< ماركۇس 13 >
ئۇ ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، قارا، بۇ نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك تاشلار ۋە ئىمارەتلەر-ھە! ــ دېدى. | 1 |
Gdy wychodził ze świątyni, jeden z jego uczniów powiedział do niego: Nauczycielu, patrz, jakie kamienie i jakie budowle!
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سەن بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆردۈڭمۇ؟ بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالمايدۇ، ھەممىسى قالدۇرۇلماي گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى. | 2 |
A Jezus mu odpowiedział: Widzisz te wielkie budowle? Nie zostanie kamień na kamieniu, który by nie został zwalony.
ئۇ زەيتۇن تېغىدا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغاندا، پېترۇس، ياقۇپ، يۇھاننا ۋە ئاندرىياسلار ئۇنىڭدىن ئاستىغىنا: | 3 |
A gdy siedział na Górze Oliwnej, naprzeciwko świątyni, Piotr, Jakub, Jan i Andrzej pytali go na osobności:
ــ بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ ئىشلار قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ بارلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان نېمە ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. | 4 |
Powiedz nam, kiedy się to stanie i jaki będzie znak, gdy to wszystko będzie się spełniać?
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى: ــ ھېزى بولۇڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. | 5 |
A Jezus w odpowiedzi zaczął im mówić: Uważajcie, aby was ktoś nie zwiódł.
چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. | 6 |
Wielu bowiem przyjdzie pod moim imieniem, mówiąc: Ja jestem [Chrystusem]. I wielu zwiodą.
سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلگەنلىكى ئەمەس. | 7 |
Gdy więc usłyszycie o wojnach i pogłoski o wojnach, nie lękajcie się. To musi się stać, ale [to] jeszcze nie koniec.
چۈنكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ، ئاچارچىلىقلار ۋە قالايمىقانچىلىقلار بولىدۇ. مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس. | 8 |
Powstanie bowiem naród przeciwko narodowi i królestwo przeciwko królestwu, będą też miejscami trzęsienia ziemi, a także głód i zamęt. To jest początek boleści.
سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلاردا قامچىلىنىسىلەر. سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ سوراققا تارتىلىسىلەر. | 9 |
Lecz miejcie się na baczności, bo będą was wydawać sądom i biczować w synagogach. Staniecie przed namiestnikami i królami z mojego powodu, na świadectwo przeciwko nim.
لېكىن بۇلاردىن ئاۋۋال خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلىنىشى كېرەك. | 10 |
A ewangelia musi być najpierw głoszona wszystkim narodom.
ئەمدى ئۇلار سىلەرنى ئاپىرىپ [سوراققا] تاپشۇرغاندا، نېمە دېيىش ھەققىدە نە ئەندىشە نە مۇلاھىزە قىلماڭلار، بەلكى شۇ ۋاقىت-سائىتىدە سىلەرگە قايسى گەپ بېرىلسە، شۇنى ئېيتىڭلار؛ چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر. | 11 |
A gdy będą was prowadzić, żeby was wydać, nie martwcie się wcześniej, co macie mówić, ani o tym nie rozmyślajcie, ale mówcie to, co wam będzie dane w tej godzinie. Nie wy bowiem będziecie mówić, ale Duch Święty.
قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن زىتلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. | 12 |
I wyda na śmierć brat brata, a ojciec syna. Dzieci powstaną przeciwko rodzicom i spowodują ich śmierć.
شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ. | 13 |
I będziecie znienawidzeni przez wszystkich z powodu mego imienia. Kto jednak wytrwa do końca, będzie zbawiony.
«ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن. | 14 |
Gdy więc zobaczycie obrzydliwość spustoszenia, o której mówił prorok Daniel, stojącą tam, gdzie stać nie powinna (kto czyta, niech rozumie), wtedy ci, którzy będą w Judei, niech uciekają w góry;
ئۆگزىدە تۇرغان كىشى ئۆيىگە چۈشمەي ياكى ئۆيىدىكى بىرەر نېمىنى ئالغىلى ئىچىگە كىرمەي [قاچسۇن]. | 15 |
A kto będzie na dachu, niech nie schodzi ani nie wchodzi do domu, aby coś z niego zabrać;
ئېتىزلاردا تۇرۇۋاتقان كىشى بولسا چاپىنىنى ئالغىلى ئۆيىگە يانمىسۇن. | 16 |
Kto zaś będzie w polu, niech nie wraca, aby wziąć swoją szatę.
ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! | 17 |
Lecz biada brzemiennym i karmiącym w tych dniach!
[قاچىدىغان] ۋاقتىڭلارنىڭ قىشقا توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. | 18 |
Módlcie się więc, aby wasza ucieczka nie wypadła w zimie.
چۈنكى ئۇ چاغدا خۇدا ياراتقان دۇنيانىڭ ئاپىرىدە قىلىنغاندىن بۇيان مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان زور ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ. | 19 |
Będą to bowiem dni takiego ucisku, jakiego nie było od początku stworzenia, którego dokonał Bóg, aż dotąd i [nigdy] nie będzie.
ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئازايتمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن ئۇ ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەرنى ئازايتىدۇ. | 20 |
A gdyby Pan nie skrócił tych dni, żadne ciało nie byłoby zbawione. Lecz ze względu na wybranych, których [sobie] obrał, skrócił te dni.
ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «قاراڭلار، ئۇ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. | 21 |
Jeśli wtedy ktoś wam powie: Oto tu [jest] Chrystus, albo: Oto tam [jest] – nie wierzcie.
چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا [خۇدا] تاللىغانلارنى ھەم ئازدۇرىدۇ. | 22 |
Powstaną bowiem fałszywi Chrystusowie i fałszywi prorocy i będą czynić znaki i cuda, aby zwieść, o ile można, nawet wybranych.
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھوشيار بولۇڭلار. مانا، مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇپ قويدۇم. | 23 |
Wy więc uważajcie. Wszystko wam przepowiedziałem.
ئەمدى شۇ كۈنلەردە، شۇ ئازاب-ئوقۇبەت ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، | 24 |
Ale w tych dniach, po tym ucisku, zaćmi się słońce i księżyc nie da swego blasku;
يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. | 25 |
Gwiazdy nieba będą spadać i moce, które są na niebie, zostaną poruszone.
ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. | 26 |
A wtedy ujrzą Syna Człowieczego przychodzącego w obłokach z wielką mocą i chwałą.
ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىن، زېمىننىڭ چەتلىرىدىن ئاسماننىڭ چەتلىرىگىچە يىغىپ جەم قىلىدۇ. | 27 |
Wówczas pośle swoich aniołów i zgromadzi swoich wybranych z czterech stron świata, od krańca ziemi aż do krańca nieba.
ــ ئەنجۈر دەرىخىدىن مۇنداق تەمسىلنى بىلىۋېلىڭلار: ــ ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. | 28 |
A od drzewa figowego uczcie się przez podobieństwo: Gdy już jego gałąź staje się miękka i wypuszcza liście, poznajecie, że lato jest blisko.
خۇددى شۇنىڭدەك، [مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ] يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار. | 29 |
Tak i wy, gdy ujrzycie, że to się dzieje, wiedzcie, że jest blisko, u drzwi.
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. | 30 |
Zaprawdę powiadam wam: Nie przeminie to pokolenie, aż się to wszystko stanie.
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. | 31 |
Niebo i ziemia przeminą, ale moje słowa nie przeminą.
لېكىن شۇ كۈنى ياكى ۋاقىت-سائىتى توغرۇلۇق خەۋەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا نە ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، نە ئوغۇل بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتىلا بىلىدۇ. | 32 |
Lecz o tym dniu i godzinie nikt nie wie, ani aniołowie, którzy są w niebie, ani Syn, tylko Ojciec.
ھوشيار بولۇڭلار، سەگەك بولۇپ دۇئا قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ ۋاقىت-سائەتنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر. | 33 |
Uważajcie, czuwajcie i módlcie się, bo nie wiecie, kiedy ten czas nadejdzie.
بۇ خۇددى ياقا يۇرتقا چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. يولغا چىقىدىغان چاغدا، ئۇ قۇللىرىغا ئۆز ھوقۇقىنى بېكىتىپ، ھەربىرىگە ئۆز ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ ۋە دەرۋازىۋەننىڭمۇ سەگەك بولۇشىنى تاپىلايدۇ. | 34 |
[Syn Człowieczy bowiem jest] jak człowiek, który wyjeżdżając, zostawił swój dom, dał władzę swoim sługom i każdemu jego pracę, a odźwiernemu nakazał czuwać.
شۇنىڭدەك، سىلەرمۇ سەگەك بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۆينىڭ ئىگىسىنىڭ [قايتىپ] كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ ــ كەچقۇرۇنمۇ، تۈن يېرىمىمۇ، خوراز چىللىغان ۋاقىتمۇ ياكى سەھەر ۋاقتىمۇ ــ ئۇنى بىلەلمەيسىلەر؛ | 35 |
Czuwajcie więc, bo nie wiecie, kiedy pan domu przyjdzie: wieczorem czy o północy, gdy pieją koguty czy rano;
ئۇ تۇيۇقسىز كەلگەندە، سىلەرنىڭ ئۇخلاۋاتقىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمىسۇن! | 36 |
By przypadkiem, przyszedłszy niespodziewanie, nie zastał was śpiących.
سىلەرگە ئېيتقىنىمنى مەن ھەممەيلەنگە ئېيتىمەن: سەگەك تۇرۇڭلار! | 37 |
A to, co wam mówię, mówię wszystkim: Czuwajcie!