ئەيسا ئون ئىككىيلەننى چاقىرىپ، ئۇلارغا بارلىق جىنلارنى ھەيدىۋېتىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا قۇدرەت ۋە ھوقۇق بەردى. | 1 |
יום אחד קרא אליו ישוע את שנים־עשר תלמידיו, והעניק להם סמכות וכוח לגרש שדים ולרפא מחלות. |
ئاندىن ئۇلارنى خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جار قىلىش ۋە كېسەللەرنى ساقايتىشقا ئەۋەتتى. | 2 |
לאחר מכן שלח אותם לספר לכולם על בוא מלכות האלוהים ולרפא את החולים. |
ئۇ ئۇلارغا: ــ سىلەر سەپەر ئۈچۈن ھېچ نەرسە ئالماڭلار، نە ھاسا، نە خۇرجۇن، نە نان، نە پۇل ئېلىۋالماڭلار؛ بىرەر ئارتۇق يەكتەكمۇ ئېلىۋالماڭلار. | 3 |
”אל תיקחו אתכם דבר“, הורה להם ישוע.”אל תיקחו אתכם מקל הליכה, תרמיל, מזון, כסף ואף לא בגדים להחלפה. |
ۋە قايسى ئۆيگە [قوبۇل قىلىنىپ] كىرسەڭلار، ئۇ يۇرتتىن كەتكۈچە شۇ ئۆيدە تۇرۇڭلار. | 4 |
בכל עיר או כפר התארחו בבית אחד בלבד. |
ئەمدى قايسى يەردىكى كىشىلەر سىلەرنى قوبۇل قىلمىسا، ئۇ شەھەردىن چىققىنىڭلاردا ئۇلارغا ئاگاھ-گۇۋاھ بولسۇن ئۈچۈن ئايىغىڭلاردىكى توپىنىمۇ قېقىۋېتىڭلار! ــ دېدى. | 5 |
”אם התושבים לא יקשיבו לדבריכם, צאו מאותה עיר ונערו את העפר מעל רגליכם, כסימן לכך שעשיתם את המוטל עליכם והזהרתם אותם.“ |
مۇخلىسلار يولغا چىقىپ، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىپ، ھەممە يەردە كېسەللەرنى ساقايتتى. | 6 |
התלמידים יצאו לדרך, ובעברם מעיר לעיר ומכפר לכפר בישרו את דבר אלוהים וריפאו את החולים. |
ئەمدى ھېرود ھاكىم ئۇنىڭ بارلىق قىلغانلىرىدىن خەۋەر تېپىپ، قايمۇقۇپ قالدى. چۈنكى بەزىلەر: «مانا يەھيا ئۆلۈمدىن تىرىلىپتۇ!» دېسە، | 7 |
כשהגיעו השמועות על כוחו ונפלאותיו של ישוע לאוזני המושל הורדוס, הוא נמלא מבוכה ודאגה, כי היו אנשים שאמרו:”זהו יוחנן המטביל שקם לתחייה!“ |
يەنە بەزىلەر: «ئىلياس پەيغەمبەر [قايتا] پەيدا بولدى» ۋە يەنە باشقىلار: «قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى قايتىدىن تىرىلىپتۇ!» دەيتتى. | 8 |
או:”האיש הזה הוא אליהו הנביא!“היו שאמרו:”זהו אחד הנביאים שקם לתחייה!“ |
ھېرود: «مەن يەھيانىڭ كاللىسىنى ئالدۇرغانىدىم، ئەمدى مەن مۇشۇ گېپىنى ئاڭلاۋاتقان زات زادى كىمدۇ؟» ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدىدى. | 9 |
”יוחנן?“תמה הורדוס.”הרי כרתי את ראשו, אז מיהו האיש שעליו אני שומע ניסים ונפלאות?“והורדוס חיפש דרך לפגוש את ישוע. |
روسۇللار بولسا قايتىپ كېلىپ، ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەيساغا مەلۇم قىلدى. ئۇ ئۇلارنى ئېلىپ، خۇپىيانە ھالدا بەيت-سائىدا دېگەن شەھەردىكى خىلۋەت بىر يەرگە كەلدى. | 10 |
לאחר שחזרו השליחים ודיווחו לישוע על כל מעשיהם, הוא עזב את הקהל איתם והם הלכו יחד לבית־צידה כדי להיות לבדם. |
بىراق خالايىق بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلدى. ئۇ ئۇلارنى قارشى ئېلىپ، ئۇلارغا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرىسىدا سۆزلىدى ۋە شىپاغا موھتاجلارنى ساقايتتى. | 11 |
אבל ההמונים גילו לאן ישוע הלך והלכו בעקבותיו. ישוע קיבל אותם בחמימות ולימד אותם על מלכות האלוהים. הוא גם ריפא את החולים שביניהם. |
كۈن ئولتۇراي دېگەندە، ئون ئىككىيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ خالايىقنى يولغا سالساڭ، ئۇلار ئەتراپتىكى يېزا-قىشلاقلارغا ۋە ئېتىزلارغا بېرىپ قونغۇدەك جايلار ۋە ئوزۇق-تۈلۈك تاپسۇن؛ چۈنكى مۇشۇ يەر چۆللۈك ئىكەن، ــ دېدى. | 12 |
לפנות ערב ניגשו שנים־עשר התלמידים אל ישוע והאיצו בו לשלוח את הקהל אל הכפרים והמשקים שבסביבה כדי לקנות אוכל ולחפש מקום לינה, כי האזור שבו היו היה שומם לגמרי. |
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇلارغا ئۆزۈڭلار ئوزۇق بېرىڭلار، ــ دېدى. ــ بىزدە پەقەت بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقتىن باشقا نەرسە يوق. بۇ بارلىق خەلقكە ئوزۇق-تۈلۈك سېتىۋېلىپ كېلەمدۇق؟! ــ دېيىشتى ئۇلار. | 13 |
”אתם תאכילו אותם!“אמר ישוע לתלמידיו. אך התלמידים אמרו:”יש לנו רק חמש ככרות לחם ושני דגים. האם אתה רוצה שנלך לקנות אוכל לכל ההמון הזה?“ |
چۈنكى شۇ يەردە يىغىلغان ئەرلەرنىڭلا سانى بەش مىڭچە ئىدى. ئۇ مۇخلىسلارغا: ــ خالايىقنى ئەللىكتىن-ئەللىكتىن بۆلۈپ ئولتۇرغۇزۇڭلار، ــ دېدى. | 14 |
כחמשת־אלפים גברים היו שם (לא כולל נשים וילדים).”אמרו להם לשבת בשורות של חמישים איש“, הורה ישוע לתלמידיו. |
ئۇلار ئۇنىڭ دېگىنىچە قىلىپ ھەممەيلەننى ئولتۇرغۇزدى. | 15 |
התלמידים עשו כדבריו והושיבו את הקהל. |
ئەيسا بەش نان بىلەن ئىككى بېلىقنى قولىغا ئېلىپ، ئاسمانغا قاراپ [خۇداغا] تەشەككۈر ئېيتىپ بۇلارنى بەرىكەتلىدى. ئاندىن ئۇلارنى ئوشتۇپ، خالايىققا سۇنۇپ بېرىش ئۈچۈن مۇخلىسلىرىغا بەردى. | 16 |
ישוע לקח את חמש ככרות הלחם ואת שני הדגים, הביט לשמים, וביקש מאלוהים שיברך את האוכל. לאחר מכן פרס את הלחם, חתך את הדגים והגיש לתלמידיו שיחלקו לעם. |
ھەممەيلەن يەپ تويۇندى. ئاندىن شۇلاردىن ئېشىپ قالغان پارچىلىرىنى ئون ئىككى سېۋەتكە يىغىپ قاچىلىدى. | 17 |
כולם אכלו עד ששבעו, וכאשר אספו את הפירורים שנשארו מילאו שנים־עשר סלים. |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ ئۆزى يالغۇز دۇئا قىلىۋاتقاندا، مۇخلىسلىرى يېنىدا تۇراتتى. ئۇ ئۇلاردىن: ــ خالايىق مېنى كىم دەيدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 18 |
יום אחד כשהתפלל ישוע לבדו ורק תלמידיו היו בחברתו, הוא שאל אותם:”למי חושבים אותי האנשים?“ |
ئۇلار جاۋابەن: ــ بەزىلەر سېنى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا، بەزىلەر ئىلياس [پەيغەمبەر]، ۋە يەنە بەزىلەر قەدىمكى پەيغەمبەرلەردىن بىرى تىرىلىپتۇ دەيدۇ، ــ دېدى. | 19 |
”ליוחנן המטביל“, השיבו התלמידים.”אבל יש החושבים שאתה אליהו הנביא, ואחרים חושבים שאתה אחד מאבותינו הנביאים שקם לתחייה.“ |
ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەرچۇ؟ سىلەر مېنى كىم دەپ بىلىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. پېترۇس جاۋاب بېرىپ: ــ سەن خۇدانىڭ مەسىھىدۇرسەن، ــ دېدى. | 20 |
”למי אתם חושבים אותי?“המשיך ישוע לשאול.”אתה משיח אלוהים!“ענה פטרוס. |
ئۇ ئۇلارغا قاتتىق جېكىلەپ، بۇ ئىشنى ھېچكىمگە تىنماڭلار، دەپ تاپىلىدى. | 21 |
ישוע ציווה עליהם לא לספר זאת לאיש. |
ــ چۈنكى ئىنسانئوغلىنىڭ نۇرغۇن ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئاقساقاللار، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلۈشى مۇقەررەر، ــ دېدى. | 22 |
”על בן־האדם לסבול הרבה“, הוסיף ישוע.”זקני היהודים, ראשי הכוהנים והסופרים ידחו אותו ואף יהרגו אותו, אולם כעבור שלושה ימים יקום לתחייה!“ |
ئاندىن ئۇ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېدى: ــ كىمدەكىم ماڭا ئەگىشىشنى نىيەت قىلسا، ئۆزىدىن كېچىپ، ھەر كۈنى ئۆزىنىڭ كرېستىنى كۆتۈرۈپ ماڭا ئەگەشسۇن! | 23 |
לאחר מכן אמר ישוע לכולם:”מי שרוצה ללכת בעקבותיי חייב להתכחש לעצמו, לוותר על נוחיותו ושאיפותיו, לשאת עמו את צלבו יום־יום ולבוא אחרי. |
چۈنكى كىمدەكىم ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزىمەن دەيدىكەن، چوقۇم ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن مەن ئۈچۈن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ھاياتىنى قۇتقۇزىدۇ. | 24 |
כי מי שחפץ להציל את חייו – יאבד אותם, ואילו מי שיוותר על חייו למעני – יציל אותם. |
چۈنكى بىر ئادەم پۈتۈن دۇنياغا ئىگە بولۇپ، ئۆزىنى ھالاك قىلسا ياكى ئۆزىدىن مەھرۇم قالسا، بۇنىڭ نېمە پايدىسى بولسۇن؟! | 25 |
מה הרוויח אדם שהשיג את העולם כולו אבל הפסיד חיי־נצח? |
چۈنكى كىمدەكىم مەندىن ۋە مېنىڭ سۆزلىرىمدىن نومۇس قىلسا، ئىنسانئوغلى ئۆزىنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە، ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ۋە مۇقەددەس پەرىشتىلەرنىڭ شان-شەرىپى ئىچىدە قايتىپ كەلگىنىدە ئۇنىڭدىنمۇ نومۇس قىلىدۇ. | 26 |
”דעו לכם, שכל מי שמתבייש בי ובדברי, הוא יהיה לבושה לבן־האדם כאשר יבוא בכבודו ובכבוד של אביו עם המלאכים הקדושים. |
لېكىن مەن دەرھەقىقەت سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ يەردە تۇرغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئۆلۈمنىڭ تەمىنى تېتىشتىن بۇرۇن جەزمەن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى كۆرىدىغانلار باردۇر. | 27 |
אני אומר לכם את האמת: בין העומדים פה עתה יש כאלה שלא ימותו לפני שיראו את מלכות האלוהים!“ |
بۇ سۆزلەردىن تەخمىنەن سەككىز كۈن كېيىن شۇنداق بولدىكى، ئۇ پېترۇس، يۇھاننا ۋە ياقۇپنى ئېلىپ، دۇئا قىلىش ئۈچۈن بىر تاغقا چىقتى. | 28 |
כעבור שמונה ימים לקח איתו ישוע את פטרוס, יוחנן ויעקב ועלה על אחד ההרים כדי להתפלל. |
ئۇ دۇئا قىلىۋاتقىنىدا، ئۇنىڭ يۈزىنىڭ قىياپىتى ئۆزگەردى ۋە كىيىملىرى ئاپئاق بولۇپ چاقماقتەك چاقنىدى. | 29 |
בזמן שישוע התפלל, פניו השתנו ובגדיו הלבינו והבריקו. |
ۋە مانا، ئىككى ئادەم پەيدا بولۇپ ئۇنىڭ بىلەن سۆزلىشىشىۋاتقانىدى؛ ئۇلار مۇسا ۋە ئىلياس [پەيغەمبەرلەر] ئىدى. | 30 |
לפתע הופיעו משה רבנו ואליהו הנביא ודיברו איתו. |
ئۇلار پارلاق جۇلا ئىچىدە ئايان بولۇپ، ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمدا ئادا قىلىدىغان «دۇنيادىن ئۆتۈپ كېتىش»ى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. | 31 |
הופעתם הייתה מרשימה ומהודרת, והם דיברו עם ישוע על מותו הקרוב בירושלים, שהיה צפוי לפי דבר ה׳. |
ئەمدى پېترۇس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى خېلى ئۈگىدەك باسقانىدى؛ لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇيقۇسى تولۇق ئېچىلغاندا ئۇلار ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇرغان ئىككى ئادەمزاتنى كۆردى. | 32 |
בינתיים שקעו פטרוס והאחרים בשינה עמוקה, וכשהתעוררו ראו את כבודו והדרו של ישוע ואת השנים שעמדו לידו. |
ۋە شۇنداق بولدىكى، بۇ ئىككىسى ئەيسادىن ئايرىلىۋاتقاندا، پېترۇس ئۆزىنىڭ نېمىنى دەۋاتقانلىقىنى بىلمىگەن ھالدا ئەيساغا: ــ ئۇستاز، بۇ يەردە بولغىنىمىز ئىنتايىن ياخشى بولدى! بىرىنى ساڭا، بىرىنى مۇساغا، يەنە بىرىنى ئىلياسقا ئاتاپ بۇ يەرگە ئۈچ كەپە ياسايلى، ــ دېدى. | 33 |
כשעמדו אליהו ומשה ללכת קרא פטרוס, בלי לדעת מה הוא אומר:”רבי, כמה טוב שאנחנו כאן! מדוע לא נקים כאן שלוש סוכות לכבוד – לך, למשה ולאליהו?“ |
لېكىن ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، بىر پارچە بۇلۇت پەيدا بولۇپ ئۇلارنى قاپلىۋالدى؛ ئۇلار بۇلۇت ئىچىگە كىرىپ قالغىنىدا قورقۇشۇپ كەتتى. | 34 |
בעודו מדבר כיסה אותם ענן והם נמלאו פחד. |
بۇلۇتتىن تۇيۇقسىز بىر ئاۋاز ئاڭلىنىپ: ــ بۇ مېنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلۇمدۇر. ئۇنىڭغا قۇلاق سېلىڭلار! ــ دېدى. | 35 |
ומן הענן קרא קול:”זהו בני בחירי, שמעו בקולו.“ |
ئاۋاز ئاڭلانغاندىن كېيىن، قارىسا، ئەيسا ئۆزى يالغۇز قالغانىدى. ئۇلار سۈكۈت قىلىپ قېلىشتى ۋە شۇ كۈنلەردە ئۆزلىرى كۆرگەن ئىشلاردىن ھېچقايسىسىنى ھېچكىمگە ئېيتمىدى. | 36 |
לאחר הקול נראה ישוע עומד לבדו. התלמידים לא סיפרו לאיש את אשר ראו אלא חיכו. |
ئەتىسى، ئۇلار تاغدىن چۈشكەن ۋاقتىدا، زور بىر توپ كىشىلەر ئۇنى قارشى ئالدى. | 37 |
כשירדו מן ההר למחרת, באו אנשים רבים לקראת ישוע, |
مانا، توپنىڭ ئارىسىدىن بىرەيلەن ۋارقىراپ: ــ ئۇستاز، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئوغلۇمغا ئىچىڭنى ئاغرىتىپ قاراپ قويغايسەن! چۈنكى ئۇ مېنىڭ بىرلا بالام ئىدى. | 38 |
ואחד מהם קרא:”רבי, אני מתחנן לפניך שתביט בבני היחיד. |
مانا، ئۇنى دائىم بىر روھ تۇتۇۋېلىپ، ئۇ ئۆزىچىلا ۋارقىراپ-جارقىراپ كېتىدىغان بولۇپ قالدى؛ ئۇ ئۇنىڭ بەدىنىنى تارتىشتۇرۇپ، ئاغزىدىن ئاق كۆپۈك كەلتۈرۈۋېتىدۇ. [جىن] ئۇنى دائىم دېگۈدەك قىيناپ، ئۇنىڭغا ھېچ ئارام بەرمەيدۇ. | 39 |
שד אוחז בו, הוא גורם לו לצרוח ללא סיבה, משליך אותו על הרצפה ומתיש את כוחו עד שריר נוזל מפיו. השד הזה מדכא את בני מאוד וכמעט שאינו מניח לו לנפשו. |
مەن مۇخلىسلىرىڭىزدىن روھنى ھەيدىۋېتىشنى ئۆتۈنۈۋىدىم، بىراق ئۇلار ئۇنداق قىلالمىدى، ــ دېدى. | 40 |
התחננתי לפני תלמידיך שיגרשו את השד, אבל הם לא יכלו לעשות זאת.“ |
ئەيسا جاۋابەن: ــ ئەي ئېتىقادسىز ۋە تەتۈر دەۋر، سىلەر بىلەن قاچانغىچە تۇرۇپ، سىلەرگە سەۋر قىلاي؟ ــ ئوغلۇڭنى ئالدىمغا ئېلىپ كەلگىن ــ دېدى. | 41 |
”מה עיקש וחסר־אמונה הדור הזה!“קרא ישוע.”עד מתי יהיה עלי לסבול אתכם? הביאו אלי את הילד!“ |
بالا تېخى يولدا كېلىۋاتقاندا، جىن ئۇنى يىقىتىپ، پۈتۈن بەدىنىنى تارتىشتۇردى. ئەيسا ناپاك روھقا تەنبىھ بېرىپ، بالىنى ساقايتتى ۋە ئۇنى ئاتىسىغا قايتۇرۇپ بەردى. | 42 |
לפני שהספיק הילד להגיע אל ישוע, השד הפיל אותו ארצה כאשר הוא מפרכס. אולם ישוע גירש ממנו את השד בגערה, ריפא אותו והשיבו לאביו. |
ھەممەيلەن خۇدانىڭ شەرەپلىك كۈچ-قۇدرىتىگە قىن-قىنىغا پاتماي تەئەججۈپلەندى. ھەممىسى ئەيسانىڭ قىلغانلىرىغا ھەيران قېلىشىپ تۇرغاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق ئېيتتى: | 43 |
כשראו הנוכחים את הגילוי הזה של כוח אלוהים, נפלה עליהם יראה גדולה. בעוד הקהל מתפעל ומחליף רשמים על מעשיו הנפלאים, אמר ישוע לתלמידיו: |
ــ بۇ سۆزلەرنى قۇلاقلىرىڭلارغا ئوبدان سىڭدۈرۈپ قويۇڭلار. چۈنكى ئىنسانئوغلى پات ئارىدا [ساتقۇنلۇقتىن] ئىنسانلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بېرىلىدۇ، ــ دېدى. | 44 |
”הקשיבו לדברי בתשומת לב: בן־האדם עומד להימסר לידי אנשים.“ |
بىراق ئۇلار بۇ سۆزنى چۈشىنەلمىدى. بۇنىڭ مەنىسى ئۇلار چۈشىنىپ يەتمىسۇن ئۈچۈن ئۇلاردىن يوشۇرۇلغانىدى. ئۇلار ئۇنىڭدىن بۇ سۆز توغرۇلۇق سوراشقىمۇ پېتىنالمىدى. | 45 |
אולם התלמידים לא הבינו למה התכוון; דבר־מה מנע מבעדם מלהבין והם חששו לשאול אותו למה התכוון. |
ئەمدى مۇخلىسلار ئارىسىدا ئۇلاردىن كىمنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ بولىدىغانلىقى توغرۇلۇق تالاش-تارتىش پەيدا بولدى. | 46 |
בין התלמידים התעורר ויכוח: מיהו החשוב והגדול ביניהם. |
ئەمما ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكى ئويلارنى كۆرۈپ يېتىپ، كىچىك بىر بالىنى ئېلىپ يېنىدا تۇرغۇزۇپ، | 47 |
ישוע ידע את מחשבותיהם ולכן קרא לילד קטן, העמידו לידו |
ئۇلارغا: ــ كىم مېنىڭ نامىمدا بۇ كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ ۋە كىم مېنى قوبۇل قىلسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇتقىنى بولسا ئۇلۇغ بولىدۇ، ــ دېدى. | 48 |
ואמר לתלמידיו:”מי שמקבל ילד קטן כזה, כאילו מקבל אותי; ומי שמקבל אותי, מקבל למעשה את אבי אשר שלח אותי. הקטן מביניכם – הצנוע והעניו ביותר – הוא הגדול ביניכם!“ |
يۇھاننا جاۋابەن ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، سېنىڭ نامىڭ بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن ئۇ بىز بىلەن بىرگە ساڭا ئەگەشمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن، ئۇنى توستۇق، ــ دېدى. | 49 |
יוחנן תלמידו פנה אליו ואמר:”רבי, ראינו איש שמגרש שדים בשמך ואמרנו לו לחדול מכך, כי אין הוא שייך לקבוצתנו.“ |
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئۇنى توسماڭلار. چۈنكى كىم سىلەرگە قارشى تۇرمىسا سىلەرنى قوللىغانلاردىندۇر، ــ دېدى. | 50 |
”לא הייתם צריכים לומר לו זאת, “השיב לו ישוע,”כי מי שאינו נגדכם הוא בעדכם.“ |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇنىڭ ئاسمانغا ئېلىپ كېتىلىدىغان كۈنلىرىنىڭ توشۇشىغا ئاز قالغاندا، ئۇ قەتئىيلىك بىلەن يۈزىنى يېرۇسالېمغا بېرىشقا قاراتتى. | 51 |
בהתקרב המועד שבו יילקח לשמים, התכונן ישוע ללכת לירושלים. |
[شۇنىڭ ئۈچۈن] ئۇ ئالدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتتى. ئۇلار يولغا چىقىپ، ئۇنىڭ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىش ئۈچۈن سامارىيە ئۆلكىسىدىكى بىر يېزىغا كىردى. | 52 |
יום אחד הוא שלח לפניו שליחים, כדי שיכינו לו מקום לינה באחד מכפרי השומרונים. |
بىراق ئۇ يۈزىنى يېرۇسالېمغا قاراتقانلىقى تۈپەيلىدىن يېزىدىكىلەر ئەيسانى قوبۇل قىلمىدى. | 53 |
אולם השומרונים סרבו לתת להם מקום לינה, משום שפניהם של ישוע ותלמידיו היו מועדות לירושלים (לשומרונים היה ויכוח עם היהודים בנוגע לירושלים). |
ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىدىن ياقۇپ بىلەن يۇھاننا بۇ ئىشنى كۆرۈپ: ــ ئى رەب، ئۇلارنى كۆيدۈرۈپ يوقىتىش ئۈچۈن ئىلىياس پەيغەمبەردەك ئاسماندىن ئوت يېغىشىنى چىقىرىشىمىزنى خالامسەن؟ ــ دېدى. | 54 |
כשהגיע הדבר לאוזני ישוע ותלמידיו, שאלו יעקב ויוחנן:”אתה רוצה שנצווה כי תרד אש מהשמים ותשרוף אותם?“ |
لېكىن ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ: «سىلەر قانداق روھتىن بولغانلىقىڭلارنى بىلمەيدىكەنسىلەر» ــ دېدى. | 55 |
אולם ישוע גער בהם, |
ئاندىن ئۇلار باشقا بىر يېزىغا ئۆتۈپ كەتتى. | 56 |
והחבורה המשיכה בדרכה אל כפר אחר. |
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، بىرسى ئۇنىڭغا: ــ ئى رەب، سەن قەيەرگە بارما، مەن ساڭا ئەگىشىپ ماڭىمەن، ــ دېدى. | 57 |
בדרך אמר מישהו לישוע:”אדוני, לאן שתלך, אני אלך אחריך!“ |
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ تۈلكىلەرنىڭ ئۆڭكۈرلىرى، ئاسماندىكى قۇشلارنىڭ ئۇۋىلىرى بار. بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ بېشىنى قويغۇدەك يېرىمۇ يوق، ــ دېدى. | 58 |
אולם ישוע השיב לו:”אל תשכח שאין לי מקום להניח את ראשי. השועלים מתגוררים במחילות האדמה ולציפורים יש קנים, אולם לבן־האדם אין מקום להניח בו את ראשו.“ |
ئۇ يەنە باشقا بىرسىگە: ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. لېكىن ئۇ: ــ رەب، ئاۋۋال بېرىپ ئاتامنى يەرلىككە قويغىلى ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى. | 59 |
בהזדמנות אחרת אמר ישוע לאיש מסוים:”בוא אחרי והיה תלמיד שלי.“האיש הסכים, אולם ביקש לקבור תחילה את אביו. |
لېكىن ئەيسا ئۇنىڭغا ــ ئۆلۈكلەر ئۆز ئۆلۈكلىرىنى كۆمسۇن! بىراق سەن بولساڭ، بېرىپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى جاكارلىغىن، ــ دېدى. | 60 |
”הנח למתים (מבחינה רוחנית) לקבור את המתים שלהם“, אמר לו ישוע.”ואילו אתה לך להכריז על מלכות האלוהים.“ |
يەنە بىرسى: ــ ئەي رەب، مەن ساڭا ئەگىشىمەن، لېكىن ئاۋۋال ئۆيۈمگە بېرىپ، ئۆيدىكىلىرىم بىلەن خوشلىشىشىمغا ئىجازەت بەرگەيسەن، ــ دېدى. | 61 |
איש אחר אמר לישוע:”אני אלך אחריך, אדוני, אך הרשה לי תחילה ללכת הביתה ולהיפרד מבני משפחתי.“ |
ــ كىم قولىدا قوشنىڭ تۇتقۇچىنى تۇتۇپ تۇرۇپ كەينىگە قارىسا، ئۇ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا لايىق ئەمەستۇر، ــ دېدى. | 62 |
אבל ישוע השיב לו:”השם את ידו על המחרשה ומביט אחריו לא יהיה כשיר למלכות האלוהים.“ |