< مالاكى 4 >

ــ چۈنكى مانا شۇ كۈن، خۇمداندەك كۆيدۈرگۈچى كۈن كېلىدۇ؛ ھەربىر تەكەببۇرلۇق قىلغۇچى ھەم ھەربىر رەزىللىك قىلغۇچى پاخالدەك بولىدۇ؛ شۇ كېلىدىغان كۈن ئۇلارنى كۆيدۈرىۋېتىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ ئۇلارغا نە يىلتىز نە شاخ قالدۇرۇلمايدۇ. 1
萬軍之耶和華說:「那日臨近,勢如燒着的火爐,凡狂傲的和行惡的必如碎詡,在那日必被燒盡,根本枝條一無存留。
لېكىن نامىمدىن ئەيمىنىدىغان سىلەر ئۈچۈن، قاناتلىرىدا شىپا-دەرمان ئېلىپ كېلىدىغان، ھەققانىيلىقنى پارلىتىدىغان قۇياش ئورنىدىن تۇرىدۇ؛ سىلەر تالاغا چىقىپ بورداق موزايلاردەك قىيغىتىپ ئوينايسىلەر؛ 2
但向你們敬畏我名的人必有公義的日頭出現,其光線有醫治之能。你們必出來跳躍如圈裏的肥犢。
سىلەر رەزىللەرنى چەيلەپ دەسسىۋېتىسىلەر؛ ئۇلار مەن تەييارلىغان كۈنىدە تاپىنىڭلار ئاستىدا كۈل بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 3
你們必踐踏惡人;在我所定的日子,他們必如灰塵在你們腳掌之下。這是萬軍之耶和華說的。
ــ مەن ھورەب تېغىدا پۈتكۈل ئىسرائىل ئۈچۈن قۇلۇم مۇساغا بۇيرۇغان قانۇننى، يەنى بەلگىلىمىلەر ھەم ھۆكۈملەرنى يادىڭلاردا تۇتۇڭلار. 4
「你們當記念我僕人摩西的律法,就是我在何烈山為以色列眾人所吩咐他的律例典章。
ــ مانا، پەرۋەردىگارنىڭ ئۇلۇغ ھەم دەھشەتلىك كۈنى كېلىشتىن ئاۋۋال مەن سىلەرگە ئىلياس پەيغەمبەرنى ئەۋەتىمەن. 5
「看哪,耶和華大而可畏之日未到以前,我必差遣先知以利亞到你們那裏去。
ئۇ ئاتىلارنىڭ كۆڭلىنى بالىلارغا مايىل، بالىلارنىڭ كۆڭلىنى ئاتىلارغا مايىل قىلىدۇ؛ ئۇنداق بولمىغاندا مەن كېلىپ يەر يۈزىنى قارغاش بىلەن ئۇرۇۋېتىمەن. 6
他必使父親的心轉向兒女,兒女的心轉向父親,免得我來咒詛遍地。」

< مالاكى 4 >