ئۇ مۇخلىسلىرىغا يەنە مۇنداق دېدى: ــ بىر باينىڭ بىر غوجىدارى بار ئىكەن. بىرسى بايغا: «بۇ غوجىدارىڭىز مال-مۈلكىڭىزنى بۇزۇپ چاچتى» دەپ شىكايەت قىپتۇ. | 1 |
ئۇ غوجىدارنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا: «مېنىڭ سېنىڭ توغراڭدا ئاڭلىغانلىرىم زادى قانداق گەپ؟ غوجىدارلىقىڭدىكى ھېساب-كىتابنى ئېنىق تاپشۇر؛ چۈنكى مۇندىن كېيىن سەن غوجىدار بولمايسەن» ــ دەپتۇ. | 2 |
غوجىدار ئەمدى ئۆز ئىچىدە: «نېمە قىلاي؟ چۈنكى خوجايىنىم مېنى غوجىدارلىقتىن مەھرۇم قىلىدۇ. كەتمەن چاپاي دېسەم ئۇنچىلىك ماغدۇر يوق، تىلەمچىلىك قىلاي دېسەم نومۇس قىلىمەن. | 3 |
ھە، تاپتىم! غوجىدارلىقتىن قالغىنىمدا كىشىلەرنىڭ مېنى ئۆيلىرىگە قارشى ئېلىشى ئۈچۈن، نېمە قىلىشىمنى ئەمدى بىلدىم» دەپ | 4 |
ئۆز خوجايىنىغا قەرزدار بولغانلارنى بىردىن-بىردىن چاقىرىپ كېلىپ، بىرىنچىسىدىن: «خوجايىنىمغا قانچىلىك قەرزىڭىز بار؟» دەپ سوراپتۇ. | 5 |
ۋە قەرزدار: «يۈز تۇڭ زەيتۇن مېيى» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «مانا، ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ، بۇ يەردە ئولتۇرۇپ ئەللىك تۇڭغا ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ. | 6 |
ئاندىن ئۇ يەنە بىرىگە: «سىزچۇ، قانچىلىك قەرز بولدىڭىز؟» دەپ سوراپتۇ. ئۇ: «يۈز كۈرە بۇغداي» دەپ جاۋاب بېرىپتۇ. غوجىدار ئۇنىڭغا: «ھېسابات دەپتىرىڭىزنى ئېلىپ سەكسەن كۈرىگە ئۆزگەرتىۋېتىڭ!» دەپتۇ. | 7 |
شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ خوجايىنى سەمىمىيەتسىز غوجىدارنىڭ بۇ ئىشتىكى پەملىكلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭغا قايىل بولۇپ ماختاپتۇ. چۈنكى بۇ دۇنيانىڭ پەرزەنتلىرى ئۆز دەۋرىدە نۇرنىڭ پەرزەنتلىرىدىن پەملىكتۇر. (aiōn g165) | 8 |
ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، «ناھەق دۇنياغا تەۋە مال-دۇنيا» ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا دوست تۇتۇڭلار؛ شۇنداق قىلساڭلار، مال-دۇنيا كارغا كەلمەيدىغان بولغان [كۈنىدە] شۇ دوستلار سىلەرنى ئەبەدىي ماكانلارغا قارشى ئالىدۇ. (aiōnios g166) | 9 |
كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سادىق بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سادىق بولىدۇ؛ ۋە كىمكى كىچىككىنە ئىشتا سەمىمىيەتسىز بولسا، چوڭ ئىشتىمۇ سەمىمىيەتسىز بولىدۇ. | 10 |
شۇڭا ئەگەر «ناھەق دۇنياغا تەۋە بولغان مال-دۇنيا»دا سادىق بولمىساڭلار، كىم سىلەرگە ھەقىقىي بايلىقلارنى تاپشۇرسۇن؟ | 11 |
ۋە باشقىلارنىڭ نەرسىلىرىدە سادىق بولمىساڭلار كىم سىلەرگە ئۆزۈڭلارنىڭ نەرسىسىنى بەرسۇن؟ | 12 |
ھېچكىم ئىككى خوجايىنغا تەڭ خىزمەت قىلالمايدۇ. چۈنكى ئۇ ياكى بۇنى يامان كۆرۈپ، ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ؛ ياكى بۇنىڭغا ئۆزىنى پۈتۈنلەي بېغىشلاپ، ئۇنىڭغا ئېتىبارسىز قارايدۇ. [شۇنىڭغا ئوخشاش]، سىلەرنىڭمۇ بىرلا ۋاقىتتا ھەم خۇدانىڭ، ھەم مال-دۇنيانىڭ قۇللۇقىدا بولۇشۇڭلار مۇمكىن ئەمەس. | 13 |
ئەمدى پەرىسىيلەر (ئۇلار پۇلغا ئامراق ئىدى) بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئاڭلاپ ئەيسانى مەسخىرە قىلىشتى. | 14 |
ۋە ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ «سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئادەملەرنىڭ ئالدىدا ھەققانىي قىلىپ كۆرسەتكۈچىدۇرسىلەر؛ لېكىن خۇدا قەلبىڭلارنى بىلىدۇ. چۈنكى ئادەملەرنىڭ ئارىسىدا قەدىرلىنىدىغىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە يىرگىنچلىكتۇر. | 15 |
تەۋرات قانۇنى ۋە پەيغەمبەرلەرنىڭ يازمىلىرى [چۆمۈلدۈرگۈچى] يەھياغىچە ھىدايەت بولۇپ كەلدى؛ شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنىڭ خۇش خەۋىرى جاكارلىنىپ كېلىۋاتىدۇ؛ [پادىشاھلىققا] كىرمەكچى بولغانلارنىڭ ھەربىرى ئۇنىڭغا بۆسۈپ كىرىۋېلىشى كېرەكتۇر. | 16 |
لېكىن ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ يوق قىلىۋېتىلىشى تەۋراتنىڭ بىر چېكىتى بىكار قىلىنىشتىن ئاساندۇر. | 17 |
ــ ھەر كىم ئۆز ئايالىنى تالاق قىلىپ باشقا بىرىنى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ ۋە كىمكى ئۆز ئېرىدىن تالاق قىلىنغاننى ئالسا زىنا قىلغان بولىدۇ». | 18 |
ــ بۇرۇن بىر باي ئادەم بار ئىدى؛ ئۇ سۆسۈن رەڭلىك تون ۋە كاناپ كىيىملەرنى كىيىپ، ھەركۈنى ئەيش-ئىشرەت ئىچىدە تەنتەنە قىلاتتى. | 19 |
ۋە پۈتۈن ئەزايىنى چاقا-جاھارەت بېسىپ كەتكەن لازارۇس ئىسىملىك بىر يوقسۇل بار ئىدى؛ ئۇ باينىڭ دەرۋازىسىنىڭ ئالدىغا [ھەركۈنى] ياتقۇزۇپ قويۇلاتتى. | 20 |
ئۇنىڭ داستىخىنىدىن چۈشۈپ قالغان پارچى-پۇراتلاردىن قورسىقىنى تويغۇزغۇشقا تەشنا ئىدى. ھالبۇكى، ئىتلار كېلىپ ئۇنىڭ يارىلىرىنى يالايتتى. | 21 |
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، يوقسۇل ئۆلدى ۋە پەرىشتىلەر ئۇنى ئىبراھىمنىڭ قۇچىقىغا ئاپاردى. باي ھەم ئۆلۈپ دەپنە قىلىندى؛ | 22 |
ۋە تەھتىسارادا قاتتىق قىينىلىپ، بېشىنى كۆتۈرۈپ، يىراقتىن ئىبراھىمنى ۋە ئۇنىڭ قۇچىقىدىكى لازارۇسنى كۆرۈپ: (Hadēs g86) | 23 |
«ئەي ئاتا ئىبراھىم، ماڭا رەھىم قىلغايسەن! لازارۇسنى ئەۋەتكەيسەن، ئۇ بارمىقىنىڭ ئۇچىنى سۇغا چىلاپ، تىلىمغا تېمىتىپ سوۋۇتقاي. چۈنكى مەن بۇ ئوت يالقۇنىدا قاتتىق ئازابلىنىۋاتىمەن!» دەپ ۋارقىراپ يالۋۇردى. | 24 |
لېكىن ئىبراھىم مۇنداق دېدى: «ئەي ئوغلۇم، ھايات ۋاقتىڭدا ھالاۋەتنى يەتكۈچە كۆرگىنىڭنى ۋە لازارۇسنىڭ دەرد-بالا تارتقىنىنى يادىڭغا كەلتۈرگىن. ھازىر ئۇ تەسەللى تاپتى، ئەمما سەن ئازاب تارتىۋاتىسەن. | 25 |
ۋە بۇلاردىن باشقا، بىز بىلەن سىلەرنىڭ ئارىلىقىمىزدا يوغان بىر ھاڭ بېكىتىلگەندۇركى، بۇ يەردىن سىلەر تەرەپكە ئۆتەيلى دېگەنلەر ئۆتەلەمەس ۋە ئاندىن بىز تەرەپكە ئۆتىمىز دېگەنلەر ئۆتەلمەس». | 26 |
ئەمدى باي يەنە: «ئۇنداقتا، ئى ئاتا، سەندىن [لازارۇسنى] ئاتامنىڭ ئۆيىگە ئەۋەتىشىڭنى ئۆتۈنىمەن. | 27 |
چۈنكى مېنىڭ بەش ئاكا-ئۇكام بار؛ ئۇلارنىڭ بۇ ئازاب-ئوقۇبەتلىك يەرگە كەلمەسلىكى ئۈچۈن [لازارۇس] ئۇلارنى قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇپ قويسۇن» ــ دېدى. | 28 |
بىراق ئىبراھىم جاۋاب بېرىپ ئۇنىڭغا: «ئۇلاردا مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [ئاگاھ-گۇۋاھلىقى] بار؛ ئۇلار شۇلارنى ئاڭلىسۇن» ــ دېدى. | 29 |
لېكىن ئۇ: «ياق، ئى ئىبراھىم ئاتا، ئەگەر ئۆلگەنلەردىن بىرى تىرىلىپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا بارسا، ئۇلار توۋا قىلىدۇ» ــ دېدى. | 30 |
ئەمما ئىبراھىم ئۇنىڭغا: «ئەگەر ئۇلار مۇسا ۋە [باشقا] پەيغەمبەرلەرنىڭ [گۇۋاھلىقىنى] ئاڭلىمىسا، ھەتتا ئۆلگەنلەردىن بىرسى تىرىلسىمۇ، ئۇلار يەنىلا ئىشىنىشنى رەت قىلىدۇ» ــ دېدى. | 31 |