< مالاكى 3 >
ــ مانا ئەمدى مەن ئۆز ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن، ئۇ مېنىڭ ئالدىمدا يول تەييارلايدۇ؛ سىلەر ئىزدىگەن رەب، يەنى سىلەر خۇرسەنلىك دەپ بىلگەن ئەھدە ئەلچىسى ئۆز ئىبادەتخانىسىغا تۇيۇقسىز كىرىدۇ؛ مانا، ئۇ كېلىۋاتىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 1 |
Oto ja posyłam Anioła mego, który zgotuje drogę przed obliczem mojem; a zarazem przyjdzie do kościoła swego Panujący, którego wy szukacie, i Anioł przymierza, którego wy żądacie; oto, przyjdzie, mówi Pan zastępów.
ــ بىراق ئۇنىڭ كەلگەن كۈنىدە كىم چىدىيالىسۇن؟ ئۇ كۆرۈنگەندە كىم تۇرالىسۇن؟ چۈنكى ئۇ تاۋلىغۇچىنىڭ ئوتى، كىرچىنىڭ ئاقارتقۇچ شولتىسىدەك بولىدۇ؛ | 2 |
Lecz któż będzie mógł znieść dzień przyjścia jego? I kto się ostoi, gdy on się okaże? Bo on jest jako ogień roztapiający, i jako mydło blecharzów.
ئۇ كۈمۈشنى تاۋلىغۇچى ھەم ئېرىغدىغۇچىدەك تاۋلاپ ئولتۇرىدۇ؛ لاۋىينىڭ بالىلىرىنى ساپلاشتۇرىدۇ، ئۇلارنى ئالتۇن-كۈمۈشنى تاۋلىغاندەك تاۋلايدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇلار پەرۋەردىگارغا ھەققانىيلىقتا قىلىنغان قۇربانلىق-ھەدىيەنى سۇنىدۇ. | 3 |
I będzie siedział roztapiając i wyczyszczając srebro, i oczyści syny Lewiego, i przepławi je jako złoto i jako srebro, i będą ofiarować Panu dar w sprawiedliwości.
ئاندىن يەھۇدا ھەم يېرۇسالېمنىڭ قۇربانلىق-ھەدىيىلىرى پەرۋەردىگارغا كونا زامانلاردىكىدەك، ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردىكىدەك شېرىن بولىدۇ. | 4 |
Tedy Panu będzie wdzięczna ofiara od Judy i od Jeruzalemu, jako za dni pierwszych i jako za lat starodawnych.
مەن ھېساب ئېلىشقا سىلەرگە يېقىن كېلىمەن؛ مەن سېھىرگەرلەرگە، زىناخورلارغا، يالغان قەسەم ئىچكۈچىلەرگە، مەدىكارلارنىڭ ھەققىنى تۇتۇۋېلىپ بوزەك قىلغۇچىلارغا، تۇل خوتۇنلار ھەم يېتىم-يېسىرلارنى خارلىغۇچىلارغا، يات ئادەملەرنى ئۆز ھەققىدىن ئايرىۋەتكۈچىلەرگە، شۇنىڭدەك مەندىن ھېچ قورقمىغانلارغا تېزدىن ئەيىبلىگۈچى گۇۋاھچى بولىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 5 |
Ale się do was przybliżę z sądem, i będę świadkiem prędkim przeciwko czarownikom, i przeciwko cudzołożnikom, i przeciwko krzywoprzysiężcom, i przeciwko tym, którzy krzywdę czyniąc zatrzymywają zapłatę najemnikowi, wdowie i sierocie i cudzoziemcowi krzywdę czynią, a nie boją się mnie, mówi Pan zastępów.
چۈنكى مەنكى پەرۋەردىگار ئۆزگەرمەستۇرمەن؛ شۇڭا سىلەر، ئى ياقۇپنىڭ ئوغۇللىرى، تۈگەشمىگەنسىلەر. | 6 |
Gdyż ja Pan nie odmieniam się, przetoż wy, synowie Jakóbowi! nie jesteście zniszczeni.
ــ ئاتا-بوۋىلىرىڭلارنىڭ كۈنلىرىدىن تارتىپ سىلەر بەلگىلىمىلىرىمدىن چەتنەپ، ئۇلارنى ھېچ تۇتمىغانسىلەر. مېنىڭ يېنىمغا قايتىپ كېلىڭلار، مەن يېنىڭلارغا قايتىمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر: «بىز قانداقمۇ قايتىپ كېلىمىز؟» ــ دەيسىلەر. | 7 |
Zaraz ode dni ojców waszych odstąpiliście od ustaw moich, a nie strzegliście ich; nawróćcież się do mnie, a nawrócę się do was, mówi Pan zastępów. Ale mówicie: W czemże się nawrócimy?
ئادەم خۇدانىڭكىنى بۇلىسا بولامدۇ؟ ــ بىراق ماڭا مېنىڭكىنى بۇلاپ كەلدىڭلار. سىلەر يەنە: «بىز قانداقسىگە ساڭا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىمىز» ــ دەيسىلەر. سىلەر «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىلىرىڭلارنى ھەم «كۆتۈرمە ھەدىيەلەر»نى سۇنغىنىڭلاردا شۇنداق قىلىسىلەر! | 8 |
Izali człowiek ma Boga złupić, że wy mnie łupicie? Wszakże mówicie: W czemże cię łupimy? W dziesięcinach i w ofiarach.
سىلەر ئېغىر بىر لەنەتكە قالدىڭلار، چۈنكى ماڭا بۇلاڭچىلىق قىلىۋاتىسىلەر ــ سىلەر بۇ پۈتكۈل «يات ئەل» شۇنداق قىلىۋاتىسىلەر! | 9 |
Zgołaście przeklęci, iż mię tak łupicie, wy i wszystek naród wasz.
ئەمدى ئۆيۈمدە ئاشلىق بولۇش ئۈچۈن پۈتكۈل «ئوندىن بىر» ئۈلۈش ئۆشرىنى ئامبارغا ئېلىپ كېلىڭلار ۋە شۇنداقلا مېنى سىناپ بېقىڭلار، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ مەن ئاسماننىڭ دېرىزىلىرىنى چوڭ ئېچىپ سىلەرگە پاتقۇزالمىغۇدەك بىر بەرىكەتنى تۆكۈپ بېرىدىغانلىقىمنى كۆرۈپ باقمامسىلەر؟ | 10 |
Znieście wszystkę dziesięcinę do szpichleża, aby była żywność w domu moim, a doświadczcie mię teraz w tem, mówi Pan zastępów; jeźli wam nie otworzę okien niebieskich, a nie wyleję na was błogosławieństwa, tak że go nie będziecie mieli gdzie podziać;
شۇنداق بولغاندىلا مەن سىلەرنى دەپ يەنە يالمىغۇچىنى ئەيىبلەيمەن، ئۇ توپرىقىڭلاردىكى مېۋىلەرنى ۋەيران قىلمايمەن؛ سىلەرنىڭ باغ-ئېتىزلىرىڭلاردىكى تال ئۈزۈملەر ۋاقىتسىز تۆكۈلۈپ كەتمەيدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 11 |
I zgromię dla was pożerającego, a nie popsuję wam urodzaju ziemskiego, i nie pochybi winna macica na polu, mówi Pan zastępów.
ــ شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئەللەر سىلەرنى بەختلىك دەپ ئاتايدۇ، چۈنكى يېرىڭلار ئادەمنى ھۇزۇرلاندۇرىدىغان بىر زېمىن بولىدۇ، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. | 12 |
I będą was błogosławić wszyscy narodowie; bo wy będziecie ziemią rozkoszną, mówi Pan zastępów.
ــ سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلار ماڭا قاتتىق تەگدى، دەيدۇ پەرۋەردىگار، ــ بىراق سىلەر يەنە: «بىز سەن بىلەن قارشىلىشىدىغان نېمە سۆز قىلدۇق؟» ــ دەيسىلەر. | 13 |
Zmocniły się przeciwko mnie słowa wasze, mówi Pan; wszakże mówicie: Cóżeśmy mówili przeciwko tobie?
ــ سىلەر: «خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولۇش بىھۇدىلىكتۇر» ھەم: «ئۇنىڭ تاپشۇرۇقىنى چىڭ تۇتۇشىمىز ۋە ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ئالدىدا ماتەم تۇتقان كىشىلەردەك يۈرۈشىمىزنىڭ نېمە پايدىسى؟» ــ دەيسىلەر، | 14 |
Mówiliście: Próżna to Bogu służyć, a cóż za pożytek, choć będziemy strzedz rozkazania jego, i będziemy smętnie chodzić, bojąc się Pana zastępów?
ھەم شۇنىڭدەك: «تەكەببۇرلارنى بەختلىك دەپ ئاتايمىز؛ رەزىللىك قىلغۇچىلار روناق تاپىدۇ؛ ئۇلار بەرھەق خۇدانى سىنايدۇ، بىراق قۇتۇلۇپ كېتىدۇ» ــ دەيسىلەر. | 15 |
Owszem, pyszne mamy za błogosławione, ponieważ się ci budują, którzy czynią niezbożność, a którzy kuszą Boga, zachowani bywają.
پەرۋەردىگاردىن ئەيمىنىدىغانلار [بۇنى ئاڭلاپ] پات-پات بىر-بىرى بىلەن مۇڭداشتى؛ پەرۋەردىگار ئۇنى نەزىرىگە ئالدى، سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭدىن قورقۇپ، ئۇنىڭ نامىنى سېغىنغانلار ئۈچۈن ئەسلەتمە بولغان بىر خاتىرە كىتاب يېزىلدى. | 16 |
Tedy rozmawiali o tem ci, którzy się boją Pana, każdy z bliźnim swoim. I obaczył Pan, a usłyszał, i napisano księgę pamiątki przed obliczem jego dla bojących się Pana i myślących o imieniu jego.
ــ بۇ كىشىلەر بولسا ئۆزۈمنىڭ ئالاھىدە گۆھەرىمنى يىغقان كۈنىدە مېنىڭكى بولىدۇ ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار ــ ۋە مەن خۇددى ئادەم ئۆز خىزمىتىدە بولغان ئوغلىغا ئىچىنى ئاغرىتقاندەك ئۇلارغا ئىچىمنى ئاغرىتىمەن. | 17 |
Cić mi będą, mówi Pan zastępów, w dzień, który Ja uczynię, własnością; i zmiłuję się nad nimi, jako się zmiłowywa ojciec nad synem swoim, który mu służy.
سىلەر قايتىپ كېلىسىلەر ۋە ھەققانىيلار بىلەن رەزىللەرنى، خۇدانىڭ خىزمىتىدە بولغانلار بىلەن بولمىغانلارنى پەرق ئېتەلەيسىلەر. | 18 |
Tedy się nawrócicie, a obaczycie różność między sprawiedliwym i niezbożnym, między tym, który służy Bogu, i między tym, który mu nie służy.