< مالاكى 2 >

ــ ئەمدى، ھەي كاھىنلار، بۇ ئەمر-پەرمان سىلەرگە چۈشتى: ــ 1
et nunc ad vos mandatum hoc o sacerdotes
سىلەر ئاڭلىمىساڭلار، نامىمغا شان-شەرەپ كەلتۈرۈشكە كۆڭۈل قويمىساڭلار، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، ــ مەن ئاراڭلارغا لەنەتنى چۈشۈرۈپ ئەۋەتىمەن؛ سىلەرنىڭ بەرىكەتلىرىڭلارغىمۇ لەنەت قىلىمەن. بەرھەق، مەن ئاللىقاچان ئۇلارغا لەنەت ئوقۇدۇم، چۈنكى سىلەر [شەرىپىمگە] كۆڭۈل قويمىدىڭلار. 2
si nolueritis audire et si nolueritis ponere super cor ut detis gloriam nomini meo ait Dominus exercituum mittam in vos egestatem et maledicam benedictionibus vestris et maledicam illis quoniam non posuistis super cor
مانا، مەن ئۇرۇقلىرىڭلارغا تەنبىھ بېرىمەن، سىلەرنىڭ يۈزۈڭلەرگە پوق، ھېيتىڭلاردىكى پوقنى سۈرىمەن؛ بىرسى سىلەرنى شۇ پوق بىلەن بىللە ئاپىرىپ تاشلايدۇ. 3
ecce ego proiciam vobis brachium et dispergam super vultum vestrum stercus sollemnitatum vestrarum et adsumet vos secum
شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ سىلەرگە بۇ ئەمرنى ئەۋەتكەنلىكىمنى بىلىسىلەر، مەقسەت، مېنىڭ لاۋىي بىلەن تۈزگەن ئەھدەمنىڭ ساقلىنىۋېرىشى ئۈچۈندۇر، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. 4
et scietis quia misi ad vos mandatum istud ut esset pactum meum cum Levi dicit Dominus exercituum
ــ مېنىڭ ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەھدەم ھاياتلىق ھەم ئارام-خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدۇ؛ ئۇنى مەندىن قورقسۇن دەپ بۇلارنى ئۇنىڭغا بەردىم؛ ئۇ مەندىن قورقۇپ نامىم ئالدىدا تىترىگەنىدى. 5
pactum meum fuit cum eo vitae et pacis et dedi ei timorem et timuit me et a facie nominis mei pavebat
ئاغزىدىن ھەقىقەتنىڭ تەلىم-تەربىيىسى چۈشمىگەن، لەۋلىرىدىن ناھەقلىق تېپىلمىغان؛ ئۇ ئاراملىق-خاتىرجەملىك ھەم دۇرۇسلۇقتا مەن بىلەن بىللە ماڭغان، نۇرغۇن كىشىلەرنى قەبىھلىكتىن ياندۇرغان. 6
lex veritatis fuit in ore eius et iniquitas non est inventa in labiis eius in pace et in aequitate ambulavit mecum et multos avertit ab iniquitate
چۈنكى كاھىننىڭ لەۋلىرى ئىلىم-بىلىمنى ساقلىشى كېرەك، خەقلەر ئۇنىڭ ئاغزىدىن تەۋرات-قانۇنىنى ئىزدىشى لازىم؛ چۈنكى ئۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەلچىسىدۇر. 7
labia enim sacerdotis custodient scientiam et legem requirent ex ore eius quia angelus Domini exercituum est
ــ بىراق سىلەر يولدىن چەتنەپ كەتتىڭلار؛ سىلەر نۇرغۇن كىشىلەر ئۈچۈن تەۋرات-قانۇنىنى پۇتلىكاشاڭغا ئايلاندۇرۇۋەتتىڭلار؛ سىلەر لاۋىي بىلەن تۈزۈلگەن ئەھدىنى بۇزغانسىلەر ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار، 8
vos autem recessistis de via et scandalizastis plurimos in lege irritum fecistis pactum Levi dicit Dominus exercituum
ــ شۇڭا مەن سىلەرنىمۇ پۈتۈن خەلق ئالدىدا نەپرەتلىك ۋە پەسكەش قىلدىم، چۈنكى سىلەر يوللىرىمنى تۇتمىغان، شۇنداقلا تەۋرات-قانۇنىنى ئىجرا قىلغاندا بىر تەرەپكە يان باسقان. 9
propter quod et ego dedi vos contemptibiles et humiles omnibus populis sicut non servastis vias meas et accepistis faciem in lege
ــ بىزدە بىر ئاتا بار ئەمەسمۇ؟ بىزنى ياراتقۇچى پەقەت بىرلا تەڭرى ئەمەسمۇ؟ ئەمدى نېمىشقا ھەربىرىمىز ئۆز قېرىندىشىمىزغا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، ئاتا-بوۋىلىرىمىز بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى بۇلغايمىز؟ 10
numquid non pater unus omnium nostrum numquid non Deus unus creavit nos quare ergo despicit unusquisque nostrum fratrem suum violans pactum patrum nostrorum
يەھۇدا ۋاپاسىزلىق قىلدى، ئىسرائىلدا ھەم يېرۇسالېمدا يىرگىنچلىك بىر ئىش سادىر قىلىندى؛ چۈنكى يەھۇدا پەرۋەردىگار سۆيگەن مۇقەددەس جايىنى بۇلغاپ، يات بىر ئىلاھنىڭ قىزىنى ئەمرىگە ئالدى. 11
transgressus est Iuda et abominatio facta est in Israhel et in Hierusalem quia contaminavit Iudas sanctificationem Domini quam dilexit et habuit filiam dei alieni
ئۇنداق قىلغۇچى، يەنى ئازدۇرغۇچى بولسۇن، ئازدۇرۇلغۇچى بولسۇن، ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگارغا «ئاشلىق ھەدىيە»نى ئېلىپ كەلگۈچى بولسۇن، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ياقۇپنىڭ چېدىرلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلايدۇ. 12
disperdat Dominus virum qui fecerit hoc magistrum et discipulum de tabernaculis Iacob et offerentem munus Domino exercituum
سىلەر شۇنىڭدەك شۇنداق قىلىسىلەركى، قۇربانگاھنى كۆز ياشلىرى، يىغا، ئاھ-زارلار بىلەن قاپلايسىلەر ــ چۈنكى ئۇ قۇربانلىق-ھەدىيىلەرگە ھېچ قارىمايدىغان بولدى، ئۇنىڭدىن ھېچ رازى بولماي قولۇڭلاردىن قوبۇل قىلمايدىغان بولدى. 13
et hoc rursum fecistis operiebatis lacrimis altare Domini fletu et mugitu ita ut ultra non respiciam ad sacrificium nec accipiam placabile quid de manu vestra
بىراق سىلەر: «نېمىشقا؟» دەپ سورايسىلەر. ــ چۈنكى پەرۋەردىگار سەن ۋە ياشلىقىڭدا ئالغان ئايالىڭ ئوتتۇرىسىدا گۇۋاھچى بولغانىدى؛ سەن ئۇنىڭغا ۋاپاسىزلىق قىلدىڭ، گەرچە ئۇ سېنىڭ ھەمراھىڭ ۋە سەن ئەھدە تۈزگەن ئايالىڭ بولسىمۇ. 14
et dixistis quam ob causam quia Dominus testificatus est inter te et uxorem pubertatis tuae quam tu despexisti et haec particeps tua et uxor foederis tui
خۇدا [ئەر-ئايالنى] بىر قىلغان ئەمەسمۇ؟ شۇنداقلا، بۇنىڭغا روھىنى قالدۇرغان ئەمەسمۇ؟ [خۇدا] نېمىشقا ئۇلارنى بىر قىلدى؟ چۈنكى ئۇ ئۇلاردىن ئىخلاسمەن پەرزەنت كۈتكەنىدى. ئەمدى ھەربىرىڭلار ئۆز قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىسى ياشلىقتا ئالغان ئايالىغا ۋاپاسىزلىق قىلمىسۇن! 15
nonne unus fecit et residuum spiritus eius est et quid unus quaerit nisi semen Dei custodite ergo spiritum vestrum et uxorem adulescentiae tuae noli despicere
چۈنكى مەن تالاق قىلىشقا ئۆچتۇرمەن، دەيدۇ ئىسرائىلنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگار، ــ شۇنىڭدەك ئۆز تونىغا زومبۇرلۇق چاپلاشتۇرۇۋالغۇچىغا ئۆچمەن، ــ دەيدۇ ساماۋى قوشۇنلارنىڭ سەردارى بولغان پەرۋەردىگار. ــ شۇڭا قەلب-روھىڭلارغا دىققەت قىلىڭلار، ھېچقايسىڭلار ۋاپاسىزلىق قىلماڭلار! 16
cum odio habueris dimitte dicit Dominus Deus Israhel operiet autem iniquitas vestimentum eius dicit Dominus exercituum custodite spiritum vestrum et nolite despicere
ــ سىلەر سۆزلىرىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويمىدىڭلار، ئاندىن سىلەر: «بىز نېمە قىلىپ ئۇنىڭ سەۋر-تاقىتىنى قويماپتۇق؟» ــ دەيسىلەر. سەۋر-تاقىتىنى قويمىغانلىقىڭلار بولسا دەل: «رەزىللىك قىلغۇچى پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە ياخشىدۇر، ئۇ ئۇلاردىن خۇرسەن بولىدۇ»؛ ياكى «ئادالەتنى يۈرگۈزگۈچى خۇدا زادى نەدىدۇر؟» ــ دېگىنىڭلەردە بولمامدۇ! 17
laborare fecistis Dominum in sermonibus vestris et dixistis in quo eum fecimus laborare in eo cum diceretis omnis qui facit malum bonus est in conspectu Domini et tales ei placent aut certe ubi est Deus iudicii

< مالاكى 2 >