< ماركۇس 5 >
ئۇلار دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا، گادارالىقلارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ باردى. | 1 |
atha tū sindhupāraṁ gatvā giderīyapradeśa upatasthuḥ|
ئۇ كېمىدىن چۈشۈشى بىلەنلا، ناپاك روھ چاپلاشقان بىر ئادەم گۆر ئۆڭكۈرلىرىدىن چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. | 2 |
naukāto nirgatamātrād apavitrabhūtagrasta ekaḥ śmaśānādetya taṁ sākṣāc cakāra|
ئۇ ئادەم ئۆڭكۈرلەرنى ماكان قىلغان بولۇپ، ھەتتا ئۇنى ھېچكىم زەنجىرلەر بىلەنمۇ باغلىيالمايتتى. | 3 |
sa śmaśāne'vātsīt kopi taṁ śṛṅkhalena badvvā sthāpayituṁ nāśaknot|
چۈنكى كۆپ قېتىم پۇت-قوللىرى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلانغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈۋېتىپ، كىشەنلەرنى چېقىۋەتكەنىدى؛ ھېچكىم ئۇنى بويسۇندۇرالمىغانىدى. | 4 |
janairvāraṁ nigaḍaiḥ śṛṅkhalaiśca sa baddhopi śṛṅkhalānyākṛṣya mocitavān nigaḍāni ca bhaṁktvā khaṇḍaṁ khaṇḍaṁ kṛtavān kopi taṁ vaśīkarttuṁ na śaśaka|
ئۇ كېچە-كۈندۈز مازارلىقتا ۋە تاغلار ئارىسىدا توختاۋسىز ۋارقىراپ-جارقىراپ يۈرەتتى، ئۆز-ئۆزىنى تاشلار بىلەن كېسىپ يارىلاندۇراتتى. | 5 |
divāniśaṁ sadā parvvataṁ śmaśānañca bhramitvā cītśabdaṁ kṛtavān grāvabhiśca svayaṁ svaṁ kṛtavān|
لېكىن ئۇ ئەيسانى يىراقتىن كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگۈرۈپ بېرىپ، سەجدە قىلدى | 6 |
sa yīśuṁ dūrāt paśyanneva dhāvan taṁ praṇanāma ucairuvaṁścovāca,
ۋە قاتتىق ئاۋازدا ۋارقىراپ: ــ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مېنىڭ بىلەن نېمە كارىڭ! خۇدا ھەققى، سەندىن ئۆتۈنۈپ قالاي، مېنى قىينىما! ــ دېدى | 7 |
he sarvvoparistheśvaraputra yīśo bhavatā saha me kaḥ sambandhaḥ? ahaṁ tvāmīśvareṇa śāpaye māṁ mā yātaya|
(چۈنكى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھەي ناپاك روھ، ئۇنىڭدىن چىق!» دېگەنىدى). | 8 |
yato yīśustaṁ kathitavān re apavitrabhūta, asmānnarād bahirnirgaccha|
ئۇ ئۇنىڭدىن: ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. ــ ئىسمىم «قوشۇن» ــ چۈنكى سانىمىز كۆپ، ــ دەپ جاۋاب بەردى ئۇ. | 9 |
atha sa taṁ pṛṣṭavān kinte nāma? tena pratyuktaṁ vayamaneke 'smastato'smannāma bāhinī|
ۋە ئۇ ئەيسادىن ئۇلارنى بۇ يۇرتتىن ھەيدىۋەتمىگەيسەن، دەپ كۆپ ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. | 10 |
tatosmān deśānna preṣayeti te taṁ prārthayanta|
تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوتلاپ يۈرەتتى. | 11 |
tadānīṁ parvvataṁ nikaṣā bṛhan varāhavrajaścarannāsīt|
جىنلار ئۇنىڭغا: ــ بىزنى مۇشۇ توڭگۇزلارغا ئەۋەتكىن، ئۇلارنىڭ ئىچىگە كىرىپ كېتىشكە يول قويغايسەن، ــ دەپ يالۋۇرۇشتى. | 12 |
tasmād bhūtā vinayena jagaduḥ, amuṁ varāhavrajam āśrayitum asmān prahiṇu|
ئەيسا دەرھال يول قويدى. شۇنىڭ بىلەن ناپاك روھلار چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشى بىلەنلا، توڭگۇزلار تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، دېڭىزغا غەرق بولدى. ئۇلار ئىككى مىڭغا يېقىن ئىدى. | 13 |
yīśunānujñātāste'pavitrabhūtā bahirniryāya varāhavrajaṁ prāviśan tataḥ sarvve varāhā vastutastu prāyodvisahasrasaṁṅkhyakāḥ kaṭakena mahājavād dhāvantaḥ sindhau prāṇān jahuḥ|
توڭگۇز باققۇچىلار بولسا ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ ئىشلارنى پۇر قىلدى. شۇ يەردىكىلەر نېمە ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرگىلى چىقىشتى. | 14 |
tasmād varāhapālakāḥ palāyamānāḥ pure grāme ca tadvārttaṁ kathayāñcakruḥ| tadā lokā ghaṭitaṁ tatkāryyaṁ draṣṭuṁ bahirjagmuḥ
ئۇلار ئەيسانىڭ يېنىغا كەلدى ۋە ئىلگىرى جىنلار چاپلىشىۋالغان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىملەرنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ئولتۇرغىنىنى ــ يەنى «قوشۇن جىنلار» چاپلاشقان شۇ ئادەمنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىشتى. | 15 |
yīśoḥ sannidhiṁ gatvā taṁ bhūtagrastam arthād bāhinībhūtagrastaṁ naraṁ savastraṁ sacetanaṁ samupaviṣṭañca dṛṣṭvā bibhyuḥ|
بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەر جىنلار چاپلاشقان ئادەمدە نېمە يۈز بەرگەنلىكىنى ۋە توڭگۇزلارنىڭ ئاقىۋىتىنى خەلققە بايان قىلىپ بەردى. | 16 |
tato dṛṣṭatatkāryyalokāstasya bhūtagrastanarasya varāhavrajasyāpi tāṁ dhaṭanāṁ varṇayāmāsuḥ|
بۇنىڭ بىلەن خالايىق ئەيساغا: يۇرتلىرىمىزدىن چىقىپ كەتكەيسەن، دەپ يالۋۇرۇشقا باشلىدى. | 17 |
tataste svasīmāto bahirgantuṁ yīśuṁ vinetumārebhire|
ئۇ كېمىگە چىقىۋاتقاندا، ئىلگىرى جىنلار چاپلاشقان ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭدىن: مەنمۇ سەن بىلەن بىللە باراي، دەپ ئۆتۈندى. | 18 |
atha tasya naukārohaṇakāle sa bhūtamukto nā yīśunā saha sthātuṁ prārthayate;
لېكىن ئۇ بۇنىڭغا ئۇنىماي: ــ ئۆز ئۆيدىكىلىرىڭ ۋە يۇرتداشلىرىڭنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇلارغا پەرۋەردىگارنىڭ ساڭا شۇنچىلىك ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى، ئۇنىڭ ساڭا رەھىم-شەپقەت كۆرسەتكەنلىكىنى خەۋەرلەندۈرگىن، ــ دېدى. | 19 |
kintu sa tamananumatya kathitavān tvaṁ nijātmīyānāṁ samīpaṁ gṛhañca gaccha prabhustvayi kṛpāṁ kṛtvā yāni karmmāṇi kṛtavān tāni tān jñāpaya|
ئۇ قايتىپ بېرىپ، ئەيسانىڭ ئۆزىگە قانداق ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلغانلىقىنى «ئون شەھەر رايونى»دا جار قىلىشقا باشلىدى. بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى تولىمۇ ھەيران قېلىشتى. | 20 |
ataḥ sa prasthāya yīśunā kṛtaṁ tatsarvvāścaryyaṁ karmma dikāpalideśe pracārayituṁ prārabdhavān tataḥ sarvve lokā āścaryyaṁ menire|
ئەيسا قايتىدىن كېمە بىلەن دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتكەندە، زور بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى؛ ئۇ دېڭىز بويىدا تۇراتتى. | 21 |
anantaraṁ yīśau nāvā punaranyapāra uttīrṇe sindhutaṭe ca tiṣṭhati sati tatsamīpe bahulokānāṁ samāgamo'bhūt|
مانا، مەلۇم بىر سىناگوگنىڭ چوڭى يائىرۇس ئىسىملىك بىر كىشى كەلدى. ئۇ ئۇنى كۆرۈپ ئايىغىغا يىقىلىپ: ــ كىچىك قىزىم ئۆلەي دەپ قالدى. بېرىپ ئۇنىڭغا قوللىرىڭىزنى تەگكۈزۈپ قويسىڭىز، ئۇ ساقىيىپ ياشىغاي! ــ دەپ قاتتىق يېلىندى. | 22 |
aparaṁ yāyīr nāmnā kaścid bhajanagṛhasyādhipa āgatya taṁ dṛṣṭvaiva caraṇayoḥ patitvā bahu nivedya kathitavān;
mama kanyā mṛtaprāyābhūd ato bhavānetya tadārogyāya tasyā gātre hastam arpayatu tenaiva sā jīviṣyati|
ئەيسا ئۇنىڭ بىلەن بىللە باردى. زور بىر توپ خالايىقمۇ ئولىشىپ قىستاشقان ھالدا كەينىدىن مېڭىشتى. | 24 |
tadā yīśustena saha calitaḥ kintu tatpaścād bahulokāścalitvā tādgātre patitāḥ|
خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار بولۇپ، | 25 |
atha dvādaśavarṣāṇi pradararogeṇa
ئۇ نۇرغۇن تېۋىپلارنىڭ قولىدا كۆپ ئازاب تارتىپ، بار-يوقىنى خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق ئۈنۈمى بولماي، تېخىمۇ ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى. | 26 |
śīrṇā cikitsakānāṁ nānācikitsābhiśca duḥkhaṁ bhuktavatī ca sarvvasvaṁ vyayitvāpi nārogyaṁ prāptā ca punarapi pīḍitāsīcca
بۇ ئايال ئەيسا ھەققىدىكى گەپلەرنى ئاڭلاپ، خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن قىستىلىپ كېلىپ، ئارقا تەرەپتىن ئۇنىڭ تونىنى سىلىدى. | 27 |
yā strī sā yīśo rvārttāṁ prāpya manasākathayat yadyahaṁ tasya vastramātra spraṣṭuṁ labheyaṁ tadā rogahīnā bhaviṣyāmi|
چۈنكى ئۇ كۆڭلىدە: «ئۇنىڭ تونىنى سىلىساملا ساقايماي قالمايمەن» دەپ ئويلىغانىدى. | 28 |
atohetoḥ sā lokāraṇyamadhye tatpaścādāgatya tasya vastraṁ pasparśa|
خۇن شۇئان توختاپ، ئايال كېسەل ئازابىدىن ساقايتىلغانلىقىنى ئۆز تېنىدە سەزدى. | 29 |
tenaiva tatkṣaṇaṁ tasyā raktasrotaḥ śuṣkaṁ svayaṁ tasmād rogānmuktā ityapi dehe'nubhūtā|
ئەيسا دەرھال ۋۇجۇدىدىن قۇدرەتنىڭ چىققانلىقىنى سېزىپ، خالايىقنىڭ ئىچىدە كەينىگە بۇرۇلۇپ: ــ كىيىمىمنى سىلىغان كىم؟ ــ دەپ سورىدى. | 30 |
atha svasmāt śakti rnirgatā yīśuretanmanasā jñātvā lokanivahaṁ prati mukhaṁ vyāvṛtya pṛṣṭavān kena madvastraṁ spṛṣṭaṁ?
مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا: ــ خالايىقنىڭ ئۆزۈڭنى قىستاپ مېڭىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇقلۇق، يەنە: «مېنى سىلىغان كىم؟» دەپ سورايسەنغۇ؟ ــ دېيىشتى. | 31 |
tatastasya śiṣyā ūcuḥ bhavato vapuṣi lokāḥ saṁgharṣanti tad dṛṣṭvā kena madvastraṁ spṛṣṭamiti kutaḥ kathayati?
بىراق ئەيسا ئۆزىنى سىلىغۇچىنى تېپىش ئۈچۈن تېخىچە ئەتراپىغا قاراۋاتاتتى. | 32 |
kintu kena tat karmma kṛtaṁ tad draṣṭuṁ yīśuścaturdiśo dṛṣṭavān|
ئۆزىدە نېمە ئىشنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى سەزگەن ئايال قورقۇپ-تىترىگەن ھالدا كېلىپ ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە ئۇنىڭغا ھەقىقىي ئەھۋالنى پۈتۈنلەي ئېيتتى. | 33 |
tataḥ sā strī bhītā kampitā ca satī svasyā rukpratikriyā jāteti jñātvāgatya tatsammukhe patitvā sarvvavṛttāntaṁ satyaṁ tasmai kathayāmāsa|
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! تىنچ-خاتىرجەملىكتە قايت! كېسىلىڭنىڭ ئازابىدىن ساقايغىن، ــ دېدى. | 34 |
tadānīṁ yīśustāṁ gaditavān, he kanye tava pratītistvām arogāmakarot tvaṁ kṣemeṇa vraja svarogānmuktā ca tiṣṭha|
ئۇ بۇ سۆزنى قىلىۋاتقاندا، سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن بەزىلەر بەزىلەر كېلىپ ئۇنىڭغا: قىزىڭىز ئۆلدى. ئەمدى ئۇستازنى نېمىشقا يەنە ئاۋارە قىلىسىز؟! ــ دېيىشتى. | 35 |
itivākyavadanakāle bhajanagṛhādhipasya niveśanāl lokā etyādhipaṁ babhāṣire tava kanyā mṛtā tasmād guruṁ punaḥ kutaḥ kliśnāsi?
لېكىن ئەيسا بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ دەرھال سىناگوگنىڭ چوڭىغا: قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول! ــ دېدى. | 36 |
kintu yīśustad vākyaṁ śrutvaiva bhajanagṛhādhipaṁ gaditavān mā bhaiṣīḥ kevalaṁ viśvāsihi|
ئۇ پەقەت پېترۇس، ياقۇپ ۋە ياقۇپنىڭ ئىنىسى يۇھاننا بىلەن يولغا چىقتى؛ باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە بېرىشىغا يول قويمىدى. | 37 |
atha pitaro yākūb tadbhrātā yohan ca etān vinā kamapi svapaścād yātuṁ nānvamanyata|
ئۇ سىناگوگنىڭ چوڭىنىڭ ئۆيى ئالدىغا كەلگەندە، قىيقاس-چۇقاننى، خالايىقنىڭ قاتتىق نالە-پەرياد ۋە ئاھ-زار كۆتۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ، | 38 |
tasya bhajanagṛhādhipasya niveśanasamīpam āgatya kalahaṁ bahurodanaṁ vilāpañca kurvvato lokān dadarśa|
ئۆيگە كىرىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا قىيقاس-چۇقان ۋە ئاھ-زار كۆتۈرىسىلەر؟ بالا ئۆلمەپتۇ، ئۇخلاپ قاپتۇ، ــ دېدى. | 39 |
tasmān niveśanaṁ praviśya proktavān yūyaṁ kuta itthaṁ kalahaṁ rodanañca kurutha? kanyā na mṛtā nidrāti|
ئۇلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى؛ لېكىن ئۇ ھەممەيلەننى تاشقىرىغا چىقىرىۋېتىپ، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ۋە ئۆز ھەمراھلىرىنى ئېلىپ، بالا ياتقان ئۆيگە كىردى. | 40 |
tasmātte tamupajahasuḥ kintu yīśuḥ sarvvāna bahiṣkṛtya kanyāyāḥ pitarau svasaṅginaśca gṛhītvā yatra kanyāsīt tat sthānaṁ praviṣṭavān|
ئۇ بالىنىڭ قولىنى تۇتۇپ، ئۇنىڭغا: «تالىتا كۇمى» دېدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «قىزىم، ساڭا ئېيتىمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇر» دېگەنلىك ئىدى. | 41 |
atha sa tasyāḥ kanyāyā hastau dhṛtvā tāṁ babhāṣe ṭālīthā kūmī, arthato he kanye tvamuttiṣṭha ityājñāpayāmi|
قىز دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭدى (ئۇ ئون ئىككى ياشتا ئىدى). ئۇلار بۇ ئىشقا مۇتلەق ھەيران قېلىشتى. | 42 |
tunaiva tatkṣaṇaṁ sā dvādaśavarṣavayaskā kanyā potthāya calitumārebhe, itaḥ sarvve mahāvismayaṁ gatāḥ|
ئۇ ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى قاتتىق تاپىلىدى، شۇنداقلا قىزغا يېگۈدەك بىرنېمە بېرىشنى ئېيتتى. | 43 |
tata etasyai kiñcit khādyaṁ datteti kathayitvā etatkarmma kamapi na jñāpayateti dṛḍhamādiṣṭavān|