< لۇقا 22 >
ئەمدى پېتىر نان ھېيتى («ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ) يېقىنلىشىپ قالغانىدى. | 1 |
Bližio se Blagdan beskvasnih kruhova zvan Pasha.
باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنى ئۆلۆمگە مەھكۇم قىلىشقا ئامال ئىزدەپ يۈرەتتى؛ چۈمكى ئۇلار خەلقتىن قورقاتتى. | 2 |
Glavari svećenički i pismoznanci tražili su kako da Isusa smaknu jer se bojahu naroda.
شۇ پەيتتە ئون ئىككىيلەندىن بىرى بولغان، ئىشقارىيوت دەپ ئاتالغان يەھۇدانىڭ كۆڭلىگە شەيتان كىردى. | 3 |
A Sotona uđe u Judu zvanog Iškariotski koji bijaše iz broja dvanaestorice.
ئۇ بېرىپ باش كاھىنلار ۋە ئىبادەتخانا پاسىبان بەگلىرى بىلەن ئەيسانى قانداق قىلىپ ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىش ئۈستىدە مەسلىھەتلەشتى. | 4 |
On ode i ugovori s glavarima svećeničkim i zapovjednicima kako da im ga preda.
ئۇلار ئىنتايىن خۇش بولۇپ، يەھۇداغا پۇل بېرىشكە كېلىشتى. | 5 |
Oni se povesele i ugovore da će mu dati novca.
يەھۇدا ماقۇل بولۇپ، ئۇنى خالايىقتىن ئايرىم قالغاندا ئۇلارغا تۇتۇپ بېرىشكە مۇۋاپىق پۇرسەت ئىزدەشكە كىرىشتى. | 6 |
On pristade. Otada je tražio priliku da im ga preda mimo naroda.
ئەمدى پېتىر نان ھېيتىنىڭ [بىرىنچى] كۈنى يېتىپ كەلگەنىدى. شۇ كۈنى «ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى»غا ئاتاپ قۇربانلىق [قوزا] سويۇلاتتى. | 7 |
Kada dođe Dan beskvasnih kruhova, u koji je trebalo žrtvovati pashu,
شۇنىڭ بىلەن ئەيسا پېترۇس بىلەن يۇھانناغا: ــ بېرىپ بىزگە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ [قوزىسىنى] بىرگە يېگىلى تەييارلاڭلار، ــ دەپ ئۇلارنى ئەۋەتتى. | 8 |
posla Isus Petra i Ivana i reče: “Hajdete, pripravite nam da blagujemo pashu.”
ــ قەيەردە تەييارلىشىمىزنى خالايسەن؟ ــ دەپ سورىدى ئۇلار. | 9 |
Rekoše mu: “Gdje hoćeš da pripravimo?”
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ شەھەرگە كىرسەڭلار، مانا ئۇ يەردە كوزىدا سۇ كۆتۈرۈۋالغان بىر ئەر كىشى سىلەرگە ئۇچرايدۇ. ئۇنىڭ كەينىدىن مېڭىپ ئۇ كىرگەن ئۆيگە كىرىڭلار. | 10 |
On im reče: “Evo, čim uđete u grad, namjerit ćete se na čovjeka koji nosi krčag vode. Pođite za njim u kuću u koju uniđe
ۋە ئۆي ئىگىسىگە: «ئۇستاز: ــ مۇخلىسلىرىم بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى يەيدىغان مېھمانخانا ئۆي قەيەردە؟ــ دەپ سوراۋاتىدۇ» دەڭلار. | 11 |
i recite domaćinu te kuće: 'Učitelj veli: Gdje je svratište u kojem bih blagovao pashu sa svojim učenicima?'
ئۇ سىلەرنى باشلاپ ئۈستۈنكى قەۋەتتىكى رەتلەنگەن سەرەمجانلاشتۇرۇلغان چوڭ بىر ئېغىز ئۆينى كۆرسىتىدۇ. مانا شۇ يەردە تەييارلىق قىلىپ تۇرۇڭلار. | 12 |
I on će vam pokazati na katu veliko blagovalište prostrto: ondje pripravite.”
شۇنىڭ بىلەن ئىككىسى بېرىۋىدى، ھەممە ئىشلار ئۇنىڭ ئېيتقىنىدەك بولۇپ چىقتى. ئۇلار شۇ يەردە ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ تامىقىنى تەييارلاشتى. | 13 |
Oni odu, nađu kako im je rekao i priprave pashu.
ئەمدى ۋاقتى-سائىتى كەلگەندە، ئەيسا داستىخاندا ئولتۇردى؛ ئون ئىككى روسۇل ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئولتۇرۇشتى. | 14 |
Kada dođe čas, sjede Isus za stol i apostoli s njim.
ئاندىن ئۇ ئۇلارغا: ــ مەن ئازاب چېكىشتىن ئىلگىرى، سىلەر بىلەن ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىنىڭ بۇ تامىقىغا ھەمداستىخاندا بولۇشقا تولىمۇ ئىنتىزار بولۇپ كەلگەنىدىم. | 15 |
I reče im: “Svom sam dušom čeznuo ovu pashu blagovati s vama prije svoje muke.
چۈنكى سىلەرگە ئېيتايكى، بۇ ھېيت زىياپىتىنىڭ [ئەھمىيىتى] خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغۇچە، مەن بۇنىڭدىن قايتا يېمەيمەن، ــ دېدى. | 16 |
Jer kažem vam, neću je više blagovati dok se ona ne završi u kraljevstvu Božjem.”
ئاندىن ئۇ بىر جامنى قولىغا ئېلىپ، تەشەككۈر ئېيتتى ۋە مۇخلىسلىرىغا: ــ بۇنى ئېلىپ ئاراڭلاردا تەقسىم قىلىپ [ئىچىڭلار]. | 17 |
I uze čašu, zahvali i reče: “Uzmite je i razdijelite među sobom.
چۈنكى شۇنى ئېيتايكى، مۇندىن كېيىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقى كەلمىگۈچە، ھەرگىز ئۈزۈم شەربىتىدىن قەتئىي ئىچمەيمەن، ــ دېدى. | 18 |
Jer kažem vam, ne, neću više piti od roda trsova dok kraljevstvo Božje ne dođe.”
ئاندىن ئۇ بىر تال ناننى قولىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر ئېيتتى ۋە ئۇنى ئوشتۇپ، ئۇلارغا ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: ــ بۇ مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن پىدا بولىدىغان تېنىمدۇر. مېنى ئەسلەپ تۇرۇش ئۈچۈن بۇنىڭدىن يەڭلار، ــ دېدى. | 19 |
I uze kruh, zahvali, razlomi i dade im govoreći: “Ovo je tijelo moje koje se za vas predaje. Ovo činite meni na spomen.”
ئۇ شۇنىڭدەك تاماقتىن كېيىنكى جامنى قولىغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: ــ بۇ جامدىكى شاراب مېنىڭ سىلەر ئۈچۈن تۆكۈلىدىغان قېنىمدا بولغان يېڭى ئەھدىدۇر. | 20 |
Tako i čašu, pošto večeraše, govoreći: “Ova čaša novi je Savez u mojoj krvi koja se za vas prolijeva.”
لېكىن مانا، مېنى تۇتۇپ بەرگۈچىنىڭ قولى مېنىڭ بىلەن بىر داستىخاندىدۇر. | 21 |
“A evo, ruka mog izdajice sa mnom je na stolu.
ۋە ئىنسانئوغلى دەرۋەقە ئۆزى توغرىسىدا بېكىتىلگەندەك [ئالەمدىن] كېتىدۇ؛ بىراق ئىنسانئوغلىنىڭ تۇتۇپ بېرىلىشىگە ۋاسىتىچى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! | 22 |
Sin Čovječji, istina, ide kako je određeno, ali jao čovjeku onomu koji ga predaje.”
ئاندىن مۇخلىسلار بىر-بىرىدىن: ــ ئارىمىزدا زادى كىم مۇشۇنداق ئىشنى قىلىشى مۇمكىن؟ ــ دەپ مۇنازىرىگە چۈشۈپ كېتىشتى. | 23 |
I oni se počeše ispitivati tko bi od njih mogao takvo što učiniti.
ئەمدى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا قايسىمىز ئەڭ ئۇلۇغ سانىلىشىمىز كېرەك دېگەن تالاش-تارتىش پەيدا بولدى. | 24 |
Uto nasta među njima prepirka tko bi od njih bio najveći.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئەللەردىكى پادىشاھلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن بۇيرۇقۋازلىق قىلىپ ئىدارە قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھوقۇقدارلىرى «خەلقپەرۋەر» دەپ ئاتىلىدۇ. | 25 |
A on im reče: “Kraljevi gospoduju svojim narodima i vlastodršci nazivaju sebe dobrotvorima.
بىراق سىلەر شۇنداق بولماڭلار؛ بەلكى ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىكى ئۆزىنى ئەڭ كىچىكىدەك ھېسابلىسۇن ۋە يېتەكچى بولغانلار [ھەممەيلەنگە] خىزمەتكاردەك بولسۇن. | 26 |
Vi nemojte tako! Naprotiv, najveći među vama neka bude kao najmlađi; i predstojnik kao poslužitelj.
كىم مەرتىۋىلىك، داستىخاندا ئولتۇرغانمۇ ياكى داستىخاندىكى كۈتكۈچىمۇ؟ داستىخاندا ئولتۇرغىنى ئەمەسمۇ؟ بىراق مەن بولسام ئاراڭلاردا خىزمىتىڭلاردا بولغۇچى كۈتكۈچىدەكتۇرمەن. | 27 |
Ta tko je veći? Koji je za stolom ili koji poslužuje? Zar ne onaj koji je za stolom? A ja sam posred vas kao onaj koji poslužuje.”
سىلەر بولساڭلار، بېشىمغا سىناقلار كەلگەندە باشتىن-ئاخىر مەن بىلەن بىللە ھەمراھ بولغانسىلەر. | 28 |
“Da, vi ste sa mnom ustrajali u mojim kušnjama.
ۋە خۇددى ئاتام ماڭا پادىشاھلىق ھوقۇقى بېكىتكەندەك، مەن سىلەرگىمۇ شۇنداق بېكىتىمەن. | 29 |
Ja vam stoga u baštinu predajem kraljevstvo što ga je meni predao moj Otac:
شۇنىڭ بىلەن سىلەر مېنىڭ پادىشاھلىقىمدا مەن بىلەن بىر داستىخاندا يەپ-ئىچىسىلەر ۋە تەختلەردە ئولتۇرۇپ، ئىسرائىلنىڭ ئون ئىككى قەبىلىسى ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقىرىسىلەر. | 30 |
da jedete i pijete za mojim stolom u kraljevstvu mojemu i sjedite na prijestoljima sudeći dvanaest plemena Izraelovih.”
رەب يەنە [پېترۇسقا]: ــ «ئەي سىمون، سىمون! مانا، شەيتان ھەممىڭلارنى خۇددى بۇغداي تاسقىغاندەك تاسقاپ سىناشنى تىلىگەن. | 31 |
“Šimune, Šimune, evo Sotona zaiska da vas prorešeta kao pšenicu.
لېكىن ئېتىقادىڭ يوقىمىسۇن دەپ ساڭا دۇئا قىلدىم. ئەمدى سەن توۋا قىلىپ تۈز يولغا قايتقاندىن كېيىن، قېرىنداشلىرىڭنى مۇستەھكەملىگىن» ــ دېدى. | 32 |
Ali ja sam molio za tebe da ne malakše tvoja vjera. Pa kad k sebi dođeš, učvrsti svoju braću.”
ــ ئى رەب، ــ دېدى پېترۇس، ــ مەن سەن بىلەن بىللە زىندانغا تاشلىنىپ، بىللە ئۆلۈمگە بېرىشقا تەييارمەن! | 33 |
Petar mu reče: “Gospodine, s tobom sam spreman i u tamnicu i u smrt.”
ئۇ ئۇنىڭغا: ــ ئى پېترۇس، ساڭا ئېيتايكى، بۈگۈن خوراز چىللىغۇچە، سەن «ئۇنى تونۇمايمەن» دەپ مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن، دېدى. | 34 |
A Isus će mu: “Kažem ti, Petre, neće se danas oglasiti pijetao dok triput ne zatajiš da me poznaš.”
ئاندىن، ئۇ ئۇلاردىن: ــ سىلەرنى ھەميانسىز، خۇرجۇنسىز ۋە كەشسىز [سەپەرگە] ئەۋەتكىنىمدە سىلەرنىڭ بىرەر نەرسەڭلار كەم بولۇپ قالغانمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇلار: ــ ياق، دېدى. | 35 |
I reče: “Kad sam vas poslao bez kese i bez torbe i bez sandala, je li vam što nedostajalo?” Oni odgovore: “Ništa.”
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇلارغا: ــ لېكىن ھازىر ھەر كىمنىڭ ھەميانى بولسا، ئۇنى ئالسۇن؛ شۇنداق ھەم خۇرجۇنى بولسا، ئۇنى ئالسۇن ۋە بىر كىمنىڭ قىلىچى بولمىسا، چاپىنىنى سېتىپ بىردىن قىلىچ ئالسۇن. | 36 |
Nato će im: “No sada tko ima kesu, neka je uzme! Isto tako i torbu! A koji nema, neka proda svoju haljinu i neka kupi sebi mač
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، [مۇقەددەس يازمىلاردا]: «ئۇ جىنايەتچىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن سۆز مەندە چوقۇم ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. چۈنكى مېنىڭ توغرامدىكى بارلىق ئىشلار تولۇق ئەمەلگە ئاشماي قالمايدۇ ــ دېدى. | 37 |
jer kažem vam, ono što je napisano treba se ispuniti na meni: Među zlikovce bi ubrojen. Uistinu, sve što se odnosi na mene ispunja se.”
ــ ئى رەب، قارىغىن، بۇ يەردە ئىككى قىلىچ بار ئىكەن، دېدى ئۇلار. ــ بولدى، يېتىدۇ! ــ دېدى ئۇ ئۇلارغا. | 38 |
Oni mu rekoše: “Gospodine, evo ovdje dva mača!” Reče im: “Dosta je!”
ئاندىن ئۇ چىقىپ، ئادىتى بويىچە زەيتۇن تېغىغا يول ئالدى؛ ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى ئۇنىڭغا ئەگىشىپ باردى. | 39 |
Tada iziđe te se po običaju zaputi na Maslinsku goru. Za njim pođoše i njegovi učenici.
ئۇ يەرگە يېتىپ بارغاندا ئۇ ئۇلارغا: ــ ئازدۇرۇلماسلىقىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى. | 40 |
Kada dođe onamo, reče im: “Molite da ne padnete u napast!”
ئاندىن، ئۇلاردىن بىر تاش ئېتىمىچە نېرىراق بېرىپ، تىزلىنىپ تۇرۇپ: | 41 |
I otrgnu se od njih koliko bi se kamenom dobacilo, pade na koljena pa se molio:
ــ ئى ئاتا، خالىساڭ، بۇ قەدەھنى مەندىن ئېلىپ كەتكەيسەن. لېكىن مېنىڭ ئەمەس، بەلكى سېنىڭ ئىرادەڭ ئادا قىلىنسۇن ــ دەپ دۇئا قىلدى؛ | 42 |
“Oče! Ako hoćeš, otkloni ovu čašu od mene. Ali ne moja volja, nego tvoja neka bude!”
ۋە ئاسماندىن بىر پەرىشتە ئۇنىڭغا كۆرۈنۈپ ئۇنى قۇۋۋەتلەندۈردى. | 43 |
A ukaza mu se anđeo s neba koji ga ohrabri. A kad je bio u smrtnoj muci, usrdnije se molio.
ئۇ قاتتىق ئازابتا تولغىنىپ تېخىمۇ ئىخلاسلىق بىلەن دۇئا قىلىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەرلىرى يەرگە تۆكۈلگەن قان تامچىلىرىدەك چۈشۈشكە باشلىدى. | 44 |
I bijaše znoj njegov kao kaplje krvi koje su padale na zemlju.
ئاندىن دۇئاسىنى تۈگىتىپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، مۇخلىسلىرىنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلارنىڭ غەمگە چۆكۈپ ھالسىزلىنىپ مۈگدەپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋىدى، ئۇلارغا: | 45 |
Usta od molitve, dođe učenicima i nađe ih snene od žalosti
ــ ئۇخلاپ قالغىنىڭلار نېمىسى؟ ئازدۇرۇلۇشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن قوپۇپ دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى. | 46 |
pa im reče: “Što spavate? Ustanite! Molite da ne padnete u napast!”
ئۇنىڭ سۆزى تېخى ئاياغلاشماستىنلا، بىر توپ ئادەملەر پەيدا بولدى. ئۇلارنى باشلاپ كەلگۈچى ئون ئىككەيلەندىن بىرى بولغان يەھۇدا دېگەن كىشى ئىدى؛ ئۇ ئەيساغا [سالام بېرىپ] سۆيگىلى قېشىغا باردى. | 47 |
Dok je on još govorio, eto svjetine, a pred njom jedan od dvanaestorice, zvani Juda. On se približi Isusu da ga poljubi.
ئەيسا ئۇنىڭغا: ــ ئەي يەھۇدا، بىر سۆيۈش بىلەن ئىنسانئوغلىنى تۇتۇپ بېرەرسەنمۇ؟ ــ دېدى. | 48 |
Isus mu reče: “Juda, poljupcem Sina Čovječjeg predaješ?”
ۋە ئەيسانىڭ ئەتراپىدىكىلەر نېمە ئىش يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ: ــ ئى رەب، قىلىچ بىلەن ئۇرايلىمۇ؟ ــ دېدى. | 49 |
A oni oko njega, vidjevši što se zbiva, rekoše: “Gospodine, da udarimo mačem?”
ۋە ئۇلاردىن بىرى [قىلىچىنى كۆتۈرۈپ]، باش كاھىننىڭ چاكىرىغا ئۇرۇپ، ئوڭ قۇلىقىنى شىلىۋەتتى. | 50 |
I jedan od njih udari slugu velikoga svećenika i odsiječe mu desno uho.
بىراق ئەيسا بۇنىڭغا جاۋابەن: ــ بولدى، توختا! ــ دېدى؛ ئۇ قولىنى ئۇزىتىپ قۇلىقىغا تەگكۈزۈپ، ئۇنى ساقايتتى. | 51 |
Isus odgovori: “Pustite! Dosta!” Onda se dotače uha i zacijeli ga.
ئەيسا ئۆزىنى تۇتقىلى كەلگەن باش كاھىنلار، پاسىبان بەگلىرى ۋە ئاقساقاللارغا قاراپ: ــ بىر قاراقچىنى تۇتىدىغاندەك قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ كەپسىلەرغۇ؟ | 52 |
Nato Isus reče onima koji se digoše na nj, glavarima svećeničkim, zapovjednicima hramskim i starješinama: “Kao na razbojnika iziđoste s mačevima i toljagama!
مۇقەددەس ئىبادەتخانىدا ھەر كۈنى سىلەر بىلەن بىللە ئىدىم، سىلەر قول سالمىدىڭلار. ھازىر بۇ سىلەرگە تەۋە بولغان ۋاقىت-سائەتتۇر ۋە قاراڭغۇلۇقنىڭ ھۆكۈم سۈرۈشىدۇر ــ دېدى. | 53 |
Danomice bijah s vama u Hramu i ne digoste ruke na me. No ovo je vaš čas i vlast Tmina.”
ئۇلار ئەيسانى تۇتۇۋېلىپ، باش كاھىننىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىشتى. پېترۇس يىراقتىن ئەگىشىپ ماڭدى. | 54 |
Uhvatiše ga dakle, odvedoše i uvedoše u dom velikoga svećenika. Petar je išao za njim izdaleka.
ئەمدى ئۇلار ھويلىنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئوت يېقىپ چۆرىسىدە [ئىسسىنىپ] ئولتۇرغاندا، پېترۇس ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ ئولتۇردى. | 55 |
A posred dvorišta naložiše vatru i posjedaše uokolo. Među njih sjedne Petar.
ئاندىن ئوتنىڭ نۇرىدا ئۇنىڭ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن بىر دېدەك ئۇنىڭغا تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ: ــ بۇ ئادەممۇ ئەيسا بىلەن بىللە ئىدى، ــ دېدى. | 56 |
Ugleda ga neka sluškinja gdje sjedi kraj vatre, oštro ga pogleda i reče: “I ovaj bijaše s njim!”
لېكىن ئۇ تېنىپ: ــ ئەي خوتۇن، ئۇنى تونۇمايمەن! ــ دېدى. | 57 |
A on zanijeka: “Ne znam ga, ženo!”
ئاندىن ئۇزۇن ئۆتمەي، يەنە بىرەيلەن ئۇنى كۆرۈپ: ــ سەنمۇ ئۇلاردىن ئىكەنسەن، ــ دېدى. لېكىن پېترۇس: ــ ئەي بۇرادەر، ئۇنداق ئەمەسمەن! ــ دېدى. | 58 |
Malo zatim opazi ga netko drugi i reče: “I ti si od njih!” A Petar reče: “Čovječe, nisam!”
ئاندىن بىر سائەتچە ئۆتكەندە باشقا بىرەيلەن: ــ دەرھەقىقەت، بۇ ھەم ئۇنىڭ بىلەن بىللە ئىدى؛ چۈنكى ئۇمۇ گالىلىيەلىكتۇر، ــ دەپ چىڭ تۇرۇۋالدى. | 59 |
I nakon otprilike jedne ure drugi neki navaljivaše: “Doista, i ovaj bijaše s njim! Ta Galilejac je!”
لېكىن پېترۇس: ــ ھەي بۇرادەر، نېمە دەۋاتقىنىڭنى بىلمەيمەن! ــ دېدى. ۋە ئۇنىڭ سۆزى ئاياغلاشماستىنلا، خوراز چىللىدى. | 60 |
A Petar će: “Čovječe, ne znam što govoriš!” I umah, dok je on još govorio, oglasi se pijetao.
ئەمدى رەب كەينىگە بۇرۇلۇپ، پېترۇسقا تىكىلىپ قاراپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن پېترۇس رەبنىڭ سۆزىنى، يەنى: «بۈگۈن خوراز چىللاشتىن ئىلگىرى سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەنلىكىنى يادىغا كەلتۈردى. | 61 |
Gospodin se obazre i upre pogled u Petra, a Petar se spomenu riječi Gospodinove, kako mu ono reče: “Prije nego se danas pijetao oglasi, zatajit ćeš me tri puta.”
ۋە ئۇ تاشقىرىغا چىقىپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى. | 62 |
I iziđe te gorko zaplaka.
ئەمدى ئەيسانى تۇتۇپ تۇرۇۋاتقانلار ئۇنى مەسخىرە قىلىشقا ۋە ساۋاپ-دۇمبىلاشقا باشلىدى؛ | 63 |
A ljudi koji su Isusa čuvali udarajući ga poigravali se njime
ئۇنىڭ كۆزلىرىنى تېڭىپ ئۇنىڭدىن: ــ سېنى ئۇرغان كىمدۇ؟ قېنى، بېشارەت بەرگىن! ــ دەپ سوراشتى | 64 |
i zastirući mu lice, zapitkivali ga: “Proreci tko te udario!”
ۋە ئۇنىڭغا بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ھاقارەتلەرنى ياغدۇردى. | 65 |
I mnogim se drugim pogrdama nabacivali na nj.
تاڭ ئاتقاندا، خەلق ئاقساقاللىرى، يەنى باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى يىغىلىشتى. ئۇلار ئۇنى ئۆز كېڭەشمىسىگە ئېلىپ بېرىپ | 66 |
A kad se razdanilo, sabra se starješinstvo narodno, glavari svećenički i pismoznanci te ga dovedoše pred svoje Vijeće
ئۇنىڭدىن: ــ ئېيتە، سەن مەسىھمۇ؟ ــ دەپ سوراشتى. ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرگە ئېيتساممۇ، قەتئىي ئىشەنمەيسىلەر. | 67 |
i rekoše: “Ako si ti Krist, reci nam!” A on će im: “Ako vam reknem, nećete vjerovati;
سىلەردىن بىرەر سوئال سورىسام، ھېچ جاۋاب بەرمەيسىلەر. | 68 |
ako vas zapitam, nećete odgovoriti.
لېكىن بۇ ۋاقىتتىن باشلاپ ئىنسانئوغلى ھەممىگە قادىرنىڭ ئوڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ، ــ دېدى. | 69 |
No od sada će Sin Čovječji sjedjeti zdesna Sile Božje.”
ــ ئۇنداقتا، سەن خۇدانىڭ ئوغلى ئىكەنسەن-دە؟ ــ دېيىشتى ئۇلار. ئۇ: ــ دېگىنىڭلاردەك مەن شۇدۇرمەن! ــ دەپ جاۋاب بەردى. | 70 |
Nato svi rekoše: “Ti si, dakle, Sin Božji!” On im reče: “Vi velite! Ja jesam!”
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار: ــ ئەمدى باشقا گۇۋاھچىلىقنىڭ بىزگە نېمە ھاجىتى؟ چۈنكى ئۆزىمىز ئۇنىڭ ئۆز ئاغزىدىن چىققىنىنى ئاڭلىدۇق! ــ دېيىشتى. | 71 |
Nato će oni: “Što nam još svjedočanstvo treba? Ta sami smo čuli iz njegovih usta!”