< لۇقا 17 >
ئۇ مۇخلىسلىرىغا مۇنداق دېدى: ــ ئىنساننى پۇتلاشتۇرىدىغان ئىشلار بولماي قالمايدۇ؛ لېكىن شۇ پۇتلاشتۇرۇش ۋاسىتىچىسى بولغان ئادەمنىڭ ھالىغا ۋاي! | 1 |
U muhlisliriƣa mundaⱪ dedi: — Insanni putlaxturidiƣan ixlar bolmay ⱪalmaydu; lekin xu putlaxturux wasitiqisi bolƣan adǝmning ⱨaliƣa way!
بۇنداق ئادەمنىڭ بۇ كىچىك بالىلاردىن بىرىنى [گۇناھقا] پۇتلاشتۇرغان بولسا، بوينىغا تۈگمەن تېشى ئېسىلغان ھالدا دېڭىزغا تاشلىۋېتىلگىنى ئەۋزەل بولاتتى. | 2 |
Bundaⱪ adǝmning bu kiqik balilardin birini [gunaⱨⱪa] putlaxturƣan bolsa, boyniƣa tügmǝn texi esilƣan ⱨalda dengizƣa taxliwetilgini ǝwzǝl bolatti.
ئۆزۈڭلارغا ئاگاھ بولۇڭلار! ئەگەر قېرىندىشىڭ گۇناھ قىلغان بولسا، ئۇنىڭغا تەنبىھ-نەسىھەت قىلغىن. ئۇ توۋا قىلسا ئۇنى ئەپۇ قىلغىن. | 3 |
Ɵzünglarƣa agaⱨ bolunglar! Əgǝr ⱪerindixing gunaⱨ ⱪilƣan bolsa, uningƣa tǝnbiⱨ-nǝsiⱨǝt ⱪilƣin. U towa ⱪilsa uni ǝpu ⱪilƣin.
مۇبادا ئۇ بىر كۈن ئىچىدە ساڭا يەتتە مەرتىۋە گۇناھ قىلسا ۋە يەتتە مەرتىۋە يېنىڭغا كېلىپ: توۋا قىلدىم، دېسە، ئۇنى يەنىلا ئەپۇ قىلغىن. | 4 |
Mubada u bir kün iqidǝ sanga yǝttǝ mǝrtiwǝ gunaⱨ ⱪilsa wǝ yǝttǝ mǝrtiwǝ yeningƣa kelip: Towa ⱪildim, desǝ, uni yǝnila ǝpu ⱪilƣin.
شۇنىڭ بىلەن روسۇللار رەبگە: ئىشەنچ-ئېتىقادىمىزنى ئاشۇرغىن، ــ دېيىشتى. | 5 |
Xuning bilǝn rosullar Rǝbgǝ: Ixǝnq-etiⱪadimizni axurƣin, — deyixti.
ۋە رەب ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەردە قىچا ئۇرۇقىدەك زەررىچە ئىشەنچ بولسا ئىدى، سىلەر ئاۋۇ ئۈجمە دەرىخىگە: «يىلتىزىڭدىن قومۇرۇلۇپ، دېڭىزغا كۆچۈپ تىكىل!» دېسەڭلار، ئۇ سۆزۈڭلارنى ئاڭلاپ كۆچەتتى. | 6 |
Wǝ Rǝb ularƣa mundaⱪ dedi: — Silǝrdǝ ⱪiqa uruⱪidǝk zǝrriqǝ ixǝnq bolsa idi, silǝr awu üjmǝ dǝrihigǝ: «Yiltizingdin ⱪomurulup, dengizƣa kɵqüp tikil!» desǝnglar, u sɵzünglarni anglap kɵqǝtti.
لېكىن ئاراڭلاردىن كىمنىڭ يەر ھەيدەيدىغان ياكى مال باقىدىغان بىر قۇلى بولسا ۋە ئۇ ئېتىزلىقتىن قايتىپ كەلگەندە، ئۇنىڭغا: «تېزرەك كېلىپ داستىخاندا ئولتۇرغىن»، دەيدىغانلار بارمۇ؟ | 7 |
Lekin aranglardin kimning yǝr ⱨǝydǝydiƣan yaki mal baⱪidiƣan bir ⱪuli bolsa wǝ u etizliⱪtin ⱪaytip kǝlgǝndǝ, uningƣa: «Tezrǝk kelip dastihanda olturƣin», dǝydiƣanlar barmu?
ئۇ بەلكى ئۇنىڭغا: «مېنىڭ تامىقىمنى تەييار قىل، مەن يەپ-ئىچىپ بولغۇچە بېلىڭنى باغلاپ مېنى كۈتكىن، ئاندىن ئۆزۈڭ يەپ-ئىچكىن، دېمەسمۇ؟ | 8 |
U bǝlki uningƣa: «Mening tamiⱪimni tǝyyar ⱪil, mǝn yǝp-iqip bolƣuqǝ belingni baƣlap meni kütkin, andin ɵzüng yǝp-iqkin, demǝsmu?
قۇل ئەمر قىلىنغىنىدەك قىلغىنى ئۈچۈن خوجايىن ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتامدۇ؟ مېنىڭچە، ئېيتمايدۇ. | 9 |
Ⱪul ǝmr ⱪilinƣinidǝk ⱪilƣini üqün hojayin uningƣa rǝⱨmǝt eytamdu? Meningqǝ, eytmaydu.
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارغا ئەمر قىلىنغاننىڭ ھەممىسىنى ئادا قىلغىنىڭلاردىن كېيىن: بىز ئەرزىمەس قۇللارمىز؛ بىز پەقەت تېگىشلىك بۇرجىمىزنى ئادا قىلدۇق، خالاس»، دەيدىغان بولىسىلەر. | 10 |
Xuningƣa ohxax, silǝrmu ɵzünglarƣa ǝmr ⱪilinƣanning ⱨǝmmisini ada ⱪilƣininglardin keyin: Biz ǝrzimǝs ⱪullarmiz; biz pǝⱪǝt tegixlik burjimizni ada ⱪilduⱪ, halas», dǝydiƣan bolisilǝr.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ يېرۇسالېمغا چىقىپ كېتىۋاتقاندا، سامارىيە بىلەن گالىلىيەنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ، | 11 |
Wǝ xundaⱪ boldiki, u Yerusalemƣa qiⱪip ketiwatⱪanda, Samariyǝ bilǝn Galiliyǝning otturisidin ɵtüp,
بىر كەنتكە كىرگىنىدە ماخاۋ كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئون ئادەم ئۇنىڭغا ئۇچراپ، يىراقتا توختاپ، | 12 |
bir kǝntkǝ kirginidǝ mahaw kesiligǝ giriptar bolƣan on adǝm uningƣa uqrap, yiraⱪta tohtap,
ئاۋازلىرىنى كۆتۈرۈپ: ئەي ئەيسا، ئۇستاز، بىزگە رەھىم قىلغايسەن، دەپ ئۆتۈندى. | 13 |
awazlirini kɵtürüp: Əy Əysa, ustaz, bizgǝ rǝⱨim ⱪilƣaysǝn, dǝp ɵtündi.
ئۇلارنى كۆرگەندە ئۇ ئۇلارغا: بېرىپ ئۆزۈڭلارنى كاھىنلارغا كۆرسىتىڭلار، دېدى. ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇلار يولدا كېتىۋاتقاندا، [ماخاۋدىن] پاكلاندى. | 14 |
Ularni kɵrgǝndǝ u ularƣa: Berip ɵzünglarni kaⱨinlarƣa kɵrsitinglar, dedi. Wǝ xundaⱪ boldiki, ular yolda ketiwatⱪanda, [mahawdin] paklandi.
ئۇلاردىن بىرەيلەن ئۆزىنىڭ ساقايغىنىنى كۆرگەندە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن خۇدانى ئۇلۇغلاپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، قايتتى. | 15 |
Ulardin birǝylǝn ɵzining saⱪayƣinini kɵrgǝndǝ yuⱪiri awaz bilǝn Hudani uluƣlap, kǝynigǝ burulup, ⱪaytti.
ئۇ كېلىپ ئەيسانىڭ ئايىغىغا يىقىلىپ دۈم يېتىپ تەشەككۈر ئېيتتى. ئۇ سامارىيەلىك ئىدى. | 16 |
U kelip Əysaning ayiƣiƣa yiⱪilip düm yetip tǝxǝkkür eytti. U Samariyǝlik idi.
ئەيسا بۇ ئىشقا قاراپ: پاك قىلىنغانلار ئون كىشى ئەمەسمىدى؟ قالغان توققۇزەيلەن قېنى؟ | 17 |
Əysa bu ixⱪa ⱪarap: Pak ⱪilinƣanlar on kixi ǝmǝsmidi? Ⱪalƣan toⱪⱪuzǝylǝn ⱪeni?
بۇ يات ئەللىك مۇساپىردىن باشقا، خۇداغا ھەمدۇسانا ئوقۇغىلى ھېچكىم قايتىپ كەلمەپتىغۇ؟! ــ دېدى. | 18 |
Bu yat ǝllik musapirdin baxⱪa, Hudaƣa ⱨǝmdusana oⱪuƣili ⱨeqkim ⱪaytip kǝlmǝptiƣu?! — dedi.
ئاندىن ئۇ ھېلىقى ئادەمگە: ــ «ئورنۇڭدىن تۇر، يولۇڭغا ماڭغىن! ئېتىقادىڭ سېنى ساقايتتى!» ــ دېدى. | 19 |
Andin u ⱨeliⱪi adǝmgǝ: — «Ornungdin tur, yolungƣa mangƣin! Etiⱪading seni saⱪaytti!» — dedi.
[بىر كۈنى] پەرىسىيلەر ئۇنىڭدىن: «خۇدانىڭ پادىشاھلىقى قاچان كېلىدۇ؟» دەپ سورىغاندا ئۇ ئۇلارغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ كېلىشىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولماس؛ | 20 |
[Bir küni] Pǝrisiylǝr uningdin: «Hudaning padixaⱨliⱪi ⱪaqan kelidu?» dǝp soriƣanda u ularƣa jawab berip mundaⱪ dedi: — Hudaning padixaⱨliⱪining kelixini kɵz bilǝn kɵrgili bolmas;
كىشىلەر: «قاراڭلار، ئۇ مانا بۇ يەردە!» ياكى «ئۇ يەردە!» دېيەلمەيدۇ. چۈنكى مانا، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئاراڭلاردىدۇر. | 21 |
kixilǝr: «Ⱪaranglar, u mana bu yǝrdǝ!» yaki «U yǝrdǝ!» deyǝlmǝydu. Qünki mana, Hudaning padixaⱨliⱪi aranglardidur.
كېيىن ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ «شۇنداق كۈنلەر كېلىدۇكى، سىلەر ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدىن بىرەر كۈنىنى بولسىمۇ كۆرۈشكە تەشنا بولىسىلەر، لېكىن كۆرەلمەيسىلەر. | 22 |
Keyin u muhlisliriƣa yǝnǝ mundaⱪ dedi: — «Xundaⱪ künlǝr keliduki, silǝr Insan’oƣlining künliridin birǝr künini bolsimu kɵrüxkǝ tǝxna bolisilǝr, lekin kɵrǝlmǝysilǝr.
شۇ چاغدا كىشىلەر سىلەرگە: «مانا ئۇ بۇ يەردە!» ۋە ياكى «مانا ئۇ ئۇ يەردە!» دەيدۇ؛ سىلەر نە بارماڭلار نە ئۇلارنىڭ كەينىدىن يۈگۈرمەڭلار. | 23 |
Xu qaƣda kixilǝr silǝrgǝ: «Mana u bu yǝrdǝ!» wǝ yaki «Mana u u yǝrdǝ!» dǝydu; silǝr nǝ barmanglar nǝ ularning kǝynidin yügürmǝnglar.
چۈنكى گويا ئاسماننىڭ بىر چېتىدىن چاقماق چېقىپ يەنە بىر چېتىگىچە يورۇتىدىغاندەك، ئىنسانئوغلىنىڭ ئۆز كۈنىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ. | 24 |
Qünki goya asmanning bir qetidin qaⱪmaⱪ qeⱪip yǝnǝ bir qetigiqǝ yorutidiƣandǝk, Insan’oƣlining ɵz künidǝ ⱨǝm xundaⱪ bolidu.
لېكىن ئۇ ئاۋۋال كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتلەرنى تارتىشى بۇ دەۋردىكىلەر تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى مۇقەررەردۇر. | 25 |
Lekin u awwal kɵp azab-oⱪubǝtlǝrni tartixi bu dǝwrdikilǝr tǝripidin qǝtkǝ ⱪeⱪilixi muⱪǝrrǝrdur.
ۋە نۇھ [پەيغەمبەرنىڭ] كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا، ئىنسانئوغلىنىڭ كۈنلىرىدە ھەم شۇنداق بولىدۇ. | 26 |
Wǝ Nuⱨ [pǝyƣǝmbǝrning] künliridǝ ⱪandaⱪ bolƣan bolsa, Insan’oƣlining künliridǝ ⱨǝm xundaⱪ bolidu.
تاكى نۇھ كېمىگە كىرىپ ئولتۇرغان كۈنگىچە، كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، ئۆيلىنىپ ۋە ياتلىق بولۇپ كېلىۋاتقانىدى؛ ئاندىن توپان كېلىپ ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. | 27 |
Taki Nuⱨ kemigǝ kirip olturƣan küngiqǝ, kixilǝr yǝp-iqip, ɵylinip wǝ yatliⱪ bolup keliwatⱪanidi; andin topan kelip ⱨǝmmisini ⱨalak ⱪildi.
ھەم يەنە، لۇتنىڭ كۈنلىرىدە قانداق بولغان بولسا شۇنداق بولىدۇ ــ كىشىلەر يەپ-ئىچىپ، سودا-سېتىق قىلىپ، تېرىقچىلىق قىلاتتى ۋە ئۆيلەرنى سالاتتى. | 28 |
Ⱨǝm yǝnǝ, Lutning künliridǝ ⱪandaⱪ bolƣan bolsa xundaⱪ bolidu — kixilǝr yǝp-iqip, soda-setiⱪ ⱪilip, teriⱪqiliⱪ ⱪilatti wǝ ɵylǝrni salatti.
لېكىن لۇت سودوم شەھىرىدىن چىققان كۈنى، ئاسماندىن ئوت بىلەن گۈڭگۈرت يېغىپ، [بۇ شەھەردىكىلەرنىڭ] ھەممىسىنى ھالاك قىلدى. | 29 |
Lekin Lut Sodom xǝⱨiridin qiⱪⱪan küni, asmandin ot bilǝn günggürt yeƣip, [bu xǝⱨǝrdikilǝrning] ⱨǝmmisini ⱨalak ⱪildi.
ئەمدى ئىنسانئوغلى ئاشكارا بولىدىغان كۈندە ئەنە شۇنداق بولىدۇ. | 30 |
Əmdi Insan’oƣli axkara bolidiƣan kündǝ ǝnǝ xundaⱪ bolidu.
شۇ كۈنى، ھەركىم ئۆگزىدە تۇرۇپ، نەرسە-كېرەكلىرى ئۆيىدە بولسىمۇ، ئالغىلى چۈشمىسۇن؛ ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش كىمكى ئېتىزلىقتا بولسا [ئۆيىگە] ھېچ يانمىسۇن. | 31 |
Xu küni, ⱨǝrkim ɵgzidǝ turup, nǝrsǝ-kerǝkliri ɵyidǝ bolsimu, alƣili qüxmisun; wǝ xuningƣa ohxax kimki etizliⱪta bolsa [ɵyigǝ] ⱨeq yanmisun.
لۇتنىڭ ئايالىنى يادىڭلارغا كەلتۈرۈڭلار! | 32 |
Lutning ayalini yadinglarƣa kǝltürünglar!
كىمكى ئۆز ھاياتىنى قۇتقۇزماقچى بولسا، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولىدۇ، لېكىن ئۆز ھاياتىدىن مەھرۇم بولغان كىشى ئۇنىڭغا ئېرىشىدۇ. | 33 |
Kimki ɵz ⱨayatini ⱪutⱪuzmaⱪqi bolsa, uningdin mǝⱨrum bolidu, lekin ɵz ⱨayatidin mǝⱨrum bolƣan kixi uningƣa erixidu.
سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، ئۇ كېچىدە ئىككى ئادەم بىر ئورۇندا ياتىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ. | 34 |
Silǝrgǝ xuni eytayki, u keqidǝ ikki adǝm bir orunda yatidu; ulardin biri elip ketilidu, yǝnǝ biri ⱪaldurulidu.
ئىككى ئايال يارغۇنچاق بېشىدا تۇرۇپ ئۇن تارتىۋاتقان بولىدۇ؛ ئۇلاردىن بىرى ئېلىپ كېتىلىدۇ، يەنە بىرى قالدۇرۇلىدۇ». | 35 |
Ikki ayal yarƣunqaⱪ bexida turup un tartiwatⱪan bolidu; ulardin biri elip ketilidu, yǝnǝ biri ⱪaldurulidu».
ۋە ئۇلار ئۇنىڭغا جاۋابەن: ئەي رەب، بۇ ئىشلار قەيەردە يۈز بېرىدۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئۇ ئۇلارغا: جەسەت قايسى يەردە بولسا، قۇزغۇنلار شۇ يەرگە توپلىشىدۇ! | 37 |
Wǝ ular uningƣa jawabǝn: Əy Rǝb, bu ixlar ⱪǝyǝrdǝ yüz beridu? — dǝp soridi. U ularƣa: Jǝsǝt ⱪaysi yǝrdǝ bolsa, ⱪuzƣunlar xu yǝrgǝ toplixidu!