< ماركۇس 4 >

ئۇ يەنە دېڭىز بويىدا [خەلققە] تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا زور بىر توپ ئادەملەر ئولىشىۋالغاچقا، ئۇ بىر كېمىگە چىقىپ دېڭىزدا ئولتۇردى؛ پۈتكۈل خالايىق بولسا دېڭىز قىرغىقىدا تۇرۇشاتتى. 1
De nuevo se puso a enseñar, a la orilla del mar, y vino a Él una multitud inmensa, de manera que Él subió a una barca y se sentó en ella, dentro del mar, mientras que toda la multitud se quedó en tierra, a lo largo del mar.
ئۇ ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگەتتى. ئۇ تەلىم بېرىپ مۇنداق دېدى: 2
Y les enseñó en parábolas muchas cosas; y en su enseñanza les dijo:
ــ قۇلاق سېلىڭلار! ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى [ئېتىزغا] چىقىپتۇ. 3
“¡Escuchad! He aquí que el sembrador salió a sembrar.
ئۇرۇق چاچقاندا ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول بويىغا چۈشۈپتۇ، قۇشلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. 4
Y sucedió que al sembrar una semilla cayó a lo largo del camino, y los pájaros vinieron y la comieron.
بەزىلىرى تۇپرىقى ئاز تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. توپىسى چوڭقۇر بولمىغانلىقتىن، تېزلا ئۈنۈپ چىقىپتۇ، 5
Otra cayó en terreno pedregoso, donde no había mucha tierra, y brotó en seguida, por falta de profundidad de la tierra.
لېكىن كۈن چىقىش بىلەنلا ئاپتاپتا كۆيۈپ، يىلتىزى بولمىغاچقا قۇرۇپ كېتىپتۇ. 6
Mas al subir el sol, se abrasó, y no teniendo raíz, se secó.
بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋېلىپ، ئۇلار ھېچ ھوسۇل بەرمەپتۇ. 7
Otra parte cayó entre abrojos, y los abrojos crecieron y la ahogaron, y no dio fruto.
بەزىلىرى بولسا، ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۇلار ئۆسۈپ ئاۋۇپ چوڭ بولغاندا ھوسۇل بېرىپتۇ. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئوتتۇز ھەسسە، بەزىلىرى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بەزىلىرى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ. 8
Y otra cayó en buena tierra; brotando y creciendo dio fruto, y produjo treinta, sesenta y ciento por uno”.
ــ ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! ــ دېدى ئۇ. 9
Y agregó: “¡Quien tiene oídos para oír, oiga!”
ئۇ ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەر ھەم ئون ئىككىيلەن بىلەن يالغۇز قالغاندا، ئۇلار ئۇنىڭدىن تەمسىللەر توغرۇلۇق سوراشتى. 10
Cuando estuvo solo, preguntáronle los que lo rodeaban con los Doce, ( el sentido de ) estas parábolas.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرىنى بىلىشكە سىلەر نېسىپ بولدۇڭلار. لېكىن سىرتتىكىلەرگە ھەممە ئىش تەمسىللەر بىلەن ئۇقتۇرۇلىدۇ؛ 11
Entonces les dijo: “A vosotros es dado el misterio del reino de Dios; en cuanto a los de afuera, todo les llega en parábolas,
بۇنىڭ بىلەن: «ئۇلار قاراشنى قارايدۇ، بىراق كۆرمەيدۇ؛ ئاڭلاشنى ئاڭلايدۇ، بىراق چۈشەنمەيدۇ؛ شۇنداق بولمىسىدى، ئۇلار يولىدىن ياندۇرۇلۇشى بىلەن، كەچۈرۈم قىلىناتتى» [دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ]. 12
para que mirando no vean, oyendo no entiendan, no sea que se conviertan y se les perdone”.
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر مۇشۇ تەمسىلنىمۇ چۈشەنمىدىڭلارمۇ؟ ئۇنداقتا، قانداقمۇ باشقا ھەرخىل تەمسىللەرنى چۈشىنەلەيسىلەر؟ ــ دېدى. 13
Y añadió: “¿No comprendéis esta parábola? Entonces, ¿cómo entenderéis todas las parábolas?
ئۇرۇق چاچقۇچى سۆز-كالام چاچىدۇ. 14
El sembrador es el que siembra la palabra.
ئۈستىگە سۆز-كالام چېچىلغان چىغىر يول بويى شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان شەيتان دەرھال كېلىپ ئۇلارنىڭ قەلبىگە چېچىلغان سۆز-كالامنى ئېلىپ كېتىدۇ. 15
Los de junto al camino son aquellos en quienes es sembrada la palabra; mas apenas la han oído, viene Satanás y se lleva la palabra sembrada en ellos.
بۇنىڭغا ئوخشاش، تاشلىق يەرلەرگە چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا، سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارنى كۆرسىتىدۇ. 16
De semejante manera, los sembrados en pedregal son aquellos que al oír la palabra, al momento la reciben con gozo,
ھالبۇكى، قەلبىدە ھېچ يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت ۋاقىتلىق تۇرىدۇ؛ سۆز-كالامنىڭ ۋەجىدىن قىيىنچىلىق ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغاندا، ئۇلار شۇئان يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ. 17
pero no tienen raíz en sí mismos, y son tornadizos. Apenas sobreviene una tribulación o una persecución a causa de la palabra, se escandalizan en seguida.
تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق بەزى ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، بۇ ئادەملەر سۆز-كالامنى ئاڭلىغىنى بىلەن، 18
Otros son los sembrados entre abrojos; estos son los que escuchan la palabra,
لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقلارنىڭ ئېزىقتۇرۇشى ۋە باشقا نەرسىلەرگە بولغان ھەۋەسلەر كىرىۋېلىپ، سۆز-كالامنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇ ھېچ ھوسۇل چىقارمايدۇ. (aiōn g165) 19
pero los afanes del mundo, el engaño de las riquezas y las demás concupiscencias invaden y ahogan la palabra, la cual queda infructuosa. (aiōn g165)
لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلىشى بىلەن ئۇنى قوبۇل قىلغان ئادەملەرنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق ئادەملەر ھوسۇل بېرىدۇ، بىرسى ئوتتۇز ھەسسە، بىرسى ئاتمىش ھەسسە، يەنە بىرسى يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىدۇ. 20
Aquellos, en fin, que han sido sembrados en buena tierra, son: quienes escuchan la palabra, la reciben y llevan fruto, treinta, sesenta y ciento por uno”.
ئۇ ئۇلارغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ چىراغ سېۋەت ياكى كارىۋات ئاستىغا قويۇلۇش ئۈچۈن كەلتۈرۈلەمدۇ؟ ئۇ چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويۇلۇش ئۈچۈن كەلتۈرۈلمەمدۇ؟ 21
Les dijo también: “Acaso se trae la luz para ponerla debajo del celemín o debajo de la cama? ¿No es acaso para ponerla en el candelero?
چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، شۇنىڭدەك ھەرقانداق مەخپىي ئىش يۈز بەرگەندىن كېيىن ئايان بولماي قالمايدۇ. 22
Nada hay oculto que no haya de manifestarse, ni ha sido escondido sino para que sea sacado a luz.
ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! 23
Si alguien tiene oídos para oír, ¡oiga!”
ئاڭلىغانلىرىڭلارغا كۆڭۈل بۆلۈڭلار! چۈنكى سىلەر [باشقىلارغا] قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچىسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ قوشۇپ بېرىلىدۇ. 24
Díjoles además: “Prestad atención a lo que oís: con la medida con que medís, se medirá para vosotros; y más todavía os será dado a vosotros los que oís;
چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. 25
porque a quien tiene se le dará, y a quien no tiene, aun lo que tiene le será quitado”.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى يەنە بىرسىنىڭ تۇپراققا ئۇرۇق چاچقىنىغا ئوخشايدۇ: 26
Y dijo también: “Sucede con el reino de Dios lo que sucede cuando un hombre arroja la simiente en tierra.
ئۇ ئۇخلايدۇ، ئورۇندىن تۇرىدۇ، كېچە-كۈندۈزلەر ئۆتۈۋېرىپ، ئۇرۇق بىخ ئۇرۇپ ئۆسىدۇ. لېكىن چاچقۇچى قانداق يول بىلەن ئۆسىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. 27
Ya sea que duerma o esté despierto, de noche, y de día, la simiente germina y crece, y él no sabe cómo.
تۇپراق ئۆزلۈكىدىن ھوسۇل بېرىدۇ؛ ئۇرۇق ئاۋۋال بىخ ئۇرىدۇ، كېيىن باش چىقىرىدۇ، ئاخىردا باشاقلار تولۇق دان تۇتىدۇ. 28
Por sí misma la tierra produce primero el tallo, después la espiga, y luego el grano lleno en la espiga.
دان پىشقاندا، [چاچقۇچى] دەرھال ئورغاق سالىدۇ، چۈنكى ھوسۇل ۋاقتى كەلگەن بولىدۇ. 29
Y cuando el fruto está maduro, echa pronto la hoz, porque la mies está a punto”.
ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتىمىز؟ ياكى قانداق بىر تەمسىل بىلەن سۈرەتلەپ بېرەلەيمىز؟ 30
Dijo además: “¿Qué comparación haremos del reino de Dios, y en qué parábola lo pondremos?
ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ. ئۇ يەرگە تېرىلغاندا، گەرچە يەر يۈزىدىكى بارلىق ئۇرۇقلارنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بولسىمۇ، 31
Es como el grano de mostaza, el cual, cuando es sembrado en tierra, es la menor de todas las semillas de la tierra.
تېرىلغاندىن كېيىن، ھەرقانداق زىرائەتتىن ئېگىز ئۆسۈپ شۇنداق چوڭ شاخلايدۇكى، ئاسماندىكى قۇشلارمۇ ئۇنىڭ سايىسىگە قونىدۇ. 32
Con todo, una vez sembrado, sube y se hace mayor que todas las hortalizas, y echa grandes ramas, de modo que los pájaros del cielo pueden anidar bajo su sombra”.
ئۇ شۇنىڭغا ئوخشاش خالايىق ئاڭلاپ چۈشىنەلىگۈدەك نۇرغۇن تەمسىللەر بىلەن سۆز-كالامنى يەتكۈزدى. 33
Con numerosas parábolas como estas les presentaba su doctrina, según eran capaces de entender,
لېكىن تەمسىل كەلتۈرمەي تۇرۇپ ئۇلارغا ھېچقانداق سۆز قىلمايتتى. لېكىن ئۆز مۇخلىسلىرى بىلەن يالغۇز قالغىنىدا، ئۇلارغا ھەممىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەتتى. 34
y no les hablaba sin parábolas, pero en particular, se lo explicaba todo a los discípulos que eran suyos.
شۇ كۈنى كەچ كىرگەندە، ئۇ ئۇلارغا: ــ دېڭىزنىڭ ئۇ قېتىغا ئۆتەيلى، ــ دېدى. 35
Y les dijo en aquel día, llegada la tarde: “Pasemos a la otra orilla”.
خالايىقنى يولغا سېلىۋەتكەندىن كېيىن، ئۇلار ئۇنى كېمىدە ئولتۇرغان پېتى ئېلىپ يۈرۈپ كېتىشتى. ئۇلار بىلەن بىللە ماڭغان باشقا كېمىلەرمۇ بار ئىدى. 36
Entonces ellos, dejando a la multitud, lo tomaron consigo tal como estaba en la barca; y otras barcas lo acompañaban.
ۋە مانا، ئەشەددىي قارا قۇيۇن چىقىپ كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن دولقۇنلار كېمىنى ئۇرۇپ، سۇ ھالقىپ كىرىپ، كېمىگە توشاي دەپ قالغانىدى. 37
Ahora bien, sobrevino una gran borrasca, y las olas se lanzaron sobre la barca, hasta el punto de que ella estaba ya por llenarse.
لېكىن ئۇ كېمىنىڭ ئاياغ تەرىپىدە ياستۇققا باش قويۇپ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. ئۇلار ئۇنى ئويغىتىپ: ــ ئى ئۇستاز، ھالاك بولۇۋاتقىنىمىزغا كارىڭ يوقمۇ؟ ــ دېدى. 38
Mas Él estaba en la popa, dormido sobre un cabezal. Lo despertaron diciéndole: “Maestro, ¿no te importa que perezcamos?”.
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا تەنبىھ بېرىپ، دېڭىزغا: «تىنچلان! جىم بول!» دېۋىدى، بوران توختاپ، چوڭقۇر بىر جىمجىتلىق ھۆكۈم سۈردى. 39
Entonces Él se levantó, increpó al viento y dijo al mar: “¡Calla; sosiégate!” Y se apaciguó el viento y fue hecha gran bonanza.
ــ نېمىشقا شۇنچە قورقىسىلەر؟ سىلەردە قانداقسىگە تېخىچە ئىشەنچ بولمايدۇ؟ ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. 40
Después les dijo: “¿Por qué sois tan miedosos? ¿Cómo es que no tenéis fe?”. Y ellos temían con un miedo grande, y se decían unos a otros: “¿Quién es, entonces, Este, que aun el viento y el mar le obedecen?”.
ئۇلارنى ئىنتايىن زور بىر قورقۇنچ باستى، ئۇلار بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟ ھەتتا شامال ۋە دېڭىزمۇ ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. 41

< ماركۇس 4 >