< لۇقا 7 >
ئەيسا كۆپچىلىككە بۇ سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن، كەپەرناھۇم شەھىرىگە [قايتا] كىردى. | 1 |
After he had finished speaking in the hearing of the people, he entered into Capernaum.
ئۇ يەردە مەلۇم بىر يۈزبېشىنىڭ ئەتىۋارلىق قۇلى ئېغىر كېسەل بولۇپ، سەكراتتا ياتاتتى. | 2 |
A certain centurion's servant, who was dear to him, was sick and at the point of death.
يۈزبېشى ئەيسانىڭ خەۋىرىنى ئاڭلاپ، بىرنەچچە يەھۇدىي ئاقساقالنى ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ، ئۇنىڭ كېلىپ قۇلىنى قۇتقۇزۇشى ئۈچۈن ئۆتۈنۈشكە ئەۋەتتى. | 3 |
When he heard about Jesus, he sent to him Jewish elders, asking him to come and save his servant.
ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا: ــ بۇ ئىشنى تىلىگۈچى بولسا، تىلىكىنى ئىجابەت قىلىشىڭىزغا ھەقىقەتەن ئەرزىيدىغان ئادەم. | 4 |
When they came to Jesus, they pleaded with him earnestly, saying, "He is worthy for you to do this for him,
چۈنكى ئۇ بىزنىڭ [يەھۇدىي] ئېلىمىزنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھەتتا بىز ئۈچۈن بىر سىناگوگمۇ سېلىپ بەردى، ــ دەپ جىددىي قىياپەتتە ئۆتۈنۈشتى. | 5 |
for he loves our nation, and he built our synagogue for us."
ئەيسا ئۇلار بىلەن بىللە باردى. بىراق ئۆيىگە ئاز قالغاندا، يۈزبېشى ئەيسانىڭ ئالدىغا بىرنەچچە دوستىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭغا مۇنداق دېگۈزدى: ــ «تەقسىر، ئۆزلىرىنى ئاۋارە قىلمىسىلا، ئۆزلىرىنىڭ تورۇسۇمنىڭ ئاستىغا كېلىشلىرىگە ئەرزىمەيمەن. | 6 |
Jesus went with them. When he was now not far from the house, the centurion sent friends, saying to him, "Lord, do not trouble yourself, for I am not worthy for you to come under my roof.
شۇڭا ئۆزۈمنىمۇ سىلىنىڭ ئالدىلىرىغا بېرىشقا لايىق ھېسابلىمىدىم. سىلى پەقەت بىر ئېغىز سۆز قىلىپ قويسىلا، قۇلۇم ساقىيىپ كېتىدۇ. | 7 |
Therefore I did not even think myself worthy to come to you; but say the word, and my servant will be healed.
چۈنكى مەنمۇ باشقا بىرسىنىڭ ھوقۇقى ئاستىدىكى ئادەممەن، قول ئاستىمدىمۇ لەشكەرلىرىم بار. بىرىگە بار دېسەم بارىدۇ، بىرىگە كەل دېسەم، كېلىدۇ؛ قۇلۇمغا بۇ ئىشنى قىل دېسەم، ئۇ شۇ ئىشنى قىلىدۇ». | 8 |
For I also am a man placed under authority, having under myself soldiers. I tell this one, 'Go.' and he goes; and to another, 'Come.' and he comes; and to my servant, 'Do this,' and he does it."
ئەيسا بۇ گەپنى ئاڭلاپ [يۈزبېشىغا] تەئەججۈبلەندى. ئۇ بۇرۇلۇپ كەينىگە ئەگەشكەن خالايىققا: دەرۋەقە، ھەتتا ئىسرائىلدىمۇ بۇنداق زور ئىشەنچنى تاپالمىغانىدىم! ــ دېدى. | 9 |
When Jesus heard these things, he was amazed at him, and turned and said to the crowd who followed him, "I tell you, I have not found such great faith, no, not in Israel."
يۈزبېشى ئەۋەتكەن كىشىلەر قايتىپ بارغاندا، كېسەل بولغان قۇلنىڭ سەللىمازا ساقايغانلىقىنى كۆردى. | 10 |
And when those who had been sent returned to the house, they found the servant in good health.
بۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ نائىن دېگەن بىر شەھەرگە باردى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ۋە يەنە توپ-توپ كىشىلەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. | 11 |
It happened soon afterwards, that he went to a city called Nain; and many of his disciples, along with a large crowd, went with him.
ئۇ شەھەر قوۋۇقىغا يېقىنلاشقاندا، مانا كىشىلەر جىنازا كۆتۈرۈپ چىقىۋاتقانىدى. ئۆلگۈچى ئانىسىنىڭ يەككە-يېگانە ئوغلى ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئانىسى تۇل ئايال ئىدى. شەھەردىن چوڭ بىر توپ ئادەم ئايالغا ھەمراھ بولۇپ چىققانىدى. | 12 |
And when he drew near to the gate of the city, then look, a man who was dead was carried out, the only son of his mother, and she was a widow; and a large crowd from the city was with her.
رەب ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا ئىچىنى ئاغرىتىپ: ــ يىغلىمىغىن، ــ دېدى. | 13 |
When the Lord saw her, he had compassion on her, and said to her, "Do not cry."
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆتۈپ، تاۋۇتقا قولىنى تەگكۈزىۋىدى، تاۋۇت كۆتۈرگەنلەر توختىدى. ئۇ: ــ يىگىت، ساڭا ئېيتىمەن، ئويغان! ــ دېدى. | 14 |
He came near and touched the coffin, and the bearers stood still. He said, "Young man, I tell you, arise."
ئۆلگۈچى بولسا رۇسلىنىپ تىك ئولتۇردى ۋە گەپ قىلىشقا باشلىدى. [ئەيسا] ئۇنى ئانىسىغا تاپشۇرۇپ بەردى. | 15 |
He who was dead sat up, and began to speak. And he gave him to his mother.
ھەممەيلەننى قورقۇنچ بېسىپ، ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلاپ: ــ «ئارىمىزدا ئۇلۇغ بىر پەيغەمبەر تۇرغۇزۇلدى!» ۋە «خۇدا ئۆز خەلقىنى يوقلاپ كەلدى!» ــ دېيىشتى. | 16 |
Fear took hold of all, and they glorified God, saying, "A great prophet has arisen among us." and, "God has visited his people."
ئۇنىڭ توغرىسىدىكى بۇ خەۋەر پۈتۈن يەھۇدىيە زېمىنى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارغا تارقىلىپ كەتتى. | 17 |
This report went out concerning him in the whole of Judea, and in all the surrounding region.
يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى ئەمدى بۇ بارلىق ئىشلارنىڭ خەۋىرىنى ئۇنىڭغا يەتكۈزدى. يەھيا مۇخلىسلىرىدىن ئىككىيلەننى ئۆزىگە چاقىرىپ، | 18 |
The disciples of John told him about all these things.
ئۇلارنى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئەۋەتىپ: «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە ئەۋەتتى. | 19 |
John, calling to himself two of his disciples, sent them to the Lord, saying, "Are you the one who is to come, or should we look for another?"
ئۇلار ئەيسانىڭ ئالدىغا بېرىپ: ــ چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا بىزنى سەندىن: «كېلىشى مۇقەررەر زات ئۆزۈڭمۇ، ياكى باشقا بىرسىنى كۈتۈشىمىز كېرەكمۇ؟» دەپ سوراپ كېلىشكە يېنىڭغا ئەۋەتتى ــ دېدى. | 20 |
When the men had come to him, they said, "John the Baptist has sent us to you, saying, 'Are you the one who is to come, or should we look for another?'"
دەل شۇ ۋاقىتتا [ئەيسا] ئاغرىق-سىلاق ۋە كېسەل-ۋابا باسقان ۋە يامان روھلار چاپلاشقان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى ۋە نۇرغۇن قارىغۇلارنى كۆرىدىغان قىلدى. | 21 |
In that hour he cured many of diseases and plagues and evil spirits; and to many who were blind he gave sight.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ [يەھيانىڭ مۇخلىسلىرىغا]: ــ سىلەر قايتىپ بېرىپ، يەھياغا ئۆز ئاڭلىغان ۋە كۆرگەنلىرىڭلار توغرۇلۇق خەۋەر يەتكۈزۈپ ــ «كورلار كۆرەلەيدىغان ۋە توكۇرلار ماڭالايدىغان بولدى، ماخاۋ كېسىلى بولغانلار ساقايتىلدى، گاسلار ئاڭلىيالايدىغان بولدى، ئۆلگەنلەرمۇ تىرىلدۈرۈلدى ۋە كەمبەغەللەرگە خۇش خەۋەر جاكارلاندى» ــ دەپ ئېيتىڭلار. | 22 |
Jesus answered them, "Go and tell John the things which you have seen and heard: that the blind receive their sight, the lame walk, the lepers are cleansed, the deaf hear, the dead are raised up, and the poor have good news preached to them.
[ئۇنىڭغا يەنە]: «مەندىن گۇمانلانماي پۇتلىشىپ كەتمىگەن كىشى بولسا بەختلىكتۇر!» دەپ قويۇڭلار، ــ دېدى. | 23 |
Blessed is he who is not offended by me."
يەھيانىڭ ئەلچىلىرى كەتكەندىن كېيىن، ئۇ توپ-توپ ئادەملەرگە يەھيا توغرۇلۇق سۆز ئېچىپ: ــ «سىلەر [بۇرۇن يەھيانى ئىزدەپ] چۆلگە بارغىنىڭلاردا، زادى نېمىنى كۆرگىلى باردىڭلار؟ شامالدا يەلپۈنۈپ تۇرغان قومۇشنىمۇ؟ | 24 |
When John's messengers had departed, he began to tell the crowds about John, "What did you go out into the wilderness to see? A reed shaken by the wind?
ياكى ئېسىل كىيىم كىيگەن بىر ئەربابنىمۇ؟ مانا، ئېسىل كىيىملەرنى كىيگەن، ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە ياشايدىغانلار پادىشاھلارنىڭ ئوردىلىرىدىن تېپىلىدۇغۇ! | 25 |
But what did you go out to see? A man clothed in soft clothing? Look, those who are gorgeously dressed, and live delicately, are in kings' courts.
ئەمدى سىلەر نېمە كۆرگىلى باردىڭلار؟ بىر پەيغەمبەرنىمۇ؟ دۇرۇس، ئەمما مەن شۇنى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، [بۇ بولسا] پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈن بىر بولغۇچىدۇر. | 26 |
But what did you go out to see? A prophet? Yes, I tell you, and much more than a prophet.
چۈنكى [مۇقەددەس يازمىلاردىكى]: ــ «مانا، يۈز ئالدىڭغا ئەلچىمنى ئەۋەتىمەن؛ ئۇ سېنىڭ ئالدىڭدا يولۇڭنى تەييارلايدۇ» ــ دەپ يېزىلغان سۆز مانا دەل ئۇنىڭ توغرىسىدا يېزىلغاندۇر. | 27 |
This is he of whom it is written, 'Look, I send my messenger ahead of you, who will prepare your way before you.'
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، ئاياللاردىن تۇغۇلغانلار ئارىسىدا يەھيادىنمۇ ئۇلۇغى يوق؛ ئەمما خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدىكى ئەڭ كىچىك بولغىنىمۇ ئۇنىڭدىن ئۇلۇغ تۇرىدۇ | 28 |
"I tell you, among those who are born of women there is none greater than John, yet he who is least in the Kingdom of God is greater than he."
(ئەمدى [يەھيانى] ئاڭلىغان پۇقرالار، ھەتتا باجگىرلارمۇ خۇدانىڭ يولىنى توغرا دەپ يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشى بىلەن چۆمۈلدۈرۈلگەنىدى. | 29 |
When all the people and the tax collectors heard this, they declared God to be just, having been baptized with John's baptism.
لېكىن پەرىسىيلەر ۋە تەۋراتشۇناسلار يەھيانىڭ چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلماي، خۇدانىڭ ئۆزلىرىگە بولغان مەقسەت-ئىرادىسىنى چەتكە قاققانىدى). | 30 |
But the Pharisees and the Law scholars rejected the counsel of God, not being baptized by him themselves.
لېكىن بۇ زاماننىڭ كىشىلىرىنى زادى كىملەرگە ئوخشىتاي؟ ئۇلار كىملەرگە ئوخشايدۇ؟ | 31 |
"To what then will I liken the people of this generation? What are they like?
ئۇلار خۇددى رەستە-بازارلاردا ئولتۇرۇۋېلىپ، بىر-بىرىگە: «بىز سىلەرگە سۇناي چېلىپ بەرسەكمۇ، ئۇسسۇل ئوينىمىدىڭلار»، «ماتەم پەدىسىگە چېلىپ بەرسەكمۇ، يىغا-زار قىلمىدىڭلار» دەپ [قاقشايدىغان تۇتۇرۇقسىز] بالىلارغا ئوخشايدۇ. | 32 |
They are like children who sit in the marketplace, and call one to another, saying, 'We played the flute for you, and you did not dance. We mourned, and you did not weep.'
چۈنكى چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا كېلىپ زىياپەتتە ئولتۇرمايتتى، [شاراب] ئىچمەيتتى. شۇنىڭ بىلەن سىلەر: «ئۇنىڭغا جىن چاپلىشىپتۇ» دېيىشىسىلەر. | 33 |
For John the Baptist came neither eating bread nor drinking wine, and you say, 'He has a demon.'
ئىنسانئوغلى بولسا كېلىپ ھەم يەيدۇ ھەم ئىچىدۇ ۋە مانا سىلەر: «تازا بىر تويماس ۋە مەيخور ئىكەن. ئۇ باجگىرلار ۋە گۇناھكارلارنىڭ دوستىدۇر» دېيىشىسىلەر. | 34 |
The Son of Man has come eating and drinking, and you say, 'Look, a gluttonous man, and a drunkard; a friend of tax collectors and sinners.'
لېكىن دانالىق بولسا ئۆزىنىڭ بارلىق پەرزەنتلىرى ئارقىلىق دۇرۇس دەپ تونۇلىدۇ». | 35 |
Wisdom is justified by all her children."
پەرىسىيلەردىن بىرى ئۇنىڭدىن ئۆيۈمدە مېھمان بولسىڭىز دەپ ئۆتۈندى. ئەمدى ئۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىگە كىرىپ داستىخاندا ئولتۇردى. | 36 |
One of the Pharisees invited him to eat with him. He entered into the Pharisee's house, and sat at the table.
ۋە مانا، ئۇ شەھەردە بۇزۇق دەپ تونۇلغان بىر ئايال ئەيسانىڭ بۇ پەرىسىينىڭ ئۆيىدە داستىخاندا ئولتۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ، ئاق قاشتېشىدىن ياسالغان بىر قۇتىدا مۇرمەككى ئېلىپ كەلدى. | 37 |
And look, a woman in the city who was a sinner, when she knew that he was reclining in the Pharisee's house, she brought an alabaster jar of ointment.
ئۇ يىغلىغان پېتى ئۇنىڭ كەينىدە، پۇتىغا يېقىن تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى قىلىپ، پۇتلىرىنى ھۆل قىلىۋەتتى؛ ئاندىن چاچلىرى بىلەن ئۇنىڭ پۇتلىرىنى ئېرتىپ قۇرۇتتى ھەم پۇتلىرىنى توختىماي سۆيۈپ، ئۈستىگە ئەتىر سۈردى. | 38 |
Standing behind at his feet weeping, she began to wet his feet with her tears, and she wiped them with the hair of her head, kissed his feet, and anointed them with the ointment.
ئەمدى ئۇنى چاقىرغان پەرىسىي بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئىچىدە: «بۇ ئادەم راست پەيغەمبەر بولغان بولسا، ئۆزىگە تېگىۋاتقان بۇ ئايالنىڭ كىم ۋە قانداق ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. چۈنكى ئۇ بىر بۇزۇق!» دەپ ئويلىدى. | 39 |
Now when the Pharisee who had invited him saw it, he said to himself, "This man, if he were a prophet, would have perceived who and what kind of woman this is who touches him, that she is a sinner."
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: سىمون، ساڭا دەيدىغان بىر گېپىم بار، ــ دېدى. ــ ئېيتىڭ، ئۇستاز، ــ دېدى سىمون. | 40 |
Jesus answered him, "Simon, I have something to tell you." He said, "Teacher, say on."
ــ ئىككى ئادەم مەلۇم بىر قەرز ئىگىسىگە قەرزدار ئىكەن. بىرى بەش يۈز كۈمۈش دىنارغا، يەنە بىرى بولسا ئەللىك كۈمۈش دىنارغا قەرزدار ئىكەن. | 41 |
"A certain lender had two debtors. The one owed five hundred denarii, and the other fifty.
لېكىن ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزنى قايتۇرغىلى ھېچنەرسىسى بولمىغاچقا، قەرز ئىگىسى مېھرىبانلىق قىلىپ ھەر ئىككىسىنىڭ قەرزىنى كەچۈرۈم قىپتۇ. سېنىڭچە، ئۇلارنىڭ قايسىسى ئۇنى بەكرەك سۆيىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى ئەيسا. | 42 |
When they could not pay, he forgave them both. Which of them therefore will love him most?"
سىمون جاۋابەن: ــ مېنىڭچە، [قەرزى] كۆپرەك كەچۈرۈم قىلىنغان كىشى، ــ دېدى. ــ توغرا ھۆكۈم قىلدىڭ، ــ دېدى ئەيسا. | 43 |
Simon answered, "He, I suppose, to whom he forgave the most." He said to him, "You have judged correctly."
ئاندىن ھېلىقى ئايالغا بۇرۇلۇپ، سىمونغا: ــ بۇ ئايالنى كۆردۈڭمۇ؟ مەن ئۆيۈڭگە كىرگىنىم بىلەن، سەن پۇتلىرىمنى يۇيۇشقا سۇ بەرمىگەنىدىڭ؛ لېكىن ئۇ كۆز يېشى بىلەن پۇتلىرىمنى يۇدى ۋە چېچى بىلەن ئېرتىپ قۇرۇتتى. | 44 |
Turning to the woman, he said to Simon, "Do you see this woman? I entered into your house, and you gave me no water for my feet, but she has wet my feet with her tears, and wiped them with her hair.
سەن مېنى سالام بېرىپ سۆيمىدىڭ؛ لېكىن ئۇ مەن كىرگەندىن تارتىپ پۇتلىرىمنى سۆيۈشتىن توختىمىدى. | 45 |
You gave me no kiss, but she, since the time I came in, has not ceased to kiss my feet.
سەن بېشىمغىمۇ ماي سۈركىمىگەنىدىڭ؛ بىراق ئۇ مېنىڭ پۇتلىرىمغا مۇرمەككىنى سۈركەپ قويدى. | 46 |
You did not anoint my head with oil, but she has anointed my feet with ointment.
شۇڭا شۇنى ساڭا ئېيتىپ قويايكى، ئۇنىڭ نۇرغۇن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىندى. چۈنكى مانا، ئۇنىڭ كۆرسەتكەن مېھىر-مۇھەببىتى چوڭقۇر ئەمەسمۇ؟ ئەمما كەچۈرۈمى ئاز بولغانلارنىڭ مېھىر-مۇھەببەتنى كۆرسىتىشىمۇ ئاز بولىدۇ، ــ دېدى. | 47 |
Therefore I tell you, her sins, which are many, are forgiven, for she loved much. But to whom little is forgiven, the same loves little."
ئاندىن ئۇ ئايالغا: ــ گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى، ــ دېدى. | 48 |
He said to her, "Your sins are forgiven."
ئۇلار بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلار كۆڭلىدە: «كىشىلەرنىڭ گۇناھلىرىنىمۇ كەچۈرۈم قىلغۇچى بۇ ئادەم زادى كىمدۇ؟» دېيىشتى. | 49 |
And those who were reclining with him began to say to themselves, "Who is this who even forgives sins?"
ئەيسا ھېلىقى ئايالغا: ــ ئېتىقادىڭ سېنى قۇتقۇزدى؛ ئامان-خاتىرجەملىك بىلەن قايتقىن! ــ دېدى. | 50 |
He said to the woman, "Your faith has saved you. Go in peace."