< لۇقا 4 >
ئاندىن ئەيسا مۇقەددەس روھقا تولۇپ، ئىئوردان دەرياسىدىن قايتىپ كېلىپ، روھ تەرىپىدىن چۆل-باياۋانغا ئېلىپ بېرىلدى. | 1 |
Jesús regresó del Jordán lleno del Espíritu Santo y fue impulsado por el Espíritu a una región deshabitada
ئۇ ئۇ يەردە قىرىق كۈن ئىبلىس تەرىپىدىن سىنالدى. ئۇ بۇ كۈنلەردە ھېچنەرسە يېمىدى. كۈنلەر ئاياغلاشقاندا، ئۇنىڭ قورسىقى تازا ئاچقانىدى. | 2 |
por 40 días para que fuera tentado por el diablo. Nada comió en aquellos días. Cuando se acabaron tuvo hambre.
ئەمدى ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ سەن ئەگەر خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، مۇشۇ تاشقا: «نانغا ئايلان!» دەپ بۇيرۇغىن ــ دېدى. | 3 |
Entonces el diablo le dijo: Ya que eres Hijo de Dios, dí a esta piedra que se convierta en pan.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋابەن: ــ [تەۋراتتا]: «ئىنسان پەقەت نان بىلەنلا ئەمەس، بەلكى خۇدانىڭ ھەربىر سۆزى بىلەنمۇ ياشايدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. | 4 |
Jesús le respondió: Está escrito: No solo de pan vivirá el hombre.
ئىبلىس يەنە ئۇنى ئېگىز بىر تاغقا باشلاپ چىقىپ، بىر دەقىقە ئىچىدە دۇنيادىكى بارلىق دۆلەتلەرنى ئۇنىڭغا كۆرسەتتى. | 5 |
Lo subió y le mostró en un momento todos los reinos de la tierra habitada.
ئىبلىس ئۇنىڭغا: ــ مەن بۇ ھاكىمىيەتنىڭ ھەممىسىنى ۋە ئۇنىڭغا تەۋە بارلىق شانۇشەۋكەتلەرنى ساڭا تەقدىم قىلىمەن؛ چۈنكى بۇلار ماڭا تاپشۇرۇلغان، مەن ئۇنى كىمگە بېرىشنى خالىسام، شۇنىڭغا بېرىمەن. | 6 |
Y el diablo le dijo: Te daré toda esta autoridad y el esplendor de ellos, pues me fue entregada, y a quien quiera se la doy.
ئەگەر باش قويۇپ ماڭا سەجدە قىلساڭ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سېنىڭكى بولىدۇ، ــ دېدى. | 7 |
Si Tú te postras ante mí, será toda tuya.
ئەيسا ئۇنىڭغا جاۋاب بېرىپ: ــ [تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭغىلا ئىبادەت قىل، پەقەت ئۇنىڭلا قۇللۇقىدا بول!» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. | 8 |
Jesús respondió: Está escrito: Ante el Señor tu Dios te postrarás y a Él solo servirás.
ئاندىن ئىبلىس ئۇنى يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى ۋە ئۇنى ئىبادەتخانىنىڭ ئەڭ ئېگىز جايىغا تۇرغۇزۇپ: ــ خۇدانىڭ ئوغلى بولساڭ، ئۆزۈڭنى پەسكە تاشلاپ باققىن! | 9 |
Entonces lo llevó a Jerusalén, lo puso en pie sobre el pináculo del Templo y le dijo: Ya que eres Hijo de Dios, lánzate de aquí abajo,
چۈنكى [تەۋراتتا]: «[خۇدا] ئۆز پەرىشتىلىرىگە سېنى قوغداش ھەققىدە ئەمر قىلىدۇ»؛ | 10 |
porque está escrito: A sus ángeles mandará para que te guarden.
ۋە، «پۇتۇڭنىڭ تاشقا ئۇرۇلۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ئۇلار سېنى قوللىرىدا كۆتۈرۈپ يۈرىدۇ» دەپ يېزىلغان، ــ دېدى. | 11 |
Y: En [las] manos te sostendrán para que tu pie no tropiece en piedra.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ «[تەۋراتتا]: «پەرۋەردىگار خۇدايىڭنى سىنىغۇچى بولما!» دەپمۇ يېزىلغان، ــ دېدى. | 12 |
Jesús le respondió: Está dicho: No tentarás al Señor tu Dios.
ئىبلىس بارلىق سىناشلارنى ئىشلىتىپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنى ۋاقتىنچە تاشلاپ كېتىپ قالدى. | 13 |
Y cuando acabó toda tentación, el diablo se retiró de Él hasta un tiempo oportuno.
ئەيسا روھنىڭ كۈچ-قۇدرىتى ئىچىدە گالىلىيە ئۆلكىسىگە قايتىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. | 14 |
Jesús regresó a Galilea con el poder del Espíritu, y [la] noticia con respecto a Él salió por toda la región alrededor.
ئۇ ئۇلارنىڭ سىناگوگلىرىدا تەلىم بېرگىلى تۇردى ۋە ئۇلارنىڭ ئۇلۇغلاشلىرىغا سازاۋەر بولدى. | 15 |
Enseñaba en las congregaciones de ellos y era alabado por todos.
ئۇ ئۆزى بېقىپ چوڭ قىلىنغان يۇرتى ناسارەتكە كېلىپ، شابات كۈنى ئادەتتىكىدەك سىناگوگقا كىردى ۋە شۇنداقلا [مۇقەددەس يازمىلارنى] ئوقۇشقا ئۆرە تۇردى | 16 |
Fue a Nazaret, donde fue criado. El día sábado entró en la congregación según la costumbre y se levantó a leer.
ۋە تەۋراتتىكى «يەشايا» دېگەن قىسىم ئۇنىڭغا تاپشۇرۇلدى. ئۇ ئورام يازمىنى ئېچىپ، مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان يەرنى تېپىپ ئوقۇدى: | 17 |
Se le dio un rollo del profeta Isaías. Lo desenvolvió y halló el lugar donde está escrito:
ــ «پەرۋەردىگارنىڭ روھى مېنىڭ ۋۇجۇدۇمدا، چۈنكى ئۇ مېنى يوقسۇللارغا خۇش خەۋەرلەر يەتكۈزۈشكە مەسىھ قىلدى. تۇتقۇنلارغا ئازادلىقنى، ۋە كورلارغا كۆرۈش شىپاسىنى جاكارلاشقا، ئېزىلگەنلەرنى خالاس قىلىشقا، پەرۋەردىگارنىڭ شاپائەت كۆرسىتىدىغان يىلىنى جاكارلاشقا مېنى ئەۋەتتى». | 18 |
[El] Espíritu del Señor está sobre Mí, porque me ungió para anunciar Buenas Noticias a [los] pobres. Me envió a proclamar libertad a cautivos, y restauración de vista a ciegos, a enviar en libertad a oprimidos,
A proclamar el año aceptable del Señor.
ئۇ يازمىنى تۈرۈۋېتىپ، سىناگوگ خىزمەتچىسىگە قايتۇرۇپ بېرىپ، ئولتۇردى. سىناگوگتا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ كۆزلىرى ئۇنىڭغا تىكىلىپ تۇراتتى. | 20 |
Envolvió el rollo, lo devolvió al asistente y se sentó. Los ojos de todos en la congregación estaban fijos en Él.
ئۇ كۆپچىلىككە: ــ مانا بۇ ئايەت بۈگۈن قۇلىقىڭلارغا ئاڭلانغىنىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلماقتا، ــ دېدى. | 21 |
Y les dijo: Hoy se cumplió esta Escritura en sus oídos.
ھەممىسى ئۇنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىشىپ، ئۇنىڭ ئاغزىدىن چىقىۋاتقان شاپائەتلىك سۆزلىرىگە ھەيران قېلىشىپ: ــ بۇ يۈسۈپنىڭ ئوغلى ئەمەسمۇ؟ ــ دېيىشتى. | 22 |
Todos daban testimonio de Él y se maravillaban de las palabras de gracia que salían de su boca. Se preguntaban: ¿No es Éste [el] hijo de José?
ئۇ ئۇلارغا: ــ شۈبھىسىزكى، سىلەر ماڭا «ئەي تېۋىپ، ئاۋۋال ئۆزۈڭنى ساقايت!» دېگەن تەمسىلنى كەلتۈرۈپ، «خەۋەر تاپقىنىمىزدەك، كەپەرناھۇم شەھىرىدە نېمە ئىشلار يۈز بەرگەن بولسا، مۇشۇ يەردىمۇ، ئۆز يۇرتۇڭدىمۇ شۇلارنى كۆرسەتمەمسەن؟» دەۋاتىسىلەر، ــ دېدى. | 23 |
Y les respondió: Sin duda ustedes me dirán este refrán: Médico, cúrate a ti mismo. Todas las cosas que oímos que se hicieron en Cafarnaúm, hazlas también aquí en tu tierra.
ــ بىراق شۇنى سىلەرگە بەرھەق ئېيتىپ قويايكى، ھېچقانداق پەيغەمبەر ئۆز يۇرتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان ئەمەس. | 24 |
En verdad les digo que ningún profeta es bienvenido en su tierra.
مەن سىلەرگە شۇ ھەقىقەتنى ئەسلىتىمەنكى، ئىلياس [پەيغەمبەر]نىڭ ۋاقتىدا، ئاسمان ئۇدا ئۈچ يىل ئالتە ئاي ئېتىلىپ، دەھشەتلىك بىر قەھەتچىلىك بارلىق زېمىننى باسقاندا، ئىسرائىلدا نۇرغۇن تۇل ئاياللار بار ئىدى؛ | 25 |
Ciertamente les digo que muchas viudas había en Israel en los días de Elías, cuando el cielo fue cerrado por tres años y seis meses, mientras hubo una gran hambruna en toda la tierra.
بىراق ئىلياس ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىنىڭ قېشىغا ئەمەس، بەلكى زىدوننىڭ زارەفات شەھىرىدىكى بىر تۇل ئايالنىڭ قېشىغىلا ئەۋەتىلگەن. | 26 |
Pero a ninguna de ellas fue enviado Elías, sino a una mujer viuda en Sarepta de Sidón.
ۋە [شۇنىڭغا ئوخشاش]، ئېلىشا پەيغەمبەرنىڭ ۋاقتىدا، ئىسرائىلدا ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار نۇرغۇن بولسىمۇ، لېكىن سۇرىيەلىك نائاماندىن باشقا، ھېچقايسىسى ساقايتىلغان ئەمەس! ــ دېدى. | 27 |
Muchos leprosos había en Israel en [el ]tiempo del profeta Eliseo, y ninguno de ellos fue limpiado, sino Naamán el sirio.
سىناگوگدىكىلەر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ھەممىسى قاتتىق غەزەپلەندى؛ | 28 |
Al oír esto todos en la congregación se llenaron de ira.
ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى شەھەردىن ھەيدەپ چىقىرىپ، شۇ شەھەر جايلاشقان تاغنىڭ لېۋىگە ئەچىقىپ، تىك ياردىن تاشلىۋەتمەكچى بولۇشتى. | 29 |
Se levantaron, lo sacaron fuera de la ciudad y lo llevaron para despeñarlo desde [la] cumbre de la montaña sobre la cual fue edificada la ciudad de ellos.
لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن بىمالال ئۆتۈپ، ئۆز يولىغا چىقىپ كەتتى. | 30 |
Pero Él pasó por en medio de ellos y salió.
ئۇ گالىلىيە ئۆلكىسىنىڭ كەپەرناھۇم دېگەن بىر شەھىرىگە چۈشتى، ئۇ يەردە شابات كۈنلىرىدە خەلققە تەلىم بېرەتتى. | 31 |
Descendió a la ciudad de Cafarnaúm en Galilea y los sábados les enseñaba.
ئۇلار ئۇنىڭ تەلىمىگە ھەيران قېلىشتى، چۈنكى ئۇنىڭ سۆزى تولىمۇ نوپۇزلۇق ئىدى. | 32 |
Se asombraban de su enseñanza, porque su Palabra era con autoridad.
ئەمدى سىناگوگتا ناپاك جىننىڭ روھى چاپلاشقان بىر كىشى بولۇپ، [ئۇنىڭدىكى جىن] قاتتىق ئاۋازدا: | 33 |
En la congregación estaba un hombre que tenía un espíritu demoníaco impuro, quien clamó a gran voz:
ــ ئەي ناسارەتلىك ئەيسا، سېنىڭ بىز بىلەن نېمە كارىڭ؟! بىزنى يوقاتقىلى كەلدىڭمۇ؟ مەن سېنىڭ كىملىكىڭنى بىلىمەن، خۇدانىڭ مۇقەددەس بولغۇچىسىسەن! ــ دەپ توۋلاپ كەتتى. | 34 |
¡Ah! ¿Qué [nos pasa] a nosotros y a Ti, Jesús nazareno? ¿Viniste a destruirnos? ¡Sé Quién eres: El Santo de Dios!
لېكىن ئەيسا جىنغا تەنبىھ بېرىپ: ــ ئاغزىڭنى يۇم! ئۇنىڭدىن چىق! ــ دېۋىدى، جىن ھېلىقى ئادەمنى خالايىق ئوتتۇرىسىدا يىقىتىۋېتىپ، ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتتى. لېكىن ئۇنىڭغا ھېچ زەرەر يەتكۈزمىدى. | 35 |
Jesús lo reprendió: ¡Enmudece y sal de él! Y cuando lo lanzó en medio, sin hacerle daño el demonio salió de él.
ھەممەيلەن بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بولۇشۇپ، بىر-بىرىگە: ــ بۇ زادى قانداق ئىش! ئۇ دەرۋەقە ھوقۇق ۋە قۇدرەت بىلەن ناپاك روھلارغا ئەمر قىلسىلا، ئۇلار چىقىپ كېتىدىكەن، ــ دېيىشتى. | 36 |
Todos se asombraron y discutían entre ellos: ¿Qué Palabra es ésta, que con autoridad y poder manda a los espíritus impuros, y salen?
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خەۋەر-شۆھرىتى ئەتراپتىكى ھەربىر يۇرتلارغا تارقالدى. | 37 |
Su fama se difundía por todo lugar de la región circunvecina.
ئەيسا سىناگوگتىن چىقىپ، سىموننىڭ ئۆيىگە كىردى. لېكىن سىموننىڭ قېينئانىسى ئېغىر تەپ كېسىلى بولۇپ قالغانىدى؛ ئۇلار ئەيسادىن ئۇنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشىنى ئۆتۈندى. | 38 |
Cuando salió de la congregación, entró en la casa de Simón. La suegra de Simón estaba atormentada por una gran fiebre y le rogaron por ella.
ئۇ ئايالنىڭ بېشىدا تۇرۇپ، تەپكە تەنبىھ بېرىۋىدى، تەپ شۇئان ئۇنىڭدىن كەتتى. ئۇ دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى. | 39 |
Se inclinó hacia ella, reprendió la fiebre y la sanó. De inmediato, se levantó y les servía.
كۈن پېتىشى بىلەنلا، كىشىلەر ھەرخىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان يېقىنلىرى بولسىلا، ئۇلارنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇ ئۇلارغا بىر-بىرلەپ قولىنى تەگكۈزۈپ، ئۇلارنى ساقايتتى. | 40 |
Cuando el sol bajaba, todos los que tenían enfermos de diversas dolencias los llevaban a Él. Imponía las manos sobre cada uno de ellos y los sanaba.
كىشىلەرگە چاپلاشقان نۇرغۇن جىنلار ئۇلاردىن چىقىپ: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەپ توۋلاپ كېتەتتى. لېكىن ئۇ ئۇلارغا تەنبىھ بېرىپ، سۆز قىلىشىغا يول قويمىدى؛ چۈنكى ئۇلار ئۇنىڭ مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. | 41 |
También salían demonios de muchos que gritaban: ¡Tú eres el Hijo de Dios! Pero los reprendía y no les permitía hablar esto, porque sabían que Él era el Cristo.
كۈن چىقىشى بىلەن، ئۇ شەھەردىن چىقىپ، پىنھان بىر جايغا كەتتى. بىراق توپ-توپ خالايىق ئۇنى ئىزدەپ يۈرەتتى؛ ئۇلار ئۇنى تاپقاندا ئالدىغا كېلىپ، ئۇنى ئارىمىزدا قالسۇن دەپ كېتىشىدىن توسماقچى بولۇشتى. | 42 |
Cuando amaneció, salió a un lugar solitario, pero la multitud lo buscaba. Fueron a Él y lo detenían para que no se alejara de ellos.
لېكىن ئۇ ئۇلارغا: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرىنى باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ يەتكۈزۈشۈم كېرەك؛ چۈنكى مەن دەل بۇ ئىشقا ئەۋەتىلگەنمەن، ــ دېدى. | 43 |
Pero Él les dijo: Me es necesario proclamar las Buenas Noticias del reino de Dios también a las otras ciudades, pues para esto fui enviado.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ گالىلىيەدىكى سىناگوگلاردا تەلىم بېرىپ يۈرىۋەردى. | 44 |
Y predicaba en las congregaciones de Judea.