< ماركۇس 14 >
«ئۆتۈپ كېتىش» ھېيتى ۋە «پېتىر نان ھېيتى»غا ئىككى كۈن قالغانىدى. باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ھىيلە-نەيرەڭ بىلەن تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشنىڭ چارىسىنى ئىزدەيتتى. | 1 |
ην δε το πασχα και τα αζυμα μετα δυο ημερας και εζητουν οι αρχιερεις και οι γραμματεις πως αυτον εν δολω κρατησαντες αποκτεινωσιν
چۈنكى ئۇلار: ــ بۇ ئىش ھېيت-ئايەم كۈنلىرى قىلىنمىسۇن. بولمىسا، خەلق ئارىسىدا مالىمانچىلىق چىقىشى مۇمكىن، ــ دېيىشەتتى. | 2 |
ελεγον γαρ μη εν τη εορτη μηποτε εσται θορυβος του λαου
ئەمدى ئۇ بەيت-ئانىيا يېزىسىدا، «سىمون ماخاۋ»نىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغاندا، ئاق قاشتېشى شىشىدە ناھايىتى قىممەتلىك ساپ سۇمبۇل ئەتىرنى كۆتۈرۈپ كەلگەن بىر ئايال ئۇنىڭ يېنىغا كىردى. ئايال ئاق قاشتېشى شېشىنى چېقىپ، ئەتىرنى ئەيسانىڭ بېشىغا قۇيدى. | 3 |
και οντος αυτου εν βηθανια εν τη οικια σιμωνος του λεπρου κατακειμενου αυτου ηλθεν γυνη εχουσα αλαβαστρον μυρου ναρδου πιστικης πολυτελους συντριψασα την αλαβαστρον κατεχεεν αυτου της κεφαλης
لېكىن بەزىلەر بۇنىڭغا خاپا بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئەتىر نېمە دەپ شۇنداق ئىسراپ قىلىنىدۇ؟ | 4 |
ησαν δε τινες αγανακτουντες προς εαυτους εις τι η απωλεια αυτη του μυρου γεγονεν
چۈنكى بۇ ئەتىرنى ئۈچ يۈز دىناردىن ئارتۇق پۇلغا ساتقىلى بولاتتى، پۇلى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىنسا بولمامتى! ــ دېيىشتى. ئۇلار ئايالغا شۇنداق تاپا-تەنە قىلغىلى تۇردى. | 5 |
ηδυνατο γαρ τουτο το μυρον πραθηναι επανω δηναριων τριακοσιων και δοθηναι τοις πτωχοις και ενεβριμωντο αυτη
لېكىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇنىڭ ئىختىيارىغا قويۇڭلار، نېمە دەپ ئۇنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىسىلەر؟ ئۇ مېنىڭ ئۈستۈمگە ياخشى ئىش قىلدى. | 6 |
ο δε ιησους ειπεν αφετε αυτην τι αυτη κοπους παρεχετε καλον εργον ηργασατο εν εμοι
چۈنكى كەمبەغەللەر دائىم ئاراڭلاردا بولىدۇ، خالىغان ۋاقىتىڭلاردا ئۇلارغا خەير-ساخاۋەت كۆرسىتەلەيسىلەر؛ لېكىن مېنىڭ ئاراڭلاردا بولۇشۇم سىلەرگە دائىم نېسىپ بولىۋەرمەيدۇ! | 7 |
παντοτε γαρ τους πτωχους εχετε μεθ εαυτων και οταν θελητε δυνασθε αυτοις {VAR1: [παντοτε] } ευ ποιησαι εμε δε ου παντοτε εχετε
ئايال چامىنىڭ يېتىشىچە قىلدى؛ ئۇ مېنىڭ بەدىنىمنىڭ دەپنە قىلىنىشىغا ئالدىنئالا تەييارلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ئەتىر-ماي قۇيۇپ قويدى. | 8 |
ο εσχεν εποιησεν προελαβεν μυρισαι το σωμα μου εις τον ενταφιασμον
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ خۇش خەۋەر پۈتكۈل دۇنيانىڭ قەيېرىدە جاكارلانسا، بۇ ئايال ئەسلىنىپ، ئۇنىڭ قىلغان بۇ ئىشى تەرىپلىنىدۇ، ــ دېدى. | 9 |
αμην δε λεγω υμιν οπου εαν κηρυχθη το ευαγγελιον εις ολον τον κοσμον και ο εποιησεν αυτη λαληθησεται εις μνημοσυνον αυτης
شۇ ۋاقىتتا، ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا ئىشقارىيوت ئۇنى ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش مەقسىتىدە باش كاھىنلارنىڭ ئالدىغا باردى. | 10 |
και ιουδας ισκαριωθ ο εις των δωδεκα απηλθεν προς τους αρχιερεις ινα αυτον παραδοι αυτοις
ئۇلار بۇنى ئاڭلاپ خۇشال بولۇپ كەتتى ۋە ئۇنىڭغا پۇل بېرىشكە ۋەدە قىلىشتى. يەھۇدا ئۇنى تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەپ يۈرەتتى. | 11 |
οι δε ακουσαντες εχαρησαν και επηγγειλαντο αυτω αργυριον δουναι και εζητει πως αυτον ευκαιρως παραδοι
پېتىر نان ھېيتىنىڭ بىرىنچى كۈنى، يەنى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ قۇربانلىق [قوزىسى] سويۇلىدىغان كۈنى، مۇخلىسلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ [تامىقىنى] يېيىشىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ قەيەرگە بېرىپ تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى. | 12 |
και τη πρωτη ημερα των αζυμων οτε το πασχα εθυον λεγουσιν αυτω οι μαθηται αυτου που θελεις απελθοντες ετοιμασωμεν ινα φαγης το πασχα
ئۇ مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئالدىن ماڭغۇزۇپ ئۇلارغا: ــ شەھەرگە كىرىڭلار، ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىڭلار. | 13 |
και αποστελλει δυο των μαθητων αυτου και λεγει αυτοις υπαγετε εις την πολιν και απαντησει υμιν ανθρωπος κεραμιον υδατος βασταζων ακολουθησατε αυτω
ئۇ ئادەم نەگە كىرسە شۇ ئۆينىڭ ئىگىسىگە: «ئۇستاز: مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا قەيەردە؟ ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» ــ دەڭلار. | 14 |
και οπου εαν εισελθη ειπατε τω οικοδεσποτη οτι ο διδασκαλος λεγει που εστιν το καταλυμα μου οπου το πασχα μετα των μαθητων μου φαγω
ئۇ سىلەرنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلەنگەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى كۆرسىتىدۇ. مانا شۇ يەردە بىزگە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭلار، ــ دېدى. | 15 |
και αυτος υμιν δειξει αναγαιον μεγα εστρωμενον ετοιμον και εκει ετοιμασατε ημιν
مۇخلىسلار يولغا چىقىپ شەھەرگە كىرىپ، يولۇققان ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئېيتقاندەك بولدى. شۇ يەردە ئۇلار ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشتى. | 16 |
και εξηλθον οι μαθηται και ηλθον εις την πολιν και ευρον καθως ειπεν αυτοις και ητοιμασαν το πασχα
كەچ كىرگەندە، ئۇ ئون ئىككەيلەن بىلەن ئۆيگە كەلدى. | 17 |
και οψιας γενομενης ερχεται μετα των δωδεκα
ئۇلار داستىخاندا ئولتۇرۇپ غىزالانغاندا ئەيسا: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاراڭلاردىكى بىرەيلەن، مەن بىلەن بىللە غىزالىنىۋاتقان بىرسى ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدۇ، ــ دېدى. | 18 |
και ανακειμενων αυτων και εσθιοντων ο ιησους ειπεν αμην λεγω υμιν οτι εις εξ υμων παραδωσει με ο εσθιων μετ εμου
ئۇلار [بۇ سۆزدىن] قايغۇغا چۆمۈپ، بىر-بىرلەپ ئۇنىڭدىن: ــ مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دەپ سورىدى. يەنە بىرسى: ــ مەن ئەمەستىمەن؟ ــ دېدى. | 19 |
ηρξαντο λυπεισθαι και λεγειν αυτω εις κατα εις μητι εγω
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ [شۇ كىشى] ئون ئىككەيلەننىڭ بىرى، يەنى قولىدىكى ناننى مەن بىلەن تەڭ تاۋاققا تۆگۈرگۈچى بولىدۇ. | 20 |
ο δε ειπεν αυτοις εις των δωδεκα ο εμβαπτομενος μετ εμου εις το {VAR1: [εν] } τρυβλιον
ئىنسانئوغلى دەرۋەقە ئۆزى توغرىسىدا [مۇقەددەس يازمىلاردا] پۈتۈلگەندەك ئالەمدىن كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! ئۇ ئادەم تۇغۇلمىغان بولسا ئۇنىڭغا ياخسى بولاتتى! ــ دېدى. | 21 |
οτι ο μεν υιος του ανθρωπου υπαγει καθως γεγραπται περι αυτου ουαι δε τω ανθρωπω εκεινω δι ου ο υιος του ανθρωπου παραδιδοται καλον αυτω ει ουκ εγεννηθη ο ανθρωπος εκεινος
ئۇلار غىزالىنىۋاتقاندا، ئەيسا بىر ناننى قولىغا ئېلىپ تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى ئوشتۇپ، مۇخلىسلىرىغا ئۈلەشتۈرۈپ بەردى ۋە: ــ ئېلىڭلار، بۇ مېنىڭ تېنىم، ــ دېدى. | 22 |
και εσθιοντων αυτων λαβων αρτον ευλογησας εκλασεν και εδωκεν αυτοις και ειπεν λαβετε τουτο εστιν το σωμα μου
ئاندىن ئۇ قولىغا جامنى ئېلىپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتقاندىن كېيىن، ئۇنى مۇخلىسلىرىغا سۇندى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭدىن ئىچىشتى. | 23 |
και λαβων ποτηριον ευχαριστησας εδωκεν αυτοις και επιον εξ αυτου παντες
ئۇ ئۇلارغا: ــ بۇ مېنىڭ قېنىم، نۇرغۇن ئادەملەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان، يېڭى ئەھدىنى تۈزىدىغان قېنىمدۇر. | 24 |
και ειπεν αυτοις τουτο εστιν το αιμα μου της διαθηκης το εκχυννομενον υπερ πολλων
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا يېڭىدىن شارابتىن ئىچىدىغان كۈنگىچە، ئۈزۈم تېلىنىڭ شەربىتىنى ھەرگىز ئىچمەيمەن، ــ دېدى. | 25 |
αμην λεγω υμιν οτι ουκετι ου μη πιω εκ του γενηματος της αμπελου εως της ημερας εκεινης οταν αυτο πινω καινον εν τη βασιλεια του θεου
ئۇلار بىر مەدھىيە كۈيىنى ئېيتقاندىن كېيىن تالاغا چىقىپ، زەيتۇن تېغىغا قاراپ كېتىشتى. | 26 |
και υμνησαντες εξηλθον εις το ορος των ελαιων
ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: سىلەر ھەممىڭلار تاندۇرۇلۇپ پۇتلىشىسىلەر، چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «مەن پادىچىنى ئۇرۇۋېتىمەن، قويلار پاتىپاراق بولۇپ تارقىتىۋېتىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن. | 27 |
και λεγει αυτοις ο ιησους οτι παντες σκανδαλισθησεσθε οτι γεγραπται παταξω τον ποιμενα και τα προβατα διασκορπισθησονται
لېكىن مەن تىرىلگەندىن كېيىن گالىلىيەگە سىلەردىن بۇرۇن بارىمەن، ــ دېدى. | 28 |
αλλα μετα το εγερθηναι με προαξω υμας εις την γαλιλαιαν
لېكىن پېترۇس ئۇنىڭغا: ــ ھەممەيلەن تاندۇرۇلۇپ پۇتلاشسىمۇ، مەن ھەرگىز پۇتلاشمايمەن، دېدى. | 29 |
ο δε πετρος εφη αυτω ει και παντες σκανδαλισθησονται αλλ ουκ εγω
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ مەن ساڭا بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۈگۈن، يەنى بۈگۈن كېچە خوراز ئىككى قېتىم چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، ــ دېدى. | 30 |
και λεγει αυτω ο ιησους αμην λεγω σοι οτι συ σημερον ταυτη τη νυκτι πριν η δις αλεκτορα φωνησαι τρις με απαρνηση
لېكىن پېترۇس تېخىمۇ قەتئىيلىك بىلەن ئۇنىڭغا: ــ سەن بىلەن بىللە ئۆلىدىغان ئىش كېرەك بولسىمۇ، سەندىن ھەرگىز تانمايمەن، ــ دېدى. قالغان ھەممىسىمۇ شۇنداق دېيىشتى. | 31 |
ο δε εκπερισσως ελαλει εαν δεη με συναποθανειν σοι ου μη σε απαρνησομαι ωσαυτως {VAR1: [δε] } {VAR2: δε } και παντες ελεγον
ئاندىن ئۇلار گېتسىمانە دېگەن بىر جايغا كەلدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: ــ مەن دۇئا-تىلاۋەت قىلىپ كەلگۈچە، مۇشۇ يەردە ئولتۇرۇپ تۇرۇڭلار، دېدى. | 32 |
και ερχονται εις χωριον ου το ονομα γεθσημανι και λεγει τοις μαθηταις αυτου καθισατε ωδε εως προσευξωμαι
ئۇ پېترۇس، ياقۇپ ۋە يۇھاننانى بىرگە ئېلىپ ماڭدى ۋە سۈر بېسىپ، روھ-قەلبىدە تولىمۇ پەرىشان بولۇشقا باشلىدى. | 33 |
και παραλαμβανει τον πετρον και {VAR1: τον } {VAR2: [τον] {VAR1: ιακωβον και } {VAR2: τον } [τον] } ιωαννην μετ αυτου και ηρξατο εκθαμβεισθαι και αδημονειν
ئۇ ئۇلارغا: ــ جېنىم ئۆلىدىغاندەك بەكمۇ ئازابلانماقتا. سىلەر بۇ يەردە قېلىپ، ئويغاق تۇرۇڭلار، ــ دېدى. | 34 |
και λεγει αυτοις περιλυπος εστιν η ψυχη μου εως θανατου μεινατε ωδε και γρηγορειτε
ئۇ سەل نېرىراق بېرىپ، ئۆزىنى يەرگە ئېتىپ دۈم ياتتى ۋە مۇمكىن بولسا، ئۇ دەقىقىنىڭ ئۆز بېشىغا چۈشمەي ئۆتۈپ كېتىشى ئۈچۈن دۇئا قىلىپ: | 35 |
και προελθων μικρον επιπτεν επι της γης και προσηυχετο ινα ει δυνατον εστιν παρελθη απ αυτου η ωρα
ــ ئى ئاببا ئاتا، ساڭا ھەممە ئىش مۇمكىندۇر؛ بۇ قەدەھنى مەندىن ئۆتكۈزۈۋەتكەيسەن! لېكىن بۇ ئىش مەن خالىغاندەك ئەمەس، سەن خالىغاندەك بولسۇن، ــ دېدى. | 36 |
και ελεγεν αββα ο πατηρ παντα δυνατα σοι παρενεγκε το ποτηριον τουτο απ εμου αλλ ου τι εγω θελω αλλα τι συ
ئۇ [ئۈچەيلەننىڭ] يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، پېترۇسقا: ــ ئەي سىمون، ئۇخلاۋاتامسەن؟! بىر سائەتمۇ ئويغاق تۇرالمىدىڭمۇ؟! | 37 |
και ερχεται και ευρισκει αυτους καθευδοντας και λεγει τω πετρω σιμων καθευδεις ουκ ισχυσας μιαν ωραν γρηγορησαι
ئېزىقتۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئويغاق تۇرۇپ دۇئا قىلىڭلار. روھ پىداكار بولسىمۇ، لېكىن كىشىنىڭ ئەتلىرى ئاجىزدۇر، ــ دېدى. | 38 |
γρηγορειτε και προσευχεσθε ινα μη ελθητε εις πειρασμον το μεν πνευμα προθυμον η δε σαρξ ασθενης
ئاندىن ئۇ يەنە بېرىپ، ئوخشاش سۆزلەر بىلەن قايتىدىن دۇئا قىلدى. | 39 |
και παλιν απελθων προσηυξατο {VAR1: [τον αυτον λογον ειπων] } {VAR2: τον αυτον λογον ειπων }
ئۇ ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلگىنىدە، ئۇلارنىڭ يەنە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى كۆردى، چۈنكى ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇيقۇغا ئىلىنغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭغا نېمە دېيىشىنى بىلمەي قالدى. | 40 |
και παλιν ελθων ευρεν αυτους καθευδοντας ησαν γαρ αυτων οι οφθαλμοι καταβαρυνομενοι και ουκ ηδεισαν τι αποκριθωσιν αυτω
ئۇ ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يېنىغا قايتىپ ئۇلارغا: ــ سىلەر تېخىچە ئۇخلاۋاتامسىلەر، تېخىچە دەم ئېلىۋاتامسىلەر؟ ئەمدى بولدى بەس! ۋاقىت-سائىتى كەلدى؛ مانا، ئىنسانئوغلى گۇناھكارلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلدى! | 41 |
και ερχεται το τριτον και λεγει αυτοις καθευδετε {VAR1: [το] } {VAR2: το } λοιπον και αναπαυεσθε απεχει ηλθεν η ωρα ιδου παραδιδοται ο υιος του ανθρωπου εις τας χειρας των αμαρτωλων
قوپۇڭلار، كېتەيلى؛ مانا، ماڭا ساتقۇنلۇق قىلىدىغان كىشى يېقىن كەلدى! ــ دېدى. | 42 |
εγειρεσθε αγωμεν ιδου ο παραδιδους με ηγγικεν
ۋە شۇ دەقىقىدە، ئۇنىڭ سۆزى تېخى تۈگىمەيلا، مانا، ئون ئىككەيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا كەلدى؛ ئۇنىڭ يېنىدا باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە ئاقساقاللار تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرگەن زور بىر توپ ئادەم بار ئىدى. | 43 |
και ευθυς ετι αυτου λαλουντος παραγινεται {VAR1: [ο] } ιουδας εις των δωδεκα και μετ αυτου οχλος μετα μαχαιρων και ξυλων παρα των αρχιερεων και των γραμματεων και των πρεσβυτερων
ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغۇچى ئۇلار بىلەن ئاللىبۇرۇن ئىشارەتنى بېكىتىپ: «مەن كىمنى سۆيسەم، ئۇ دەل شۇدۇر. سىلەر ئۇنى تۇتۇپ، يالاپ ئېلىپ كېتىڭلار» دەپ كېلىشكەنىدى. | 44 |
δεδωκει δε ο παραδιδους αυτον συσσημον αυτοις λεγων ον αν φιλησω αυτος εστιν κρατησατε αυτον και απαγετε ασφαλως
ئۇ كېلىپ ئۇدۇل [ئەيسانىڭ] ئالدىغا بېرىپ: ــ ئۇستاز، ئۇستاز! ــ دەپ ئۇنى سۆيۈپ كەتتى. | 45 |
και ελθων ευθυς προσελθων αυτω λεγει ραββι και κατεφιλησεν αυτον
ئۇلار ئۇنىڭغا قول سېلىپ، ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. | 46 |
οι δε επεβαλον τας χειρας αυτω και εκρατησαν αυτον
ۋە ئۇنىڭ يېنىدا تۇرغانلاردىن بىرەيلەن قىلىچىنى سۇغۇرۇپ، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇۋىدى، ئۇنىڭ قۇلىقىنى شىلىپ چۈشۈرۈۋەتتى. | 47 |
εις δε [τις] των παρεστηκοτων σπασαμενος την μαχαιραν επαισεν τον δουλον του αρχιερεως και αφειλεν αυτου το ωταριον
ئەيسا جاۋابەن ئۇلارغا: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەرغۇ؟ | 48 |
και αποκριθεις ο ιησους ειπεν αυτοις ως επι ληστην εξηλθατε μετα μαχαιρων και ξυλων συλλαβειν με
مەن ھەر كۈنى ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ تەلىم بېرەتتىم، لېكىن سىلەر ئۇ چاغدا مېنى تۇتمىدىڭلار. لېكىن بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن پۈتۈلگەنلەرنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى ئۈچۈن بولدى، ــ دېدى. | 49 |
καθ ημεραν ημην προς υμας εν τω ιερω διδασκων και ουκ εκρατησατε με αλλ ινα πληρωθωσιν αι γραφαι
بۇ چاغدا، ھەممەيلەن ئۇنى تاشلاپ قېچىپ كېتىشتى. | 50 |
και αφεντες αυτον εφυγον παντες
پەقەت ئۇچىسىغا كاناپ رەخت يېپىنچاقلىۋالغان بىر يىگىت ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ ماڭدى. ياش ئەسكەرلەر ئۇنى تۇتۇۋېلىۋىدى، | 51 |
και νεανισκος τις συνηκολουθει αυτω περιβεβλημενος σινδονα επι γυμνου και κρατουσιν αυτον
لېكىن ئۇ كاناپ رەختتىن بوشىنىپ، يالىڭاچ پېتى ئۇلاردىن قېچىپ كەتتى. | 52 |
ο δε καταλιπων την σινδονα γυμνος εφυγεν
ئەمدى ئۇلار ئەيسانى باش كاھىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. باش كاھىنلار، بارلىق ئاقساقاللار بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىمۇ ئۇ يەرگە ئۇنىڭ يېنىغا يىغىلدى. | 53 |
και απηγαγον τον ιησουν προς τον αρχιερεα και συνερχονται παντες οι αρχιερεις και οι πρεσβυτεροι και οι γραμματεις
پېترۇس ئۇنىڭغا تاكى باش كاھىننىڭ سارايىدىكى ھويلىنىڭ ئىچىگىچە يىراقتىن ئەگىشىپ كەلدى؛ ئۇ قاراۋۇللار بىلەن بىللە ئوتنىڭ نۇرىدا ئوتسىنىپ ئولتۇردى. | 54 |
και ο πετρος απο μακροθεν ηκολουθησεν αυτω εως εσω εις την αυλην του αρχιερεως και ην συγκαθημενος μετα των υπηρετων και θερμαινομενος προς το φως
باش كاھىنلار ۋە پۈتۈن ئالىي كېڭەشمە ئەزالىرى ئەيسانى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىش ئۈچۈن، گۇۋاھ-ئىسپات ئىزدىدى، ئەمما تاپالمىدى. | 55 |
οι δε αρχιερεις και ολον το συνεδριον εζητουν κατα του ιησου μαρτυριαν εις το θανατωσαι αυτον και ουχ ηυρισκον
چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنى ئەرز قىلىپ يالغان گۇۋاھچىلىق بەرگەن بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ گۇۋاھلىقلىرى بىر-بىرىگە ئۇدۇل كەلمەيتتى. | 56 |
πολλοι γαρ εψευδομαρτυρουν κατ αυτου και ισαι αι μαρτυριαι ουκ ησαν
بەزى ئادەملەر ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىپ يالغان گۇۋاھلىق بېرىپ: | 57 |
και τινες ανασταντες εψευδομαρτυρουν κατ αυτου λεγοντες
ــ بىز ئۇنىڭ: «ئىنسان قولى بىلەن ياسالغان بۇ ئىبادەتخانىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ئىنسان قولى بىلەن ياسالمىغان باشقا بىر ئىبادەتخانىنى ئۈچ كۈن ئىچىدە ياساپ چىقىمەن» دېگەنلىكىنى ئاڭلىدۇق، ــ دېدى. | 58 |
οτι ημεις ηκουσαμεν αυτου λεγοντος οτι εγω καταλυσω τον ναον τουτον τον χειροποιητον και δια τριων ημερων αλλον αχειροποιητον οικοδομησω
ھەتتا ئۇلارنىڭ بۇ ھەقتىكى گۇۋاھلىقلىرىمۇ بىر-بىرىگە ماس كەلمىدى. | 59 |
και ουδε ουτως ιση ην η μαρτυρια αυτων
ئاندىن باش كاھىن ھەممەيلەننىڭ ئالدىدا ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەيسادىن: ــ قېنى، جاۋاب بەرمەمسەن؟ بۇلار سېنىڭ ئۈستۈڭدىن زادى قانداق گۇۋاھلىقلارنى بېرىۋاتىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 60 |
και αναστας ο αρχιερευς εις μεσον επηρωτησεν τον ιησουν λεγων ουκ αποκρινη ουδεν τι ουτοι σου καταμαρτυρουσιν
لېكىن ئەيسا شۈك تۇرۇپ، ھېچقانداق جاۋاب بەرمىدى. باش كاھىن ئۇنى قىستاپ يەنە ئۇنىڭدىن: ــ سەن مۇبارەك بولغۇچىنىڭ ئوغلى مەسىھمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. | 61 |
ο δε εσιωπα και ουκ απεκρινατο ουδεν παλιν ο αρχιερευς επηρωτα αυτον και λεγει αυτω συ ει ο χριστος ο υιος του ευλογητου
شۇنداق، مەن ئۆزۈم، ــ دېدى ئەيسا، ــ ۋە سىلەر كېيىن ئىنسانئوغلىنىڭ قۇدرەت ئىگىسىنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدىغانلىقىنى ۋە ئاسماندىكى بۇلۇتلار بىلەن كېلىدىغانلىقىنى كۆرىسىلەر. | 62 |
ο δε ιησους ειπεν εγω ειμι και οψεσθε τον υιον του ανθρωπου εκ δεξιων καθημενον της δυναμεως και ερχομενον μετα των νεφελων του ουρανου
شۇنىڭ بىلەن باش كاھىن تونلىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: ــ ئەمدى باشقا ھەرقانداق گۇۋاھچىنىڭ نېمە ھاجىتى؟ | 63 |
ο δε αρχιερευς διαρρηξας τους χιτωνας αυτου λεγει τι ετι χρειαν εχομεν μαρτυρων
ئۆزۈڭلار بۇ كۇپۇرلۇقنى ئاڭلىدىڭلار! ئەمدى بۇنىڭغا نېمە دەيسىلەر؟ ــ دېدى. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇ ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلسۇن، دەپ ھۆكۈم چىقىرىشتى. | 64 |
ηκουσατε της βλασφημιας τι υμιν φαινεται οι δε παντες κατεκριναν αυτον ενοχον ειναι θανατου
ئاندىن بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى، يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ، مۇشتلاپ: «قېنى، [پەيغەمبەرچىلىك] [قىلىپ] بېشارەت بېرە!» دېيىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنى شاپىلاق بىلەن كاچاتلىدى. | 65 |
και ηρξαντο τινες εμπτυειν αυτω και περικαλυπτειν αυτου το προσωπον και κολαφιζειν αυτον και λεγειν αυτω προφητευσον και οι υπηρεται ραπισμασιν αυτον ελαβον
پېترۇس ساراينىڭ تۆۋەنكى ھويلىسىدا تۇرغاندا، باش كاھىننىڭ دېدەكلىرىدىن بىرى كېلىپ، | 66 |
και οντος του πετρου κατω εν τη αυλη ερχεται μια των παιδισκων του αρχιερεως
ئىسسىنىپ ئولتۇرغان پېترۇسنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ: ــ سەنمۇ ناسارەتلىك ئەيسا بىلەن بىللە ئىدىڭغۇ، ــ دېدى. | 67 |
και ιδουσα τον πετρον θερμαινομενον εμβλεψασα αυτω λεγει και συ μετα του ναζαρηνου ησθα του ιησου
لېكىن ئۇ تېنىپ: ــ سېنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىڭنى بىلمىدىم ھەم چۈشەنمىدىم، ــ دېدى-دە، تاشقىرىغا، دەرۋازىنىڭ ئايۋانىغا چىقىپ تۇردى. شۇ ئەسمادا خوراز بىر چىللىدى. | 68 |
ο δε ηρνησατο λεγων ουτε οιδα ουτε επισταμαι συ τι λεγεις και εξηλθεν εξω εις το προαυλιον {VAR2: [και αλεκτωρ εφωνησεν] }
ئۇنى يەنە كۆرگەن ھېلىقى دېدەك يەنە ئۇ يەردە تۇرغانلارغا: ــ بۇ ئۇلاردىن بىرى، ــ دېگىلى تۇردى. | 69 |
και η παιδισκη ιδουσα αυτον ηρξατο παλιν λεγειν τοις παρεστωσιν οτι ουτος εξ αυτων εστιν
[پېترۇس] يەنە ئىنكار قىلدى. بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسقا يەنە: ــ بەرھەق، سەن ئۇلارنىڭ بىرىسەن. چۈنكى سەنمۇ گالىلىيەلىك ئىكەنسەنغۇ؟! ــ دېيىشتى. | 70 |
ο δε παλιν ηρνειτο και μετα μικρον παλιν οι παρεστωτες ελεγον τω πετρω αληθως εξ αυτων ει και γαρ γαλιλαιος ει
لېكىن ئۇ قاتتىق قارغاشلار بىلەن قەسەم قىلىپ: ــ سىلەر دەۋاتقان ھېلىقى ئادەمنى تونۇمايمەن! ــ دېدى. | 71 |
ο δε ηρξατο αναθεματιζειν και ομνυναι οτι ουκ οιδα τον ανθρωπον τουτον ον λεγετε
دەل شۇ چاغدا خوراز ئىككىنچى قېتىم چىللىدى. پېترۇس ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «خوراز ئىككى قېتىم چىللىغۇچە، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئالدى؛ ۋە بۇلارنى ئويلاپ يىغلاپ كەتتى. | 72 |
και ευθυς εκ δευτερου αλεκτωρ εφωνησεν και ανεμνησθη ο πετρος το ρημα ως ειπεν αυτω ο ιησους οτι πριν αλεκτορα {VAR1: δις φωνησαι } {VAR2: φωνησαι δις } τρις με απαρνηση και επιβαλων εκλαιεν