< لۇقا 20 >
ۋە شۇ كۈنلەردىن بىر كۈنى ئۇ ئىبادەتخانىنىڭ ھويلىلىرىدا خەلققە تەلىم بېرىپ خۇش خەۋەرنى ئېلان قىلىۋاتقاندا، باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئاقساقاللار ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭدىن: | 1 |
In zgodí se enega tistih dnî, ko je učil ljudstvo v tempeljnu in je oznanjeval evangelj, pridejo véliki duhovni in pismarji s starešinami,
ــ بىزگە ئېيتقىن: سەن قىلىۋاتقان بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتىسەن؟ ساڭا بۇ ھوقۇقنى كىم بەرگەن؟ ــ دەپ سورىدى. | 2 |
In rekó mu, govoreč: Povej nam, s kakošno oblastjo to delaš, ali kdo ti je dal to oblast?
ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ: ــ مەنمۇ سىلەردىن بىر ئىشنى سوراي؛ سىلەر ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلارچۇ، | 3 |
Odgovarjajoč pa, reče jim: Vprašal bom tudi jaz vas eno besedo, in povejte mi:
ــ يەھيا يۈرگۈزگەن چۆمۈلدۈرۈش ئەرشتىنمۇ، ياكى ئىنسانلاردىنمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. | 4 |
Krst Janezov je li bil z neba, ali od ljudî?
ئۇلار ئۆزئارا مۇلاھىزە قىلىشىپ: ــ ئەگەر «ئەرشتىن كەلگەن» دېسەك، ئۇ بىزگە: «ئۇنداقتا، سىلەر نېمە ئۈچۈن [يەھياغا] ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ. | 5 |
A oni so pomišljevali v sebi govoreč: Če rečemo: Z neba, poreče: Za kaj mu torej niste verovali?
ئەگەر: «ئىنسانلاردىن كەلگەن» دېسەك، بۇ بارلىق خالايىق بىزنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىدۇ. چۈنكى ئۇلار يەھيانىڭ پەيغەمبەر ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈلگەن، ــ دېيىشتى. | 6 |
Če pa rečemo: Od ljudî, vse ljudstvo nas bo kamenjalo: kajti prepričano je, da je bil Janez prerok.
ۋە ئۇلار: ــ [ئۇنىڭ] [ھوقۇقىنىڭ] قەيەردىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمىز، ــ دەپ جاۋاب بېرىشتى. | 7 |
Ter odgovoré, da ne vedó, odkod.
ئەيسا ئۇلارغا: ــ ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا ئاساسەن قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، ــ دېدى. | 8 |
Pa jim Jezus reče: Tudi jaz ne bom povedal vam, s kakošno oblastjo to delam.
ئۇ خالايىققا مۇنۇ تەمسىلنى سۆزلەشكە باشلىدى: ــ «بىر كىشى بىر ئۈزۈمزارلىق بەرپا قىلىپ، ئۇنى باغۋەنلەرگە ئىجارىگە بېرىپ، ئۆزى ياقا يۇرتقا بېرىپ ئۇ يەردە ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپتۇ. | 9 |
A ljudstvu začne praviti tole priliko: Neki človek je zasadil vinograd, in dal ga je vinogradnikom v najem, in odpotoval je na veliko časa.
ئۈزۈملەرنى يىغىدىغان مەزگىل كەلگەندە باغۋەنلەرنىڭ ئۈزۈمزارلىقتىكى مېۋىدىن ئۇنىڭغا بېرىشكە قۇللىرىدىن بىرىنى ئۇلارىنىڭ يېنىغا ئەۋەتىپتۇ. لېكىن باغۋەنلەر ئۇنى ئۇرۇپ-دۇمبالاپ قۇرۇق قول ياندۇرۇۋېتىپتۇ. | 10 |
In o svojem času pošlje k vinogradnikom hlapca, naj mu dadó od sadú vinogradovega; a vinogradniki ga pretepó, in odpošljejo praznega.
ئۇ يەنە باشقا بىر قۇلنى ئەۋەتىپتۇ. لېكىن ئۇلار ئۇنىمۇ دۇمبالاپ، خارلاپ، يەنە قۇرۇق قول قايتۇرۇۋېتىپتۇ. | 11 |
In zopet pošlje drugega hlapca; a oni tudi tega pretepó, in zasramoté, in odpošljejo praznega.
ئۇ يەنە ئۈچىنچىسىنى ئەۋەتىپتۇ؛ ئۇلار ئۇنىمۇ ئۇرۇپ يارىلاندۇرۇپ، تالاغا ھەيدەپ چىقىرىۋېتىپتۇ. | 12 |
In zopet pošlje tretjega: in oni tudi tega ranijo, in izženó.
[ئاخىردا] ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى: «قانداق قىلسام بولار؟ سۆيۈملۈك ئوغلۇمنى ئەۋەتەي؛ ئۇلار ئۇنى كۆرسە، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ھۆرمىتىنى قىلار؟» دەپتۇ. | 13 |
Tedaj reče gospodar vinograda: Kaj bom storil? Poslal bom sina svojega ljubljenega; ko bodo tega videli, ne mara, da se bodo bali.
بىراق باغۋەنلەر ئۇنىڭ ئوغلىنى كۆرۈپ بىر-بىرى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ: «بۇ بولسا مىراسخور؛ كېلىڭلار، ئۇنى جايلىۋېتەيلى، ئاندىن مىراس بىزنىڭكى بولىدۇ» دېيىشىپتۇ. | 14 |
Ko ga pa vinogradniki ugledajo, posvetovali so se med seboj, govoreč: Ta je dedič; pridite, ubijmo ga, da bo dedovina naša.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇنى ئۈزۈمزارلىقنىڭ سىرتىغا ئاچىقىپ ئۆلتۈرۈۋېتىپتۇ. ئەمدى بۇنداق ئەھۋالدا ئۈزۈمزارلىقنىڭ خوجايىنى ئۇلارنى قانداق قىلىدۇ؟ | 15 |
In vržejo ga ven iz vinograda, in ubijejo. Kaj jim bo torej gospodar vinograda storil?
ئۇ كېلىپ ئۇ باغۋەنلەرنى يوقىتىپ ئۈزۈمزارلىقنى باشقىلارغا تاپشۇرىدۇ». خالايىق بۇنى ئاڭلاپ: ــ بۇنداق ئىشلار ھەرگىز بولمىسۇن! ــ دېيىشتى. | 16 |
Prišel bo, in pogubil bo vinogradnike té, in dal bo vinograd drugim. Ko so pa to slišali, rekó: Bog ne daj!
لېكىن ئۇ ئۇلارغا كۆزلىرىنى تىكىپ مۇنداق دېدى: ــ ئۇنداق بولسا، مۇقەددەس يازمىلاردا «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش بولسا، بۇرجەك تېشى بولۇپ تىكلەندى» دەپ يېزىلغان سۆز زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟ | 17 |
On pa pogledavši na-nje, reče: Kaj je torej to, kar je pisano: "Kamen, kterega so zidarji zavrgli, on je postal glava oglu?"
بۇ «تاش»قا يىقىلغان كىشى پارە-پارە بولۇپ كېتىدۇ؛ لېكىن بۇ تاش ھەركىمنىڭ ئۈستىگە چۈشسە، ئۇنى كۇكۇم-تالقان قىلىۋېتىدۇ. | 18 |
Vsak, kdor pade na ta kamen, razbil se bo; na kogar pa on pade, razdrobil ga bo.
باش كاھىنلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ئۇنىڭ بۇ تەمسىلى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى بىلىپ شۇ ھامان ئۇنىڭغا قول سېلىش يولىنى ئىزدىدى؛ لېكىن ئۇلار خالايىقتىن قورقۇشتى. | 19 |
In iskali so véliki duhovni in pismarji, da bi položili na-nj roke v ta čas; ali zbojé se ljudstva: kajti spoznali so, da je za-nje povedal to priliko.
شۇڭا ئۇلار ئۇنىڭ كەينىدىن ماراپ، ئۇنى [رىم] ۋالىيىسىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا سوراققا تارتىشقا تاپشۇرۇش ئۈچۈن بىرنەچچە ئادەملەرنى سېتىۋېلىپ، سوقۇنۇپ كىرىشكە ئەۋەتتى. ئۇلار سەمىمىي قىياپەتكە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ سۆزىدىن يوچۇق ئىزدەپ يۈرەتتى. | 20 |
In pazeč na-nj, pošljejo prežuhe, kteri naj bi se hlinili pravične, da bi ga vjeli v besedi in ga po tem izročili gosposki in oblasti poglavarjevej.
ئۇلار ئۇنىڭغا مۇنداق سوئال قويدى: ــ ئەي ئۇستاز، سىلىنى دۇرۇس سۆز قىلىدىغان ۋە دۇرۇس تەلىم بېرىدىغان، ھېچقانداق ئادەمنىڭ يۈز-خاتىرىسىنى [قەتئىي] قىلمايدىغان، بەلكى خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كېلىۋاتقان ئادەم دەپ بىلىمىز. | 21 |
In vprašajo ga, govoreč: Učenik, vémo, da prav govoriš in učiš, in ne gledaš na lice, nego v resnici pot Božjo učiš:
[رىم ئىمپېراتورى] قەيسەرگە باج-سېلىق تاپشۇرۇش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟». | 22 |
Smemo li cesarju davek dajati, ali ne?
ئەمما ئۇ ئۇلارنىڭ ھىيلىسىنى كۆرۈپ يېتىپ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى سىنىماقچىسىلەر؟ | 23 |
Spoznavši pa njih zvijačo, reče jim: Kaj me izkušate?
ماڭا بىر كۈمۈش دىنار كۆرسىتىڭلار. بۇنىڭ ئۈستىدىكى سۈرەت ۋە نام-ئىسىم كىمنىڭ؟ ــ دېدى. ئۇلار ئۇنىڭغا: قەيسەرنىڭكى، ــ دېدى. | 24 |
Pokažite denar. Čegavo podobo ima in napis? Odgovarjajoč pa rekó: Cesarjevo.
ۋە ئۇ ئۇلارغا: ــ ئۇنداق بولسا، قەيسەرنىڭ ھەققىنى قەيسەرگە، خۇدانىڭ ھەققىنى خۇداغا تاپشۇرۇڭلار، ــ دېدى. | 25 |
A on jim reče: Dajte tedaj, kar je cesarjevega, cesarju, a kar je Božjega, Bogu.
ئۇلار خالايىقنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ سۆزلىرىدىن ئۇنى تۇتۇۋالغۇدەك ھېچقانداق يوچۇق تاپالمىدى. ئۇلار ئۇنىڭ بۇ جاۋابىغا ھەيرانۇھەس بولۇپ، زۇۋانى تۇتۇلدى. | 26 |
In niso mogli besede njegove zavreči pred ljudstvom; in začudijo se odgovoru njegovemu, in umolknejo.
ۋە «ئۆلگەنلەر تىرىلمەيدۇ» دەپ ئىنكار قىلىدىغان سادۇقىيلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ سوئال قويۇپ مۇنداق دېدى: | 27 |
Pristopivši pa nekteri od Saducejev, kteri pravijo, da ni vstajanja, vprašajo ga,
ــ ئۇستاز، مۇسا [پەيغەمبەر تەۋراتتا] بىزگە: «ئايالى بار، ئەمما پەرزەنت كۆرمىگەن كىشى ئۆلۈپ كەتسە، ئۆلگۈچىنىڭ ئاكا ياكى ئىنىسى تۇل قالغان يەڭگىسىنى ئەمرىگە ئېلىپ، قېرىندىشى ئۈچۈن نەسىل قالدۇرۇشى كېرەك» ــ دەپ يازغان. | 28 |
Govoreč: Učenik! Mojzes nam je napisal, da če komu umrè brat, kteri ima ženo, in on brez otrók umrè, naj vzeme brat njegov ženo, in vzbudí seme bratu svojemu.
ئەمدى يەتتە ئاكا-ئۇكا بار ئىدى. چوڭى ئۆيلەنگەندىن كېيىن پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. | 29 |
Bilo je pa sedem bratov. In prvi je vzel ženo, in umrl je brez otrók;
ئىككىنچى قېرىندىشى ئايالىنى ئەمرىگە ئېلىپ، پەرزەنت كۆرمەي ئالەمدىن ئۆتتى. | 30 |
In vzel je ženo drugi, in tudi ta je umrl brez otrók.
ئاندىن ئۈچىنچىسى ئۇنى ئالدى؛ شۇنداق قىلىپ، يەتتىسى ئۇنى ئەمرىگە ئېلىپ پەرزەنت كۆرمەي ئۆلدى. | 31 |
In vzel jo je tretji; in tako tudi vseh sedem: in niso pustili otrók, in pomrli so.
ھەممىسىدىن كېيىن ئايالمۇ ئۆلدى. | 32 |
A naposled za vsemi umrla je tudi žena.
ئەمدى تىرىلىش كۈنىدە بۇ ئايال ئۇلارنىڭ قايسىسىنىڭكى بولار؟ چۈنكى يەتتىسى ئۇنى خوتۇنلۇققا ئالغان-دە؟! | 33 |
O vstajanji torej, čegava od njih bo žena! kajti sedem jo jih je imelo za ženo.
ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ بۇ ئالەمنىڭ پەرزەنتلىرى ئۆيلىنىدۇ، ياتلىق بولىدۇ. (aiōn ) | 34 |
In odgovarjajoč, reče jim Jezus: Sinovi tega sveta se ženijo in možé; (aiōn )
لېكىن ئۇ ئالەمدىن نېسىۋە بولۇشقا، شۇنداقلا ئۆلۈكلەردىن تىرىلىشكە لايىق سانالغانلار ئۆيلەنمەيدۇ، ياتلىق بولمايدۇ. (aiōn ) | 35 |
Ali ti, kteri bodo vredni, da zadobé drugi svet, in da vstanejo od mrtvih, ne bodo se ženili ne možile, (aiōn )
چۈنكى ئۇلار يەنە ئۆلمەيدۇ، پەرىشتىلەرگە ئوخشاش بولىدۇ؛ «ئۆلۈمدىن تىرىلىشتىن تۇغۇلغان پەرزەنتلەر» بولغاچقا، ئۇلار خۇدانىڭ ئوغۇللىرىدۇر. | 36 |
Ker tudi umreti ne morejo več: enaki so namreč angeljem, in sinovi so Božji, ko so sinovi vstajanja.
ئەمدى ئۆلگەنلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشىنى ھەتتا مۇسا [پەيغەمبەر] ئۆزىمۇ ئايان قىلغان؛ چۈنكى [تەۋراتتىكى] «تىكەنلىك» دېگەن ۋەقەنىڭ خاتىرىسىدە ئۇ پەرۋەردىگارنى: «ئىبراھىمنىڭ خۇداسى، ئىسھاقنىڭ خۇداسى ۋە ياقۇپنىڭ خۇداسى» دەپ بايان قىلغان. | 37 |
Da pa mrtvi vstajajo, pokazal je tudi Mojzes pri grmu, ko imenuje Gospoda "Boga Abrahamovega in Boga Izakovega in Boga Jakobovega."
ئۇ ئۆلۈكلەرنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى تىرىكلەرنىڭ خۇداسىدۇر؛ چۈنكى ئۇنىڭغا نىسبەتەن ھەممەيلەن تىرىكتۇر! | 38 |
Bog pa ni Bog mrtvih, nego živih; kajti njemu so vsi živi.
شۇنىڭ بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرىدىن بىرقانچىسى باھا بېرىپ: ــ ئۇستاز، ياخشى ئېيتتىڭ، ــ دېدى. | 39 |
Odgovarjajoč pa nekterí od pismarjev, rekó: Učenik, dobro si povedal.
چۈنكى ئۇلاردىن ھېچكىم يەنە ئۇنىڭدىن سوئال سوراشقا جۈرئەت قىلالمىدى. | 40 |
In nič več ga niso smeli vpraševati.
ئەمدى ئۇ ئۇلارغا سوئال قويدى: ــ كىشىلەر مەسىھنى قانداقسىگە داۋۇتنىڭ ئوغلى دەيدۇ؟ | 41 |
Reče jim pa: Kako pravijo, da je Kristus sin Davidov?
چۈنكى داۋۇت ئۆزى زەبۇردا: پەرۋەردىگار مېنىڭ رەببىمگە ئېيتتىكى: ــ «مەن سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى تەختىپەرىڭ قىلغۇچە، مېنىڭ ئوڭ يېنىمدا ئولتۇرغىن!» ــ دېگەنغۇ؟ | 42 |
In sam David pravi v bukvah psalmov: "Rekel je Gospod gospodu mojemu: Sédi meni na desno,
Dokler ne položim sovražnikov tvojih nogam tvojim za podnožje."
ئەمما داۋۇت ئۇنى «رەببىم» دەپ چاقىرغان يەردە، ئۇنداقتا ئۇ قانداقمۇ ئۇنىڭ ئوغلى بولىدۇ؟ | 44 |
David ga torej imenuje Gospoda, in kako je sin njegov?
ۋە بارلىق خالايىق قۇلاق سېلىپ ئاڭلاۋاتقاندا، ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ | 45 |
A ko ga je vse ljudstvo poslušalo, reče učencem svojim:
ــ تەۋرات ئۇستازلىرىدىن ھوشيار بولۇڭلار. ئۇلار ئۇزۇن تونلارنى كىيىۋالغان ھالدا غادىيىپ يۈرۈشكە، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ ئۇلارغا بولغان سالاملىرىغا، سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا، زىياپەتلەردىمۇ تۆردە ئولتۇرۇشقا ئامراق كېلىدۇ. | 46 |
Varujte se pismarjev, kteri hočejo v dolgih oblačilih hoditi, in ljubijo pozdrave po ulicah, in prve stole po shajališčih, in prve prostore na gostijah.
ئۇلار تۇل ئاياللارنىڭ بارلىق ئۆي-بېساتلىرىنى يەۋالىدۇ ۋە كۆز-كۆز قىلىپ يالغاندىن ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دۇئالار قىلىدۇ. ئۇلارنىڭ تارتىدىغان جازاسى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ! | 47 |
Kteri požirajo hiše vdovam, in na videz dolgo molijo: ti bodo prejeli ostrejo sodbo.