ۋە شۇنداق بولدىكى، بىر شابات كۈنى ئۇ پەرىسىيلەردىن بولغان بىر ھۆكۈمدارنىڭ ئۆيىگە غىزاغا باردى؛ ئەمدى ئۇلار ئۇنى پايلاپ يۈرۈۋاتاتتى. | 1 |
ۋە مانا، ئۇ يەردە سۇلۇق ئىششىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بىر ئادەم بار ئىدى. | 2 |
ئەيسا تەۋرات ئەھلىلىرى ۋە پەرىسىيلەردىن: ــ شابات كۈنى كېسەل ساقايتىش تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ-يوق؟ ــ دەپ سورىدى. | 3 |
بىراق ئۇلار لام-جىم دېمىدى. ئۇ ھېلىقى كېسەلگە قولىنى تەگكۈزۈپ، ساقايتىپ يولغا سالدى. | 4 |
ئاندىن ئۇ ئۇلاردىن يەنە: ــ ئاراڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ مۇبادا شابات كۈنىدە ئېشىكى يا كالىسى قۇدۇققا چۈشۈپ كەتسە، ئۇنى دەرھال تارتىپ چىقارمايدىغان زادى كىم بار؟ ــ دەپ سورىدى. | 5 |
ۋە ئۇلار ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ھېچ جاۋاب بېرەلمىدى. | 6 |
ئەيسا چاقىرىلغان مېھمانلارنىڭ ئۆزلىرىگە تۆردىن ئورۇنلارنى قانداق تاللىغىنىنى كۆرۈپ، ئۇلارغا مۇنداق بىر تەمسىلنى ئېيتىپ بەردى: | 7 |
ــ بىرسى سېنى توي زىياپىتىگە تەكلىپ قىلسا، تۆردە ئولتۇرمىغىن. بولمىسا، سەندىن ھۆرمەتلىكرەك بىرسى تەكلىپ قىلىنغان بولسا، | 8 |
ئۇ چاغدا سېنى ۋە ئۇنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ ساڭا: «بۇ كىشىگە ئورۇن بەرگەيسىز» دەپ قالسا، سەن خىجالەتتە قېلىپ پەگاھغا چۈشۈپ قالىسەن. | 9 |
لېكىن سەن چاقىرىلغاندا، بېرىپ پەگاھدا ئولتۇرغىن. شۇنىڭ بىلەن سېنى چاقىرغان ساھىبخانا كېلىپ: «ئەي دوستۇم، يۇقىرىغا چىقىڭ» دېيىشى مۇمكىن ۋە شۇنىڭ بىلەن سېنىڭ بىلەن داستىخاندا ئولتۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئالدىدا ساڭا ئىززەت بولىدۇ. | 10 |
چۈنكى ھەركىم ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتسا تۆۋەن قىلىنىدۇ ۋە كىمدەكىم ئۆزىنى تۆۋۆن تۇتسا ئۈستۈن قىلىنىدۇ. | 11 |
ئۇ ئۆزىنى مېھمانغا چاقىرغان ساھىبخانىغا مۇنداق دېدى: ــ مېھماننى تاماققا ياكى زىياپەتكە چاقىرغىنىڭدا، دوست-بۇرادەر، قېرىنداش، ئۇرۇق-تۇغقان ياكى باي قولۇم-قوشنىلىرىڭنى چاقىرمىغىن. چۈنكى ئۇلارمۇ سېنى مېھمانغا چاقىرىپ، مەرھەمىتىڭنى قايتۇرۇشى مۇمكىن. | 12 |
شۇنىڭ ئۈچۈن زىياپەت بېرەي دېسەڭ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق، كور-ئەمالارنى چاقىرغىن | 13 |
ۋە بەخت-بەرىكەت كۆرىسەن؛ چۈنكى ئۇ كىشىلەرنىڭ ياخشىلىقىڭنى قايتۇرۇشنىڭ ئامالى يوقتۇر. شۇنىڭ بىلەن ھەققانىيلارنىڭ قايتا تىرىلگەن كۈنىدە قىلغىنىڭ ئۆزۈڭگە قايتۇرۇلىدۇ. | 14 |
ئۇنىڭ بىلەن ھەمداستىخان ئولتۇرغانلاردىن بىرى بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا غىزالانغۇچىلار نېمىدېگەن بەختلىك-ھە! ــ دېدى. | 15 |
بىراق ئۇ ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ بىر كىشى كاتتا زىياپەتكە تۇتۇش قىلىپ، نۇرغۇن مېھمانلارنى چاقىرىپ قويۇپتۇ. | 16 |
داستىخان سېلىنغان شۇ سائەتتە، چاكىرىنى ئەۋەتىپ، چاقىرىلغان مېھمانلارغا: «مەرھەمەت، ھەممە نەرسە تەييار بولدى!» دەپ ئېيتىپتۇ. | 17 |
بىراق، مېھمانلارنىڭ ھەممىسى بارماسلىققا بىر-بىرلەپ ئۆزرە-باھانە كۆرسەتكىلى تۇرۇپتۇ. بىرىنچىسى ئۇنىڭغا: «مەن ھېلىلا بىر پارچە يەر سېتىۋالغانىدىم، بېرىپ كۆرۈپ كەلمىسەم بولمايدۇ. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن» دەپتۇ. | 18 |
يەنە بىرى: «مەن بەش قوشلۇق ئۆكۈز سېتىۋالدىم، ھازىر بېرىپ ئۇلارنى سىناپ كۆرۈشۈم كېرەك. مېنى ئەپۇ قىلغايلا، بارالمايمەن» دەپتۇ. | 19 |
يەنە بىرسى: «مەن يېڭى ئۆيلەنگەن، شۇڭا بارالمايمەن» دەپتۇ. | 20 |
چاكار قايتىپ كېلىپ، بۇ ئىشلارنى خوجايىنىغا مەلۇم قىپتۇ. خوجايىن غەزەپلەنگەن ھالدا چاكىرىغا: «دەرھال شەھەرنىڭ چوڭ-كىچىك كوچىلىرىغا كىرىپ، غېرىب-غۇرۋا، مېيىپ-ناكار، ئاقساق-چولاق ۋە كور-ئەمالارنى مۇشۇ يەرگە يىغىپ كەل» دەپتۇ. | 21 |
ئاندىن چاكار قايتىپ كېلىپ: «خوجايىن، ئەمر بەرگىنىڭدەك ئادا قىلىندى، ۋە يەنە بوش ئورۇن بار!» دەپتۇ. | 22 |
شۇنىڭ بىلەن خوجايىن چاكارغا: ــ «ئۆيۈم مېھمانلارغا تولۇش ئۈچۈن يېزىلاردىكى چوڭ-كىچىك يوللارنى، مەھەللىلەرنى ئارىلاپ، ئۇدۇل كەلگەن ئادىمىڭنى زورلاپ ئېلىپ كەلگىن! | 23 |
چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، باشتا چاقىرىلغان ئادەملەرنىڭ ھېچقايسىسى داستىخىنىمدىن تېتىمايدۇ»، دەپتۇ. | 24 |
ئەمدى توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ كېتىۋاتاتتى. ئۇ بۇرۇلۇپ ئۇلارغا قاراپ مۇنداق دېدى: | 25 |
ــ ماڭا ئەگەشكەنلەر [ماڭا بولغان سۆيۈشلىرىدىن] ئۆز ئاتىسى ۋە ئانىسى، ئايالى ۋە بالىلىرى، ئاكا-ئۇكىلىرى ۋە ئاچا-سىڭىللىرى، ھەتتا ئۆز جېنىنىمۇ يامان كۆرمىسە ماڭا مۇخلىس بولالماس. | 26 |
كىمدەكىم ئۆزىنىڭ كرېستىنى يۈدۈپ ماڭا ئەگەشمىسە ئۇ ماڭا مۇخلىس بولالماس. | 27 |
ئاراڭلاردىن بىرسى مۇنار سالماقچى بولسا، ئالدى بىلەن ئولتۇرۇپ بۇ قۇرۇلۇشنى پۈتكۈزگۈدەك خىراجەت ئۆزۈمدە بارمۇ-يوق دەپ ھېساب قىلماسمۇ؟ | 28 |
ئۇنداق قىلمىغاندا، ئۇلنى سېلىپ پۈتكۈزەلمىسە، كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى مازاق قىلىپ: «بۇ ئادەم بىنانى باشلاپ قويۇپ پۈتكۈزەلمىدى» ــ دېمەي قالمايدۇ. | 29 |
30 |
ياكى بىر پادىشاھ يەنە بىر پادىشاھ بىلەن جەڭ قىلغىلى چىقسا ئالدى بىلەن ئولتۇرۇپ: ــ مېنىڭ ئۈستۈمگە كېلىدىغان يىگىرمە مىڭ كىشىلىك قوشۇن ئىگىسىگە مەن ئون مىڭ ئەسكىرىم بىلەن تاقابىل تۇرالارمەنمۇ؟ دەپ مۆلچەرلەپ كۆرمەمدۇ؟! | 31 |
ئەگەر ئۇ «سوقۇشالمايمەن» دەپ ئويلىسا، دۈشمەن تېخى يىراقتىكى چاغدا ئەلچى ئەۋەتىپ، سۇلھ شەرتلىرىنى سورايدۇ. | 32 |
شۇنىڭغا ئوخشاش، سىلەردىن كىمدەكىم [كۆڭلىدە] ئۆزىنىڭ بار-يوقى بىلەن خوشلاشمىسا، ماڭا مۇخلىس بولالماس. | 33 |
تۇز ياخشى نەرسىدۇر؛ ھالبۇكى، تۇز ئۆز تەمىنى يوقاتسا، ئۇنىڭغا قايتىدىن تۇز تەمىنى قانداقمۇ كىرگۈزگىلى بولىدۇ؟ | 34 |
ئۇ تۇپراققا ئىشلىتىشكە ياكى ئوغۇتقا ئارىلاشتۇرۇشقىمۇ يارىماي، تالاغا تاشلىنىدۇ. ئاڭلىغۇدەك قۇلىقى بارلار بۇنى ئاڭلىسۇن! | 35 |