< لۇقا 8 >
كېيىن، [ئەيسا] شۇ يۇرتلارنى كېزىپ، شەھەرمۇ-شەھەر، يېزىمۇ-يېزا خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى ئېلان قىلىپ جاكارلىدى؛ ئون ئىككىيلەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىرگە باردى. | 1 |
Keyin, [Əysa] xu yurtlarni kezip, xǝⱨǝrmu-xǝⱨǝr, yezimu-yeza Hudaning padixaⱨliⱪining hux hǝwirini elan ⱪilip jakarlidi; on ikkiylǝnmu uning bilǝn birgǝ bardi.
ئۇنىڭ بىلەن بىللە بارغانلاردىن يەنە يامان روھلاردىن ۋە ئاغرىق-سىلاقلاردىن ساقايتىلغان بەزى ئاياللارمۇ بار ئىدى؛ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىدىن يەتتە جىن ھەيدەپ چىقىرىلغان مەريەم (ماگداللىق دەپ ئاتالغان)، | 2 |
Uning bilǝn billǝ barƣanlardin yǝnǝ yaman roⱨlardin wǝ aƣriⱪ-silaⱪlardin saⱪaytilƣan bǝzi ayallarmu bar idi; ularning arisida ɵzidin yǝttǝ jin ⱨǝydǝp qiⱪirilƣan Mǝryǝm (Magdalliⱪ dǝp atalƣan),
ھېرود [خان]نىڭ ساراي غوجىدارى خۇزانىڭ ئايالى يوئاننا، سۇزاننا ۋە باشقا نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار ئىدى. بۇلار ئۆز مال-مۈلۈكلىرى بىلەن ئۇ [ۋە ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىنىڭ] ھاجەتلىرىدىن چىقاتتى. | 3 |
Ⱨerod [han]ning saray ƣojidari Huzaning ayali Yoanna, Suzanna wǝ baxⱪa nurƣun ayallarmu bar idi. Bular ɵz mal-mülükliri bilǝn u [wǝ uning muhlislirining] ⱨajǝtliridin qiⱪatti.
چوڭ بىر توپ ئادەملەر يىغىلغاندا، شۇنداقلا ھەرقايسى شەھەرلەردىن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلگەندە، ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىل سۆزلەپ بەردى: | 4 |
Qong bir top adǝmlǝr yiƣilƣanda, xundaⱪla ⱨǝrⱪaysi xǝⱨǝrlǝrdin kixilǝr uning yeniƣa kǝlgǝndǝ, u ularƣa bir tǝmsil sɵzlǝp bǝrdi:
ــ «ئۇرۇق چاچقۇچى ئۇرۇق چاچقىلى [ئېتىزغا] چىقىپتۇ. ئۇرۇق چاچقاندا، ئۇرۇقلاردىن بەزىلىرى چىغىر يول ئۈستىگە چۈشۈپ، دەسسىلىپ كېتىپتۇ ۋە ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇلارنى يەپ كېتىپتۇ. | 5 |
— «Uruⱪ qaqⱪuqi uruⱪ qaqⱪili [etizƣa] qiⱪiptu. Uruⱪ qaqⱪanda, uruⱪlardin bǝziliri qiƣir yol üstigǝ qüxüp, dǝssilip ketiptu wǝ asmandiki uqar-ⱪanatlar kelip ularni yǝp ketiptu.
باشقا بەزىلىرى تاشلىق يەرگە چۈشۈپتۇ. يەردە نەملىك بولمىغاچقا، ئۈنۈپ چىققىنى بىلەن قۇرۇپ كېتىپتۇ. | 6 |
Baxⱪa bǝziliri taxliⱪ yǝrgǝ qüxüptu. Yǝrdǝ nǝmlik bolmiƣaqⱪa, ünüp qiⱪⱪini bilǝn ⱪurup ketiptu.
باشقا بەزىلىرى تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چۈشۈپتۇ، تىكەنلەر مايسىلار بىلەن تەڭ ئۆسۈپ مايسىلارنى بوغۇۋاپتۇ. | 7 |
Baxⱪa bǝziliri tikǝnlǝrning arisiƣa qüxüptu, tikǝnlǝr maysilar bilǝn tǝng ɵsüp maysilarni boƣuwaptu.
باشقا بەزىلىرى بولسا ياخشى تۇپراققا چۈشۈپتۇ. ئۈنگەندىن كېيىن، يۈز ھەسسە ھوسۇل بېرىپتۇ». بۇلارنى دېگەندىن كېيىن ئۇ يۇقىرى ئاۋاز بىلەن: ــ ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! دەپ توۋلىدى. | 8 |
Baxⱪa bǝziliri bolsa yahxi tupraⱪⱪa qüxüptu. Üngǝndin keyin, yüz ⱨǝssǝ ⱨosul beriptu». Bularni degǝndin keyin u yuⱪiri awaz bilǝn: — Angliƣudǝk ⱪuliⱪi barlar buni anglisun! dǝp towlidi.
كېيىن ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭدىن: ــ بۇ تەمسىلنىڭ مەنىسى نېمە؟ ــ دەپ سورىدى. | 9 |
Keyin uning muhlisliri uningdin: — Bu tǝmsilning mǝnisi nemǝ? — dǝp soridi.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ سىرلىرىنى بىلىش سىلەرگە نېسىپ قىلىندى. بىراق بۇ ئىشلار قالغان باشقىلارغا تەمسىللەر بىلەنلا ئېيتىلىدۇ. مەقسىتى شۇكى، «ئۇلار قارىسىمۇ كۆرمەيدۇ، ئاڭلىسىمۇ چۈشەنمەيدۇ». | 10 |
U ularƣa mundaⱪ dedi: — Hudaning padixaⱨliⱪining sirlirini bilix silǝrgǝ nesip ⱪilindi. Biraⱪ bu ixlar ⱪalƣan baxⱪilarƣa tǝmsillǝr bilǝnla eytilidu. Mǝⱪsiti xuki, «Ular ⱪarisimu kɵrmǝydu, anglisimu qüxǝnmǝydu».
ئەمدى تەمسىلنىڭ مەنىسى مۇنداق: ــ ئۇرۇق بولسا، خۇدانىڭ سۆز-كالامىدۇر. | 11 |
Əmdi tǝmsilning mǝnisi mundaⱪ: — Uruⱪ bolsa, Hudaning sɵz-kalamidur.
چىغىر يول بويىدىكىلەر بولسا مۇشۇلار: ئۇلار سۆز-كالامنى ئاڭلايدۇ؛ لېكىن ئىبلىس كېلىپ، ئۇلارنىڭ ئىشىنىپ قۇتقۇزۇلۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى سۆزنى ئېلىپ كېتىدۇ. | 12 |
Qiƣir yol boyidikilǝr bolsa muxular: Ular sɵz-kalamni anglaydu; lekin Iblis kelip, ularning ixinip ⱪutⱪuzuluxining aldini elixi üqün ularning ⱪǝlbidiki sɵzni elip ketidu.
تاشلىق يەرگە چۈشكەن ئۇرۇقلار سۆز-كالامنى ئاڭلىغان ھامان خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلغانلارغا تەمسىل قىلىنغان. ئۇلاردا يىلتىز بولمىغاچقا، پەقەت بىر مەھەل ئىشىنىپ، ئاندىن سىناق-مۈشكۈللۈك ۋاقتى كەلگەندە، [ئېتىقادتىن] تېيىلىپ كېتىدۇ. | 13 |
Taxliⱪ yǝrgǝ qüxkǝn uruⱪlar sɵz-kalamni angliƣan ⱨaman huxalliⱪ bilǝn ⱪobul ⱪilƣanlarƣa tǝmsil ⱪilinƣan. Ularda yiltiz bolmiƣaqⱪa, pǝⱪǝt bir mǝⱨǝl ixinip, andin sinaⱪ-müxküllük waⱪti kǝlgǝndǝ, [etiⱪadtin] teyilip ketidu.
تىكەنلىككە چۈشكەن ئۇرۇقلار بولسا شۇنداق ئادەملەرنى كۆرسەتكەنكى، سۆزنى ئاڭلىغان بولسىمۇ، يولغا چىققاندىن كېيىن بۇ پانىي ھاياتتىكى ئەندىشىلەر، بايلىقلار ۋە ھالاۋەتلەرنىڭ ئېزىقتۇرۇشلىرى بىلەن بوغۇلۇپ، ئۇرۇق پىشماي ھوسۇل بەرمەيدۇ. | 14 |
Tikǝnlikkǝ qüxkǝn uruⱪlar bolsa xundaⱪ adǝmlǝrni kɵrsǝtkǝnki, sɵzni angliƣan bolsimu, yolƣa qiⱪⱪandin keyin bu paniy ⱨayattiki ǝndixilǝr, bayliⱪlar wǝ ⱨalawǝtlǝrning eziⱪturuxliri bilǝn boƣulup, uruⱪ pixmay ⱨosul bǝrmǝydu.
لېكىن ياخشى تۇپراققا چېچىلغان ئۇرۇقلار بولسا ــ سۆز-كالامنى ئاڭلاپ، سەمىمىي ۋە ياخشى قەلبى بىلەن ئۇنى تۇتىدىغانلارنى كۆرسىتىدۇ؛ بۇنداق ئادەملەر سەۋرچانلىق بىلەن ھوسۇل بېرىدۇ. | 15 |
Lekin yahxi tupraⱪⱪa qeqilƣan uruⱪlar bolsa — sɵz-kalamni anglap, sǝmimiy wǝ yahxi ⱪǝlbi bilǝn uni tutidiƣanlarni kɵrsitidu; bundaⱪ adǝmlǝr sǝwrqanliⱪ bilǝn ⱨosul beridu.
ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ ئۈستىگە ئىدىشنى كۆمتۈرۈپ قويماس ياكى كارىۋات ئاستىغا تۇرغۇزماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىرگەنلەر يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ. | 16 |
Ⱨeqkim qiraƣni yeⱪip ⱪoyup üstigǝ idixni kɵmtürüp ⱪoymas yaki kariwat astiƣa turƣuzmas, bǝlki qiraƣdanning üstigǝ ⱪoyidu; buning bilǝn ɵygǝ kirgǝnlǝr yoruⱪluⱪni kɵridu.
چۈنكى يوشۇرۇلغان ھېچقانداق ئىش ئاشكارىلانماي قالمايدۇ، ۋە ھېچقانداق مەخپىي ئىش ئايان بولماي، يورۇقلۇققا چىقماي قالمايدۇ. | 17 |
Qünki yoxurulƣan ⱨeqⱪandaⱪ ix axkarilanmay ⱪalmaydu, wǝ ⱨeqⱪandaⱪ mǝhpiy ix ayan bolmay, yoruⱪluⱪⱪa qiⱪmay ⱪalmaydu.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئاڭلىشىڭلارنىڭ قانداق ئىكەنلىكىگە كۆڭۈل قويۇڭلار! چۈنكى كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا بار دەپ ھاسابلىغىنىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. | 18 |
Xuning üqün, anglixinglarning ⱪandaⱪ ikǝnlikigǝ kɵngül ⱪoyunglar! Qünki kimdǝ bar bolsa, uningƣa tehimu kɵp berilidu; ǝmma kimdǝ yoⱪ bolsa, ⱨǝtta bar dǝp ⱨasabliƣinimu uningdin mǝⱨrum ⱪilinidu.
ئەمدى ئۇنىڭ ئانىسى ۋە ئىنىلىرى ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. لېكىن ئادەم نۇرغۇن بولغاچقا، يېنىغا كېلەلمىگەنىدى. | 19 |
Əmdi uning anisi wǝ iniliri uning bilǝn kɵrüxkili kǝldi. Lekin adǝm nurƣun bolƣaqⱪa, yeniƣa kelǝlmigǝnidi.
شۇنىڭ بىلەن بىرسى ئۇنىڭغا: ــ ئانىڭىز ۋە ئىنىلىرىڭىز سىز بىلەن كۆرۈشىمىز دەپ، سىرتتا تۇرىدۇ، ــ دېدى. | 20 |
Xuning bilǝn birsi uningƣa: — Aningiz wǝ iniliringiz siz bilǝn kɵrüximiz dǝp, sirtta turidu, — dedi.
لېكىن ئۇ جاۋابەن: ــ مېنىڭ ئانام ۋە ئاكا-ئۇكا قېرىنداشلىرىم بولسا خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغۇچىلاردۇر، دېدى. | 21 |
Lekin u jawabǝn: — Mening anam wǝ aka-uka ⱪerindaxlirim bolsa Hudaning sɵzini anglap, uningƣa ǝmǝl ⱪilƣuqilardur, dedi.
ۋە شۇنداق بولدىكى، شۇ كۈنلەردىن بىرى، ئۇ مۇخلىسلىرى بىلەن بىر كېمىگە چۈشۈپ، ئۇلارغا: ــ كۆلنىڭ ئۇ قېتىغا بارايلى، ــ دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يولغا چىقتى. | 22 |
Wǝ xundaⱪ boldiki, xu künlǝrdin biri, u muhlisliri bilǝn bir kemigǝ qüxüp, ularƣa: — Kɵlning u ⱪetiƣa barayli, — dedi. Xuning bilǝn ular yolƣa qiⱪti.
كېمە كېتىۋاتقاندا ئۇ ئۇيقۇغا كەتكەنىدى. كۆلگە تۇيۇقسىز قارا بوران كېلىپ، كېمىگە سۇ توشۇپ كېتىپ، ئۇلار خەۋپتە قالدى. | 23 |
Kemǝ ketiwatⱪanda u uyⱪuƣa kǝtkǝnidi. Kɵlgǝ tuyuⱪsiz ⱪara boran kelip, kemigǝ su toxup ketip, ular hǝwptǝ ⱪaldi.
مۇخلىسلار كېلىپ ئۇنى ئويغىتىپ: ــ ئۇستاز، ئۇستاز، تۈگىشىدىغان بولدۇق! ــ دېدى. لېكىن ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، بورانغا ۋە داۋالغۇغان دولقۇنلارغا تەنبىھ بەردى؛ ھەممىسى توختاپ، تىنچ بولدى. | 24 |
Muhlislar kelip uni oyƣitip: — Ustaz, ustaz, tügixidiƣan bolduⱪ! — dedi. Lekin u ornidin turup, boranƣa wǝ dawalƣuƣan dolⱪunlarƣa tǝnbiⱨ bǝrdi; ⱨǝmmisi tohtap, tinq boldi.
ئۇ مۇخلىسلىرىغا قاراپ: ــ ئىشەنچىڭلار نەگە كەتتى؟ ــ دېدى. ئۇلار ھەم قورقۇشۇپ، ھەم بەكمۇ ھەيران بولۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ ئادەم زادى كىمدۇ، بۇيرۇق قىلسا، ھەتتا شاماللار ۋە دولقۇنلارمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنىدىكەن-ھە! ــ دەپ كېتىشتى. | 25 |
U muhlisliriƣa ⱪarap: — Ixǝnqinglar nǝgǝ kǝtti? — dedi. Ular ⱨǝm ⱪorⱪuxup, ⱨǝm bǝkmu ⱨǝyran bolup, bir-birigǝ: — Bu adǝm zadi kimdu, buyruⱪ ⱪilsa, ⱨǝtta xamallar wǝ dolⱪunlarmu uningƣa boysunidikǝn-ⱨǝ! — dǝp ketixti.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گالىلىيەنىڭ ئۇدۇلىدىكى گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىغا يېتىپ باردى. | 26 |
Xuning bilǝn ular Galiliyǝning udulidiki Gerasaliⱪlarning yurtiƣa yetip bardi.
ئۇ قىرغاققا چىقىشى بىلەنلا، ئۇزۇندىن بېرى جىنلار چاپلاشقان، شەھەردىن كەلگەن مەلۇم ئادەم ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى. بۇ ئادەم كىيىم كىيمەي، ھېچ ئۆيدە تۇرماي، گۆرلەر ئارىسىدا ياشايتتى. | 27 |
U ⱪirƣaⱪⱪa qiⱪixi bilǝnla, uzundin beri jinlar qaplaxⱪan, xǝⱨǝrdin kǝlgǝn mǝlum adǝm uning aldiƣa kǝldi. Bu adǝm kiyim kiymǝy, ⱨeq ɵydǝ turmay, gɵrlǝr arisida yaxaytti.
لېكىن ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ۋارقىراپ، ئۇنىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ قاتتىق ئاۋاز بىلەن: ــ ھەممىدىن ئالىي خۇدانىڭ ئوغلى ئەيسا، سېنىڭ مەن بىلەن نېمە كارىڭ! سەندىن ئۆتۈنىمەنكى، مېنى قىينىما! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى. | 28 |
Lekin u Əysani kɵrüpla warⱪirap, uning ayiƣiƣa yiⱪilip ⱪattiⱪ awaz bilǝn: — Ⱨǝmmidin Aliy Hudaning Oƣli Əysa, sening mǝn bilǝn nemǝ karing! Sǝndin ɵtünimǝnki, meni ⱪiynima! — dǝp towlap kǝtti.
چۈنكى ئەيسا ناپاك روھنىڭ ئۇنىڭدىن چىقىشىنى بۇيرۇۋاتاتتى (چۈنكى جىن نۇرغۇن قېتىم ئۇنى تۇتۇۋالغانىدى؛ ئۇ چاغلاردا كىشىلەر ئۇنىڭ پۇت-قوللىرىنى كىشەن-زەنجىرلەر بىلەن باغلاپ ئۇنى قاماپ قويغان بولسىمۇ، ئۇ زەنجىرلەرنى ئۈزۈپ قېچىپ چىققان ۋە جىن تەرىپىدىن چۆل-باياۋانلارغا ھەيدىۋېتىلگەنىدى). | 29 |
Qünki Əysa napak roⱨning uningdin qiⱪixini buyruwatatti (qünki jin nurƣun ⱪetim uni tutuwalƣanidi; u qaƣlarda kixilǝr uning put-ⱪollirini kixǝn-zǝnjirlǝr bilǝn baƣlap uni ⱪamap ⱪoyƣan bolsimu, u zǝnjirlǝrni üzüp ⱪeqip qiⱪⱪan wǝ jin tǝripidin qɵl-bayawanlarƣa ⱨǝydiwetilgǝnidi).
ئەيسا بۇ ئادەمدىن: ــ ئىسمىڭ نېمە؟ ــ دەپ سورىۋىدى، ئۇ: ــ ئىسمىم «قوشۇن»، ــ دېدى. چۈنكى نۇرغۇن جىنلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ چاپلىشىۋالغانىدى. | 30 |
Əysa bu adǝmdin: — Isming nemǝ? — dǝp soriwidi, u: — Ismim «Ⱪoxun», — dedi. Qünki nurƣun jinlar uning iqigǝ kirip qaplixiwalƣanidi.
ئەمدى ئۇلار ئەيسادىن ئۆزلىرىنى تېگى يوق ھاڭغا كەتكۈزمەسلىكنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇردى. (Abyssos ) | 31 |
Əmdi ular Əysadin ɵzlirini tegi yoⱪ ⱨangƣa kǝtküzmǝslikni ɵtünüp yalwurdi. (Abyssos )
شۇ يەردە تاغ باغرىدا چوڭ بىر توپ توڭگۇز پادىسى ئوزۇقلىنىۋاتاتتى. جىنلار ئەيساغا يالۋۇرۇپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىشكە ئىجازەت بېرىشىنى ئۆتۈندى. ئۇ ئۇلارغا ئىجازەت بەردى. | 32 |
Xu yǝrdǝ taƣ baƣrida qong bir top tongguz padisi ozuⱪliniwatatti. Jinlar Əysaƣa yalwurup, tongguzlarning tenigǝ kirixkǝ ijazǝt berixini ɵtündi. U ularƣa ijazǝt bǝrdi.
جىنلار شۇ ئادەمدىن چىقىپ، توڭگۇزلارنىڭ تېنىگە كىرىۋالدى؛ شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل توڭگۇز پادىسى تىك ياردىن ئېتىلىپ چۈشۈپ، كۆلگە غەرق بولدى. | 33 |
Jinlar xu adǝmdin qiⱪip, tongguzlarning tenigǝ kiriwaldi; xuning bilǝn pütkül tongguz padisi tik yardin etilip qüxüp, kɵlgǝ ƣǝrⱪ boldi.
توڭگۇزلارنى باققۇچىلارمۇ بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ ئۇ يەردىن قېچىپ، شەھەر-يېزىلاردا بۇ خەۋەرنى تارقاتتى. | 34 |
Tongguzlarni baⱪⱪuqilarmu bu wǝⱪǝni kɵrüp u yǝrdin ⱪeqip, xǝⱨǝr-yezilarda bu hǝwǝrni tarⱪatti.
خالايىق زادى نېمە ئىش بولغانلىقىنى كۆرگىلى چىقتى؛ ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە، شۇ يەردە ئۆزىدىن جىنلار چىققان ھېلىقى ئادەمنىڭ كىيىم-كېچەكنى كىيىپ، ئەس-ھوشى جايىدا ھالدا ئەيسانىڭ ئايىغى ئالدىدا ئولتۇرغىنىنى كۆردى؛ ئۇلار قورقۇپ كېتىشتى. | 35 |
Halayiⱪ zadi nemǝ ix bolƣanliⱪini kɵrgili qiⱪti; Əysaning aldiƣa kǝlgǝndǝ, xu yǝrdǝ ɵzidin jinlar qiⱪⱪan ⱨeliⱪi adǝmning kiyim-keqǝkni kiyip, ǝs-ⱨoxi jayida ⱨalda Əysaning ayiƣi aldida olturƣinini kɵrdi; ular ⱪorⱪup ketixti.
بۇ ۋەقەنى كۆرگەنلەرمۇ جىنلار چاپلاشقان ئادەمنىڭ قانداق ساقايتىلغىنىنى كۆپچىلىككە تەسۋىرلەپ بەردى. | 36 |
Bu wǝⱪǝni kɵrgǝnlǝrmu jinlar qaplaxⱪan adǝmning ⱪandaⱪ saⱪaytilƣinini kɵpqilikkǝ tǝswirlǝp bǝrdi.
ئاندىن گېراسالىقلارنىڭ يۇرتىدىكىلەر ۋە ئەتراپىدىكى بارلىق كىشىلەر ئۇنىڭ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن كېتىشىنى ئۆتۈنۈشتى. چۈنكى دەھشەتلىك قورقۇنچ ئۇلارنى باسقانىدى. شۇڭا ئۇ كېمىگە چۈشۈپ، قايتىشقا يول ئالدى. | 37 |
Andin Gerasaliⱪlarning yurtidikilǝr wǝ ǝtrapidiki barliⱪ kixilǝr uning ularning arisidin ketixini ɵtünüxti. Qünki dǝⱨxǝtlik ⱪorⱪunq ularni basⱪanidi. Xunga u kemigǝ qüxüp, ⱪaytixⱪa yol aldi.
ئەمما جىنلار ئۆزىدىن چىقىپ كەتكەن ھېلىقى ئادەم ئۇنىڭغا، مەن سەن بىلەن بىللە كېتەي، ــ دەپ يالۋۇردى. لېكىن ئۇ ئۇنى يولغا سېلىپ: | 38 |
Əmma jinlar ɵzidin qiⱪip kǝtkǝn ⱨeliⱪi adǝm uningƣa, Mǝn sǝn bilǝn billǝ ketǝy, — dǝp yalwurdi. Lekin u uni yolƣa selip:
ــ ئۆيۈڭگە قايتىپ بېرىپ، خۇدانىڭ ساڭا شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى يەتكۈزگىن، ــ دېدى. ئۇ ئادەم قايتىپ بېرىپ، پۈتكۈل شەھەرنى ئارىلاپ، ئەيسانىڭ ئۆزىگە شۇنچە چوڭ ئىشلارنى قىلىپ بەرگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. | 39 |
— Ɵyünggǝ ⱪaytip berip, Hudaning sanga xunqǝ qong ixlarni ⱪilip bǝrgǝnlikini yǝtküzgin, — dedi. U adǝm ⱪaytip berip, pütkül xǝⱨǝrni arilap, Əysaning ɵzigǝ xunqǝ qong ixlarni ⱪilip bǝrgǝnlikini elan ⱪildi.
ئەيسا قايتىپ كەلگىنىدە، شۇنداق بولدىكى، خالايىق ئۇنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئېلىشتى؛ چۈنكى ھەممەيلەن ئۇنىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى. | 40 |
Əysa ⱪaytip kǝlginidǝ, xundaⱪ boldiki, halayiⱪ uni huxalliⱪ bilǝn ⱪarxi elixti; qünki ⱨǝmmǝylǝn uning ⱪaytip kelixini kütüp turatti.
ۋە مانا، بىر كىشى، سىناگوگنىڭ چوڭى بولغان يائىرۇس ئىسىملىك كىشىمۇ ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ، ئۇنىڭ ئۆيىگە بېرىشىنى ئۆتۈندى. | 41 |
Wǝ mana, bir kixi, sinagogning qongi bolƣan Yairus isimlik kiximu Əysaning aldiƣa kelip ayiƣiƣa ɵzini etip, uning ɵyigǝ berixini ɵtündi.
چۈنكى ئۇنىڭ ئون ئىككى ياشلىق يالغۇز قىزى سەكراتتا ئىدى. ئەيسا ئۇ يەرگە بارغىنىدا، توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئولىشىپ ئۇنى قىستىشاتتى. | 42 |
Qünki uning on ikki yaxliⱪ yalƣuz ⱪizi sǝkratta idi. Əysa u yǝrgǝ barƣinida, top-top kixilǝr uning ǝtrapiƣa ziq olixip uni ⱪistixatti.
ئارىسىدا خۇن تەۋرەش كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا ئون ئىككى يىل بولغان بىر ئايال بار ئىدى؛ ئۇ بار-يوقىنى تېۋىپلارغا خەجلەپ تۈگەتكەن بولسىمۇ، ھېچقايسىسىدىن شىپا تاپمىغانىكەن. | 43 |
Arisida hun tǝwrǝx kesiligǝ giriptar bolƣiniƣa on ikki yil bolƣan bir ayal bar idi; u bar-yoⱪini tewiplarƣa hǝjlǝp tügǝtkǝn bolsimu, ⱨeqⱪaysisidin xipa tapmiƣanikǝn.
ئۇ [ئەيسانىڭ] ئارقىسىدىن كېلىپ، ئۇنىڭ تونىنىڭ پېشىنى سىلىۋىدى، شۇئان خۇن توختىدى. | 44 |
U [Əysaning] arⱪisidin kelip, uning tonining pexini siliwidi, xuan hun tohtidi.
ئەيسا: ــ ماڭا قول تەگكۈزگەن كىم؟ ــ دەپ سورىدى. ھەممەيلەن ئىنكار قىلغاندا، پېترۇسمۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بولغانلارمۇ: ــ ئۇستاز، خالايىق توپ-توپ بولۇپ تۆت ئەتراپىڭنى ئولىشىپ، سېنى قىستىشىۋاتقان يەردە، سەن «ماڭا تەگكەن كىم؟»، دەپ سورايسەنغۇ؟ ــ دېدى. | 45 |
Əysa: — Manga ⱪol tǝgküzgǝn kim? — dǝp soridi. Ⱨǝmmǝylǝn inkar ⱪilƣanda, Petrusmu wǝ uning bilǝn bolƣanlarmu: — Ustaz, halayiⱪ top-top bolup tɵt ǝtrapingni olixip, seni ⱪistixiwatⱪan yǝrdǝ, sǝn «Manga tǝgkǝn kim?», dǝp soraysǝnƣu? — dedi.
لېكىن ئەيسا: ــ ياق! بىرسى ماڭا تەگدى؛ چۈنكى ۋۇجۇدۇمدىن قۇدرەتنىڭ چىقىپ كېتىۋاتقىنىنى سەزدىم، ــ دېدى. | 46 |
Lekin Əysa: — Yaⱪ! Birsi manga tǝgdi; qünki wujudumdin ⱪudrǝtning qiⱪip ketiwatⱪinini sǝzdim, — dedi.
ھېلىقى ئايال ئۆزىنىڭ يوشۇرۇپ قالالمايدىغانلىقىنى بىلىپ، تىترىگەن ھالدا ئۇنىڭ ئالدىغا يىقىلدى ۋە كۆپچىلىك ئالدىدا ئۆزىنىڭ نېمە سەۋەبتىن ئەيساغا قول تەگكۈزگەنلىكىنى، شۇنداقلا شۇئان قانداق ساقايغانلىقىنى ئېيتتى. | 47 |
Ⱨeliⱪi ayal ɵzining yoxurup ⱪalalmaydiƣanliⱪini bilip, titrigǝn ⱨalda uning aldiƣa yiⱪildi wǝ kɵpqilik aldida ɵzining nemǝ sǝwǝbtin Əysaƣa ⱪol tǝgküzgǝnlikini, xundaⱪla xuan ⱪandaⱪ saⱪayƣanlikini eytti.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ يۈرەكلىك بول، قىزىم، ئىشەنچىڭ سېنى ساقايتتى! ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن ماڭغىن! ــ دېدى. | 48 |
Əysa uningƣa: — Yürǝklik bol, ⱪizim, ixǝnqing seni saⱪaytti! Aman-hatirjǝmlik bilǝn mangƣin! — dedi.
ئۇ سۆز قىلىۋاتقاندا، سىناگوگ چوڭىنىڭ ئۆيىدىن چىققان بىرەيلەن كېلىپ سىناگوگ چوڭىغا: ــ قىزىڭىز جان ئۈزدى. ئەمدى ئۇستازنى كايىتمىغىن، ــ دېدى. | 49 |
U sɵz ⱪiliwatⱪanda, sinagog qongining ɵyidin qiⱪⱪan birǝylǝn kelip sinagog qongiƣa: — Ⱪizingiz jan üzdi. Əmdi ustazni kayitmiƣin, — dedi.
لېكىن ئەيسا بۇنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا: ــ قورقمىغىن! پەقەت ئىشەنچتە بول، ئۇ ساقىيىپ كېتىدۇ، ــ دېدى. | 50 |
Lekin Əysa buni anglap uningƣa: — Ⱪorⱪmiƣin! Pǝⱪǝt ixǝnqtǝ bol, u saⱪiyip ketidu, — dedi.
ئۇ ئۆيگە بارغاندا پېترۇس، يۇھاننا، ياقۇپ ۋە قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن باشقا ھېچكىمنىڭ ئۆزى بىلەن بىللە ئۆيگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلمىدى. | 51 |
U ɵygǝ barƣanda Petrus, Yuⱨanna, Yaⱪup wǝ ⱪizning ata-anisidin baxⱪa ⱨeqkimning ɵzi bilǝn billǝ ɵygǝ kirixigǝ ruhsǝt ⱪilmidi.
ئۇ يەردىكىلەر ھەممىسى قىزغا ماتەم تۇتۇپ يىغا-زار كۆتۈرۈۋاتاتتى. لېكىن ئۇ: ــ بولدى، يىغلىماڭلار! چۈنكى قىز ئۆلمىدى، پەقەت ئۇخلاپ قاپتۇ! ــ دېدى. | 52 |
U yǝrdikilǝr hǝmmisi ⱪizƣa matǝm tutup yiƣa-zar kɵtürüwatatti. Lekin u: — Boldi, yiƣlimanglar! Qünki ⱪiz ɵlmidi, pǝⱪǝt uhlap ⱪaptu! — dedi.
ئۇلار بولسا قىزنىڭ ئاللىقاچان جان ئۈزدى دەپ بىلگەچكە، ئۇنى مەسخىرە قىلدى. | 53 |
Ular bolsa ⱪizning alliⱪaqan jan üzdi dǝp bilgǝqkǝ, uni mǝshirǝ ⱪildi.
لېكىن ئۇ ئۇلارنى چىقىرىۋېتىپ، قىزنىڭ قولىدىن تارتىپ: ــ بالام، ئورنۇڭدىن تۇر، ــ دەپ چاقىردى. | 54 |
Lekin u ularni qiⱪiriwetip, ⱪizning ⱪolidin tartip: — Balam, ornungdin tur, — dǝp qaⱪirdi.
[قىزنىڭ] روھى قايتىپ كېلىپ، ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇردى. ئۇ قىزغا يېگۈدەك بىرنېمە بېرىشنى ئېيتتى. | 55 |
[Ⱪizning] roⱨi ⱪaytip kelip, u dǝrⱨal ornidin turdi. U ⱪizƣa yegüdǝk birnemǝ berixni eytti.
قىزنىڭ ئاتا-ئانىسى ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتماسلىقنى تاپىلىدى. | 56 |
Ⱪizning ata-anisi intayin ⱨǝyran ⱪelixti. Lekin u ularƣa bu ixni ⱨeqkimgǝ eytmasliⱪni tapilidi.