< مالاكى 1 >
پەرۋەردىگاردىن مالاكىغا يۈكلەنگەن ۋەھىي، ئۇ ئارقىلىق ئىسرائىلغا كەلگەن: ــ | 1 |
Carga. Palabra de Yahvé a Israel por boca de Malaquías:
ــ مەن سىلەرنى سۆيۈپ كەلدىم ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر: «سەن بىزنى قانداقمۇ سۆيۈپ كەلدىڭ؟» ــ دەيسىلەر. ئەساۋ ياقۇپقا ئاكا بولغان ئەمەسمۇ؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق ياقۇپنى سۆيدۈم، | 2 |
“Os he amado, dice Yahvé, mas vosotros decís: «¿En qué nos amaste?» ¿No era acaso Esaú hermano de Jacob? dice Yahvé, y Yo he amado a Jacob;
ئەساۋغا نەپرەتلەندىم؛ ئۇنىڭ تاغلىرىنى چۆل قىلدىم، مىراسىنى چۆل-باياۋاندىكى چىلبۆرىلەرگە تاپشۇرۇپ بەردىم. | 3 |
a Esaú, empero, he aborrecido, y he convertido sus montañas en soledad, (abandonando) su herencia a los chacales del desierto.
ئېدوم: «بىز ۋەيران قىلىندۇق، بىراق بىز خارابىلەشكەن جايلارنى قايتىدىن قۇرۇپ چىقىمىز» ــ دېسە، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ــ ــ ئۇلار قۇرىدۇ، بىراق مەن ئۆرۈيمەن؛ خەقلەر ئۇلارنى «رەزىللىكنىڭ زېمىنى»، «پەرۋەردىگار مەڭگۈگە غەزەپلىنىدىغان ئەل» دەپ ئاتايدۇ. | 4 |
Si Edom dice: «Aunque hemos sido destruidos, volveremos a edificar las ruinas»; así dice Yahvé de los ejércitos: Ellos edificarán, mas Yo derribaré, y se les llamará: ‘Tierra de impiedad’, y: ‘Pueblo contra el cual Yahvé está indignado para siempre’.
سىلەرنىڭ كۆزلىرىڭلار بۇنى كۆرۈپ: «پەرۋەردىگار ئىسرائىل چېگراسىنىڭ سىرتىدا ئۇلۇغلاندى!» ــ دەيسىلەر. | 5 |
Vuestros ojos lo verán; y diréis: «Grande es Yahvé, aún más allá del país de Israel».
ــ ئوغۇل ئاتىسىنى، قۇل ئىگىسىنى ھۆرمەتلەيدۇ؛ ئەمدى مەن ئاتا بولسام، ھۆرمىتىم قېنى؟ ئىگە بولسام، مەندىن بولغان ئەيمىنىش قېنى؟ ــ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دەيدۇ، ئى مېنىڭ نامىمنى كەمسىتكەن كاھىنلار! بىراق سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ نامىڭنى كەمسىتىپتۇق؟» ــ دەيسىلەر. | 6 |
El hijo honra al padre, y el siervo a su amo. Ahora bien, si Yo soy Padre, ¿dónde queda mi honra? y si soy Señor, ¿dónde está el temor que me corresponde? dice Yahvé de los ejércitos a vosotros, sacerdotes, que despreciáis mi Nombre. Vosotros diréis: «¿En qué hemos despreciado tu Nombre?»
سىلەر قۇربانگاھىم ئۈستىگە بۇلغانغان ئوزۇقنى سۇنىسىلەر؛ ئاندىن سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ سېنى بۇلغاپ قويدۇق؟» ــ دەيسىلەر؛ ئەمەلىيەتتە سىلەر: «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنىنىڭ تايىنى يوقتۇر» ــ دەيسىلەر. | 7 |
Ofrecéis en mi altar pan inmundo y decís: «¿Cómo te hemos profanado?» Con vuestro decir: «La mesa de Yahvé es despreciable».
كور مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟ توكۇر ياكى كېسەل مالنى قۇربانلىققا سۇنساڭلار، بۇ قەبىھلىك ئەمەسمۇ؟ ھازىر بۇنى سېنىڭ ۋالىيىڭغا سۇنۇپ باق؛ ئۇ سەندىن خۇرسەن بولامدۇ؟ ساڭا يۈز-خاتىرە قىلامدۇ؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 8 |
Si ofrecéis un (animal) ciego, ¿no es cosa mala? y si ofrecéis una (res) coja o enferma, ¿no es malo? ¡Preséntalo a tu gobernador! ¿a ver si te lo agradecerá, y te será favorable? dice Yahvé de los ejércitos.
ــ ئەمدى، قېنى، سىلەر تەڭرىدىن بىزگە شەپقەت كۆرسەتكەيسەن دەپ ئۆتۈنۈپ بېقىڭلار؛ قولۇڭلاردىن مۇشۇلار كەلگەندىن كېيىن، ئۇ سىلەردىن ھەرقاندىقىڭلارنى قوبۇل قىلامدۇ؟ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 9 |
Ahora, rogad a Dios que se apiade de nosotros, pues obra de vuestra mano han sido estas cosas. Quizás os será propicio, dice Yahvé de los ejércitos.
ــ ئاراڭلاردىن دەرۋازىلارنى ئېتىپ قويغۇدەك بىرسى چىقمامدۇ؟ شۇنداق بولغاندا سىلەر قۇربانگاھىمدا بىكاردىن-بىكار ئوت قالاپ يۈرمەيتتىڭلار. مېنىڭ سىلەردىن ھېچ خۇرسەنلىكىم يوق، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ۋە قولۇڭلاردىن ھېچقانداق «ئاشلىق ھەدىيە»نى قوبۇل قىلمايمەن. | 10 |
¡Oh si alguno de entre vosotros cerrase las puertas, para que no encendierais en vano (el juego de) mi altar! No tengo complacencia en vosotros, dice Yahvé de los ejércitos, y no me agrada la ofrenda de vuestras manos.
كۈن چىقاردىن كۈن پاتارغا مېنىڭ نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ؛ ھەربىر جايدا نامىمغا خۇشبۇي سېلىنىدىغان بولىدۇ، پاك بىر «ئاشلىق ھەدىيە» سۇنۇلىدۇ؛ چۈنكى نامىم ئەللەر ئارىسىدا ئۇلۇغ دەپ قارىلىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 11 |
Porque desde el orto del sol hasta el ocaso es grande mi Nombre entre las naciones; y en todo lugar se ofrece a mi Nombre incienso y ofrenda pura, pues grande es mi Nombre entre las naciones, dice Yahvé de los ejércitos.
بىراق سىلەر بولساڭلار: «پەرۋەردىگارنىڭ داستىخىنى بۇلغانغان، ئۇنىڭ مېۋىسى، يەنى ئاش-ئوزۇقى نەپرەتلىكتۇر» ــ دېگىنىڭلاردا، سىلەر ئۇنى ھارام قىلىسىلەر؛ | 12 |
Pero vosotros lo profanáis cuando decís: «La mesa del Señor es inmunda, y lo que en ella se ofrece, es un manjar despreciable».
ۋە سىلەر: «مانا، نېمىدېگەن ئاۋارىچىلىك!» دەيسىلەر ۋە ماڭا قاراپ دىمىغىڭلارنى قاقىسىلەر، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ سىلەر يارىلانغان، توكۇر ھەم كېسەل ماللارنى ئېلىپ كېلىسىلەر. قۇربانلىق-ھەدىيىلەرنى شۇ پېتى ئېلىپ كېلىسىلەر؛ مەن بۇنى قولۇڭلاردىن قوبۇل قىلامدىمەن؟ ــ دەيدۇ پەرۋەردىگار. | 13 |
Decís “¡Qué fastidio!”, y la colmáis de desprecio, dice Yahvé de los ejércitos; ofreciéndome lo robado, lo cojo y lo enfermo. ¡Esto me ofrecéis en sacrificio! ¿Acaso lo puedo aceptar de vuestra mano? dice Yahvé.
بەرھەق، پادىسىدا قوچقار تۇرۇپ، رەبكە قىلغان قەسىمىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن بۇلغانغان نەرسىنى قۇربانلىق قىلىدىغان ئالدامچى لەنەتكە قالىدۇ؛ چۈنكى مەن ئۇلۇغ پادىشاھدۇرمەن، نامىم ئەللەر ئارىسىدا ھۆرمەتلىنىدىغان بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 14 |
¡Maldito el fraudulento que tiene en su rebaño un macho, y habiendo hecho un voto, ofrece a Yahvé una res defectuosa! Porque Yo soy un rey grande, dice Yahvé de los ejércitos; y temible es mi Nombre entre las naciones.