< لۇقا 23 >
ئاندىن [كېڭەشمىدىكىلەرنىڭ] ھەممىسى ئورنىدىن تۇرۇشۇپ، ئۇنى [ۋالىي] پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بېرىشتى. | 1 |
tataḥ sabhāsthāḥ sarvvalōkā utthāya taṁ pīlātasammukhaṁ nītvāprōdya vaktumārēbhirē,
ئۇ يەردە ئۇلار ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىپ: ــ ئۆزىنى مەسىھ، يەنى پادىشاھ دەپ ئاتىۋېلىپ، خەلقىمىزنى ئازدۇرۇپ ۋە قۇترىتىپ، قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇشنى توسقان بۇ ئادەمنى بايقاپ ئۇنى تۇتتۇق، ــ دېيىشتى. | 2 |
svamabhiṣiktaṁ rājānaṁ vadantaṁ kaimararājāya karadānaṁ niṣēdhantaṁ rājyaviparyyayaṁ kurttuṁ pravarttamānam ēna prāptā vayaṁ|
پىلاتۇس ئۇنىڭدىن: ــ سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىمۇسەن؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ: ــ ئېيتقىنىڭدەك، ــ دەپ جاۋاب بەردى. | 3 |
tadā pīlātastaṁ pr̥ṣṭavān tvaṁ kiṁ yihūdīyānāṁ rājā? sa pratyuvāca tvaṁ satyamuktavān|
ئاندىن پىلاتۇس باش كاھىنلار بىلەن كۆپچىلىككە: ــ بۇ ئادەمدىن بىرەر شىكايەت قىلغۇدەك ئىشنى تاپالمىدىم، ــ دېدى. | 4 |
tadā pīlātaḥ pradhānayājakādilōkān jagād, ahamētasya kamapyaparādhaṁ nāptavān|
لېكىن ئۇلار تېخىمۇ قەتئىي ھالدا: ــ ئۇ گالىلىيەدىن تارتىپ تاكى بۇ يەرگىچە، پۈتكۈل يەھۇدىيەدىمۇ تەلىم بېرىش بىلەن خەلقنى قۇترىتىدۇ. | 5 |
tatastē punaḥ sāhaminō bhūtvāvadan, ēṣa gālīla ētatsthānaparyyantē sarvvasmin yihūdādēśē sarvvāllōkānupadiśya kupravr̥ttiṁ grāhītavān|
پىلاتۇس «گالىلىيە» دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ: ــ بۇ كىشى گالىلىيەلىكمۇ؟ ــ دەپ سورىدى | 6 |
tadā pīlātō gālīlapradēśasya nāma śrutvā papraccha, kimayaṁ gālīlīyō lōkaḥ?
ۋە ئۇنىڭ ھېرود [خاننىڭ] ئىدارە قىلغان ئۆلكىدىن كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ، ئۇنى ھېرودقا يوللاپ بەردى (ئۇ كۈنلەردە ھېرودمۇ يېرۇسالېمدا ئىدى). | 7 |
tataḥ sa gālīlpradēśīyahērōdrājasya tadā sthitēstasya samīpē yīśuṁ prēṣayāmāsa|
ھېرود ئەيسانى كۆرگەندە ئىنتايىن خۇشال بولدى. چۈنكى ئۇ ئۇزۇندىن بېرى ئۇنىڭغا دائىر كۆپ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭدىن بىر مۆجىزە كۆرۈش ئۈمىدىدە بولۇپ، ئۇنى كۆرۈش پۇرسىتىنى ئىزدەۋاتاتتى. | 8 |
tadā hērōd yīśuṁ vilōkya santutōṣa, yataḥ sa tasya bahuvr̥ttāntaśravaṇāt tasya kiñicadāścaryyakarmma paśyati ityāśāṁ kr̥tvā bahukālamārabhya taṁ draṣṭuṁ prayāsaṁ kr̥tavān|
ئۇ ئەيسادىن كۆپ سوئاللارنى سورىدى، لېكىن ئۇ ھېرودقا بىر ئېغىزمۇ جاۋاب بەرمىدى. | 9 |
tasmāt taṁ bahukathāḥ papraccha kintu sa tasya kasyāpi vākyasya pratyuttaraṁ nōvāca|
باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يېقىن تۇرۇپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھە دەپ ئەرز-شىكايەت قىلىۋاتاتتى. | 10 |
atha pradhānayājakā adhyāpakāśca prōttiṣṭhantaḥ sāhasēna tamapavadituṁ prārēbhirē|
ھېرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ئۇنى خارلاپ مەسخىرە قىلىشىپ، ئۇنىڭغا شاھانە تون-كىيىم كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇرۇپ يوللىدى. | 11 |
hērōd tasya sēnāgaṇaśca tamavajñāya upahāsatvēna rājavastraṁ paridhāpya punaḥ pīlātaṁ prati taṁ prāhiṇōt|
مانا شۇ كۈندىن باشلاپ، پىلاتۇس بىلەن ھېرود دوست بولۇپ قالدى؛ چۈنكى ئىلگىرى ئۇلار ئارىسىدا ئاداۋەت بولغانىدى. | 12 |
pūrvvaṁ hērōdpīlātayōḥ parasparaṁ vairabhāva āsīt kintu taddinē dvayō rmēlanaṁ jātam|
ۋالىي پىلاتۇس باش كاھىنلارنى، [يەھۇدىي] ھۆكۈمدارلارنى ۋە خالايىقنى يىغىپ، | 13 |
paścāt pīlātaḥ pradhānayājakān śāsakān lōkāṁśca yugapadāhūya babhāṣē,
ئۇلارغا: ــ سىلەر بۇ ئادەمنىڭ ئۈستىدىن «خەلقنى ئازدۇرىدۇ ۋە قۇترىتىدۇ» دەپ شىكايەت قىلىپ ئۇنى ئالدىمغا تارتىپ كەلدىڭلار. مانا، مەن سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا ئۇنى سوراق قىلغىنىم بىلەن، ئۇنىڭدىن سىلەر شىكايەت قىلغان جىنايەتلەردىن بىرىنىمۇ تاپالمىدىم. | 14 |
rājyaviparyyayakārakōyam ityuktvā manuṣyamēnaṁ mama nikaṭamānaiṣṭa kintu paśyata yuṣmākaṁ samakṣam asya vicāraṁ kr̥tvāpi prōktāpavādānurūpēṇāsya kōpyaparādhaḥ sapramāṇō na jātaḥ,
ھېرودمۇ تاپمىدى؛ چۈنكى مەن سىلەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئەۋەتتىم. مانا، ئۇنىڭدا ئۆلۈمگە لايىق ھېچقانداق جىنايەت يوق ئىكەن. | 15 |
yūyañca hērōdaḥ sannidhau prēṣitā mayā tatrāsya kōpyaparādhastēnāpi na prāptaḥ|paśyatānēna vadhahētukaṁ kimapi nāparāddhaṁ|
شۇڭا مەن ئۇنى جازالاپ، ئاندىن قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى | 16 |
tasmādēnaṁ tāḍayitvā vihāsyāmi|
(ئۇنىڭ ھەر قېتىملىق [ئۆتۈپ كېتىش] ھېيتىدا، [يەھۇدىي] [مەھبۇسلاردىن] بىرىنى ئۇلارغا قويۇپ بېرىش مەجبۇرىيىتى بار ئىدى). | 17 |
tatrōtsavē tēṣāmēkō mōcayitavyaḥ|
لېكىن كۆپچىلىك تەڭلا چۇقان سېلىشىپ: ــ بۇنى يوقىتىڭ! بىزگە بارابباسنى قويۇپ بېرىڭ! ــ دېيىشتى | 18 |
iti hētōstē prōccairēkadā prōcuḥ, ēnaṁ dūrīkr̥tya barabbānāmānaṁ mōcaya|
(بارابباس بولسا شەھەردە توپىلاڭ كۆتۈرگەنلىكى ۋە قاتىللىق قىلغانلىقى ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغان مەھبۇس ئىدى). | 19 |
sa barabbā nagara upaplavavadhāparādhābhyāṁ kārāyāṁ baddha āsīt|
شۇنىڭ بىلەن پىلاتۇس ئەيسانى قويۇپ بېرىشنى خالاپ، كۆپچىلىككە يەنە سۆز قىلغىلى تۇردى. | 20 |
kintu pīlātō yīśuṁ mōcayituṁ vāñchan punastānuvāca|
لېكىن ئۇلار جاۋابەن يەنە چۇقان سېلىشىپ: ــ كرېستلىگىن، ئۇنى كرېستلىگىن! ــ دەپ ۋارقىراشتى. | 21 |
tathāpyēnaṁ kruśē vyadha kruśē vyadhēti vadantastē ruruvuḥ|
[پىلاتۇس] ئۈچىنچى قېتىم ئۇلارغا: ــ نېمىشقا؟ ئۇ زادى نېمە يامانلىق قىلغان؟ مەن ئۇنىڭدىن ئۆلۈمگە لايىق ھېچ جىنايەت تاپالمىدىم. شۇنىڭ ئۈچۈن مەن ئۇنى جازالاپ، قويۇپ بېرىمەن، ــ دېدى. | 22 |
tataḥ sa tr̥tīyavāraṁ jagāda kutaḥ? sa kiṁ karmma kr̥tavān? nāhamasya kamapi vadhāparādhaṁ prāptaḥ kēvalaṁ tāḍayitvāmuṁ tyajāmi|
بىراق ئۇلار يەنىلا ھە دەپ چۇقان سېلىشىپ: «ئۇ كرېستلەنسۇن!» دەپ تەلەپ قىلىپ چىڭ تۇرۇۋالدى. ئۇلارنىڭ ھەمدە باش كاھىنلارنىڭ چۇقانلىرى ئاخىر كۈچلۈك كەلدى. | 23 |
tathāpi tē punarēnaṁ kruśē vyadha ityuktvā prōccairdr̥ḍhaṁ prārthayāñcakrirē;
پىلاتۇس ئۇلارنىڭ تەلىپى بويىچە ئادا قىلىنسۇن دەپ ھۆكۈم چىقاردى. | 24 |
tataḥ pradhānayājakādīnāṁ kalaravē prabalē sati tēṣāṁ prārthanārūpaṁ karttuṁ pīlāta ādidēśa|
ۋە ئۇلارنىڭ تىلىگىنىنى، يەنى توپىلاڭ كۆتۈرۈش ۋە قاتىللىق ئۈچۈن زىندانغا تاشلانغاننى قويۇپ بېرىپ، ئەيسانى ئۇلارنىڭ خاھىشىغا تاپشۇرۇپ بەردى. | 25 |
rājadrōhavadhayōraparādhēna kārāsthaṁ yaṁ janaṁ tē yayācirē taṁ mōcayitvā yīśuṁ tēṣāmicchāyāṁ samārpayat|
ۋە ئۇلار ئۇنى ئېلىپ كېتىۋاتقاندا، يولدا كۇرىنى شەھىرىلىك سىمون ئىسىملىك بىر كىشى سەھرادىن كېلىۋاتاتتى؛ ئۇلار ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، كرېستنى ئۇنىڭغا كۆتۈرگۈزۈپ، ئەيسانىڭ كەينىدىن ماڭدۇردى. | 26 |
atha tē yīśuṁ gr̥hītvā yānti, ētarhi grāmādāgataṁ śimōnanāmānaṁ kurīṇīyaṁ janaṁ dhr̥tvā yīśōḥ paścānnētuṁ tasya skandhē kruśamarpayāmāsuḥ|
ئەيسانىڭ كەينىدە زور بىر توپ خەلق، شۇنداقلا ئۇنىڭغا ئېچىنىپ يىغا-زار كۆتۈرۈشىۋاتقان ئاياللارمۇ ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى. | 27 |
tatō lōkāraṇyamadhyē bahustriyō rudatyō vilapantyaśca yīśōḥ paścād yayuḥ|
لېكىن ئەيسا كەينىگە بۇرۇلۇپ ئۇلارغا: ــ ئەي يېرۇسالېمنىڭ قىزلىرى! مەن ئۈچۈن يىغلىماڭلار، بەلكى ئۆزۈڭلار ۋە بالىلىرىڭلار ئۈچۈن يىغلاڭلار! | 28 |
kintu sa vyāghuṭya tā uvāca, hē yirūśālamō nāryyō yuyaṁ madarthaṁ na ruditvā svārthaṁ svāpatyārthañca ruditi;
چۈنكى سىلەرگە شۇنداق ئېغىر كۈنلەر كېلىدۇكى، كىشىلەر: «تۇغماسلار، بالا كۆتۈرمىگەن قورساقلار ۋە ئېمىتمىگەن ئەمچەكلەر بەختلىكتۇر!» ــ دېيىشىدۇ. | 29 |
paśyata yaḥ kadāpi garbhavatyō nābhavan stanyañca nāpāyayan tādr̥śī rvandhyā yadā dhanyā vakṣyanti sa kāla āyāti|
شۇ چاغدا كىشىلەر تاغلارغا: «ئۈستىمىزگە ئۆرۈل!»، دۆڭلۈكلەرگە: «ئۈستىمىزنى ياپ!» دەپ نىدا قىلىشىدۇ. | 30 |
tadā hē śailā asmākamupari patata, hē upaśailā asmānācchādayata kathāmīdr̥śīṁ lōkā vakṣyanti|
چۈنكى ئادەملەر ياپيېشىل دەرەخكە شۇنداق ئىشلارنى قىلغان يەردە، قۇرۇپ كەتكەن دەرەخكە نېمە ئىشلار بولار؟! ــ دېدى. | 31 |
yataḥ satējasi śākhini cēdētad ghaṭatē tarhi śuṣkaśākhini kiṁ na ghaṭiṣyatē?
ئىككى جىنايەتچىمۇ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغىلى ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئېلىپ كېلىنگەنىدى. | 32 |
tadā tē hantuṁ dvāvaparādhinau tēna sārddhaṁ ninyuḥ|
ۋە ئۇلار «باش سۆڭەك» دەپ ئاتالغان جايغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئۇنى ۋە يەنە ئىككى جىنايەتچىنى، بىرىنى ئۇنىڭ ئوڭ يېنىدا ۋە يەنە بىرىنى سول يېنىدا كرېستكە تارتتى. | 33 |
aparaṁ śiraḥkapālanāmakasthānaṁ prāpya taṁ kruśē vividhuḥ; taddvayōraparādhinōrēkaṁ tasya dakṣiṇō tadanyaṁ vāmē kruśē vividhuḥ|
ئەيسا: ــ ئى ئاتا، ئۇلارنى كەچۈرگىن، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنىڭ نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، ــ دېدى. [لەشكەرلەر] چەك تاشلاپ، ئۇنىڭ كىيىملىرىنى بۆلۈشۈۋالدى. | 34 |
tadā yīśurakathayat, hē pitarētān kṣamasva yata ētē yat karmma kurvvanti tan na viduḥ; paścāttē guṭikāpātaṁ kr̥tvā tasya vastrāṇi vibhajya jagr̥huḥ|
خالايىق قاراپ تۇراتتى، يەھۇدىي ھۆكۈمدارلارمۇ يېنىدا تۇرۇپ ئۇنىڭغا دىمىغىنى قېقىپ مەسخىرە قىلىپ: باشقىلارنى قۇتقۇزۇپتىكەن! ئەگەر ئۇ راستتىن خۇدانىڭ مەسىھى، ئۇنىڭ تاللىۋالغىنى بولسا، ئۆزىنى قۇتقۇزۇپ باقسۇن! ــ دېيىشتى. | 35 |
tatra lōkasaṁghastiṣṭhan dadarśa; tē tēṣāṁ śāsakāśca tamupahasya jagaduḥ, ēṣa itarān rakṣitavān yadīśvarēṇābhirucitō 'bhiṣiktastrātā bhavati tarhi svamadhunā rakṣatu|
لەشكەرلەرمۇ ئۇنى مەسخىرە قىلىشىپ، يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سىركە تەڭلەپ: | 36 |
tadanyaḥ sēnāgaṇā ētya tasmai amlarasaṁ datvā parihasya prōvāca,
ــ ئەگەر سەن يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھى بولساڭ، ئۆزۈڭنى قۇتقۇزۇپ باق! ــ دېيىشتى. | 37 |
cēttvaṁ yihūdīyānāṁ rājāsi tarhi svaṁ rakṣa|
ئۇنىڭ ئۈستىدىكى [تاختايغا] گرېكچە، لاتىنچە ۋە ئىبرانىيچە ھەرپلەر بىلەن: «بۇ كىشى يەھۇدىيلارنىڭ پادىشاھىدۇر» دەپ يېزىپ قويۇلغانىدى. | 38 |
yihūdīyānāṁ rājēti vākyaṁ yūnānīyarōmīyēbrīyākṣarai rlikhitaṁ tacchirasa ūrddhvē'sthāpyata|
ئۇنىڭ بىلەن بىللە كرېستكە تارتىلغان ئىككى جىنايەتچىنىڭ بىرى ئۇنى ھاقارەتلەپ: ــ سەن مەسىھ ئەمەسمىدىڭ؟ ئەمدى ئۆزۈڭنىمۇ، بىزنىمۇ قۇتقۇزە! ــ دېدى. | 39 |
tadōbhayapārśvayō rviddhau yāvaparādhinau tayōrēkastaṁ vinindya babhāṣē, cēttvam abhiṣiktōsi tarhi svamāvāñca rakṣa|
بىراق يەنە بىرى ئۇنىڭ گېپىگە تەنبىھ بېرىپ: سەن ئۆزۈڭ ئوخشاش ھۆكۈمنىڭ تېگىدە تۇرۇپ خۇدادىن قورقمامسەن؟ | 40 |
kintvanyastaṁ tarjayitvāvadat, īśvarāttava kiñcidapi bhayaṁ nāsti kiṁ? tvamapi samānadaṇḍōsi,
بىزنىڭ جازالىنىشىمىز ھەقلىق، چۈنكى ئۆز قىلمىشلىرىمىزنىڭ تېگىشلىك جازاسىنى تارتتۇق؛ لېكىن بۇ كىشى ھېچقانداق ناتوغرا ئىش قىلمىغانغۇ! ــ دەپ جاۋاب بەردى. | 41 |
yōgyapātrē āvāṁ svasvakarmmaṇāṁ samucitaphalaṁ prāpnuvaḥ kintvanēna kimapi nāparāddhaṁ|
ئاندىن، ئۇ ئەيساغا: ــ ئى رەب، پادىشاھلىقىڭ بىلەن كەلگىنىڭدە، مېنى ياد قىلغىن، ــ دېدى. | 42 |
atha sa yīśuṁ jagāda hē prabhē bhavān svarājyapravēśakālē māṁ smaratu|
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ بەرھەق، مەن ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن سەن مەن بىلەن بىللە جەننەتتە بولىسەن، ــ دېدى. | 43 |
tadā yīśuḥ kathitavān tvāṁ yathārthaṁ vadāmi tvamadyaiva mayā sārddhaṁ paralōkasya sukhasthānaṁ prāpsyasi|
ھازىر ئالتىنچى سائەت بولۇپ، پۈتۈن زېمىننى توققۇزىنچى سائەتكىچە قاراڭغۇلۇق باستى. | 44 |
aparañca dvitīyayāmāt tr̥tīyayāmaparyyantaṁ ravēstējasōntarhitatvāt sarvvadēśō'ndhakārēṇāvr̥tō
قۇياش نۇرىنى بەرمىدى ۋە ئىبادەتخانىنىڭ پەردىسى توساتتىن ئوتتۇرىسىدىن يىرتىلىپ ئىككى پارچە بولۇپ كەتتى. | 45 |
mandirasya yavanikā ca chidyamānā dvidhā babhūva|
ئەيسا قاتتىق ئاۋاز بىلەن نىدا قىلغاندىن كېيىن: ــ ئى ئاتا! روھىمنى قولۇڭغا تاپشۇردۇم، ــ دېدى-دە، تىنىقى توختاپ، جان ئۈزدى. | 46 |
tatō yīśuruccairuvāca, hē pita rmamātmānaṁ tava karē samarpayē, ityuktvā sa prāṇān jahau|
ئۇ يەردە تۇرغان يۈزبېشى يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ: ــ بۇ ئادەم ھەقىقەتەن دۇرۇس ئادەم ئىكەن! ــ دەپ خۇدانى ئۇلۇغلىدى. | 47 |
tadaitā ghaṭanā dr̥ṣṭvā śatasēnāpatirīśvaraṁ dhanyamuktvā kathitavān ayaṁ nitāntaṁ sādhumanuṣya āsīt|
ۋە بۇ مەنزىرىنى كۆرۈشكە يىغىلغان بارلىق خەلق يۈز بەرگەن ئىشلارنى كۆرۈپ كۆكرەكلىرىگە ئۇرۇپ ئۆيلىرىگە قايتىشتى. | 48 |
atha yāvantō lōkā draṣṭum āgatāstē tā ghaṭanā dr̥ṣṭvā vakṣaḥsu karāghātaṁ kr̥tvā vyācuṭya gatāḥ|
ۋە ئۇنى تونۇيدىغان بارلىق كىشىلەر ۋە گالىلىيەدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەن ئاياللار يىراقتا تۇرۇپ، بۇ ۋەقەلەرگە قاراپ تۇردى. | 49 |
yīśō rjñātayō yā yā yōṣitaśca gālīlastēna sārddhamāyātāstā api dūrē sthitvā tat sarvvaṁ dadr̥śuḥ|
ۋە مانا شۇ يەردە كېڭەشمىدىكىلەردىن يۈسۈپ ئىسىملىك بىرى بار ئىدى. ئۇ ئۆزى ئاقكۆڭۈل ۋە ئادىل ئادەم بولۇپ، ئۇلارنىڭ مەسلىھەتىگە ۋە قىلغىنىغا قوشۇلمىغانىدى. ئۆزى يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى ئارىماتىيا دېگەن بىر شەھەردىن بولۇپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى تەلمۈرۈپ كۈتەتتى. | 50 |
tadā yihūdīyānāṁ mantraṇāṁ kriyāñcāsammanyamāna īśvarasya rājatvam apēkṣamāṇō
yihūdidēśīyō 'rimathīyanagarīyō yūṣaphnāmā mantrī bhadrō dhārmmikaśca pumān
ئۇ ئۆزى پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا بېرىپ ئەيسانىڭ جەسىتىنى بېرىشنى تەلەپ قىلدى؛ | 52 |
pīlātāntikaṁ gatvā yīśō rdēhaṁ yayācē|
ۋە ئۇنى كرېستتىن چۈشۈرۈپ كاناپ بىلەن كېپەنلەپ، قورام تاشتىن ئويۇپ ياسالغان، ھېچكىم قويۇلمىغان بىر قەبرىگە دەپنە قىلدى. | 53 |
paścād vapuravarōhya vāsasā saṁvēṣṭya yatra kōpi mānuṣō nāsthāpyata tasmin śailē svātē śmaśānē tadasthāpayat|
بۇ «تەييارلىق كۈنى» بولۇپ، شابات كۈنى يېقىنلىشىپ قالغانىدى. | 54 |
taddinamāyōjanīyaṁ dinaṁ viśrāmavāraśca samīpaḥ|
ۋە ئۇنىڭ بىلەن گالىلىيەدىن كەلگەن ئاياللار [يۈسۈپكە] ئەگىشىپ، قەبرىنى ۋە ئۇنىڭ جەسەتىنىڭ قانداق قويۇلغىنىنى كۆردى. | 55 |
aparaṁ yīśunā sārddhaṁ gālīla āgatā yōṣitaḥ paścāditvā śmaśānē tatra yathā vapuḥ sthāpitaṁ tacca dr̥ṣṭvā
ئاندىن يېنىپ بېرىپ ئەتىرلەر ۋە خۇش پۇراقلىق بۇيۇملارنى تەييار قىلدى ۋە [تەۋراتتىكى] ئەمر بويىچە شابات كۈنى ئارام ئېلىشتى. | 56 |
vyāghuṭya sugandhidravyatailāni kr̥tvā vidhivad viśrāmavārē viśrāmaṁ cakruḥ|