< لۇقا 5 >
شۇنداق بولدىكى، ئۇ گىننىسارەت كۆلىنىڭ بويىدا تۇرغاندا، خالايىق خۇدانىڭ سۆز-كالامىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولىشىپ قىستىلىشىپ تۇراتتى. | 1 |
Jednoho dne stál Ježíš u Genezaretského jezera. Lidé se kolem něho tlačili a chtěli slyšet jeho kázání.
ئۇ كۆل بويىدا تۇرغان ئىككى كېمىنى كۆردى. بېلىقچىلار بولسا كېمىدىن چۈشۈپ، [قىرغاقتا] تورلىرىنى يۇيۇشۇۋاتاتتى. | 2 |
Všiml si, že u břehu jsou dvě lodi. Opodál prali rybáři svoje sítě.
ئۇ كېمىلەردىن بىرىگە، يەنى سىموننىڭكىگە چىقىپ، ئۇنىڭدىن كېمىنى قىرغاقتىن سەل يىراقلىتىشنى ئىلتىماس قىلدى. ئاندىن ئۇ كېمىدە ئولتۇرۇپ توپ-توپ خالايىققا تەلىم بەردى. | 3 |
Posadil se do jedné lodi, která patřila Šimonovi, a požádal ho, aby ho zavezl kousek od břehu. Odtud pak kázal zástupům.
سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ سىمونغا: ــ كېمىنى چوڭقۇرراق يەرگە ھەيدەپ بېرىپ، بېلىقلارنى تۇتۇشقا تورلىرىڭلارنى سېلىڭلار، ــ دېدى. | 4 |
Když skončil, navrhl Šimonovi: „Zajeď s lodí na hloubku a roztáhněte sítě k lovu.“
سىمون ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ ئۇستاز، بىز پۈتۈن كېچىچە جاپا تارتىپ ھېچ نەرسە تۇتالمىدۇق. بىراق سېنىڭ سۆزۈڭ بىلەن تورنى سالسام سالاي، دېدى. | 5 |
Šimon namítal: „Pane, celou noc jsme se namáhali, ale marně. Když to však říkáš ty, zkusím to ještě jednou.“
ئۇلار شۇنداق قىلىۋىدى، نۇرغۇن بېلىقلار تورغا چۈشتى؛ تور سۆكۈلۈشكە باشلىدى. | 6 |
Vypluli a zatáhli takové množství ryb, že se i sítě trhaly.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار باشقا كېمىدىكى شېرىكلىرىنى ياردەمگە كېلىشكە ئىشارەت قىلىشتى. ئۇلار كېلىپ، [بېلىقلارنى] ئىككى كېمىگە لىق قاچىلىۋىدى، كېمىلەر چۆكۈپ كېتەي دەپ قالدى. | 7 |
Museli si zavolat na pomoc své přátele z druhé lodi. Obě lodi byly nakonec rybami tak naplněny, že se div nepotopily.
سىمون پېترۇس بۇ ئىشنى كۆرۈپ، ئەيسانىڭ تىزلىرى ئالدىدا يىقىلىپ: ــ مەندىن يىراقلاشقايسەن، ئى رەب! چۈنكى مەن گۇناھكارمەن! ــ دېدى. | 8 |
Když to viděl Šimon, padl před Ježíšem na kolena a prosil: „Odejdi Pane, neobstojím v tvé blízkosti, jsem hříšný člověk.“
چۈنكى بۇنچە كۆپ بېلىق تۇتۇلغانلىقىدىن ئۇ ۋە ئۇنىڭغا بارلىق ھەمراھ بولغانلارنى ھەيرانلىق باسقانىدى. | 9 |
Všichni rybáři, kteří u toho byli – mezi nimi také Šimonovi přátelé, Jakub a Jan, synové Zebedeovi, žasli nad tím neobvyklým úlovkem. Ježíš řekl Šimonovi: „Neboj se! Učiním tě rybářem lidí. Budeš je získávat pro mne.“
ۋە سىموننىڭ شېرىكلىرى ــ زەبەدىينىڭ ئوغۇللىرى ياقۇپ بىلەن يۇھاننامۇ ھەم شۇنداق ھەيران قالدى. ئەمدى ئەيسا سىمونغا: ــ قورقمىغىن، بۇنىڭدىن كېيىن سەن ئادەم تۇتقۇچى بولىسەن ــ دېدى. | 10 |
ئۇلار كېمىلەرنى قىرغاققا چىقىرىپ، ھەممە نەرسىنى تاشلاپ قويۇپ، ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى. | 11 |
Přirazili s loděmi ke břehu, všechno tam nechali a šli s Ježíšem.
شۇنداق بولدىكى، ئۇ شەھەر-يېزىلارنىڭ بىرىدە بولغاندا، مانا شۇ يەردە، پۈتۈن بەدىنىنى ماخاۋ بېسىپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى. ئۇ ئەيسانى كۆرۈپلا ئۇنىڭ ئايىغىغا ئۆزىنى ئېتىپ ئۇنىڭدىن: ــ تەقسىر، ئەگەر سەن خالىساڭ، مېنى ساقايتىپ پاك قىلالايسەن! ــ دەپ يالۋۇردى. | 12 |
V jednom městečku potkal Ježíš člověka s pokročilým malomocenstvím. Ubožák před ním poklekl a prosil: „Pane, kdybys chtěl, mohl bys mne uzdravit.“
ئەيسا قولىنى سوزۇپ ئۇنىڭغا تەگكۈزۈپ تۇرۇپ: ــ خالايمەن، پاكلانغىن! ــ دېۋىدى، بۇ ئادەمنىڭ ماخاۋ كېسىلى دەرھال ئۇنىڭدىن كەتتى. | 13 |
Ježíš se ho dotkl a řekl: „Ano, chci, buď zdráv!“V tom okamžiku malomocenství zmizelo.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ھازىر بۇ ئىشنى ھېچكىمگە ئېيتما، بەلكى ئۇدۇل بېرىپ كاھىنغا ئۆزۈڭنى كۆرسىتىپ، ئۇلاردا بىر گۇۋاھلىق بولۇش ئۈچۈن، مۇسا بۇ ئىشتا ئەمر قىلغاندەك ئۆزۈڭنىڭ ساقايتىلغىنىڭ ئۈچۈن بىر [قۇربانلىقنى] سۇنغىن، ــ دېدى. | 14 |
Ježíš mu poručil: „Nikomu o tom nevyprávěj, jdi, ukaž se knězi, ať tě prohlásí za zdravého, a pak obětuj předepsanou oběť vděčnosti.“
لېكىن ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر تېخىمۇ تارقىلىپ پۇر كەتتى؛ شۇنىڭ بىلەن توپ-توپ خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە ئۆز ئاغرىق-كېسەللىرىنى ساقايتىشى ئۈچۈن ئۇنىڭ ئالدىغا يىغىلىپ كېلەتتى. | 15 |
Zpráva o Ježíšovi se rychle šířila. Lidé za ním přicházeli v houfech, aby ho slyšeli a aby uzdravoval jejich nemoci.
ھالبۇكى، ئۇ پات-پات ئۇلاردىن چېكىنىپ چۆللۈك يەرلەرگە بېرىپ دۇئا قىلاتتى. | 16 |
On si však vždycky našel čas, aby se v ústraní modlil.
شۇ كۈنلەرنىڭ بىرىدە شۇنداق بولدىكى، ئۇ تەلىم بېرىۋاتقاندا، يېنىدا پەرىسىيلەر ۋە تەۋرات ئەھلىلىرى ئولتۇراتتى. ئۇلار گالىلىيە، يەھۇدىيە ئۆلكىلىرىنىڭ ھەرقايسى يېزا-قىشلاقلىرى ۋە يېرۇسالېمدىن كەلگەنىدى. پەرۋەردىگارنىڭ كېسەللەرنى ساقايتىش كۈچ-قۇدرىتى ئۇنىڭغا يار بولدى. | 17 |
Jednoho dne se kolem Ježíše shromáždili farizejové a učitelé zákona z různých měst Galileje a Judska a dokonce i z Jeruzaléma. Posadili se kolem něho a naslouchali mu. I zde mu dal Bůh moc k uzdravování.
شۇ پەيتتە، مانا بىرقانچە كىشى زەمبىلگە ياتقۇزۇلغان بىر پالەچنى كۆتۈرۈپ كەلدى. ئۇلار ئۇنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەكىرىشكە ئىنتىلىشتى. | 18 |
Nějací lidé přinesli na nosítkách ochrnutého muže. Chtěli ho vnést dveřmi a položit před Ježíše, ale bylo tam tolik lidí, že nemohli projít. Vystoupili tedy na střechu a otvorem spustili nemocného i s lehátkem přímo před něho. Když
بىراق ئادەملەرنىڭ تولىلىقىدىن كېسەلنى ئەكىرىشكە ئامال تاپالماي، ئۇلار ئۆگزىگە ئېلىپ چىقىپ، ئۆگزىدىكى كاھىشلارنى ئېچىپ، كېسەلنى ئۆينىڭ ئىچىگە زەمبىلدە ياتقان ھالدا خالايىقنىڭ ئوتتۇرىسىغا، ئەيسانىڭ ئالدىغا چۈشۈردى. | 19 |
ئۇ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىنى كۆرۈپ [پالەچكە]: ــ بۇرادەر، گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى! ــ دېدى. | 20 |
Ježíš viděl, kolik důvěry v něho mají, řekl: „Příteli, tvoje hříchy jsou ti odpuštěny.“
تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر كۆڭۈللىرىدە: ــ بۇنداق كۇپۇرلۇق سۆزلىگەن بۇ ئادەم كىمدۇر؟! خۇدادىن باشقا گۇناھلارنى كەچۈرەلەيدىغان كىم بار؟ ــ دەپ ئويلاشتى. | 21 |
Učitelé zákona a farizejové uvažovali: „Jak se může opovážit něco takového říci? To je přece rouhání. Nikdo jiný než Bůh nemůže odpouštět hříchy!“
بىراق ئەيسا ئۇلارنىڭ كۆڭلىدە ئەيىب ئىزدەشلىرىنى بىلىپ يېتىپ، جاۋابەن: ــ سىلەر كۆڭلۈڭلاردا نېمىشقا ئەيىب ئىزدەيسىلەر؟ | 22 |
Ježíš dobře věděl, co si myslí, a proto řekl: „To vám vadí?
«گۇناھلىرىڭ كەچۈرۈم قىلىندى!» دېيىش ئاسانمۇ ياكى «ئورنۇڭدىن تۇر، ماڭ!» دېيىشمۇ؟ | 23 |
Co je snazší? Zvěstovat člověku odpuštění jeho hříchů, anebo ho uzdravit?
ئەمما ھازىر سىلەرنىڭ ئىنسانئوغلىنىڭ يەر يۈزىدە گۇناھلارنى كەچۈرۈم قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ــ ئۇ پالەچ كېسەلگە: ــ ساڭا ئېيتايكى، ئورنۇڭدىن تۇر، ئورنۇڭنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيۈڭگە قايت! ــ دەپ بۇيرۇدى. | 24 |
Přesvědčím vás, že Syn člověka má na zemi právo odpouštět hříchy.“Obrátil se k ochrnutému se slovy: „Vstaň, vezmi si svoje lehátko a jdi domů!“
ھېلىقى ئادەم دەرھال ئۇلارنىڭ ئالدىدا ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئۆزى ياتقان زەمبىلنى ئېلىپ، خۇدانى ئۇلۇغلىغىنىچە ئۆيىگە قايتتى. | 25 |
A tak se stalo: před očima všech muž vstal, sbalil svou rohož, šel domů a cestou hlasitě děkoval Bohu.
ھەممەيلەننى دەھشەتلىك ھەيرانلىق باستى؛ ئۇلار خۇدانى ئۇلۇغلىشىپ، قورقۇنچقا چۆمگەن ھالدا: ــ بىز بۈگۈن تىلسىمات ئىشلارنى كۆردۇق! ــ دېيىشتى. | 26 |
Celé shromáždění bylo vzrušeno a lidé, plni svaté bázně, chválili Boha a říkali: „Dnes jsme viděli neuvěřitelné věci.“
بۇ ئىشلاردىن كېيىن، ئۇ يولغا چىقىپ، لاۋىي ئىسىملىك بىر باجگىرنى كۆردى. ئۇ باج يىغىدىغان ئورۇندا ئولتۇراتتى. ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ماڭا ئەگەشكىن! ــ دېدى. | 27 |
Ježíš šel dál. Cestou uviděl v celnici výběrčího daní jménem Levi a řekl mu: „Pojď, staň se mým následovníkem!“
ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ، ھەممىنى تاشلاپ، ئۇنىڭغا ئەگەشتى. | 28 |
Levi nechal všeho, vstal a šel za Ježíšem.
لاۋىي ئۆيىدە ئۇنىڭغا كاتتا بىر زىياپەت بەردى. ئۇلار بىلەن زور بىر توپ باجگىرلار ۋە باشقىلارمۇ شۇ يەردە ھەمداستىخان بولغانىدى. | 29 |
Doma pak vystrojil pro Ježíše a jeho žáky hostinu. Na ni pozval i mnoho svých dřívějších kolegů.
بىراق پەرىسىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئېقىمىدىكى تەۋرات ئۇستازلىرى غۇدۇڭشۇپ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرىغا: ــ سىلەر نېمىشقا باجگىر ۋە گۇناھكارلار بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىپ ئولتۇرىسىلەر؟! ــ دەپ ئاغرىنىشتى. | 30 |
To pohoršilo farizeje a učitele zákona, takže vytýkali učedníkům: „Proč jíte a pijete s lidmi, kterými každý slušný člověk pohrdá?“
ئەيسا ئۇلارغا جاۋابەن: ــ ساغلام ئادەملەر ئەمەس، بەلكى كېسەل ئادەملەر تېۋىپقا موھتاجدۇر. | 31 |
Ježíš na to odpověděl: „Lékaře nepotřebují zdraví, ale nemocní.
مەن ھەققانىيلارنى ئەمەس، بەلكى گۇناھكارلارنى توۋىغا چاقىرغىلى كەلدىم، ــ دېدى. | 32 |
Nepřišel jsem volat k pokání ty, kteří mají o sobě dobré mínění, ale hříšníky.“
ئاندىن ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ نېمىشقا يەھيانىڭ مۇخلىسلىرى دائىم روزا تۇتۇپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدۇ، پەرىسىيلەرنىڭ مۇخلىسلىرىمۇ شۇنداق قىلىدۇ، لېكىن سېنىڭ مۇخلىسلىرىڭ يەپ-ئىچىپلا يۈرىدىغۇ! ــ دەپ سوراشتى. | 33 |
Někteří farizejové Ježíšovi předhazovali: „Janovi učedníci se často s postem modlí a právě tak i naši žáci. Jak to tedy, že tvoji hodují?“
ئۇ ئۇلارغا: ــ تويى بولۇۋاتقان يىگىت تويدا توي مېھمانلىرى بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغان چاغدا ئۇلارنى روزا تۇتقۇزالامسىلەر؟ | 34 |
Ježíš odpověděl: „Je přirozené, aby se svatebčané postili, když je ženich s nimi?
ئەمما شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، يىگىت ئۇلاردىن ئېلىپ كېتىلىدۇ، ئۇلار شۇ كۈنلەردە روزا تۇتىدۇ. | 35 |
Však přijde chvíle, kdy ženicha odvedou, a pak bude vhodný čas k půstu.“
ئۇ ئۇلارغا بىر تەمسىلمۇ كەلتۈردى: ــ ھېچكىم يېڭى كۆڭلەكتىن يىرتىپ، ئۇنى كونا كۆڭلەككە ياماق قىلمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى كۆڭلەكنىمۇ يىرتقان بولىدۇ، شۇنداقلا يېڭىدىن ئالغان ياماقمۇ كونا كۆڭلەككە ماس كەلمەيدۇ. | 36 |
Ještě přidal další přirovnání: „Nikdo si přece nevystřihne kus látky z nových šatů, aby si jím vyspravil starý oděv. Zničil by si tak šaty nové a na starých šatech by se záplata srazila a díra by byla ještě větší.
شۇنىڭدەك، ھېچكىم يېڭى شارابنى كونا تۇلۇملارغا قاچىلىمايدۇ. ئۇنداق قىلسا، يېڭى شارابنىڭ [كۆپۈشى بىلەن] تۇلۇملار يېرىلىدۇ-دە، شارابمۇ تۆكۈلۈپ كېتىدۇ؛ تۇلۇملارمۇ كاردىن چىقىدۇ. | 37 |
Nikdo také nebude nalévat víno do starých kožených měchů, protože kvasící víno by staré měchy roztrhalo, a tak by obojí přišlo nazmar.
شۇڭا يېڭى شاراب يېڭى تۇلۇملارغا قاچىلىنىش كېرەك، شۇنداقتا ئىككىلىسى ساقلىنىپ قالىدۇ. | 38 |
Proto mladé víno patří do nových měchů.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ھېچكىم كونا شارابتىن كېيىن يېڭىسىنى ئىچىشنى خالىمايدۇ، چۈنكى ئۇ: «بولدى، كونىسى ياخشى!» دەيدۇ. | 39 |
Vás ovšem znepokojuje moje poselství. Jako mladé víno nesnesou staré měchy, ani ono se nevtěsná do vašich starých tradic a zvyklostí. Jste jako pijáci, kteří si libují ve starém uleželém vínu.“