< لۇقا 2 >
ئەمدى شۇ كۈنلەردە، [رىم ئىمپېراتورى] قەيسەر ئاۋغۇستۇستىن بارلىق خەلقتىن باج ئېلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ رويخېتى تىزىملانسۇن دەپ پەرمان چۈشتى. | 1 |
Now in those days, it came about that Caesar Augustus sent out a decree ordering that a census be taken of all the people living in the world.
تۇنجى قېتىملىق بۇ نوپۇس تىزىملاش كىرىنىيۇس سۇرىيە ئۆلكىسىنى ئىدارە قىلىپ تۇرغان ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلغانىدى. | 2 |
This was the first census made while Quirinius was governor of Syria.
شۇنىڭ بىلەن ھەممە ئادەم نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىش كېرەك بولدى. | 3 |
So everyone went to his own city to be registered for the census.
يۈسۈپمۇ داۋۇت [پادىشاھنىڭ] جەمەتىدىن بولغاچقا، شۇنداقلا ئۇنىڭ بىۋاسىتە ئەۋلادى بولغاچقا، گالىلىيە ئۆلكىسىدىكى ناسارەت شەھىرىدىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىكى، داۋۇتنىڭ يۇرتى بەيت-لەھەم دېگەن شەھەرگە كەتتى. | 4 |
Joseph also went up from Galilee, from the city of Nazareth, to Judea, to the city of David which is called Bethlehem, because he was of the house and family line of David.
نوپۇسقا تىزىملىنىش ئۈچۈن لايىقى، بولغۇسى ئايالى مەريەممۇ بىللە باردى. مەريەم ھامىلىدار بولۇپ، قورسىقى خېلىلا يوغىناپ قالغانىدى. | 5 |
He went there to register along with Mary, who was engaged to him and was pregnant.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار بەيت-لەھەمدە تۇرغان ۋاقتىدا مەريەمنىڭ تۇغۇتىنىڭ ئاي-كۈنى توشۇپ قالدى. | 6 |
Now it came about that while they were there, the time came for her to deliver her baby.
بىراق سارايدا ئۇلارغا ئورۇن بولمىغاچقا، مەريەم شۇ يەردە تۇنجى ئوغلىنى تۇغقاندا ئۇنى زاكىلاپ، ئېغىلدىكى ئوقۇرغا ياتقۇزدى. | 7 |
She gave birth to a son, her firstborn child, and she wrapped him in long strips of cloth and laid him in a manger, because there was no room for them in the inn.
شۇ يەرنىڭ ئەتراپىدىكى بەزى پادىچىلار دالادا تۇراتتى؛ ئۇلار كېچىچە تۈنەپ، پادىسىغا قارايتتى. | 8 |
There were shepherds in that region who were staying in the fields, guarding their flock at night.
ۋە مانا، پەرۋەردىگارنىڭ بىر پەرىشتىسى ئۇلارنىڭ ئالدىدا تۇراتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ پارلاق شەرىپى ئۇلارنىڭ ئەتراپىنى يورۇتۇۋەتتى. ئۇلار ئىنتايىن بەك قورقۇپ كەتتى. | 9 |
An angel of the Lord appeared to them, and the glory of the Lord shone around them, and they were filled with great fear.
بىراق پەرىشتە ئۇلارغا: ــ قورقماڭلار! چۈنكى مانا، پۈتۈن خەلققە خۇشاللىق بولىدىغان بىر خۇش خەۋەرنى سىلەرگە ئېلان قىلىمەن. | 10 |
Then the angel said to them, “Do not be afraid, because I bring you the good news that will bring great joy to all the people.
چۈنكى بۈگۈن داۋۇتنىڭ شەھىرىدە سىلەر ئۈچۈن بىر قۇتقۇزغۇچى تۇغۇلدى. ئۇ ــ رەب مەسىھدۇر! | 11 |
Today a savior was born for you in the city of David! He is Christ the Lord!
[ئۇنى] تېپىشىڭلار [ئۈچۈن] شۇ ئالامەت بولىدۇكى، بوۋاقنى زاكىلانغان ھالدا بىر ئوقۇردا ياتقان پېتىدە تاپىسىلەر، ــ دېدى. | 12 |
This is the sign that will be given to you: You will find a baby wrapped in strips of cloth and lying in a manger.”
بىردىنلا، پەرىشتىنىڭ ئەتراپىدا زور بىر توپ ساماۋى قوشۇندىكىلەر پەيدا بولۇپ، خۇدانى مەدھىيىلەپ: | 13 |
Suddenly there was together with the angel a great, heavenly army praising God and saying,
«ئەرشىئەلادا خۇداغا شان-شەرەپلەر بولغاي! يەر يۈزىدە بولسا ئۇ سۆيۈنىدىغان بەندىلىرىگە ئارام-خاتىرجەملىك بولسۇن!» دېيىشتى. | 14 |
“Glory to God in the highest, and may there be peace on earth among people with whom he is pleased.”
پەرىشتىلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ ئاسمانغا چىقىپ كېتىۋىدى، پادىچىلار بىر-بىرىگە: ــ بەيت-لەھەمگە يول ئېلىپ، پەرۋەردىگار بىزگە ئۇقتۇرغان، ئەمەلگە ئاشۇرغان بۇ ئىشنى كۆرۈپ كېلەيلى، ــ دېيىشتى. | 15 |
It came about that when the angels had gone away from them into heaven, the shepherds said to each other, “Let us now go to Bethlehem, and see this thing that has happened, which the Lord has made known to us.”
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىراپ شەھەرگە بېرىپ، مەريەم بىلەن يۈسۈپنى ۋە ئوقۇردا ياتقان بوۋاقنى ئىزدەپ تاپتى. | 16 |
They hurried there and found Mary and Joseph, and saw the baby lying in the manger.
پادىچىلار [بوۋاقنى] كۆرگەندىن كېيىن، ئۆزلىرىگە ئۇنىڭ ھەققىدە ئېيتىلغان سۆزلەرنى كەڭ تارقىتىۋەتتى. | 17 |
After they had seen him, they made known what had been said to them about this child.
بۇنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى پادىچىلارنىڭ دېگەنلىرىگە ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. | 18 |
All who heard it were amazed at what was spoken to them by the shepherds.
مەريەم بولسا بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، چوڭقۇر ئويلىنىپ يۈرەتتى. | 19 |
But Mary kept thinking about all the things she had heard, treasuring them in her heart.
پادىچىلار كۆرگەن ۋە ئاڭلىغانلىرىنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، مەدھىيە ئوقۇشقان پېتى قايتىشتى؛ بارلىق ئىشلار دەل ئۇلارغا خەۋەرلەندۈرۈلگەندەك بولۇپ چىققانىدى. | 20 |
The shepherds returned, glorifying and praising God for everything that they had heard and seen, just as it had been spoken to them.
بوۋاقنى خەتنە قىلىش ۋاقتى، يەنى سەككىزىنچى كۈنى توشقاندا، ئۇنىڭغا ئەيسا دەپ ئىسىم قويۇلدى. پەرىشتە بۇ ئىسىمنى ئۇ تېخى ئانىسىنىڭ بالىياتقۇسىدا ئاپىرىدە بولمايلا قويغانىدى. | 21 |
When it was the end of the eighth day, when he was circumcised, he was named Jesus, the name he had been given by the angel before he was conceived in the womb.
ئەمدى مۇسا [پەيغەمبەرگە] چۈشۈرۈلگەن قانۇن بويىچە يۈسۈپ بىلەن مەريەمنىڭ پاكلىنىش ۋاقتى توشقاندا ئۇلار بالىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تاپشۇرۇش ئۈچۈن يېرۇسالېمغا ئېلىپ باردى | 22 |
When the required number of days for their purification had passed, according to the law of Moses, Joseph and Mary brought him up to the temple in Jerusalem to present him to the Lord.
(پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا: «بارلىق تۇنجى ئوغۇل پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس مەنسۇپ ئاتىلىشى كېرەك» دەپ يېزىلغىنىدەك) | 23 |
As it is written in the law of the Lord, “Every male who opens the womb will be set apart to the Lord.”
ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارنىڭ تەۋرات قانۇنىدا دېيىلگىنى بويىچە، بىر جۈپ پاختەك ياكى ئىككى كەپتەر باچكىسىنى قۇربانلىققا سۇنۇش كېرەك ئىدى. | 24 |
So they offered a sacrifice according to what was said in the law of the Lord, “a pair of doves or two young pigeons.”
ۋە مانا شۇ چاغلاردا، يېرۇسالېمدا سىمېئون ئىسىملىك بىر كىشى تۇراتتى. ئۇ ھەم ھەققانىي ۋە ئىخلاسمەن ئادەم بولۇپ، «ئىسرائىلغا تەسەللى بەرگۈچى»نى ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتكەنىدى. مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ۋۇجۇدىغا يار ئىدى. | 25 |
Behold, there was a man in Jerusalem, whose name was Simeon, and this man was righteous and devout. He was looking for the consolation of Israel, and the Holy Spirit was upon him.
ئۇ مۇقەددەس روھتىن كەلگەن ۋەھىيدىن ئۆزىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ مەسىھىنى كۆرمىگۈچە ئۆلۈم كۆرمەيدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. | 26 |
It had been revealed to him by the Holy Spirit that he would not see death before he had seen the Lord's Christ.
ئۇ مۇقەددەس روھنىڭ باشلىشى بىلەن ئىبادەتخانىنىڭ [ھويلىلىرىغا] كىردى؛ ئاتا-ئانىسى تەۋراتتا بېكىتىلگەن ئادەتنى بېجىرىش ئۈچۈن بوۋاق ئەيسانى كۆتۈرۈپ كىرگەندە، | 27 |
Led by the Spirit, Simeon came into the temple. When the parents brought in the infant Jesus, to do for him according to the custom of the law,
سىمېئون بوۋاقنى قۇچىقىغا ئېلىپ، خۇداغا تەشەككۈر-مەدھىيە ئوقۇپ مۇنداق دېدى: ــ | 28 |
he took him into his arms and praised God and he said,
«ئەمدى، ئى ئىگەم، ھازىر سۆزۈڭ بويىچە قۇلۇڭنىڭ بۇ ئالەمدىن خاتىرجەملىك بىلەن كېتىشىگە يول قويغايسەن؛ | 29 |
“Now let your servant depart in peace, Lord, according to your word.
چۈنكى ئۆز كۆزۈم سېنىڭ نىجاتىڭنى كۆردى، | 30 |
For my eyes have seen your salvation,
ئۇنى بارلىق خەلقلەر ئالدىدا ھازىرلىغانسەن؛ | 31 |
which you have prepared in the presence of all peoples:
ئۇ ئەللەرگە ۋەھىي بولىدىغان نۇر، ۋە خەلقىڭ ئىسرائىلنىڭ شان-شەرىپىدۇر!» | 32 |
A light for revelation to the Gentiles and glory to your people Israel.”
بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى بالا ھەققىدە ئېيتىلغانلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. | 33 |
His father and mother were amazed at what was said about him.
سىمېئون ئۇلارغا بەخت تىلەپ، ئاپىسى مەريەمگە مۇنداق دېدى: ــ مانا! بۇ بالا ئىسرائىلدىكى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ يىقىلىشى ۋە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن تەيىنلەندى، شۇنداقلا كىشىلەر قارشى چىقىپ ھاقارەتلەيدىغان، [خۇدانىڭ] بېشارەتلىك ئالامىتى بولىدۇ. | 34 |
Simeon blessed them and said to Mary his mother, “Behold, this child is appointed for the downfall and rising up of many people in Israel and for a sign that is rejected—
شۇنىڭ بىلەن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆڭلىدىكى غەرەزلىرى ئاشكارىلىنىدۇ ــ ۋە بىر قىلىچمۇ سېنىڭ كۆڭلۈڭگە سانجىلىدۇ! | 35 |
and a sword will pierce your own soul—so that the thoughts of many hearts may be revealed.”
شۇ يەردە ئاشىر قەبىلىسىدىن بولغان فانۇئىلنىڭ قىزى ئاننا ئىسىملىك خېلى ياشانغان بىر ئايال پەيغەمبەرمۇ بار ئىدى. ئۇ قىز ۋاقتىدا ئەرگە تەگكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن يەتتە يىل بىللە ياشاپ، | 36 |
A prophetess named Anna was there. She was the daughter of Phanuel from the tribe of Asher. She was very old. She had lived with her husband for seven years after her virginity,
ئاندىن سەكسەن تۆت يىل تۇل تۇرغان ئىدى. ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن چىقماي، كېچە-كۈندۈز روزا تۇتۇشلار ۋە دۇئالار بىلەن خۇداغا ئىبادەت قىلاتتى. | 37 |
and was a widow for eighty-four years. She never left the temple but was serving with fastings and prayers, night and day.
ئۇ دەل شۇ پەيتتە يېتىپ كېلىپ پەرۋەردىگارغا تەشەككۈر ئېيتتى، ھەمدە يېرۇسالېمدا نىجات-ھۆرلۈكنى كۈتۈۋاتقان بارلىق خالايىققا بالا توغرىسىدا سۆز قىلدى. | 38 |
At that very hour she came near to them and began giving thanks to God and she spoke about the child to everyone who had been waiting for the redemption of Jerusalem.
[يۈسۈپ] بىلەن [مەريەم] تەۋراتتا بېكىتىلگەن بارلىق ئىشلارنى ئادا قىلغاندىن كېيىن، گالىلىيەگە، ئۆز شەھىرى ناسارەتكە قايتتى. | 39 |
When they had finished everything they were required to do according to the law of the Lord, they returned to Galilee, to their own town of Nazareth.
بالا بولسا ئۆسۈپ، دانا-ئاقىلانىلىك بىلەن تولۇپ، روھتا كۈچلەندۈرۈلدى، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىمۇ ئۇنىڭ ئۈستىدە ئىدى. | 40 |
The child grew and became strong, increasing in wisdom, and the grace of God was upon him.
ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەر يىلى ئۆتۈپ كېتىش ھېيتىدا يېرۇسالېمغا باراتتى. | 41 |
His parents went every year to Jerusalem for the Festival of the Passover.
ئەيسا ئون ئىككى ياشقا كىرگەن يىلى، ئۇلار ئۇنى ئېلىپ، ھېيتنىڭ ئادىتى بويىچە يەنە چىقىپ باردى. | 42 |
When he was twelve years old, they again went up at the customary time for the feast.
ھېيت كۈنلىرىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇلار ئۆيىگە قاراپ كېتىۋاتقاندا، بالا ئەيسا يېرۇسالېمدا قالدى. ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ ئىشتىن خەۋىرى يوق ئىدى، | 43 |
After they had stayed the full number of days for the feast, they began to return home. But the boy Jesus stayed behind in Jerusalem and his parents did not know it.
بەلكى ئۇنى سەپەرداش-ھەمراھلىرى بىلەن بىللە كېلىۋاتىدۇ، دەپ ئويلاپ، بىر كۈن يول يۈردى. ئاندىن ئۇلار ئۇنى ئۇرۇق-تۇغقانلارى ۋە دوست-بۇرادەرلىرى ئارىسىدىن ئىزدەشكە باشلىدى؛ | 44 |
They assumed that he was with the group that was traveling with them, so they traveled a day's journey. Then they started looking for him among their relatives and friends.
ئىزدەپ تاپالماي، ئۇلار كەينىگە يېنىپ يېرۇسالېمغا بېرىپ يەنە ئىزدىدى. | 45 |
When they did not find him, they returned to Jerusalem and started looking for him there.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۈچىنچى كۈنى ئۇلار ئۇنى ئىبادەتخانا ھويلىسىدا تەۋرات ئۇستازلىرىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تەلىملىرىنى ئاڭلاۋاتقان ھەم ئۇلاردىن سوئال سوراۋاتقاننىڭ ئۈستىدە تاپتى. | 46 |
It came about that after three days, they found him in the temple, sitting in the middle of the teachers, listening to them and asking them questions.
ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ چۈشەنچىسىگە ۋە بەرگەن جاۋابلىرىغا ئىنتايىن ھەيران قېلىشتى. | 47 |
All who heard him were amazed at his understanding and his answers.
ئاتا-ئانىسى ئۇنى كۆرۈپ ناھايىتى ھەيرانۇھەس بولۇشتى، ئۇنىڭ ئانىسى ئۇنىڭغا: ــ ۋاي بالام! نېمىشقا بىزگە شۇنداق مۇئامىلە قىلدىڭ؟ ئاتاڭ ئىككىمىز پاراكەندە بولۇپ سېنى ئىزدەپ كەلدۇق! ــ دېدى. | 48 |
When they saw him, they were astonished. His mother said to him, “Son, why have you treated us this way? Listen, your father and I have been anxiously searching for you.”
ئۇ ئۇلارغا: ــ نېمىشقا مېنى ئىزدىدىڭلار؟ ئەجەبا، مېنىڭ ئاتامنىڭ ئىشلىرىدا بولۇشۇم كېرەكلىكىمنى بىلمەمتىڭلار؟ ــ دېدى. | 49 |
He said to them, “Why were you searching for me? Did you not know that I had to be about my Father's business?
لېكىن ئۇلار ئۇنىڭ ئۇلارغا ئېيتقىنىنى چۈشەنمىدى. | 50 |
But they did not understand what he meant by those words.
ئاندىن ئۇ ئۇلار بىلەن ناسارەتكە قايتتى ۋە ئۇلارنىڭ گېپىگە ئىزچىل بويسۇناتتى. لېكىن ئانىسى بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ قويدى. | 51 |
Then he went back home with them to Nazareth and was obedient to them. His mother treasured all these things in her heart.
شۇنداق قىلىپ، ئەيسا ئاقىلانىلىك-دانالىقتا ۋە قامەتتە يېتىلىپ، خۇدا ۋە كىشىلەر ئالدىدا بارغانسېرى سۆيۈلمەكتە ئىدى. | 52 |
But Jesus continued to grow in wisdom and stature, and increased in favor with God and people.