< لۇقا 19 >
ئۇ يېرىخو شەھىرىگە كىرىپ ئۇنىڭدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتاتتى. | 1 |
He entered and started passing through Jericho.
مانا شۇ يەردە زاكاي ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ «باش باجگىر» بولۇپ، ئىنتايىن باي ئىدى. | 2 |
A man named Zacchaeus was there—he was a chief tax collector, and he was wealthy!
ئۇ ئەيسانىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە پۇرسەت ئىزدەۋاتاتتى، لېكىن بويى پاكار بولغاچقا، خەلقنىڭ تولىلىقىدىن ئۇنى كۆرەلمەيتتى. | 3 |
He was trying to see who Jesus was, but could not because of the crowd, because he was short.
شۇڭا ئۇ ئالدى تەرەپكە يۈگۈرۈپ بېرىپ، ئۇنى كۆرۈش ئۈچۈن بىر تۈپ ئۈجمە دەرىخىگە يامىشىپ چىقتى؛ چۈنكى ئەيسا ئۇ يول بىلەن ئۆتەتتى. | 4 |
And running on ahead he climbed up into a sycamore tree, in order to see Him, since He was about to pass by there.
ۋە ئەيسا ئۇ يەرگە كەلگەندە يۇقىرىغا قاراپ ئۇنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا: ــ زاكاي، چاپسان چۈشكىن! چۈنكى مەن بۈگۈن سېنىڭ ئۆيۈڭدە قونۇشۇم كېرەك، ــ دېدى. | 5 |
And when Jesus came to the place, He looked up and saw him, and said to him, “Zacchaeus, come down quickly, because today I must stay at your house.”
ئۇ ئالدىراپ چۈشۈپ، خۇشاللىق بىلەن ئۇنى [ئۆيىدە] مېھمان قىلدى. | 6 |
So he came down quickly, and received Him joyfully.
بۇ ئىشنى كۆرگەن خالايىقنىڭ ھەممىسى: ئۇ گۇناھكار كىشىنىڭكىدە قونغىلى كىرىپ كەتتى! ــ دەپ غوتۇلدىشىپ كەتتى. | 7 |
But when they saw it, they all started complaining, saying, “He has entered to lodge with a sinful man!”
لېكىن زاكاي ئورنىدىن تۇرۇپ رەبگە: ــ ئى رەببىم، مانا، مۈلكۈمنىڭ يېرىمىنى يوقسۇللارغا بېرىمەن؛ ئەگەر بىراۋنى يالغاندىن شىكايەت قىلىپ ئۇنىڭدىن بىرنېمە ئۈندۈرۈۋالغان بولسام بىرىگە تۆتنى قايتۇرىمەن، ــ دېدى. | 8 |
Then Zacchaeus stood and said to the Lord, “Indeed, Lord, I herewith give half of my goods to the poor, and if I have extorted anything from anyone, I restore fourfold.”
بۇنىڭ بىلەن ئەيسا ئۇنىڭغا [قاراپ]: ــ بۈگۈن نىجات بۇ ئۆيگە كىردى. چۈنكى بۇ كىشى ھەم ئىبراھىمنىڭ ئوغلىدۇر! | 9 |
So Jesus said about him, “Today salvation has happened in this house, in that he also is a son of Abraham;
چۈنكى ئىنسانئوغلى ئېزىپ كەتكەنلەرنى ئىزدەپ قۇتقۇزغىلى كەلدى، ــ دېدى. | 10 |
because the Son of the Man has come to seek and to save that which was lost.”
خالايىق بۇ سۆزلەرنى تىڭشاۋاتقاندا ئۇ يەنە سۆز قىلىپ بىر تەمسىلنى قوشۇپ ئېيتتى. چۈنكى ئۇ يېرۇسالېمغا يېقىنلاشقانىدى ۋە ئۇلار: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى دەرھال نامايان بولىدىغۇ!؟» ــ دەپ ئويلاشقانىدى. | 11 |
Now as they heard these things, He continued with a parable, because He was near Jerusalem and they were supposing that the Kingdom of God was on the verge of being revealed.
شۇڭا ئۇ مۇنداق دېدى: بىر ئاقسۆڭەك پادىشاھلىق تەختىگە ئېرىشىپ كېلىش ئۈچۈن يىراق بىر يۇرتقا قاراپ يولغا چىقىپتۇ. | 12 |
So He said: “A certain nobleman went to a distant country to receive for himself a kingdom and return.
[ئاۋۋال] ئۇ ئۆزىنىڭ ئون قۇلىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا ئون تىللانى ئۈلەشتۈرۈپ بېرىپ: «مەن قايتىپ كەلگۈچە [بۇنىڭ بىلەن] ئوقەت قىلىڭلار» ــ دەپتۇ. | 13 |
He called ten of his slaves, gave them ten ‘minas’, and said to them, ‘Conduct business until I come.’
بىراق ئۆز يۇرت پۇقرالىرى ئۇنىڭغا ئۆچ بولغاچقا، كەينىدىن ئەلچىلەرنى ئەۋەتىپ: «بۇ كىشىنىڭ ئۈستىمىزگە پادىشاھ بولۇشىنى خالىمايمىز!» دەپتۇ. | 14 |
But his citizens hated him and sent a delegation after him, saying, ‘We do not want this man to reign over us.’
ۋە ئۇ پادىشاھلىق مەنسىپىگە ئېرىشىپ قايتىپ كەلگەندە شۇنداق بولدىكى، ھەربىرىنىڭ تىجارەت بىلەن قانچە پايدا تاپقىنىنى بىلمەكچى بولۇپ، پۇلىنى تاپشۇرغان ھېلىقى قۇللىرىنى ئۆز ئالدىغا چاقىرتىپتۇ. | 15 |
It happened that he did receive the kingdom, and upon returning he ordered that those slaves to whom he had given the money be called to him, to know who had gained what by trading.
ۋە ئاۋۋالقىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا ئون تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ. | 16 |
So the first one came and said, ‘Master, your mina earned ten minas!’
«يارايسەن، ئەي ياخشى قۇل! سەن كىچىككىنە ئىشتا ئىشەنچلىك چىققانلىقىڭ ئۈچۈن ئون شەھەرگە ھاكىم بولغىن» ــ دەپتۇ خوجايىن ئۇنىڭغا. | 17 |
He said to him: ‘Super, you good slave! Because you were faithful in a very little, have authority over ten cities!’
ئىككىنچىسى كېلىپ: «ئى خوجام، سىلى بەرگەن تىللا بەش تىللا پايدا قىلدى» دەپتۇ. | 18 |
And the second one came and said, ‘Master, your mina made five minas.’
خوجايىن ئۇنىڭغا ھەم: «سەن ھەم بەش شەھەرگە ھاكىم بولغىن» دەپتۇ. | 19 |
Likewise he said to him, ‘You also be over five cities.’
لېكىن يەنە بىرسى كېلىپ: «ئى خوجام، مانا سىلى بەرگەن تىللا! بۇنى ياغلىققا چىگىپ بىر جايدا قويۇپ ساقلىدىم. | 20 |
Then a different one came, saying: ‘Master, here is your mina, that I kept laid away in a piece of cloth
چۈنكى سىلى قاتتىق ئادەم ئىكەنلا، سىلى ئامانەت قىلمىغانلىرىدىن پايدا ئۈندۈرۈپ، ئۆزلىرى تېرىمىغانلىرىدىن ھوسۇل يىغىلا. شۇنىڭ ئۈچۈن سىلىدىن قورقتۇم» دەپتۇ. | 21 |
—I feared you because you are a hard man, removing what you did not place, and reaping what you did not sow.’
ئەمما [خوجايىنى] ئۇنىڭغا: «ئەي ئەسكى قۇل، ساڭا ئۆز ئاغزىڭدىن چىققان سۆزلىرىڭ بويىچە ھۆكۈم قىلاي. سەن مېنىڭ ئامانەت قىلماي ئۈندۈرۈۋالىدىغان، تېرىماي تۇرۇپ يىغىۋالىدىغان قاتتىق ئادەم ئىكەنلىكىمنى بىلىپ تۇرۇپ، | 22 |
So he said to him: ‘I will judge you out of your own mouth, you wicked slave! You knew that I am a hard man, removing what I did not place, and reaping what I did not sow.
نېمە ئۈچۈن مېنىڭ پۇلۇمنى خەزىنىچىلەرگە ئامانەت قويمىدىڭ؟ مەن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنى ئۆسۈمى بىلەن ئالماسمىدىم؟» ــ دەپتۇ. | 23 |
Why then didn't you put my money on deposit, and upon coming I would have collected it with interest?’
ئاندىن ئۇ يېنىدىكىلەرگە: «ئۇنىڭدىكى تىللانى ئېلىپ ئون تىللا تاپقان قۇلغا بېرىڭلار!» دەپ بۇيرۇپتۇ. | 24 |
And to those standing by he said, ‘Take the mina from him and give it to him who has the ten minas.’
ئۇلار ئۇنىڭغا: «ئى خوجا، ئۇنىڭ ئون تىللاسى تۇرسا!» ــ دەپتىكەن، | 25 |
(They even said to him, ‘Master, he already has ten minas!’)
[ھوجايىن يەنە مۇنداق دەپتۇ]: «ــ چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، كىمدە بار بولسا، ئۇنىڭغا تېخىمۇ كۆپ بېرىلىدۇ؛ ئەمما كىمدە يوق بولسا، ھەتتا ئۇنىڭدا بار بولغانلىرىمۇ ئۇنىڭدىن مەھرۇم قىلىنىدۇ. | 26 |
‘Indeed I tell you, to everyone who has, more will be given; but from him who does not have, even what he has will be taken from him.
ئەمدى ئۈستىگە پادىشاھ بولۇپ ھۆكۈم سۈرۈشۈمنى خالىمىغان دۈشمەنلىرىمنى بولسا، ئۇلارنى كەلتۈرۈپ، مېنىڭ ئالدىمدا قەتل قىلىڭلار». | 27 |
But as for those enemies of mine who did not want me to reign over them, bring them here and slaughter them in front of me!’”
ئۇ بۇ ئىشلارنى ئېيتقاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا چىقىشقا ئالدىغا قاراپ ماڭدى. | 28 |
Having said these things, He went on ahead, going up to Jerusalem.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ زەيتۇن تېغىنىڭ ئېتىكىدىكى بەيت-فاگى ۋە بەيت-ئانىيا يېزىلىرىغا يېقىن كەلگىنىدە، ئىككى مۇخلىسىغا مۇنۇلارنى تاپىلاپ ئالدىن ئەۋەتتى: | 29 |
When He drew near to Bethphage and Bethany, at the mountain called ‘of Olives’, it happened like this: He sent two of His disciples,
ــ سىلەر ئۇدۇلۇڭلاردىكى يېزىغا بېرىڭلار. ئۇ يەرگە كىرىپلا ھېچ ئادەم بالىسى مىنىپ باقمىغان، باغلاقلىق بىر تەخەينى كۆرىسىلەر. ئۇنى يېشىپ بۇ يەرگە يېتىلەپ كېلىڭلار. | 30 |
saying: “Go to the village opposite you, where as you enter you will find a colt tied, on which no man ever yet sat. Untie and bring it.
ئەگەر بىرسى سىلەردىن: «نېمىشقا بۇنى يېشىسىلەر؟» دەپ سوراپ قالسا، سىلەر ئۇنىڭغا: «رەبنىڭ بۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى» ــ دەڭلار. | 31 |
And if anyone asks you, ‘Why are you untying it?’ just say this to him: ‘The Lord needs it.’”
شۇنىڭ بىلەن ئەۋەتىلگەنلەر بېرىۋىدى، ئىش دەل ئۇ ئۇلارغا ئېيتقاندەك بولدى. | 32 |
So those who were sent went and found it just like He told them.
ئۇلار تەخەينى يېشىۋاتقاندا، ئۇنىڭ ئىگىلىرى ئۇلاردىن: ــ تەخەينى نېمىشقا يېشىسىلەر؟ ــ دەپ سورىدى. | 33 |
As they were untying the colt, its owners said to them, “Why are you untying the colt?”
ئۇلار: ــ رەبنىڭ ئۇنىڭغا ھاجىتى چۈشتى، ــ دېدى. | 34 |
So they said, “The Lord needs it.”
ئۇلار ئۇنى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كەلدى؛ ۋە يېپىنچا-چاپانلىرىنى تەخەينىڭ ئۈستىگە سېلىپ، ئەيسانى يۆلەپ ئۈستىگە مىندۈردى. | 35 |
Then they brought it to Jesus; and throwing their own clothes on the colt, they placed Jesus on it.
ئۇ كېتىپ بارغىنىدا، خەلقلەر يېپىنچا-چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. | 36 |
And as He went along people were spreading their clothes on the road.
ۋە ئۇ زەيتۇن تېغىدىن چۈشۈش يولىغا يېقىنلاشقىنىدا، پۈتكۈل مۇخلىسلار جامائىتى شادلىنىپ، ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن قۇدرەتلىك مۆجىزىلەر ئۈچۈن ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: «پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگەن پادىشاھ مۇبارەكتۇر! ئاسمانلاردا تىنچ-ئىناقلىق تىكلەنگەي، ئەرشىئەلادا شان-شەرەپ ئايان بولغاي!» دەپ توۋلىشىپ خۇداغا مەدھىيە ئوقۇشقا باشلىدى. | 37 |
Then, as He was approaching the descent of the Mount of Olives, the whole multitude of the disciples began to rejoice and praise God with a loud voice for all the mighty works they had seen,
saying: “Blessed is the King who comes in the name of the Lord! Peace in heaven and glory in the highest!”
لېكىن توپنىڭ ئىچىدە بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا: ــ ئەي ئۇستاز، مۇخلىسلىرىڭغا [مۇشۇ گەپلىرى ئۈچۈن] تەنبىھ بەر! ــ دېيىشتى. | 39 |
Some of the Pharisees said to Him from the crowd, “Teacher, rebuke your disciples!”
بىراق ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن: ــ سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، بۇلار جىم تۇرغان بولسا، ھەتتا بۇ تاشلارمۇ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، ــ دېدى. | 40 |
In answer He said to them, “I tell you that if these should keep silent, the very stones would cry out!”
ئەمدى ئۇ شەھەرگە يېقىنلىشىپ ئۇنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن يىغلاپ مۇنداق دېدى: | 41 |
Now as He approached, observing the city He wept over it,
ــ [ئى يېرۇسالېم]! سەن بۈگۈن، بۇ كۈنۈڭدە، تىنچ-ئامانلىقىڭ ئۈچۈن نېمە كېرەك بولغىنىنى بىلسەڭ ئىدى! كاشكى، بۇ ئىشلار ھازىر كۆزلىرىڭدىن يوشۇرۇندۇر. | 42 |
saying: “If you, yes you, especially in this your day, had known the things pertaining to your peace! But now they are hidden from your eyes.
چۈنكى شۇنداق كۈنلەر بېشىڭغا كېلىدۇكى، دۈشمەنلىرىڭ ئەتراپىڭنى قاشا-ئىستىھكام بىلەن قورشاپ سېنى قاماپ تۆت تەرەپتىن قىستايدۇ. | 43 |
Yes, the days will come upon you when your enemies will build an embankment around you; indeed they will surround you and hem you in on every side.
ئۇلار سېنى ۋە [سېپىلىڭ]نىڭ ئىچىڭدىكى بالىلىرىڭنى يەر بىلەن يەكسەن قىلىپ، ھەتتا تاشنى تاشنىڭ ئۈستىدىمۇ قالدۇرمايدۇ؛ چۈنكى [خۇدا]نىڭ سېنى يوقلىغان پەيتىنى بىلىپ يەتمىدىڭ. | 44 |
And they will raze you, and your children within you, to the ground—they will not leave in you one stone upon another—all because you did not recognize the time of your visitation.”
ۋە ئۇ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنى ھەيدەپ چىقىرىپ، | 45 |
And upon entering the temple He began to drive out those who were selling and buying in it,
ئۇلارغا: ــ مۇقەددەس يازمىلاردا: «مېنىڭ ئۆيۈم دۇئا-تىلاۋەتخانا بولىدۇ» دەپ پۈتۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن سىلەر ئۇنى «بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسى» قىلىۋالدىڭلار! ــ دېدى. | 46 |
saying to them, “It is written: ‘My house is a house of prayer,’ but you have made it a ‘den of robbers’!”
شۇ ۋاقىتلاردا ئۇ ھەركۈنى ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرەتتى. باش كاھىنلار، تەۋرات ئۇستازلىرى ۋە يۇرت چوڭلىرى ئۇنى يوقىتىشقا ئامال ئىزدىدى. | 47 |
And He was teaching daily in the temple; but the chief priests and the scribes, as also the leaders of the people, were trying to destroy Him,
لېكىن ئۇلار قانداق قول سېلىشنى بىلمەيتتى، چۈنكى بارلىق خەلق ئۇنىڭ سۆزىنى تىڭشاش ئۈچۈن ئۇنىڭغا قاتتىق يېپىشقانىدى. | 48 |
but could not figure out how to do it, because all the people were hanging on His words.