< ماركۇس 13 >

ئۇ ئىبادەتخانىدىن چىقىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، قارا، بۇ نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك تاشلار ۋە ئىمارەتلەر-ھە! ــ دېدى. 1
Et cum egrederetur de templo, ait illi unus ex discipulis suis: Magister, aspice quales lapides, et quales structuræ.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ سەن بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆردۈڭمۇ؟ بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالمايدۇ، ھەممىسى قالدۇرۇلماي گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى. 2
Et respondens Jesus, ait illi: Vides has omnes magnas ædificationes? Non relinquetur lapis super lapidem, qui non destruatur.
ئۇ زەيتۇن تېغىدا، يەنى ئىبادەتخانىنىڭ ئۇدۇلىدا ئولتۇرغاندا، پېترۇس، ياقۇپ، يۇھاننا ۋە ئاندرىياسلار ئۇنىڭدىن ئاستىغىنا: 3
Et cum sederet in monte Olivarum contra templum, interrogabant eum separatim Petrus, et Jacobus, et Joannes, et Andreas:
ــ بىزگە ئېيتقىنچۇ، بۇ ئىشلار قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ بارلىق ۋەقەلەرنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان نېمە ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. 4
Dic nobis, quando ista fient? et quod signum erit, quando hæc omnia incipient consummari?
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن سۆز باشلاپ مۇنداق دېدى: ــ ھېزى بولۇڭلاركى، ھېچكىم سىلەرنى ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. 5
Et respondens Jesus cœpit dicere illis: Videte ne quid vos seducat:
چۈنكى نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمدا كېلىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» دەپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ. 6
multi enim venient in nomine meo, dicentes quia ego sum: et multos seducent.
سىلەر ئۇرۇش خەۋەرلىرى ۋە ئۇرۇش شەپىلىرىنى ئاڭلىغىنىڭلاردا، بۇلاردىن ئالاقزادە بولۇپ كەتمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇ زامان ئاخىرى يېتىپ كەلگەنلىكى ئەمەس. 7
Cum audieritis autem bella, et opiniones bellorum, ne timueritis: oportet enim hæc fieri: sed nondum finis.
چۈنكى بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. جاي-جايلاردا يەر تەۋرەشلەر يۈز بېرىدۇ، ئاچارچىلىقلار ۋە قالايمىقانچىلىقلار بولىدۇ. مانا بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى «تۇغۇتنىڭ تولغىقىنىڭ باشلىنىشى» بولىدۇ، خالاس. 8
Exsurget enim gens contra gentem, et regnum super regnum, et erunt terræmotus per loca, et fames. Initium dolorum hæc.
سىلەر بولساڭلار، ئۆزۈڭلارغا پەخەس بولۇڭلار؛ چۈنكى كىشىلەر سىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ سوت مەھكىمىلىرىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، سىناگوگلاردا قامچىلىنىسىلەر. سىلەر مېنىڭ سەۋەبىمدىن ئەمىرلەر ۋە پادىشاھلار ئالدىغا ئېلىپ بېرىلىپ، ئۇلار ئۈچۈن بىر گۇۋاھلىق بولسۇن دەپ سوراققا تارتىلىسىلەر. 9
Videte autem vosmetipsos. Tradent enim vos in consiliis, et in synagogis vapulabitis, et ante præsides et reges stabitis propter me, in testimonium illis.
لېكىن بۇلاردىن ئاۋۋال خۇش خەۋەر پۈتكۈل ئەللەرگە جاكارلىنىشى كېرەك. 10
Et in omnes gentes primum oportet prædicari Evangelium.
ئەمدى ئۇلار سىلەرنى ئاپىرىپ [سوراققا] تاپشۇرغاندا، نېمە دېيىش ھەققىدە نە ئەندىشە نە مۇلاھىزە قىلماڭلار، بەلكى شۇ ۋاقىت-سائىتىدە سىلەرگە قايسى گەپ بېرىلسە، شۇنى ئېيتىڭلار؛ چۈنكى سۆزلىگۈچى سىلەر ئەمەس، مۇقەددەس روھتۇر. 11
Et cum duxerint vos tradentes, nolite præcogitare quid loquamini: sed quod datum vobis fuerit in illa hora, id loquimini: non enim vos estis loquentes, sed Spiritus Sanctus.
قېرىنداش قېرىندىشىغا، ئاتا بالىسىغا خائىنلىق قىلىپ ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىدۇ. بالىلارمۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن زىتلىشىپ، ئۇلارنى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلدۇرىدۇ. 12
Tradet autem frater fratrem in mortem, et pater filium: et consurgent filii in parentes, et morte afficient eos.
شۇنداقلا سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر، لېكىن ئاخىرغىچە بەرداشلىق بەرگەنلەر قۇتقۇزۇلىدۇ. 13
Et eritis odio omnibus propter nomen meum. Qui autem sustinuerit in finem, hic salvus erit.
«ۋەيران قىلغۇچى يىرگىنچلىك نومۇسسىزلىق»نىڭ ئۆزى تۇرۇشقا تېگىشلىك بولمىغان يەردە تۇرغىنىنى كۆرگىنىڭلاردا، (كىتابخان بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى چۈشەنگەي) يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن. 14
Cum autem videritis abominationem desolationis stantem, ubi non debet, qui legit, intelligat: tunc qui in Judæa sunt, fugiant in montes:
ئۆگزىدە تۇرغان كىشى ئۆيىگە چۈشمەي ياكى ئۆيىدىكى بىرەر نېمىنى ئالغىلى ئىچىگە كىرمەي [قاچسۇن]. 15
et qui super tectum, ne descendat in domum, nec introëat ut tollat quid de domo sua:
ئېتىزلاردا تۇرۇۋاتقان كىشى بولسا چاپىنىنى ئالغىلى ئۆيىگە يانمىسۇن. 16
et qui in agro erit, non revertatur retro tollere vestimentum suum.
ئۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! 17
Væ autem prægnantibus et nutrientibus in illis diebus.
[قاچىدىغان] ۋاقتىڭلارنىڭ قىشقا توغرا كېلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. 18
Orate vero ut hieme non fiant.
چۈنكى ئۇ چاغدا خۇدا ياراتقان دۇنيانىڭ ئاپىرىدە قىلىنغاندىن بۇيان مۇشۇ چاغقىچە كۆرۈلۈپ باقمىغان ھەم كەلگۈسىدىمۇ كۆرۈلمەيدىغان زور ئازاب-ئوقۇبەت بولىدۇ. 19
Erunt enim dies illi tribulationes tales quales non fuerunt ab initio creaturæ, quam condidit Deus usque nunc, neque fient.
ئەگەر پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئازايتمىسا، ھېچقانداق ئەت ئىگىسى قۇتۇلالمايدۇ. لېكىن ئۇ ئۆز تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئۇ كۈنلەرنى ئازايتىدۇ. 20
Et nisi breviasset Dominus dies, non fuisset salva omnis caro: sed propter electos, quos elegit, breviavit dies.
ئەگەر ئۇ چاغدا بىرسى سىلەرگە: «قاراڭلار، بۇ يەردە مەسىھ بار!» ياكى «قاراڭلار، ئۇ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار. 21
Et tunc si quis vobis dixerit: Ecce hic est Christus, ecce illic, ne credideritis.
چۈنكى ساختا مەسىھلەر ۋە ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا چىقىدۇ، مۆجىزىلىك ئالامەتلەر ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئەگەر مۇمكىن بولىدىغان بولسا، ئۇلار ھەتتا [خۇدا] تاللىغانلارنى ھەم ئازدۇرىدۇ. 22
Exsurgent enim pseudochristi et pseudoprophetæ, et dabunt signa et portenta ad seducendos, si fieri potest, etiam electos.
شۇنىڭ ئۈچۈن، سىلەر ھوشيار بولۇڭلار. مانا، مەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى سىلەرگە ئالدىنئالا ئۇقتۇرۇپ قويدۇم. 23
Vos ergo videte: ecce prædixi vobis omnia.
ئەمدى شۇ كۈنلەردە، شۇ ئازاب-ئوقۇبەت ئۆتۈپ كەتكەن ھامان، قۇياش قارىيىدۇ، ئاي يورۇقلۇقىنى بەرمەيدۇ، 24
Sed in illis diebus, post tribulationem illam, sol contenebrabitur, et luna non dabit splendorem suum:
يۇلتۇزلار ئاسماندىن تۆكۈلۈپ چۈشىدۇ، ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. 25
et stellæ cæli erunt decidentes, et virtutes, quæ in cælis sunt, movebuntur.
ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ئۇلۇغ كۈچ-قۇدرەت ۋە شان-شەرەپ بىلەن بۇلۇتلار ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. 26
Et tunc videbunt Filium hominis venientem in nubibus cum virtute multa et gloria.
ئۇ ئۆز پەرىشتىلىرىنى ئەۋەتىدۇ، ئۇلار ئۇنىڭ تاللىغانلىرىنى دۇنيانىڭ تۆت تەرىپىدىن، زېمىننىڭ چەتلىرىدىن ئاسماننىڭ چەتلىرىگىچە يىغىپ جەم قىلىدۇ. 27
Et tunc mittet angelos suos, et congregabit electos suos a quatuor ventis, a summo terræ usque ad summum cæli.
ــ ئەنجۈر دەرىخىدىن مۇنداق تەمسىلنى بىلىۋېلىڭلار: ــ ئۇنىڭ شاخلىرى كۆكىرىپ يوپۇرماق چىقارغاندا، يازنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. 28
A ficu autem discite parabolam. Cum jam ramus ejus tener fuerit, et nata fuerint folia, cognoscitis quia in proximo sit æstas:
خۇددى شۇنىڭدەك، [مەن بايا دېگەنلىرىمنىڭ] يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ يېقىنلاپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئىشىك ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلىۋېلىڭلار. 29
sic et vos cum videritis hæc fieri, scitote quod in proximo sit, in ostiis.
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. 30
Amen dico vobis, quoniam non transibit generatio hæc, donec omnia ista fiant.
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. 31
Cælum et terra transibunt, verba autem mea non transibunt.
لېكىن شۇ كۈنى ياكى ۋاقىت-سائىتى توغرۇلۇق خەۋەرنى ھېچكىم بىلمەيدۇ ــ ھەتتا نە ئەرشتىكى پەرىشتىلەرمۇ بىلمەيدۇ، نە ئوغۇل بىلمەيدۇ، ئۇنى پەقەت ئاتىلا بىلىدۇ. 32
De die autem illo vel hora nemo scit, neque angeli in cælo, neque Filius, nisi Pater.
ھوشيار بولۇڭلار، سەگەك بولۇپ دۇئا قىلىڭلار، چۈنكى ئۇ ۋاقىت-سائەتنىڭ قاچان كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسىلەر. 33
Videte, vigilate, et orate: nescitis enim quando tempus sit.
بۇ خۇددى ياقا يۇرتقا چىقماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئەھۋالىغا ئوخشايدۇ. يولغا چىقىدىغان چاغدا، ئۇ قۇللىرىغا ئۆز ھوقۇقىنى بېكىتىپ، ھەربىرىگە ئۆز ۋەزىپىسىنى تاپشۇرىدۇ ۋە دەرۋازىۋەننىڭمۇ سەگەك بولۇشىنى تاپىلايدۇ. 34
Sicut homo qui peregre profectus reliquit domum suam, et dedit servis suis potestatem cujusque operis, et janitori præcepit ut vigilet,
شۇنىڭدەك، سىلەرمۇ سەگەك بولۇڭلار؛ چۈنكى ئۆينىڭ ئىگىسىنىڭ [قايتىپ] كېلىدىغان ۋاقتىنىڭ ــ كەچقۇرۇنمۇ، تۈن يېرىمىمۇ، خوراز چىللىغان ۋاقىتمۇ ياكى سەھەر ۋاقتىمۇ ــ ئۇنى بىلەلمەيسىلەر؛ 35
vigilate ergo (nescitis enim quando dominus domus veniat: sero, an media nocte, an galli cantu, an mane),
ئۇ تۇيۇقسىز كەلگەندە، سىلەرنىڭ ئۇخلاۋاتقىنىڭلارنىڭ ئۈستىگە چۈشمىسۇن! 36
ne, cum venerit repente, inveniat vos dormientes.
سىلەرگە ئېيتقىنىمنى مەن ھەممەيلەنگە ئېيتىمەن: سەگەك تۇرۇڭلار! 37
Quod autem vobis dico, omnibus dico: Vigilate.

< ماركۇس 13 >