< ماركۇس 16 >
شابات كۈنى ئۆتۈشى بىلەنلا، ماگداللىق مەريەم، ياقۇپنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىگە سۈرۈش ئۈچۈن خۇشپۇراقلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى. | 1 |
過了安息日,抹大拉的馬利亞和雅各的母親馬利亞並撒羅米,買了香膏要去膏耶穌的身體。
ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى ئۇلار بەك بالدۇر، تاڭ سەھەردە ئورنىدىن تۇرۇپ، كۈن چىقىشى بىلەن قەبرىگە باردى. | 2 |
七日的第一日清早,出太陽的時候,她們來到墳墓那裏,
ئۇلار ئۆزئارا: «بىزگە قەبرىنىڭ ئاغزىدىكى تاشنى كىم دومىلىتىشىپ بېرەر؟» دېيىشتى. | 3 |
彼此說:「誰給我們把石頭從墓門滾開呢?」
لېكىن ئۇلار باشلىرىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، تاشنىڭ بىر يانغا دومىلىتىۋېتىلگىنىنى كۆردى ــ ئەسلىدە ئۇ تاش ناھايىتى يوغان ئىدى. | 4 |
那石頭原來很大,她們抬頭一看,卻見石頭已經滾開了。
ئۇلار قەبرىگە كىرگەندە، ئوڭ تەرەپتە ئولتۇرغان، ئاق تون كىيگەن، ياش بىر ئادەمنى كۆردى، ۋە قاتتىق دەككە-دۈككىگە چۈشتى. | 5 |
她們進了墳墓,看見一個少年人坐在右邊,穿着白袍,就甚驚恐。
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ دەككە-دۈككىگە چۈشمەڭلار. سىلەر كرېستلەنگۈچى ناسارەتلىك ئەيسانى ئىزدەۋاتىسىلەر. ئۇ تىرىلدى، ئۇ بۇ يەردە ئەمەس. مانا ئۇلار ئۇنى قويغان جاي! | 6 |
那少年人對她們說:「不要驚恐!你們尋找那釘十字架的拿撒勒人耶穌,他已經復活了,不在這裏。請看安放他的地方。
لېكىن بېرىڭلار، ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا ۋە پېترۇسقا: «ئۇ گالىلىيەگە سىلەردىن ئاۋۋال بارىدىكەن؛ ئۇ سىلەرگە ئېيتقىنىدەك، سىلەر ئۇنى شۇ يەردە كۆرىدىكەنسىلەر» دەڭلار، ــ دېدى. | 7 |
你們可以去告訴他的門徒和彼得,說:『他在你們以先往加利利去。在那裏你們要見他,正如他從前所告訴你們的。』」
ئۇلار قەبرىدىن چىقىپلا بەدەر قاچتى. ئۇلارنى تىترەك بېسىپ ھوشىنى يوقىتاي دېگەنىدى؛ بەك قورقۇپ كەتكەچكە، ھېچكىمگە ھېچنېمىنى ئېيتمىدى. | 8 |
她們就出來,從墳墓那裏逃跑,又發抖又驚奇,甚麼也不告訴人,因為她們害怕。
(note: The most reliable and earliest manuscripts do not include Mark 16:9-20.) ئەيسا ھەپتىنىڭ بىرىنچى كۈنى تاڭ سەھەردە تىرىلگەندىن كېيىن، ئاۋۋال ماگداللىق مەريەمگە كۆرۈندى. ئۇ ئەسلىدە ئۇنىڭدىن يەتتە جىننى ھەيدىۋەتكەنىدى. | 9 |
(note: The most reliable and earliest manuscripts do not include Mark 16:9-20.) 在七日的第一日清早,耶穌復活了,就先向抹大拉的馬利亞顯現(耶穌從她身上曾趕出七個鬼)。
مەريەم چىقىپ، ماتەم تۇتۇپ يىغلىشىپ تۇرغان، بۇرۇن ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغانلارغا خەۋەر بەردى. | 10 |
她去告訴那向來跟隨耶穌的人;那時他們正哀慟哭泣。
ئۇنىڭ تىرىك ئىكەنلىكىنى ۋە مەريەمگە كۆرۈنگەنلىكىنى ئاڭلىغاندا، ئۇلار ئىشەنمىدى. | 11 |
他們聽見耶穌活了,被馬利亞看見,卻是不信。
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى يېزىغا كېتىۋاتقان ئىككىيلەنگە باشقا سىياقتا كۆرۈندى. | 12 |
這事以後,門徒中間有兩個人往鄉下去。走路的時候,耶穌變了形像,向他們顯現。
بۇلارمۇ قالغانلارنىڭ يېنىغا قايتىپ، ئۇلارغا خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار بۇلارغىمۇ ئىشەنمىدى. | 13 |
他們就去告訴其餘的門徒;其餘的門徒也是不信。
ئاندىن ئون بىرەيلەن داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالىنىۋاتقاندا، ئۇ ئۇلارغا كۆرۈندى ۋە ئۇلارنىڭ ئېتىقادسىزلىقى ۋە تاش يۈرەكلىكى ئۈچۈن ئۇلارنى تەنبىھ بېرىپ ئەيىبلىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ تىرىلگىنىنى كۆرگەنلەرگە ئىشەنمىگەنىدى. | 14 |
後來,十一個門徒坐席的時候,耶穌向他們顯現,責備他們不信,心裏剛硬,因為他們不信那些在他復活以後看見他的人。
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ پۈتكۈل جاھانغا بېرىپ، يارىتىلغۇچىلارنىڭ ھەربىرىگە خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار. | 15 |
他又對他們說:「你們往普天下去,傳福音給萬民聽。
ئېتىقاد قىلىپ، چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلغانلار قۇتقۇزۇلىدۇ. ئېتىقاد قىلمىغانلار بولسا گۇناھقا بېكىتىلىدۇ. | 16 |
信而受洗的,必然得救;不信的,必被定罪。
ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ئىزلىرىغا مۇشۇنداق مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ئەگىشىپ ھەمراھ بولىدۇ: ــ ئۇلار مېنىڭ نامىم بىلەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىدۇ؛ ئۇلار يېڭى تىللاردا سۆزلەيدۇ، | 17 |
信的人必有神蹟隨着他們,就是奉我的名趕鬼;說新方言;
ئۇلار يىلانلارنى قوللىرىدا تۇتىدۇ، ھەرقانداق زەھەرلىك نەرسىنى ئىچسىمۇ، ئۇلارغا زەرەر يەتكۈزمەيدۇ؛ قوللىرىنى بىمارلارغا تەگكۈزۈپ قويسا، كېسەللىرى ساقىيىپ كېتىدۇ. | 18 |
手能拿蛇;若喝了甚麼毒物,也必不受害;手按病人,病人就必好了。」
شۇڭا رەب ئۇلارغا بۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئاسمانغا كۆتۈرۈلدى، خۇدانىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇردى. | 19 |
主耶穌和他們說完了話,後來被接到天上,坐在上帝的右邊。
مۇخلىسلار چىقىپ، ھەر يەرگە بېرىپ خۇش خەۋەرنى جاكارلاپ يۈردى. رەب ئۇلار بىلەن تەڭ ئىشلەپ، سۆز-كالامىغا ھەمراھ بولۇپ ئەگەشكەن مۆجىزىلىك ئالامەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئىسپات بەردى. | 20 |
門徒出去,到處宣傳福音。主和他們同工,用神蹟隨着,證實所傳的道。阿們!