< ماركۇس 15 >
ئەتىسى تاڭ ئېتىشى بىلەنلا، باش كاھىنلار ئاقساقاللار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە پۈتكۈل ئالىي كېڭەشمىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپ، ئەيسانى باغلاپ ئاپىرىپ، [ۋالىي] پىلاتۇسقا تاپشۇرۇپ بەردى. | 1 |
天明けて直に、大司祭等は、律法學士長老等及全議會と謀りてイエズスを縛り、召連れてピラトに付ししが、
پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ جاۋابەن: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دېدى. | 2 |
ピラトイエズスに向ひ、汝はユデア人の王なるか、と問ひしに、答へて、汝の云へる[如し]、と曰へり。
باش كاھىنلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن قايتا-قايتىدىن ئەرز-شىكايەتلەرنى قىلىشتى. | 3 |
斯て大司祭等數多の事を以て訟へければ、
پىلاتۇس ئۇنىڭدىن يەنە: ــ جاۋاب بەرمەمسەن؟ قارا، ئۇلار ئۈستۈڭدىن شۇنچىۋالا شىكايەت قىلىۋاتىدۇ!؟ ــ دەپ سورىدى. | 4 |
ピラト復イエズスに問ひて、汝は何をも答へざるか、彼等の汝を訟ふる事柄の如何ばかりなるかを看よ、と云ひしも、
بىراق ئەيسا يەنىلا ھېچ جاۋاب بەرمىدى؛ پىلاتۇس بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران قالدى. | 5 |
イエズス尚何をも答へ給はざりしかば、ピラトは之を感嘆し居たり。
ھەر قېتىملىق [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا، خالايىق قايسىبىر مەھبۇسنى تەلەپ قىلسا، ۋالىي ئۇنى قويۇپ بېرەتتى. | 6 |
然て祭日に當り、総督が、人々の乞ふ所の囚人一個を、彼等に釈すの例ありしが、
ئەينى ۋاقىتتا، زىنداندا بارابباس ئىسىملىك بىر مەھبۇس بار ئىدى. ئۇ ئۆزى بىلەن بىللە توپىلاڭ كۆتۈرگەن ھەمدە توپىلاڭدا قاتىللىق قىلغان نەچچەيلەن بىلەن تەڭ سولانغانىدى. | 7 |
茲に一揆の時人を殺して、一揆の者等と共に入獄したるバラバといへる者ありき。
خالايىق چۇقان-سۈرەن سېلىپ ۋالىيدىن بۇرۇن ھەمىشە ئۇلارغا قىلغىنىدەك يەنە شۇنداق قىلىشىنى تىلەشتى. | 8 |
群衆出頭して例の如く為られん事を願出でしに、
پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ سىلەر يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىنى قويۇپ بېرىشىمنى خالامسىلەر؟ ــ دېدى | 9 |
ピラト答へて、汝等、ユデア人の王を我より釈されん事を欲するか、と云へり。
(چۈنكى ئۇ باش كاھىنلارنىڭ ھەسەتخورلۇقى تۈپەيلىدىن ئۇنى تۇتۇپ بەرگەنلىكىنى بىلەتتى). | 10 |
是大司祭等が嫉によりて之を付したることを知ればなり。
لېكىن باش كاھىنلار خالايىقنى: «بۇنىڭ ئورنىغا، بارابباسنى قويۇپ بەر» دەپ تەلەپ قىلىشقا كۈشكۈرتتى. | 11 |
然るに大司祭等、寧バラバを己等に釈さしむべく、群衆を唆ししかば、
پىلاتۇس جاۋابەن ئۇلاردىن يەنە: ــ ئۇنداق بولسا، سىلەر «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ ئاتىغان كىشىنى قانداق بىر تەرەپ قىل دەۋاتىسىلەر؟ ــ دېدى. | 12 |
ピラト又答へて、然らばユデア人の王を我が如何に處分せん事を欲するか、と云ひしに、
ــ ئۇلار يەنە ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىرىشاتتى. | 13 |
彼等又、十字架に釘けよ、と叫びたり。
پىلاتۇس ئۇلارغا: ــ نېمىشقا؟ ئۇ نېمە رەزىللىك ئۆتكۈزۈپتۇ؟ ــ دېدى. بىراق ئۇلار تېخىمۇ غالجىرلىشىپ: ــ ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىراشتى. | 14 |
ピラト、彼は何の惡を為ししぞ、と云ひたれど、彼等益々、彼を十字架に釘けよ、と叫び居たり。
شۇڭا پىلاتۇس، خالايىقنى رازى قىلماقچى بولۇپ، بارابباسنى ئۇلارغا چىقىرىپ بەردى. ئەيسانى بولسا قامچىلاتقاندىن كېيىن، كرېستلەش ئۈچۈن [لەشكەرلىرىگە] تاپشۇردى. | 15 |
ピラト人民を満足せしめんと欲して、バラバを彼等に釈し、イエズスをば鞭ちて後、十字架に釘けん為に引行せり。
ئاندىن لەشكەرلەر ئەيسانى ۋالىي ئوردىسىدىكى سەيناغا ئېلىپ كىرىپ، پۈتۈن لەشكەرلەر توپىنى بۇ يەرگە جەم بولۇشقا چاقىردى. | 16 |
是に於て兵卒等、イエズスを廰の中庭に引出だして、全隊を呼集め、
ئۇلار ئۇنىڭ ئۇچىسىغا سۆسۈن رەڭلىك تون كىيدۈرۈشتى، ئاندىن ئۇلار تىكەنلىك شاخچىلاردىن توقۇغان بىر تاجنى بېشىغا كىيگۈزدى. | 17 |
イエズスに赤き袍を着せ、茨の冠を編みて冠らせ、
ئاندىن ئۇنى مۇبارەكلەپ: «ياشىغايلا، ئى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى!» دېيىشتى. | 18 |
ユデア人の王よ安かれ、と云ひて、禮し始め、
ئاندىن بېشىغا قومۇش بىلەن ھەدەپ ئۇرۇپ، ئۇنىڭغا قاراپ تۈكۈرۈشتى ۋە ئۇنىڭ ئالدىدا تىز پۈكۈپ، سەجدە قىلىشتى. | 19 |
尚葦もて其頭を撃ち、唾吐きかけ、跪きて拝し居たり。
ئۇلار ئۇنى شۇنداق مازاق قىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭدىن سۆسۈن توننى سالدۇرۇۋېتىپ، ئۇچىسىغا ئۆز كىيىملىرىنى كىيدۈردى؛ ئاندىن ئۇلار ئۇنى كرېستلەش ئۈچۈن ئېلىپ چىقىشتى. | 20 |
嘲弄して後、赤き袍を褫ぎて、原の衣服を着せ、十字架に釘けんとて引出ししが、
كۇرىنى شەھىرىدىن بولغان، سىمون ئىسىملىك بىر كىشى يېزىدىن كېلىپ، ئۇ يەردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى (بۇ كىشى ئىسكەندەر بىلەن رۇفۇسنىڭ ئاتىسى ئىدى). [لەشكەرلەر] ئۇنى تۇتۇپ كېلىپ، [ئەيسانىڭ] كرېستىنى ئۇنىڭغا مەجبۇرىي كۆتۈرگۈزدى. | 21 |
一個のシレネ人、名をシモンと呼びて、アレキサンデルとルフォとの父なるもの、田舎より來りて通りかかりければ、強て是に其十字架を負はせ、
ئۇلار ئەيسانى گولگوتا (تەرجىمىسى، «باش سۆڭەك») دېگەن يەرگە ئېلىپ كەلدى؛ | 22 |
イエズスを、ゴルゴタと云ふ處に引行けり。ゴルゴタは(カルヴァリオ)即髑髏の處と訳せらる。
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭغا ئىچىش ئۈچۈن مۇرمەككى ئارىلاشتۇرۇلغان ئاچچىق شاراب بەردى؛ لېكىن ئۇ ئۇنى قوبۇل قىلمىدى. | 23 |
又没薬を和ぜたる葡萄酒を、イエズスに飲ましめんとしたれど、受け給はざりき。
ئۇلار ئۇنى كرېستلىگەندىن كېيىن، كىيىملىرىنى ئۆزئارا بۆلۈشۈۋېلىش ئۈچۈن، ھەرقايسىسىنىڭ ئۈلۈشىنى بېكىتىشكە ھەربىر كىيىمنىڭ ئۈستىگە چەك تاشلىدى. | 24 |
斯て之を十字架に釘くるや、誰が何を取るべきと、籤を抽きて其衣服を分てり。
ئۇنى كرېستلىگەن ۋاقىت كۈننىڭ ئۈچىنچى سائىتى ئىدى. | 25 |
九時頃イエズスを十字架に釘けしが、
ئۇنى ئەيىبلىگەن شىكايەتنامىدە «يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى» دەپ پۈتۈلگەنىدى. | 26 |
其罪標にはユデア人の王と記されたりき。
ئۇلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئىككى قاراقچىنىمۇ كرېستلىدى، بىرى ئوڭ تەرىپىدە، يەنە بىرى سول تەرىپىدە ئىدى. | 27 |
是と共に二人の強盗、一人は其右に、一人は其左に十字架に釘けられたり。
شۇنداق قىلىپ، مۇقەددەس يازمىلاردىكى: «ئۇ جىنايەتچىلەرنىڭ قاتارىدا سانالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى. | 28 |
斯て[聖]書に、「彼は罪人に列せられたり」とある事成就せり。
ئۇ يەردىن ئۆتكەنلەر باشلىرىنى چايقىشىپ، ئۇنى ھاقارەتلەپ: ــ ئۇھۇي، سەن ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئۈچ كۈن ئىچىدە قايتىدىن ياساپ چىقىدىغان ئادەم، | 29 |
往來の人々イエズスを罵り、首を揺りて云ひけるは、吁神殿を毀ちて三日の内に建直す者よ、
ئەمدى ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ كرېستتىن چۈشۈپ باققىنا! ــ دېيىشتى. | 30 |
十字架より下りて自らを救へ、と。
باش كاھىنلار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۆزئارا شۇنداق مەسخىرە قىلىپ: ــ ئۇ باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن، ئۆزىنى قۇتقۇزالمايدۇ. | 31 |
大司祭等も亦同じく嘲りて、律法學士等と語合ひけるは、彼は他人を救ひしに、自らを救ふ能はず。
ئىسرائىلنىڭ پادىشاھى بولغان مەسىھ ئەمدى كرېستتىن چۈشۈپ باقسۇنچۇ، شۇنى كۆرسەكلا ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىمىز! ــ دېيىشتى. ئۇنىڭ بىلەن تەڭ كرېستلەنگەنلەرمۇ ئۇنى شۇنداق ھاقارەتلەشتى. | 32 |
イスラエルの王キリスト、今十字架より下りよ、然らば我等見て信ぜん、と。共に十字架に釘けられたる者等も、亦之を罵り居たり。
ئەمدى [كۈننىڭ] ئالتىنچى سائىتى كەلگەندە، پۈتكۈل زېمىننى قاراڭغۇلۇق قاپلىدى ۋە توققۇزىنچى سائىتىگىچە داۋام قىلدى. | 33 |
十二時に至り、地上徧く暗黒となりて三時に及びしが、
توققۇزىنچى سائەتتە ئەيسا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: «ئېلوئى، ئېلوئى، لاما شاۋاقتانى؟»، مەنىسى: ــ «خۇدايىم، خۇدايىم، مېنى نېمىشقا تاشلىۋەتتىڭ؟» دەپ قاتتىق نىدا قىلدى. | 34 |
時にイエズス、聲高く呼はりて、エロイ、エロイ、ラマ、サバクタニと曰へり。是は、我神我神、曷ぞ我を棄て給ひしや、と云ふ義なり。
ئۇ يەردە تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى بۇنى ئاڭلاپ: ــ مانا، ئۇ ئىلياس پەيغەمبەرگە نىدا قىلىۋاتىدۇ، ــ دېيىشتى. | 35 |
傍に立てる人々の中、或者等聞きて、エリアを呼ぶよ、と云ひけるに、
ئۇلاردىن بىرەيلەن يۈگۈرۈپ بېرىپ، بىر پارچە بۇلۇتنى ئاچچىق شارابقا چىلاپ، قومۇشنىڭ ئۇچىغا سېلىپ ئۇنىڭغا ئىچكۈزۈپ: ــ توختاپ تۇرۇڭلار! قاراپ باقايلى، ئىلياس [پەيغەمبەر] ئۇنى چۈشۈرگىلى كېلەرمىكىن؟ ــ دېدى. | 36 |
一人走り行きて、酢を海綿に含ませ、葦に附けて飲ましめつつ、措け、エリア來りて彼を下すや否やを見ん、と云ひけるが、
ئەيسا قاتتىق ۋارقىرىدى-دە، روھىنى قويۇۋەتتى. | 37 |
イエズス聲高く呼はりて、息絶え給へり。
ۋە [شۇ ئەسنادا] ئىبادەتخانىنىڭ ئىچكىرى پەردىسى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە ئىككى پارچە بۆلۈپ يىرتىلدى. | 38 |
時に[神]殿の幕上より下まで二に裂けしが、
ئەمدى ئۇنىڭ ئۇدۇلىدا تۇرغان يۈزبېشى ئۇنىڭ قانداق نىدا قىلىپ روھىنى قويۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ: ــ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەن! ــ دېدى. | 39 |
イエズスの對面に立てる百夫長、斯く呼はりて息絶え給ひしを見て云ひけるは、實に此人は神の子なりき、と。
ئۇ يەردە يەنە بۇ ئىشلارغا يىراقتىن قاراپ تۇرۇۋاتقان بىرنەچچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماگداللىق مەريەم، كىچىك ياقۇپ بىلەن يوسەنىڭ ئانىسى مەريەم ۋە سالومىلار بار ئىدى. | 40 |
又遥に眺め居たりし婦人等ありて、其中にはマグダレナ、マリア及小ヤコボとヨゼフとの母マリア、並にサロメありき。
ئۇلار ئەسلىدە ئەيسا گالىلىيە ئۆلكىسىدە تۇرغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغانلار ئىدى؛ بۇلاردىن باشقا ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمغا بىرگە كەلگەن يەنە نۇرغۇن ئاياللارمۇ [ئۇنىڭ ئەھۋالىغا] قاراپ تۇراتتى. | 41 |
彼等はイエズスのガリレアに居給ひし時、從ひて事へ居りしが、此外にイエズスと共にエルザレムに上りたりし婦人も多く居たりき。
كەچقۇرۇن كىرىپ قالغاندا («تەييارلاش كۈنى»، يەنى شابات كۈنىنىڭ ئالدىنقى كۈنى بولغاچقا)، | 42 |
夕暮に及びて、安息日の前なる用意日なれば、
ئالىي كېڭەشمىنىڭ تولىمۇ مۆتىۋەر ئەزاسى، ئارىماتىيالىق يۈسۈپ بار ئىدى. ئۇمۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۈتۈۋاتقان بولۇپ، جۈرئەت قىلىپ [ۋالىي] پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا كىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى. | 43 |
頭立ちたる議員アリマテアのヨゼフ來り、己も神の國を待てる者なれば、憚らずしてピラトの許に至り、イエズスの屍を求めしが、
پىلاتۇس ئەيسانىڭ ئاللىقاچان ئۆلگەنلىكىگە ھەيران بولدى؛ ئۇ يۈزبېشىنى چاقىرىپ، ئۇنىڭدىن ئەيسانىڭ ئۆلگىنىگە خېلى ۋاقىت بولدىمۇ، دەپ سورىدى. | 44 |
ピラトはイエズス最早死亡したりやと訝り、百夫長を召して、既に死したりやと問ひ、
يۈز بېشىدىن ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن، يۈسۈپكە جەسەتنى بەردى. | 45 |
百夫長より聞知りて後、ヨゼフに其屍を與へたり。
يۈسۈپ ئېسىل كاناپ رەخت سېتىۋېلىپ، جەسەتنى [كرېستتىن] چۈشۈرۈپ كاناپ رەختتە كېپەنلىدى ۋە ئۇنى قىيادا ئويۇلغان بىر قەبرىگە قويدى؛ ئاندىن قەبرىنىڭ ئاغزىغا بىر تاشنى دومىلىتىپ قويدى. | 46 |
ヨゼフ布を買ひて、イエズスを下して其布に包み、岩に鑿りたる墓に納め、其墓の入口に石を転ばし置けり。
ۋە ماگداللىق مەريەم بىلەن يوسەنىڭ ئانىسى مەريەم ئۇنىڭ قويۇلغان يېرىنى كۆرۈۋالدى. | 47 |
マグダレナ、マリアとヨゼフの[母]マリアとは、イエズスの置かれ給ふ處を眺め居たりき。