< لۇقا 6 >
ئىككىنچى «مۇھىم شابات كۈنى»، ئۇ بۇغدايلىقلاردىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى باشاقلارنى ئۈزۈۋېلىپ، ئالىقىنىدا ئۇۋۇلاپ يەۋاتاتاتتى. | 1 |
AND it came to pass on the sabbath after the second day of the passover, that he was passing through the cornfields; and the disciples plucked the ears of corn, and did eat, rubbing them out in their hands.
لېكىن بۇنى كۆرگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇلارغا: ــ سىلەر نېمىشقا شابات كۈنى تەۋراتتا چەكلەنگەن ئىشنى قىلىسىلەر؟ ــ دېيىشتى. | 2 |
Then said some of the Pharisees unto them, Why do ye that which is not lawful on the sabbath-day?
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەر ھەتتا داۋۇت [پەيغەمبەر] ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنىڭ ئاچ قالغاندا نېمە قىلغانلىقىنى [مۇقەددەس يازمىلاردىن] ئوقۇمىغانمۇسىلەر؟ | 3 |
And Jesus answering said to them; Have ye never read what David did, when he was hungry, and those who were with him?
دېمەك، ئۇ خۇدانىڭ ئۆيىگە كىرىپ، [خۇداغا] ئاتالغان، [تەۋراتتا] كاھىنلاردىن باشقا ھەرقانداق ئادەمنىڭ يېيېشى چەكلەنگەن «تەقدىم نانلار»نى [سوراپ] ئېلىپ يېگەن ۋە ھەمراھلىرىغىمۇ بەرگەن ــ دەپ جاۋاب بەردى. | 4 |
how he entered into the house of God, and took the loaves of shew-bread, and did eat, and gave also to those who were with him; which it was not lawful for any to eat, but the priests alone?
ئاخىرىدا ئۇ ئۇلارغا: ــ ئىنسانئوغلى شابات كۈنىنىڭمۇ ئىگىسىدۇر، ــ دېدى. | 5 |
And he said, The Son of man is Lord also of the sabbath-day.
يەنە بىر شابات كۈنى شۇنداق بولدىكى، ئۇ سىناگوگقا كىرىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى. سىناگوگتا ئوڭ قولى يىگىلەپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. | 6 |
And it came to pass on another sabbath, that he entered into the synagogue and taught: and a man was there, and his right hand was shrunk.
ئەمدى تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلغۇدەك بىرەر ئىشنى ئىزدەپ تاپايلى دەپ، ئۇنىڭ شابات كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى. | 7 |
Then the scribes and Pharisees watched him, if he would heal on the sabbath-day, that they might find an accusation against him.
بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى بىلىپ، قولى يىگىلەپ كەتكەن ئادەمگە: ــ ئورنۇڭدىن تۇر، ئوتتۇرىغا چىققىن! ــ دېۋىدى، ھېلىقى ئادەم ئورنىدىن قوپۇپ شۇ يەردە تۇردى. | 8 |
Now he knew their thoughts, and said to the man who had the withered hand, Rise, and stand in the midst. And he arose, and stood up.
ئاندىن ئەيسا ئۇلارغا: ــ سىلەردىن سوراپ باقايچۇ، تەۋراتقا ئۇيغۇن بولغىنى شابات كۈنى ياخشىلىق قىلىشمۇ، ياكى يامانلىق قىلىشمۇ؟ جاننى قۇتقۇزۇشمۇ ياكى جانغا زامىن بولۇشمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 9 |
Then said Jesus unto them, I will ask you a question; Is it lawful to do good on the sabbath-day, or to do evil? to preserve life or to destroy it?
ئەتراپىدىكىلەرنىڭ ھەممىسىگە نەزەر سالغاندىن كېيىن، ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: ــ قولۇڭنى ئۇزات، ــ دېدى. ئۇ شۇنداق قىلىشى بىلەنلا قولى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈپ ئىككىنچى قولىغا ئوخشاش بولدى. | 10 |
And looking round upon them all, he said to the man, Stretch out thine hand; and he did so: and his hand was restored sound as the other.
لېكىن ئۇلار غەزەپتىن ھوشىنى يوقىتىپ، ئەيساغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا مەسلىھەتلىشىشكە باشلىدى. | 11 |
But they were filled with madness, and talked earnestly to each other what they could do to Jesus.
شۇ كۈنلەردە شۇنداق بولدىكى، ئۇ دۇئا قىلىشقا تاغقا چىقتى ۋە ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى. | 12 |
Now it came to pass in those days, that he went out into a mountain to pray and continued all night in an oratory of God.
تاڭ ئاتقاندا، مۇخلىسلىرىنى ئالدىغا چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئون ئىككىيلەننى تاللاپ، ئۇلارنى روسۇل دەپ ئاتىدى. | 13 |
And when it was day, he called his disciples to him; and elected from them twelve, whom he named Apostles:
ئۇلار: سىمون (ئەيسا ئۇنى پېترۇس دەپمۇ ئاتىغان) ۋە ئۇنىڭ ئىنىسى ئاندىرىياس؛ ياقۇپ ۋە يۇھاننا، فىلىپ ۋە بارتولوماي، | 14 |
Simon, whom he also called Peter, and Andrew his brother, James and John, Philip and Bartholomew,
ماتتا ۋە توماس، ئالفاينىڭ ئوغلى ياقۇپ ۋە مىللەتپەرۋەر دەپ ئاتالغان سىمون، | 15 |
Matthew and Thomas, James son of Alpheus, and Simon called the Zealous,
ياقۇپنىڭ ئوغلى يەھۇدا ۋە كېيىن ئۇنىڭغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ئىشقارىيوتلار ئىدى. | 16 |
Jude the brother of James, and Judas Iscariot, who also was the traitor.
ئەيسا [روسۇللىرى] بىلەن تاغدىن چۈشۈپ، بىر تۈزلەڭلىكتە تۇراتتى. شۇ يەردە نۇرغۇن مۇخلىسلىرى ھەمدە پۈتكۈل يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ۋە يېرۇسالېمدىن، تۇر ۋە زىدون شەھەرلىرىگە قارايدىغان دېڭىز بويىدىكى يۇرتلاردىن توپ-توپ كىشىلەر يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاش ۋە كېسەللىرىگە شىپالىق ئىزدەش ئۈچۈن كەلگەنىدى. | 17 |
And coming down with them, he stood on a level spot: and the crowd of his disciples, and a vast multitude of people from all Judea and Jerusalem, and the sea coast of Tyre and Sidon, who came to hear him, and to be healed of their diseases;
ناپاك روھلاردىن ئازابلانغانلارمۇ شىپالىق تېپىشتى. | 18 |
and they who were disturbed with unclean spirits: and they were cured.
بۇ توپ-توپ ئادەملەرنىڭ ھەممىسى قوللىرىنى ئۇنىڭغا تەگكۈزۈۋېلىشقا ئىنتىلەتتى؛ چۈنكى كۈچ-قۇدرەت ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن چىقىپ ئۇلارنىڭ ھەممىسىگە شىپالىق بېرىۋاتاتتى. | 19 |
And all the multitude strove to touch him, for there went virtue out of him, and healed them all.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ مۇخلىسلىرىغا قاراپ مۇنداق دېدى: ــ «مۇبارەك، ئەي يوقسۇللار! چۈنكى خۇدانىڭ پادىشاھلىقى سىلەرنىڭكىدۇر. | 20 |
And he lifted up his eyes on his disciples, and said, Blessed are ye poor, for yours is the kingdom of God.
مۇبارەك، ئەي ھازىر ئاچ قالغانلار! چۈنكى سىلەر تولۇق تويۇنىسىلەر. مۇبارەك، ئەي يىغلاۋاتقانلار! چۈنكى كۈلىدىغان بولىسىلەر. | 21 |
Blessed are ye who hunger now, for ye shall be filled. Blessed are ye that weep now, for ye shall laugh.
كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ ۋەجىدىن سىلەردىن نەپرەتلەنسە، سىلەرنى ئۆزلىرىدىن چەتكە قاقسا، سىلەرگە تۆھمەت-ھاقارەت قىلسا، نامىڭلارنى رەزىل دەپ قارغىسا، سىلەرگە مۇبارەك! | 22 |
Blessed are ye, when men shall hate you, and when they shall separate you from them, and shall revile you, and shall cast out your name as evil, for the Son of man’s sake.
شۇ كۈنى شادلىنىپ تەنتەنە قىلىپ سەكرەڭلار. چۈنكى مانا، ئەرشتە بولغان ئىنئامىڭلار زوردۇر. چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرى [بۇرۇنقى] پەيغەمبەرلەرگىمۇ ئوخشاش ئىشلارنى قىلغان. | 23 |
Rejoice in that day, and leap for joy; for, lo! your reward is great in heaven: for after the same manner did your fathers to the prophets.
ــ لېكىن ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي بايلار! چۈنكى سىلەر ئاللىقاچان راھەت-پاراغىتىڭلارغا ئىگە بولدۇڭلار! | 24 |
But wo unto you who are rich! for ye have received your consolation.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي قارنى تويۇنغانلار! چۈنكى سىلەر ئاچ قالىسىلەر. ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي كۈلۈۋاتقانلار! چۈنكى ھازا تۇتۇپ يىغلايسىلەر. | 25 |
Wo unto you who are full! for ye shall hunger. Wo unto you who laugh now! for ye shall mourn and weep.
ھەممەيلەن سىلەرنى ياخشى دېگەندە، ھالىڭلارغا ۋاي! چۈنكى ئۇلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمۇ [بۇرۇنقى] ساختا پەيغەمبەرلەرگە شۇنداق قىلغان». | 26 |
Wo unto you, when men shall speak well of you! for just so did their fathers of the false prophets.
ــ بىراق ماڭا قۇلاق سالغان سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، دۈشمەنلىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار؛ سىلەرگە ئۆچ بولغانلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار. | 27 |
But I say to you who hear, Love your enemies, do good to those who hate you;
سىلەرنى قارغىغانلارغا بەخت تىلەڭلار؛ سىلەرگە يامان مۇئامىلىدە بولغانلارغىمۇ دۇئا قىلىڭلار. | 28 |
bless those who curse you, and pray for those who wantonly insult you.
بىرسى مەڭزىڭگە ئۇرسا، ئىككىنچى مەڭزىڭنىمۇ تۇتۇپ بەر؛ بىرسى چاپىنىڭنى ئېلىۋالىمەن دېسە، كۆڭلىكىڭنىمۇ ئايىماي بەرگىن. | 29 |
To him that smiteth thee on the cheek, offer the other also; and from him who would take from thee thy cloak, withhold not thy coat also.
بىرسى سەندىن بىرنېمە تىلىسە، ئۇنىڭغا بەرگىن. بىرسى سېنىڭ بىرەر نەرسەڭنى ئېلىپ كەتسە، ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىشنى سورىما. | 30 |
And give to every one that asketh thee; and from him who would take thy goods, demand them not again.
باشقىلارنىڭ ئۆزۈڭلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشىنى ئۈمىد قىلساڭلار، سىلەرمۇ ئۇلارغا شۇنداق مۇئامىلە قىلىڭلار. | 31 |
And as ye would that men should do unto you, do ye also to them in like manner.
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارنى ياخشى كۆرگەنلەرگىلا مېھىر-مۇھەببەت كۆرسەتسەڭلار، ئۇنداقدا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئۆزىنى ياخشى كۆرگەنلەرگە مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىدىغۇ. | 32 |
And if ye love them that love you, what thanks are due to you? for even sinners love those who love them.
ئەگەر سىلەر ئۆزۈڭلارغا ياخشىلىق قىلغانلارغىلا ياخشىلىق قىلساڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ شۇنداق قىلىدىغۇ! | 33 |
And if ye do good to them who do good to you, what thanks have ye? do not even sinners the same thing?
ئەگەر سىلەر قەرزنى «چوقۇم قايتۇرۇپ بېرىدۇ» دەپ ئويلىغانلارغا بەرسەڭلار، ئۇنداقتا سىلەردە نېمە شاپائەت بولسۇن؟ چۈنكى ھەتتا گۇناھكارلارمۇ ئەينەن قايتۇرۇپ ئالىمىز دەپ باشقا گۇناھكارلارغا قەرز بېرىدىغۇ! | 34 |
And if ye lend to those, from whom ye hope to receive back again, what thanks are due to you? for sinners lend to sinners, that they may receive an equivalent.
لېكىن سىلەر بولساڭلار، دۈشمىنىڭلارغىمۇ مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىڭلار، ياخشىلىق قىلىڭلار، باشقىلارغا ئۆتنە بېرىڭلار ۋە «ئۇلار بىزگە بېرنېمە قايتۇرىدۇ» دەپ ئويلىماڭلار. شۇ چاغدا، ئىنئامىڭلار زور بولىدۇ ۋە سىلەر ھەممىدىن ئالىي بولغۇچىنىڭ پەرزەنتلىرى بولىسىلەر. چۈنكى ئۇ تۇزكورلارغا ۋە رەزىللەرگىمۇ مېھرىبانلىق قىلىدۇ. | 35 |
But love your enemies, and do good and lend, hoping for nothing in return: and your reward shall be great, and ye shall be the children of the Most High; for he is kind unto the unthankful and to the wicked.
ئاتاڭلار مېھرىبان بولغىنىدەك سىلەرمۇ مېھرىبان بولۇڭلار. | 36 |
Be ye therefore compassionate, as also your Father is compassionate.
ــ باشقىلارنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم قىلىپ يۈرمەڭلار. بولمىسا، سىلەر [خۇدانىڭ] ھۆكۈمىگە ئۇچرايسىلەر. باشقىلارنى گۇناھقا بېكىتمەڭلار ۋە سىلەرمۇ گۇناھقا بېكىتىلمەيسىلەر. باشقىلارنى كەچۈرۈڭلار ۋە سىلەرمۇ كەچۈرۈم قىلىنىسىلەر. | 37 |
And judge not, that ye be not judged: condemn not, and ye shall not be condemned:
بېرىڭلار ۋە سىلەرگىمۇ بېرىلىدۇ ــ ھەتتا چوڭ ئۆلچىگۈچكە لىق چىڭداپ، سىلكىپ تولدۇرۇلۇپ ئۈستىدىن تېشىپ چۈشكىدەك دەرىجىدە قوينۇڭلارغا تۆكۈپ بېرىلىدۇ. سىلەر باشقىلارغا قانداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بەرسەڭلار، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئۆلچەم بىلەن ئۆلچەپ بېرىلىدۇ. | 38 |
give, and there shall be given unto you; good measure pressed down, and shook, and running over, shall they give into your lap. For with what measure ye mete, it shall be measured back to you again.
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا تەمسىل ئېيتىپ مۇنداق دېدى: ــ قارىغۇ قارىغۇنى يېتىلەپ ماڭالامدۇ؟ ئۇنداق قىلسا، ھەر ئىككىسى ئورەككە چۈشۈپ كەتمەمدۇ؟ | 39 |
And he spake a parable unto them, Can the blind lead the blind? will they not both fall into the pit?
مۇخلىس ئۇستازىدىن ئۈستۈن تۇرمايدۇ؛ لېكىن تاكامۇللاشتۇرۇلغىنى ئۇستازىغا ئوخشاش بولىدۇ. | 40 |
The disciple is not above his teacher; but every one who is completely taught shall be as his master.
ئەمدى نېمە ئۈچۈن بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى كۆرۈپ، ئۆز كۆزۈڭدىكى لىمنى بايقىيالمايسەن؟! | 41 |
But why beholdest thou the mote which is in thy brother’s eye, but observest not the beam which is in thine own eye?
سەن قانداقمۇ ئۆز كۆزۈڭدە تۇرغان لىمنى كۆرمەي تۇرۇپ بۇرادىرىڭغا: «قېنى، كۆزۈڭدىكى قىلنى ئېلىۋېتەي!» دېيەلەيسەن؟! ئەي ساختىپەز! ئاۋۋال ئۆزۈڭنىڭ كۆزىدىكى لىمنى ئېلىۋەت، ئاندىن ئېنىق كۆرۈپ، بۇرادىرىڭنىڭ كۆزىدىكى قىلنى ئېلىۋېتەلەيسەن. | 42 |
Or how canst thou say to thy brother, Brother, permit me to take off the mote which is on thine eye, not seeing thyself the beam in thine own eye? Thou hypocrite! cast out the beam which is in thine eye, and then shalt thou see distinctly to take off the mote which is in thy brother’s eye.
چۈنكى ھېچقانداق ياخشى دەرەخ يامان مېۋە بەرمەيدۇ، ھېچقانداق يامان دەرەخمۇ ياخشى مېۋە بەرمەيدۇ. | 43 |
For there is no good tree which produceth fruit of a bad quality; neither doth a tree of a bad sort produce good fruit.
ھەرقانداق دەرەخنى بەرگەن مېۋىسىدىن پەرق ئەتكىلى بولىدۇ. چۈنكى تىكەندىن ئەنجۈرنى ئۈزگىلى بولماس، يانتاقتىن ئۈزۈم ئۈزگىلى بولماس. | 44 |
Every tree is known by its own peculiar fruit. For men do not gather figs from off thorns, nor do they gather from the bramble a bunch of grapes.
ياخشى ئادەم قەلبىدىكى ياخشىلىق خەزىنىسىدىن ياخشىلىق چىقىرىدۇ؛ رەزىل ئادەم قەلبىدىكى رەزىللىك خەزىنىسىدىن رەزىللىكنى چىقىرىدۇ. چۈنكى قەلب نېمىگە تولدۇرۇلغان بولسا، ئېغىزدىن شۇ چىقىدۇ. | 45 |
A good man, out of the good treasure of his heart, produceth what is good; and a wicked man, from the evil treasure in his heart, produceth that which is evil: for out of the abundance of the heart the mouth speaketh.
ــ سىلەر نېمىشقا مېنى «رەب! رەب!» دەيسىلەر-يۇ، بىراق سىلەرگە ئېيتقانلىرىمغا ئەمەل قىلمايسىلەر؟ | 46 |
And why call ye me, Lord, Lord, and do not the things which I say?
ئەمىسە، مېنىڭ ئالدىمغا كېلىپ، سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ ئەمەل قىلغان ھەركىمنىڭ كىمگە ئوخشىغانلىقىنى سىلەرگە كۆرسىتىپ بېرەي. | 47 |
Every one who cometh to me, and heareth my words, and puts them in practice, I will shew you to whom he is like:
ئۇ خۇددى چوڭقۇر كولاپ، ئۇلىنى قورام تاشنىڭ ئۈستىگە سېلىپ ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. كەلكۈن كەلگەندە، سۇ ئېقىمى ئۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە زەرب بىلەن ئۇرۇلغىنى بىلەن، ئۇنى مىدىر-سىدىر قىلالمىدى، چۈنكى ئۇ پۇختا سېلىنغان. | 48 |
he is like to a man, building a house, who digged, and sunk deep, and laid the foundation on a rock; and when there was a flood, the river rushed violently against that house, and was not of force to shake it, for it was founded on a rock.
لېكىن سۆزلىرىمنى ئاڭلاپ تۇرۇپ، ئەمەل قىلمايدىغان كىشى بولسا، قۇرۇق يەرنىڭ ئۈستىگە ئۇلسىز ئۆي سالغان كىشىگە ئوخشايدۇ. [كەلكۈن] ئېقىمى شۇ ئۆينىڭ ئۈستىگە ئۇرۇلۇشى بىلەن ئۇ ئۆرۈلۈپ كەتتى؛ ئۇنىڭ ئۆرۈلۈشى ئىنتايىن دەھشەتلىك بولدى! | 49 |
But he that heareth, and doth not practice, is like a man who built his house on the earth without a foundation; against which the river rushed violently, and immediately it fell; and the crash of the fall of that house was great.