< ماركۇس 3 >
ئۇ يەنە سىناگوگقا كىردى. شۇ يەردە بىر قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. | 1 |
U yene sinagogqa kirdi. Shu yerde bir qoli yigilep ketken bir adem bar idi.
[پەرىسىيلەر] ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلايلى دەپ شابات كۈنىدە كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرەتتى. | 2 |
[Perisiyler] Eysaning üstidin erz qilayli dep shabat künide késel saqaytidighan-saqaytmaydighanliqini paylap yüretti.
ئەيسا قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە: ــ ئورنۇڭدىن تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا چىققىن! ــ دېدى. | 3 |
Eysa qoli yigilep ketken ademge: — Ornungdin turup, otturigha chiqqin! — dédi.
ئاندىن، سىناگوگدىكىلەردىن: ــ تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى ھالاك قىلىشمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. لېكىن ئۇلار زۇۋان سۈرۈشمىدى. | 4 |
Andin, sinagogdikilerdin: — Tewrat qanunigha uyghun bolghini shabat küni yaxshiliq qilishmu, yaki yamanliq qilishmu? Janni qutquzushmu yaki halak qilishmu? — dep soridi. Lékin ular zuwan sürüshmidi.
ئۇ غەزەپ بىلەن ئەتراپىغا نەزەر سېلىپ ئۇلارغا كۆز يۈگۈرتۈپ، ئۇلارنىڭ تاش يۈرەكلىكىدىن قايغۇردى. ئاندىن ئۇ كېسەلگە: ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ قولىنى ئۇزىتىۋىدى، قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. | 5 |
U ghezep bilen etrapigha nezer sélip ulargha köz yügürtüp, ularning tash yüreklikidin qayghurdi. Andin u késelge: — Qolungni uzat, — dédi. U qolini uzitiwidi, qoli eslige keltürüldi.
ئەمدى پەرىسىيلەر دەرھال سىرتقا چىقىپ، ئۇنى قانداق يوقىتىش توغرىسىدا ھېرود [پادىشاھنىڭ] تەرەپدارلىرى بىلەن مەسلىھەت قىلىشقا باشلىدى. | 6 |
Emdi Perisiyler derhal sirtqa chiqip, uni qandaq yoqitish toghrisida Hérod [padishahning] terepdarliri bilen meslihet qilishqa bashlidi.
ئاندىن ئەيسا مۇخلىسلىرى بىلەن بىللە ئۇ يەردىن ئايرىلىپ دېڭىز بويىغا كەتتى؛ گالىلىيە ئۆلكىسىدىن چوڭ بىر توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى؛ شۇنداقلا ئۇنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنى ئاڭلىغان ھامان، پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن، يېرۇسالېم شەھىرىدىن، ئىدۇمىيا ئۆلكىسىدىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىنىڭ ئەتراپىدىكى جايلاردىن زور بىر توپ ئادەملەرمۇ ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. | 7 |
Andin Eysa muxlisliri bilen bille u yerdin ayrilip déngiz boyigha ketti; Galiliye ölkisidin chong bir top ademler uninggha egiship bardi; shundaqla uning qilghan emellirini anglighan haman, pütün Yehudiye ölkisidin, Yérusalém shehiridin, Idumiya ölkisidin, Iordan deryasining qarshi teripidin, Tur we Zidon sheherlirining etrapidiki jaylardin zor bir top ademlermu uning yénigha kélishti.
ئۇ ئادەملەرنىڭ كۆپلىكىدىن ئۆزىنى قىستاپ قويمىسۇن دەپ مۇخلىسلىرىغا كىچىك بىر كېمىنىڭ ئۇنىڭغا يېقىن تۇرۇشىنى تاپىلىدى. | 9 |
U ademlerning köplikidin özini qistap qoymisun dep muxlislirigha kichik bir kémining uninggha yéqin turushini tapilidi.
چۈنكى ئۇ نۇرغۇن بىمارلارنى ساقايتقىنى تۈپەيلىدىن ھەرقانداق ۋابا-كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭغا [قولۇمنى] بىر تەگكۈزۈۋالسام دەپ قىستىشىپ كېلىشكەنىدى. | 10 |
Chünki u nurghun bimarlarni saqaytqini tüpeylidin herqandaq waba-késelliklerge giriptar bolghanlarning hemmisi uninggha [qolumni] bir tegküzüwalsam dep qistiship kélishkenidi.
ناپاك روھلار [چاپلىشىۋالغانلار] قاچانلا ئۇنى كۆرسە، ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلىسەن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى. | 11 |
Napak rohlar [chaplishiwalghanlar] qachanla uni körse, uning aldigha yiqilip: «Sen Xudaning Oghlisen!» dep warqirishatti.
لېكىن ئۇ [ناپاك روھلارغا] ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماسلىققا قاتتىق تەنبىھ بېرىپ ئاگاھلاندۇراتتى. | 12 |
Lékin u [napak rohlargha] özining kim ikenlikini ashkarilimasliqqa qattiq tenbih bérip agahlanduratti.
ئۇ تاغقا چىقىپ، ئۆزى خالىغان كىشىلەرنى يېنىغا چاقىردى؛ ئۇلار ئۇنىڭ يېنىغا كېلىشتى. | 13 |
U taghqa chiqip, özi xalighan kishilerni yénigha chaqirdi; ular uning yénigha kélishti.
ئۇ ئۇلاردىن ئون ئىككىسىنى ئۆزى بىلەن بىللە بولۇشقا، سۆز-كالامنى جاكارلاشقا، | 14 |
U ulardin on ikkisini özi bilen bille bolushqa, söz-kalamni jakarlashqa,
كېسەللەرنى ساقايتىش ۋە جىنلارنى ھەيدەش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشقا تاللاپ بېكىتتى. | 15 |
késellerni saqaytish we jinlarni heydesh hoquqigha ige bolushqa tallap békitti.
ئۇ [بېكىتكەن ئون ئىككى كىشى]: سىمون (ئۇ ئۇنىڭغا پېترۇس دەپ ئىسىم قويغان)، | 16 |
U [békitken on ikki kishi]: Simon (u uninggha Pétrus dep isim qoyghan),
زەبەدىينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى يۇھاننا، (ئۇ ئۇلارنى «بىننى-رەگاز»، يەنى «گۈلدۈرماما ئوغۇللىرى» دەپمۇ ئاتىغان)، | 17 |
Zebediyning oghli Yaqup we uning inisi Yuhanna, (u ularni «Binni-Regaz», yeni «Güldürmama oghulliri» depmu atighan),
ئاندرىياس، فىلىپ، بارتولوماي، ماتتا، توماس، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ، تاداي، مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون | 18 |
Andriyas, Filip, Bartolomay, Matta, Tomas, Alfayning oghli Yaqup, Taday, milletperwer dep atalghan Simon
ۋە ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلاردىن ئىبارەت. | 19 |
we uninggha satqunluq qilghan Yehuda Ishqariyotlardin ibaret.
ئۇ ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۇ يەرگە يەنە شۇنچە نۇرغۇن ئادەملەر توپلاندىكى، ئۇلارنىڭ ھەتتا غىزالانغۇدەكمۇ ۋاقتى چىقمىدى. | 20 |
U öyge qaytip kelgendin kéyin, u yerge yene shunche nurghun ademler toplandiki, ularning hetta ghizalan’ghudekmu waqti chiqmidi.
[ئەيسانىڭ] ئائىلىسىدىكىلەر بۇنى ئاڭلاپ، ئۇنى تۇتۇپ كېلىشكە بېرىشتى. چۈنكى ئۇلار ئۇنى «ئەقلىنى يوقىتىپتۇ» دېگەنىدى. | 21 |
[Eysaning] ailisidikiler buni anglap, uni tutup kélishke bérishti. Chünki ular uni «Eqlini yoqitiptu» dégenidi.
يېرۇسالېمدىن چۈشكەن تەۋرات ئۇستازلىرى بولسا: «ئۇنىڭدا بەئەلزىبۇب بار»، ۋە «ئۇ پەقەت جىنلارنىڭ ئەمىرىگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلىۋېتىدىكەن»، دېيىشەتتى. | 22 |
Yérusalémdin chüshken Tewrat ustazliri bolsa: «Uningda Beelzibub bar», we «U peqet jinlarning emirige tayinip jinlarni qoghliwétidiken», déyishetti.
شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ [تەۋرات ئۇستازلىرىنى] يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا تەمسىللەرنى ئىشلىتىپ مۇنداق دېدى: ــ شەيتان شەيتاننى قانداقمۇ قوغلىسۇن؟ | 23 |
Shuning üchün u [Tewrat ustazlirini] yénigha chaqirip, ulargha temsillerni ishlitip mundaq dédi: — Sheytan Sheytanni qandaqmu qoghlisun?
ئەگەر پادىشاھلىق ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان بولسا شۇ پادىشاھلىق پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ؛ | 24 |
Eger padishahliq öz ichidin bölünüp özara soqushqan bolsa shu padishahliq put tirep turalmaydu;
شۇنىڭدەك ئەگەر بىر ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا شۇ ئائىلە پۇت تىرەپ تۇرالمايدۇ. | 25 |
shuningdek eger bir aile öz ichidin bölünüp özara soqushsa shu aile put tirep turalmaydu.
ئەگەر شەيتان ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىقىپ بۆلۈنسە، ئۇ پۇت تىرەپ تۇرالماي، يوقالماي قالمايدۇ. | 26 |
Eger Sheytan öz-özige qarshi chiqip bölünse, u put tirep turalmay, yoqalmay qalmaydu.
ھېچكىم كۈچتۈڭگۈر بىرسىنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى بۇلاپ كېتەلمەيدۇ ــ پەقەت ئۇ شۇ كۈچتۈڭگۈرنى ئاۋۋال باغلىيالىسا ئاندىن ئۆيىنى بۇلاڭ-تالاڭ قىلالايدۇ. | 27 |
Héchkim küchtünggür birsining öyige kirip, uning mal-mülkini bulap kételmeydu — peqet u shu küchtünggürni awwal baghliyalisa andin öyini bulang-talang qilalaydu.
شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ئىنسان بالىلىرى ئۆتكۈزگەن تۈرلۈك گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىنى، شۇنداقلا ئۇلار قىلغان كۇپۇرلۇقلىرىنىڭ ھەممىسىنى كەچۈرۈشكە بولىدۇ. | 28 |
Shuni silerge berheq éytip qoyayki, insan baliliri ötküzgen türlük gunahlirining hemmisini, shundaqla ular qilghan kupurluqlirining hemmisini kechürüshke bolidu.
بىراق كىمدىكىم مۇقەددەس روھقا كۇپۇرلۇق قىلسا، ئەبەدىلئەبەدگىچە ھېچ كەچۈرۈلمەيدۇ، بەلكى مەڭگۈلۈك بىر گۇناھنىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ. (aiōn , aiōnios ) | 29 |
Biraq kimdikim Muqeddes Rohqa kupurluq qilsa, ebedil’ebedgiche héch kechürülmeydu, belki menggülük bir gunahning hökümi astida turidu. (aiōn , aiōnios )
[ئەيسانىڭ بۇ سۆزى] ئۇلارنىڭ «ئۇنىڭغا ناپاك روھ چاپلىشىپتۇ» دېگىنى ئۈچۈن [ئېيتىلغانىدى]. | 30 |
[Eysaning bu sözi] ularning «uninggha napak roh chaplishiptu» dégini üchün [éytilghanidi].
شۇ ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن ئىنىلىرى كەلدى. ئۇلار سىرتىدا تۇرۇپ، ئۇنى چاقىرىشقا ئادەم كىرگۈزدى. | 31 |
Shu waqitta uning anisi bilen iniliri keldi. Ular sirtida turup, uni chaqirishqa adem kirgüzdi.
بىر توپ خالايىق ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئولتۇراتتى. ئۇلار: ــ مانا، ئانىڭىز، ئىنىلىرىڭىز سىزنى ئىزدەپ سىرتتا تۇرىدۇ، ــ دېيىشتى. | 32 |
Bir top xalayiq uning etrapida olturatti. Ular: — Mana, aningiz, iniliringiz sizni izdep sirtta turidu, — déyishti.
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ كىم مېنىڭ ئانام، كىم مېنىڭ ئىنىلىرىم؟ ــ دېدى. | 33 |
Eysa ulargha jawaben: — Kim méning anam, kim méning inilirim? — dédi.
ئاندىن، ئۇ ئۆپچۈرىسىدە ئولتۇرغانلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: مانا بۇلار مېنىڭ ئانام ۋە ئىنىلىرىم! | 34 |
Andin, u öpchüriside olturghanlargha qarap mundaq dédi: Mana bular méning anam we inilirim!
چۈنكى كىمكى خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئادا قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر. | 35 |
Chünki kimki Xudaning iradisini ada qilsa, shu méning aka-inim, acha-singlim we anamdur.