< لۇقا 21 >
ئۇ بېشىنى كۆتۈرۈپ قارىۋىدى، بايلارنىڭ ئۆز سەدىقىلىرىنى [ئىبادەتخانىدىكى] ئىئانە ساندۇقىغا تاشلىغىنىنى كۆردى. | 1 |
And he looked up, and saw the rich men that were casting their gifts into the treasury.
ئۇ يەنە ساندۇققا ئىككى تىيىننى تاشلاۋاتقان بىر نامرات تۇل ئايالنىمۇ كۆردى. | 2 |
And he saw a certain poor widow casting in thither two mites.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ: ــ مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ نامرات تۇل ئايالنىڭ تاشلىغىنى ھەممەيلەننىڭكىدىن كۆپتۇر. | 3 |
And he said, Of a truth I say unto you, This poor widow cast in more than they all:
چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆزلىرىنىڭ ئاشقانلىرىدىن ئىئانە قىلىپ، خۇداغا ئاتىغان سادىقىلەرگە قوشۇپ تاشلىدى؛ لېكىن بۇ ئايال نامراتلىقىغا قارىماي، ئۆزىنىڭ تىرىكچىلىك قىلىدىغىنىنىڭ ھەممىسىنى ئىئانە قىلىپ تاشلىدى. | 4 |
for all these did of their superfluity cast in unto the gifts: but she of her want did cast in all the living that she had.
ۋە بەزىلەر ئىبادەتخانىنىڭ نەپىس تاشلار ۋە خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر بىلەن قانداق بېزەلگەنلىكى توغرىسىدا سۆزلىشىۋاتاتتى. ئۇ: | 5 |
And as some spake of the temple, how it was adorned with goodly stones and offerings, he said,
ــ سىلەر كۆرۈۋاتقان بۇ بارلىق نەرسىلەرگە نىسبەتەن، شۇ كۈنلەر كېلىدۇكى، ھەتتا بىر تال تاشمۇ تاش ئۈستىدە قالدۇرۇلماي، ھەممىسى گۇمران قىلىنىدۇ، ــ دېدى. | 6 |
As for these things which ye behold, the days will come, in which there shall not be left here one stone upon another, that shall not be thrown down.
ئۇلار ئۇنىڭدىن: ــ ئۇستاز، بۇ دېگەنلىرىڭ قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئايان قىلىدىغان قانداق ئالامەت بولىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 7 |
And they asked him, saying, Master, when therefore shall these things be? and what [shall be] the sign when these things are about to come to pass?
ئۇ مۇنداق دېدى: ــ ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھېزى بولۇڭلار. چۈنكى تولا كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «مانا ئۆزۈم شۇدۇرمەن!» ۋە «ئاشۇ ۋاقىت يېقىنلاشتى!» دەيدۇ. شۇڭا ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرمەڭلار. | 8 |
And he said, Take heed that ye be not led astray: for many shall come in my name, saying, I am [he]; and, The time is at hand: go ye not after them.
سىلەر ئۇرۇش ۋە توپىلاڭلارنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغان ۋاقتىڭلاردىمۇ ۋەھىمىگە چۈشمەڭلار؛ چۈنكى بۇ ئىشلارنىڭ ئاۋۋال يۈز بېرىشى مۇقەررەر. لېكىن بۇلار، زامان ئاخىرى يېتىپ كەلدى، دېگەنلىك ئەمەس. | 9 |
And when ye shall hear of wars and tumults, be not terrified: for these things must needs come to pass first; but the end is not immediately.
ئاندىن ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ــ بىر مىللەت يەنە بىر مىللەت بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ، بىر پادىشاھلىق يەنە بىر پادىشاھلىق بىلەن ئۇرۇشقا چىقىدۇ. | 10 |
Then said he unto them, Nation shall rise against nation, and kingdom against kingdom:
جاي-جايلاردا شىددەتلىك يەر تەۋرەشلەر، ئاچارچىلىقلار ۋە ۋابالار بولىدۇ، [يەر يۈزىدە] ۋەھشەتلەر ۋە ئاسماندا ھەيۋەتلىك ئالامەتلەر كۆرۈنىدۇ. | 11 |
and there shall be great earthquakes, and in divers places famines and pestilences; and there shall be terrors and great signs from heaven.
بىراق بۇ ھەربىر ۋەقەلەر يۈز بېرىشتىن ئىلگىرى، كىشىلەر سىلەرگە قول سېلىپ تۇتقۇن قىلىدۇ ۋە سىلەرگە زىيانكەشلىك قىلىپ، سىلەرنى سىناگوگلارنىڭ سوراقلىرىغا تاپشۇرىدۇ، زىندانلارغا تاشلايدۇ؛ ئۇلار مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن سىلەرنى پادىشاھ ۋە ھۆكۈمدارلارنىڭ ئالدىغا ئېلىپ بارىدۇ، | 12 |
But before all these things, they shall lay their hands on you, and shall persecute you, delivering you up to the synagogues and prisons, bringing you before kings and governors for my name’s sake.
ۋە بۇنىڭ بىلەن [ئۇلارنىڭ ئالدىدا] گۇۋاھلىق بېرىش پۇرسىتىڭلار چىقىدۇ. | 13 |
It shall turn unto you for a testimony.
ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەرزگە قانداق جاۋاب بېرىش توغرىسىدا ئالدىنئالا ھېچ ئويلانماسلىققا قەلبىڭلاردا قەتئىي نىيەت قىلىڭلار. | 14 |
Settle it therefore in your hearts, not to meditate beforehand how to answer:
چۈنكى مەن سىلەرگە بارلىق دۈشمەنلىرىڭلار رەددىيە ۋە رەت قىلالمىغۇدەك پاساھەتلىك تىل ۋە دانىشمەنلىك ئاتا قىلىمەن. | 15 |
for I will give you a mouth and wisdom, which all your adversaries shall not be able to withstand or to gainsay.
ھەتتا ئاتا-ئانا، ئاكا-ئۇكا، ئۇرۇق-تۇغقان ۋە يار-بۇرادەرلىرىڭلارمۇ سىلەرگە خائىنلىق قىلىپ تۇتۇپ بېرىدۇ ۋە ئۇلار ئاراڭلاردىكى بەزىلىرىڭلارنى ئۆلتۈرىدۇ. | 16 |
But ye shall be delivered up even by parents, and brethren, and kinsfolk, and friends; and [some] of you shall they cause to be put to death.
سىلەر مېنىڭ نامىم تۈپەيلىدىن ھەممە ئادەمنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرايسىلەر. | 17 |
And ye shall be hated of all men for my name’s sake.
ھالبۇكى، بېشىڭلاردىكى بىر تال چاچمۇ ھالاك بولمايدۇ! | 18 |
And not a hair of your head shall perish.
سەۋر-چىداملىق بولغىنىڭلاردا، جېنىڭلارغا ئىگە بولالايسىلەر. | 19 |
In your patience ye shall win your souls.
ــ لېكىن يېرۇسالېمنىڭ [دۈشمەن] قوشۇنلىرى تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، ئۇنىڭ ۋەيران بولۇش ۋاقتى يېقىنلىشىپ قاپتۇ، دەپ بىلىڭلار. | 20 |
But when ye see Jerusalem compassed with armies, then know that her desolation is at hand.
ئۇ چاغدا يەھۇدىيە ئۆلكىسىدە تۇرۇۋاتقانلار تاغلارغا قاچسۇن، شەھەر ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلار ئۇنىڭدىن چىقىپ كەتسۇن، يېزىلاردا تۇرۇۋاتقانلار شەھەرگە كىرمىسۇن. | 21 |
Then let them that are in Judaea flee unto the mountains; and let them that are in the midst of her depart out; and let not them that are in the country enter therein.
چۈنكى شۇ چاغ «ئىنتىقام جازاسىنى تارتىدىغان كۈنلەر»دۇر؛ شۇنىڭ بىلەن [مۇقەددەس يازمىلاردا] بارلىق پۈتۈلگەنلەر ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ. | 22 |
For these are days of vengeance, that all things which are written may be fulfilled.
ئەمدى شۇ كۈنلەردە ھامىلىدار ئاياللار ۋە بالا ئېمىتىدىغانلارنىڭ ھالىغا ۋاي! چۈنكى بۇ زېمىندا ئېغىر قىسچىلىق بولىدۇ ۋە [ئەرشتىكى] غەزەپ بۇ خەلقنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ؛ | 23 |
Woe unto them that are with child and to them that give suck in those days! for there shall be great distress upon the land, and wrath unto this people.
ئۇلار قىلىچنىڭ بىسىدا يىقىتىلىدۇ ۋە تۇتقۇن قىلىنىپ، بارلىق ئەللەرگە ئېلىپ كېتىلىدۇ؛ «يات ئەللەرنىڭ ۋاقتى» توشقۇچە، يېرۇسالېم يات ئەللەرنىڭ ئاياغ ئاستىدا قالىدۇ. | 24 |
And they shall fall by the edge of the sword, and shall be led captive into all the nations: and Jerusalem shall be trodden down of the Gentiles, until the times of the Gentiles be fulfilled.
ــ قۇياش، ئاي، يۇلتۇزلاردىمۇ ئالامەتلەر بولىدۇ؛ يەر يۈزىدىكى ئەللەر ئارىسىدا دېڭىز-ئوكيانلارنىڭ گۈلدۈرلىشىدىن ۋە دولقۇنلارنىڭ داۋالغۇشلىرىدىن پاراكەندىچىلىك بولىدۇ. | 25 |
And there shall be signs in sun and moon and stars; and upon the earth distress of nations, in perplexity for the roaring of the sea and the billows;
ئادەملەر قورقۇپ، يەر يۈزىگە كېلىدىغان ئاپەتلەرنى ۋەھىمە ئىچىدە كۈتۈپ ئەس-ھوشىنى يوقىتىدۇ؛ چۈنكى ئاسماندىكى كۈچلەر لەرزىگە كېلىدۇ. | 26 |
men fainting for fear, and for expectation of the things which are coming on the world: for the powers of the heavens shall be shaken.
ئاندىن كىشىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈچ-قۇدرەت ۋە ئۇلۇغ شان-شەرەپ بىلەن بىر بۇلۇت ئىچىدە كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ. | 27 |
And then shall they see the Son of man coming in a cloud with power and great glory.
لېكىن بۇ ئالامەتلەر كۆرۈنۈشكە باشلىغاندا، قەددىڭلارنى رۇسلاپ بېشىڭلارنى كۆتۈرۈڭلار، چۈنكى بۇ سىلەرنى ئازاد قىلىشتىكى نىجات يېقىنلاشتى، دېگەنلىكتۇر. | 28 |
But when these things begin to come to pass, look up, and lift up your heads; because your redemption draweth nigh.
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: ــ ئەنجۈر دەرىخى ۋە باشقا بارلىق دەرەخلەرگە قاراڭلار. | 29 |
And he spake to them a parable: Behold the fig tree, and all the trees:
ئۇلارنىڭ يېڭىدىن بىخلانغاندا ئۇلارغا قاراپ، ئۆزۈڭلار يازنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئاز قالغانلىقىنى بىلىسىلەر. | 30 |
when they now shoot forth, ye see it and know of your own selves that the summer is now nigh.
شۇنىڭدەك، بايا دېيىلگەن ئالامەتلەرنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى كۆرگىنىڭلاردا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ يېقىن قالغالنلىقىنى بىلىڭلار. | 31 |
Even so ye also, when ye see these things coming to pass, know ye that the kingdom of God is nigh.
مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇ ئالامەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەمەلگە ئاشۇرۇلماي تۇرۇپ، بۇ دەۋر ئۆتمەيدۇ. | 32 |
Verily I say unto you, This generation shall not pass away, till all things be accomplished.
ئاسمان-زېمىن يوقىلىدۇ، بىراق مېنىڭ سۆزلىرىم ھەرگىز يوقالمايدۇ. | 33 |
Heaven and earth shall pass away: but my words shall not pass away.
ــ لېكىن ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلاركى، كۆڭۈللىرىڭلار ئەيش-ئىشرەت، مەيخورلۇق ۋە تىرىكچىلىكنىڭ غەم-ئەندىشىلىرى بىلەن بىخۇدلاشمىسۇن، شۇ كۈنى ئۈستۈڭلارغا تۇيۇقسىز چۈشمىسۇن. | 34 |
But take heed to yourselves, lest haply your hearts be overcharged with surfeiting, and drunkenness, and cares of this life, and that day come on you suddenly as a snare:
چۈنكى ئۇ گويا تۇزاقتەك بارلىق يەر يۈزىدە ھەربىر تۇرۇۋاتقانلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ. | 35 |
for [so] shall it come upon all them that dwell on the face of all the earth.
شۇڭا ھەرقانداق ۋاقىتلاردا ھوشيار بولۇڭلار، يۈز بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان بۇ ئىشلاردىن ئۆزۈڭلارنى قاچۇرۇپ ئىنسانئوغلى ئالدىدا ھازىر بولۇپ تۇرۇشقا لايىق ھېسابلىنىش ئۈچۈن ھەردائىم دۇئا قىلىڭلار، ــ دېدى. | 36 |
But watch ye at every season, making supplication, that ye may prevail to escape all these things that shall come to pass, and to stand before the Son of man.
ئەمدى ئۇ كۈندۈزلىرى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى، ئاخشاملىرى شەھەردىن چىقىپ، كېچىنى زەيتۇن تېغى دەپ ئاتالغان تاغدا ئۆتكۈزەتتى. | 37 |
And every day he was teaching in the temple; and every night he went out, and lodged in the mount that is called [the mount] of Olives.
ۋە بارلىق خەلق ئۇنىڭ تەلىمىنى ئاڭلىغىلى تاڭ سەھەردە ئىبادەتخانىغا كىرىپ، ئۇنىڭ يېنىغا كېلەتتى. | 38 |
And all the people came early in the morning to him in the temple, to hear him.