. | 6 |
저희의 믿지 않음을 이상히 여기셨더라 이에 모든 촌에 두루 다니시며 가르치시더라
ئاندىن ئۇ ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بەردى. ئۇ ئون ئىككىيلەننى يېنىغا چاقىردى ۋە [خەلق ئارىسىغا] ئىككى-ئىككىدىن ئەۋەتىشكە باشلىدى. ئۇ ئۇلارغا ناپاك روھلارنى ھەيدەش ھوقۇقىنى بەردى؛ | 7 |
열 두 제자를 부르사 둘씩 둘씩 보내시며 더러운 귀신을 제어하는 권세를 주시고
ۋە ئۇلارغا: ــ سەپەردە يېنىڭلارغا ھاسىدىن باشقا نەرسە ئېلىۋالماڭلار، نە خۇرجۇن نە نان ئېلىۋالماڭلار، بەلۋاغقا پۇلمۇ سالماڭلار، | 8 |
명하시되 `여행을 위하여 지팡이 외에는 양식이나 주머니나 전대의 돈이나 아무 것도 가지지 말며
پۇتۇڭلارغا كەشلەرنى كىيىڭلار، بىراق ئىككى يەكتەك كىيىۋالماڭلار، ــ دەپ تاپىلىدى. | 9 |
신만 신고 두 벌 옷도 입지 말라' 하시고
ئۇ يەنە: ــ [بىر يۇرتقا بارغىنىڭلاردا]، كىمنىڭ ئۆيىگە [قوبۇل قىلىنىپ] كىرسەڭلار، ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدىلا تۇرۇڭلار. | 10 |
또 가라사대 `어디서든 뉘 집에 들어가거든 그 곳을 떠나기까지 거기 유하라
قايسى يەردىكىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، شۇنداقلا سۆزۈڭلارنى ئاڭلىمىسا، ئۇ يەردىن كەتكىنىڭلاردا، ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنى قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى. | 11 |
어느 곳에서든지 너희를 영접지 아니하고 너희 말을 듣지도 아니하거든 거기서 나갈 때에 발 아래 먼지를 떨어버려 저희에게 증거를 삼으라' 하시니
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقىپ، كىشىلەرنى گۇناھلىرىغا توۋا قىلىشقا جار سېلىپ ئۈندىدى. | 12 |
제자들이 나가서 회개하라 전파하고
ئۇلار نۇرغۇن جىنلارنى ھەيدىدى، نۇرغۇن بىمارلارنى زەيتۇن مېيى بىلەن مەسىھ قىلىپ ساقايتتى. | 13 |
많은 귀신을 쫓아내며 많은 병인에게 기름을 발라 고치더라
ئۇنىڭ نامى مەشھۇر بولغاچقا، ھېرود پادىشاھ ئۇنىڭ ھەققىدە ئاڭلاپ: «بۇ ئادەم [چوقۇم] ئۆلۈمدىن تىرىلگەن چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيادۇر. شۇنىڭ ئۈچۈن مۇشۇ ئالاھىدە قۇدرەتلەر ئۇنىڭدا كۈچىنى كۆرسىتىدۇ» دەيتتى. | 14 |
이에 예수의 이름이 드러난지라 헤롯 왕이 듣고 가로되 `이는 세례 요한이 죽은 자 가운데서 살아났도다 그러므로 이런 능력이 그 속에서 운동하느니라' 하고
باشقىلار: «ئۇ ئىلياس [پەيغەمبەر]» دېسە، يەنە بەزىلەر: «بۇرۇنقى پەيغەمبەرلەردەك بىر پەيغەمبەر بولسا كېرەك» دېيىشەتتى. | 15 |
어떤 이는 이가 엘리야라 하고 또 어떤이는 이가 선지자니 옛 선지자 중의 하나와 같다 하되
بىراق بۇلارنى ئاڭلىغان ھېرود: ــ مەن كاللىسىنى ئالغان يەھيانىڭ ئۆزى شۇ ــ ئۇ ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ! ــ دېدى. | 16 |
헤롯은 듣고 가로되 `내가 목베인 요한 그가 살아났다' 하더라
ھېرودنىڭ بۇنداق دېيىشىنىڭ سەۋەبى، ئۇ [ئۆگەي] ئاكىسى فىلىپنىڭ ئايالى ھېرودىيەنىڭ ۋەجىدىن ئادەم ئەۋەتىپ يەھيانى تۇتۇپ، زىندانغا تاشلىغانىدى. چۈنكى ئۇ شۇ ئايال بىلەن نىكاھلانغانىدى؛ يەھيا ھېرودقا [تەنبىھ بېرىپ]: «ئاكاڭنىڭ ئايالىنى تارتىۋېلىشىڭ تەۋرات قانۇنىغا خىلاپ» دەپ قايتا-قايتا دېگەنىدى. | 17 |
전에 헤롯이 자기가 동생 빌립의 아내 헤로디아에게 장가 든고로 이 여자를 위하여 사람을 보내어 요한을 잡아 옥에 가두었으니
이는 요한이 헤롯에게 말하되 `동생의 아내를 취한 것이 옳지 않다' 하였음이라
شۇنىڭ ئۈچۈن ھېرودىيە يەھياغا ئاداۋەت ساقلايتتى؛ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن شۇنداق قىلالمايتتى. | 19 |
헤로디아가 요한을 원수로 여겨 죽이고자 하였으되 하지 못한것은
چۈنكى ھېرود يەھيانى دىيانەتلىك ۋە مۇقەددەس ئادەم دەپ بىلىپ، ئۇنىڭدىن قورقاتتى، شۇڭلاشقا ئۇنى قوغدايتتى؛ ئۇ ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ئالاقزادە بولۇپ كېتەتتى، لېكىن يەنىلا سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ئامراق ئىدى. | 20 |
헤롯이 요한을 의롭고 거룩한 사람으로 알고 두려워하여 보호하며 또 그의 말을 들을 때에 크게 번민을 느끼면서도 달게 들음이러라
ئەمما [ھېرودىيە كۈتكەن] پەيت ئاخىر يېتىپ كەلدى؛ ھېرود تۇغۇلغان كۈنىدە ئۆز ئەمەلدارلىرى، مىڭبېشىلىرى ۋە گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى كاتتا ئەربابلارنى زىياپەت بىلەن كۈتۈۋالدى؛ | 21 |
마침 기회 좋은 날이 왔으니 곧 헤롯이 자기 생일에 대신들과 천부장들과 갈릴리의 귀인들로 더불어 잔치할새
ھېلىقى ھېرودىيەنىڭ قىزى سورۇنغا چۈشۈپ ئۇسسۇل ئويناپ بەردى. بۇ ھېرود ۋە ھەمداستىخان بولغانلارغا بەكمۇ ياراپ كەتتى. پادىشاھ قىزغا: ــ مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ، شۇنى بېرىمەن، ــ دېدى. | 22 |
헤로디아의 딸이 친히 들어와 춤을 추어 헤롯과 및 함께 앉은 자들을 기쁘게 한지라 왕이 그 여아에게 이르되 `무엇이든지 너 원하는 것을 내게 구하라 내가 주리라' 하고
ئاندىن ئۇ قەسەم قىلىپ يەنە: ــ مەندىن نېمە تەلەپ قىلساڭ، ھەتتا پادىشاھلىقىمنىڭ يېرىمىنى دېسەڭمۇ شۇنى بېرىمەن، ــ دېدى. | 23 |
또 맹세하되 `무엇이든지 네가 내게 구하면 내 나라의 절반까지라도 주리라' 하거늘
قىز سىرتقا چىقىپ، ئانىسىدىن: ــ نېمە تەلەپ قىلاي؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئانىسى: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى تەلەپ قىل، ــ دېدى. | 24 |
저가 나가서 그 어미에게 말하되 `내가 무엇을 구하리이까?' 그 어미가 가로되 `세례 요한의 머리를 구하라' 하니
قىز دەرھال پادىشاھنىڭ ئالدىغا ئالدىراپ كىرىپ: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيانىڭ كاللىسىنى ھازىرلا بىر تەخسىگە قويۇپ ئەكىلىشلىرىنى خالايمەن، ــ دېدى. | 25 |
저가 곧 왕에게 급히 들어가 구하여 가로되 `세례 요한의 머리를 소반에 담아 곧 내게 주기를 원하옵나이다' 한대
پادىشاھ بۇنىڭغا ناھايىتى ھەسرەت چەككەن بولسىمۇ، قەسەملىرى تۈپەيلىدىن ۋە داستىخاندا ئولتۇرغانلار ۋەجىدىن، ئۇنىڭغا بەرگەن سۆزىدىن يانغۇسى كەلمىدى. | 26 |
왕이 심히 근심하나 자기의 맹세한 것과 그 앉은 자들을 인하여 저를 거절할 수 없는지라
شۇڭا پادىشاھ دەرھال بىر جاللات ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كاللىسىنى ئېلىپ كېلىشنى ئەمر قىلدى. جاللات زىندانغا بېرىپ يەھيانىڭ كاللىسىنى ئېلىپ، | 27 |
왕이 곧 시위병 하나를 보내어 `요한의 머리를 가져오라' 명하니 그 사람이 나가 옥에서 요한을 목 베어
ئۇنى بىر تەخسىگە قويۇپ، قىزنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ ئۇنىڭغا بەردى. قىز ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇردى. | 28 |
그 머리를 소반에 담아다가 여아에게 주니 여아가 이것을 그 어미에게 주니라
بۇ ئىشنى ئاڭلىغان يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى كېلىپ، جەسەتنى ئېلىپ كېتىپ بىر قەبرىگە قويدى. | 29 |
요한의 제자들이 듣고 와서 시체를 가져다가 장사하니라
قايتىپ كەلگەن روسۇللار ئەيسانىڭ يېنىغا يىغىلدى، نېمە قىلغانلىرى ھەم نېمە تەلىم بەرگەنلىرىنى ئۇنىڭغا مەلۇم قىلىشتى. | 30 |
사도들이 예수께 모여 자기들의 행한 것과 가르친 것을 낱낱이 고하니
كېلىپ-كېتىۋاتقانلار ناھايىتى كۆپلىكىدىن ئۇلارغا تاماقلىنىشقىمۇ ۋاقىت چىقمىدى. شۇڭا ئۇ ئۇلارغا: ــ يۈرۈڭلار، مەن بىلەن خىلۋەت بىر جايغا بېرىپ، بىردەم ئارام ئېلىڭلار، ــ دېدى. | 31 |
이르시되 `너희는 따로 한적한 곳에 와서 잠간 쉬어라' 하시니 이는 오고 가는 사람이 많아 음식 먹을 겨를도 없음이라
بۇنىڭ بىلەن ئۇلار كېمىگە چۈشۈپ، خىلۋەت بىر چۆل يەرگە قاراپ ماڭدى. | 32 |
이에 배를 타고 따로 한적한 곳에 갈새
بىراق نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقاپ، ئۇلارنى تونۇۋېلىۋىدى، ئەتراپتىكى بارلىق شەھەرلەردىن پىيادە يولغا چىقىپ، يۈگۈرۈپ، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۇ يەرگە بېرىپ يىغىلىشتى. | 33 |
그 가는 것을 보고 많은 사람이 저희인 줄 안지라 모든 고을로부터 도보로 그 곳에 달려와 저희보다 먼저 갔더라
ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، زور بىر توپ ئادەمنى كۆرۈپ، ئۇلارنىڭ پادىچىسىز قوي پادىسىدەك بولغانلىقىغا ئىچ ئاغرىتتى. شۇڭا ئۇ ئۇلارغا كۆپ ئىشلارنى ئۆگىتىشكە باشلىدى. | 34 |
예수께서 나오사 큰 무리를 보시고 그 목자 없는 양 같음을 인하여 불쌍히 여기사 이에 여러 가지로 가르치시더라
كەچ كىرىپ قالغاندا، مۇخلىسلىرى ئۇنىڭ يېنىغا كېلىپ: ــ بۇ چۆل بىر جاي ئىكەن، كەچ كىرىپ كەتتى. | 35 |
때가 저물어가매 제자들이 예수께 나아와 여짜오되 `이곳은 빈 들이요 때도 저물어가니
خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەن بولساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى كەنت-قىشلاقلارغا بېرىپ، ئۆزلىرىگە نان سېتىۋالسۇن؛ چۈنكى ئۇلاردا يېگۈدەك نەرسە يوق، ــ دېدى. | 36 |
무리를 보내어 두루 촌과 마을로 가서 무엇을 사 먹게 하옵소서'
لېكىن ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. مۇخلىسلار ئۇنىڭدىن: ــ ئىككى يۈز كۈمۈش دىنارغا ئۇلارغا نان ئەكېلىپ ئۇلارنى ئوزۇقلاندۇرامدۇق؟ ــ دەپ سورىدى. | 37 |
대답하여 가라사대 `너희가 먹을 것을 주라' 하시니 여짜오되 `우리가 가서 이백 데나리온의 떡을 사다 먹이리이까?'
ئەيسا ئۇلارغا: ــ قانچە نېنىڭلار بار؟ بېرىپ قاراپ بېقىڭلار، ــ دېدى. ئۇلار قاراپ باققاندىن كېيىن: ــ بەشى بار ئىكەن، يەنە ئىككى بېلىقمۇ بار ئىكەن، ــ دېيىشتى. | 38 |
이르시되 `너희에게 떡 몇 개나 있느냐? 가서 보라' 하시니 알아보고 가로되 `떡 다섯 개와 물고기 두 마리가 있더이다' 하거늘
ئۇ ئۇلارغا كىشىلەرنى توپ-توپ قىلىپ يېشىل چىمەندە ئولتۇرغۇزۇشنى بۇيرۇدى. | 39 |
제자들을 명하사 그 모든 사람으로 떼를 지어 푸른 잔디 위에 앉게 하시니
خالايىق يۈزدىن، ئەللىكتىن سەپ-سەپ بولۇپ ئولتۇرۇشتى. | 40 |
떼로 혹 백씩 혹 오십씩 앉은지라
ئۇ بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر-مەدھىيە ئېيتتى، ئاندىن نانلارنى ئوشتۇپ، كۆپچىلىككە تۇتۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بېرىپ تۇراتتى؛ ئىككى بېلىقنىمۇ ھەممەيلەنگە تارقىتىپ بەردى. | 41 |
예수께서 떡 다섯개와 물고기 두 마리를 가지사 하늘을 우러러 축사하시고 떡을 떼어 제자들에게 주어 사람들 앞에 놓게 하시고 또 물고기 두 마리도 모든 사람에게 나누어 주시매
ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. | 42 |
다 배불리 먹고
[مۇخلىسلار] ئېشىپ قالغان نان ۋە بېلىق پارچىلىرىنى لىق ئون ئىككى سېۋەتكە تېرىۋالدى. | 43 |
남은 떡 조각과 물고기를 열 두 바구니에 차게 거두었으며
نانلارنى يېگەن ئەرلەرنىڭ سانىلا بەش مىڭچە ئىدى. | 44 |
떡을 먹은 남자가 오천 명이었더라
بۇ ئىشتىن كېيىنلا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا ئۆزۈم بۇ خالايىقنى يولغا سېلىۋېتىمەن، ئاڭغىچە سىلەر كېمىگە ئولتۇرۇپ، دېڭىزنىڭ قارشى قىرغىقىدىكى بەيت-سائىدا يېزىسىغا ئۆتۈپ تۇرۇڭلار، دەپ بۇيرۇدى. | 45 |
예수께서 즉시 제자들을 재촉하사 자기가 무리를 보내는 동안에 배타고 앞서 건너편 벳새다로 가게 하시고
ئۇلارنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇ دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. | 46 |
무리를 작별하신 후에 기도하러 산으로 가시다
كەچ كىرگەندە، كېمە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىغا يەتكەنىدى، ئۇ ئۆزى يالغۇز قۇرۇقلۇقتا ئىدى. | 47 |
저물매 배는 바다 가운데 있고 예수는 홀로 뭍에 계시다가
ئۇ مۇخلىسلىرىنىڭ پالاقنى كۈچەپ ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆردى؛ چۈنكى شامال تەتۈر يۆنىلىشتە چىققانىدى. كېچە تۆتىنچى جېسەك ۋاقتىدا، ئۇ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ، مۇخلىسلىرى تەرەپكە كەلدى ۋە ئۇلارنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى. | 48 |
바람이 거스리므로 제자들의 괴로이 노 젓는 것을 보시고 밤 사경 즈음에 바다 위로 걸어서 저희에게 오사 지나가려고 하시매
لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ دېڭىزنىڭ ئۈستىدە مېڭىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇنى ئالۋاستى ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ چۇقان سېلىشتى. | 49 |
제자들이 그의 바다 위로 걸어 오심을 보고 유령인가 하여 소리 지르니
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى كۆرۈپ ساراسىمىگە چۈشتى. لېكىن ئۇ دەرھال ئۇلارغا: ــ يۈرەكلىك بولۇڭلار، بۇ مەن، قورقماڭلار! ــ دېدى. | 50 |
저희가 다 예수를 보고 놀람이라 이에 예수께서 곧 더불어 말씀하여 가라사대 `안심하라! 내니 두려워 말라!' 하시고
ئۇ كېمىگە، ئۇلارنىڭ يېنىغا چىققاندىلا، شامال توختىدى. ئۇلار بۇنىڭدىن ھوشىدىن كەتكۈدەك دەرىجىدە قاتتىق ھەيران قېلىشىپ، نېمىنى ئويلاشنى بىلمەيتتى؛ | 51 |
배에 올라 저희에게 가시니 바람이 그치는지라 제자들이 마음에 심히 놀라니
چۈنكى ئۇلار نان بېرىش [مۆجىزىسىنى] تېخىچە چۈشەنمىگەنىدى، ئۇلارنىڭ قەلبى بىخۇد ھالەتتە تۇراتتى. | 52 |
이는 저희가 그 떡 떼시던 일을 깨닫지 못하고 도리어 그 마음이 둔하여졌음이러라
ئۇلار دېڭىزنىڭ قارشى تەرىپىگە ئۆتۈپ، گىننىسارەت دېگەن يۇرتتا [قۇرۇقلۇققا] چىقىپ، كېمىنى باغلاپ قويدى. | 53 |
건너가 게네사렛 땅에 이르러 대고
ئۇلار كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، [خالايىق] ئۇنى دەرھال تونۇۋېلىپ، | 54 |
배에서 내리니 사람들이 곧 예수신 줄을 알고
ئەتراپتىكى ھەممە جايلارغا يۈگۈرۈشۈپ باردى ۋە «ئۇ پالانچى يەرگە چۈشۈپتۇ» دەپ ئاڭلىشى بىلەنلا، بىمارلارنى زەمبىلگە سېلىپ، شۇ يەرگە [ئۇنىڭ ئالدىغا] ئېلىپ بېرىشتى. | 55 |
그 온 지방으로 달려 돌아 다니며 예수께서 어디 계시단 말을 듣는대로 병든 자를 침상채로 메고 나아오니
ئۇ مەيلى يېزا، مەيلى شەھەر ياكى قىشلاقلارغا بارسۇن، خەلق ئاغرىقلارنى بازارلارغا ئېلىپ چىقىپ ياتقۇزاتتى؛ ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاغرىقلار ھېچ بولمىغاندا سېنىڭ يېپىنچاڭنىڭ پېشىگە بولسىمۇ قولىنى تەگكۈزۈۋالساق دەپ ئۆتۈندى. ئۇنىڭغا قولىنى تەگكۈزگەنلەرنىڭ ھەممىسى ساقايدى. | 56 |
아무데나 예수께서 들어가시는 마을이나 도시나 촌에서 병자를 시장에 두고 예수의 옷가에라도 손을 대게 하시기를 간구하니 손을 대는 자는 다 성함을 얻으니라