< لۇقا 13 >
شۇ چاغدا، بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭغا [ۋالىي] پىلاتۇسنىڭ بىر قىسىم گالىلىيەلىكلەرنىڭ قېنىنى تۆكۈپ، ئۇلارنىڭ قانلىرىنى ئۇلار قىلىۋاتقان [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانلىقنىڭ قانلىرى بىلەن ئارىلاشتۇرغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. | 1 |
NOW there were some present at that time who informed him of the Galileans, whose blood Pilate had mingled with their sacrifices.
ئۇ ئۇلارغا جاۋابەن مۇنداق دېدى: ــ ئۇلارنىڭ بۇ ئازابلارنى تارتقىنى ئۈچۈن بۇ گالىلىيەلىكلەرنى باشقا گالىلىيەلىكلەردىن گۇناھى ئېغىر دەپ قارامسىلەر؟ | 2 |
And Jesus in reply said to them, Think ye that these Galileans were sinners above all the Galileans, because they suffered such things?
مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر. | 3 |
I tell you, No: for except ye repent, ye shall all likewise perish.
سىلوئام مەھەللىسىدىكى مۇنار ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، ئون سەككىز كىشىنى بېسىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان، سىلەر ئۇلارنى يېرۇسالېمدا تۇرۇۋاتقان باشقلاردىن قەبىھ، دەپ قارامسىلەر؟ | 4 |
Or those eighteen, on whom the tower in Siloam fell, and killed them, think ye that they were debtors to divine justice above all the men who dwell at Jerusalem?
مەن سىلەرگە ئېيتايكى، ئۇنداق ئەمەس! بەلكى سىلەر توۋا قىلمىساڭلار، ھەممىڭلارمۇ ئوخشاش ئاقىۋەتتە ھالاك بولىسىلەر. | 5 |
I tell you, No: but except ye repent, ye shall all likewise perish.
ئاندىن ئۇ بۇ تەمسىلنى سۆزلەپ بەردى: ــ مەلۇم بىر كىشىنىڭ ئۈزۈمزارلىقىدا تىكىلگەن بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخى بار ئىكەن. ئۇ ئۇ دەرەختىن مېۋە ئىزدەپ كەپتۇ، لېكىن ھېچ مېۋە تاپالماپتۇ. | 6 |
Then he spake this parable: A certain man had a fig-tree planted in his vineyard; and he came, expecting fruit on it, and found none.
ئۇ باغۋەنگە: «قارا، ئۈچ يىلدىن بېرى بۇ ئەنجۈر دەرىخىدىن مېۋە ئىزدەپ كېلىۋاتىمەن، بىراق بىر تالمۇ مېۋە تاپالمىدىم. ئۇنى كېسىۋەت! ئۇ نېمە دەپ يەرنى بىكاردىن-بىكار ئىگىلەپ تۇرىدۇ؟» دەپتۇ. | 7 |
Then said he to the vine-dresser, Lo! for three years have I come, expecting fruit on this fig-tree, and find none: cut it down; why doth it render the ground thus useless?
لېكىن باغۋەن: «خوجايىن، ئۇنىڭغا يەنە بىر يىل تەگمىگەيلا. بۇ ۋاقىت ئىچىدە ئۇنىڭ تۈۋىدىكى توپىلارنى بوشىتىپ، ئوغۇتلاپ باقاي. | 8 |
He answering said to him, Sir, let it e’en remain this year, until that I dig around it, and spread some manure:
ئەگەر كېلەر يىلى مېۋە بەرسە، ياخشى خوپ! بىراق بەرمىسە، كېسىۋەتكەيلا» دەپتۇ باغۋەن. | 9 |
perhaps it may then produce fruit: but if it does not, afterwards thou shalt cut it down.
بىر شابات كۈنى، ئۇ بىر سىناگوگتا تەلىم بېرىۋاتاتتى. | 10 |
And he was teaching in one of the synagogues, on the sabbath.
مانا شۇ يەردە ئون سەككىز يىلدىن بېرى زەئىپلەشتۈرگۈچى بىر جىن تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، دۆمچىيىپ ئۆرە تۇرالمايدىغان بىر ئايال بار ئىدى. | 11 |
And, behold, there was a woman who had a spirit of infirmity eighteen years, and was bowed together, and unable to raise herself at all up.
ئەيسا ئۇنى كۆرگەندە، يېنىغا چاقىرىپ: ــ خانىم، سەن بۇ زەئىپلىكىڭدىن ئازاد بولدۇڭ! ــ دېدى. | 12 |
But when Jesus saw her, he called out aloud, and said to her, Woman, thou art delivered from thine infirmity.
ئاندىن ئۇ قولىنى ئۇنىڭ ئۇچىسىغا قويۇۋىدى، ئايال دەرھال رۇسلىنىپ تىك تۇرۇپ، خۇدانى ئۇلۇغلىدى. | 13 |
And he laid his hands upon her: and instantly she became erect, and glorified God.
بىراق سىناگوگنىڭ چوڭى ئەيسانىڭ شابات كۈنى كېسەل ساقايتقىنىدىن غەزەپلىنىپ، كۆپچىلىككە: ــ ئادەملەر ئىش قىلىش كېرەك بولغان ئالتە كۈن بار، شۇ كۈنلەردە كېلىپ ساقايتىلىڭلار؛ لېكىن شابات كۈنىدە ئۇنداق قىلماڭلار، ــ دېدى. | 14 |
Then the ruler of the synagogue, indignant, that on the sabbath Jesus had performed the cure, addressing himself to the multitude, said, There are six days in which work is to be done: on these therefore come and be cured, and not on the sabbath-day.
شۇڭا رەب ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ ئەي ساختىپەزلەر! ھەربىرىڭلار شابات كۈنى تورپاق ۋە ئېشىكىڭلارنى ئوقۇردىن يېشىپ، سۇغارغىلى باشلىمامسىلەر؟! | 15 |
Then the Lord answered him, and said, Thou hypocrite, doth not every one of you on the sabbath loose his ox or his ass from the manger, and lead him to water?
ئەمدى شەيتان مانا ئون سەككىز يىل بوغۇپ كەلگەن، ئىبراھىمنىڭ بىر قىزى بولغان بۇ ئايال دەل شابات كۈنىدە بۇ سىرتماقتىن بوشىتىلسا، بۇ شابات كۈنىنىڭ يارىشىقى بولمامدۇ؟! | 16 |
And ought not this woman, being a daughter of Abraham, whom Satan hath bound, lo, these eighteen years, to be loosed from this bond on the sabbath-day?
ئۇ مۇشۇ سۆزنى قىلغاندا، ئۇنىڭغا قارشى چىققانلار خىجالەتكە قالدى؛ بىراق خالايىق ئۇنىڭ قىلىۋاتقان ھەممە ئاجايىب ئىشلىرىدىن شادلىنىپ يايرىدى. | 17 |
And when he had made this speech, all his opposers were covered with shame: and all the multitude rejoiced in all the glorious things which were done by him.
ئۇ سۆزىنى [داۋاملاشتۇرۇپ] مۇنداق دېدى: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى نېمىگە ئوخشايدۇ؟ مەن ئۇنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ | 18 |
Then said he, To what is the kingdom of God like? and whereunto shall I compare it?
ئۇ گويا بىر تال قىچا ئۇرۇقىغا ئوخشايدۇ؛ بىرسى ئۇنى ئېلىپ ئۆز بېغىدا تېرىغانىدى؛ ئۇ ئۆسۈپ يوغان دەرەخ بولدى؛ ئاسماندىكى ئۇچار-قاناتلار كېلىپ ئۇنىڭ شاخلىرىدا ئۇۋۇلىدى. | 19 |
It is like a grain of mustard, which a man took and put into his garden; and it grew, and became a great tree; and the fowls of the air lodged on its branches.
ئۇ يەنە: ــ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىنى نېمىگە ئوخشىتاي؟ ئۇ خۇددى ئېچىتقۇغا ئوخشايدۇ؛ بىر ئايال ئۇنى قولىغا ئېلىپ، ئۈچ جاۋۇر ئۇننىڭ ئارىسىغا يوشۇرۇپ، تاكى پۈتۈن خېمىر بولغۇچە ساقلىدى، ــ دېدى. | 20 |
And again he said, To what shall I liken the kingdom of God?
It is like leaven, which a woman taking, covered up in three measures of meal, till the whole was leavened.
[ئەيسا] يېرۇسالېمغا قاراپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ، بېسىپ ئۆتكەن ھەرقايسى شەھەر-يېزىلاردا تەلىم بېرىپ ماڭدى. | 22 |
And he passed through the cities and villages, teaching, and making his way towards Jerusalem.
بىرەيلەن ئۇنىڭدىن: ــ ئى تەقسىر، قۇتقۇزۇلىدىغانلارنىڭ سانى ئازمۇ؟ ــ دەپ سورىدى. ئەيسا كۆپچىلىككە مۇنداق جاۋاب بەردى: | 23 |
And a person said to him, Lord, are the saved few? And he said unto them,
ــ سىلەر تار ئىشىكتىن كىرىشكە كۈرەش قىلىڭلار. چۈنكى مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتايكى، نۇرغۇن ئادەملەر كىرەي دەپ ئىزدەنسىمۇ، ئەمما كىرەلمەيدۇ. | 24 |
Exert all your powers to enter through the strait gate: for many, I tell you, will seek to enter, but will not be able.
ئۆينىڭ ئىگىسى ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنى تاقىغاندىن كېيىن، سىلەر تاشقىرىدا تۇرۇپ ئىشىكنى قېقىپ: «رەب، بىزگە ئاچقىن!» دەپ يالۋۇرغىلى تۇرغىنىڭلاردا، ئۇ سىلەرگە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن» ــ دەيدۇ. | 25 |
When the master of the family shall have arisen, and shut the door, and ye shall begin to stand without, and to knock at the door, saying, Master, master, open it for us! and he answering will tell you, I know you not whence ye are:
ئاندىن سىلەر: «بىز سېنىڭ ئالدىڭدا يېگەن، ئىچكەن، سەنمۇ بىزنىڭ كوچىلىرىمىزدا تەلىم بەرگەن» دېسەڭلار، | 26 |
then shall ye begin to say, We have eaten and drunk in thy presence, and thou hast taught in our streets.
ئۇ يەنە جاۋابەن: «سىلەرنىڭ نەلىكىڭلارنى بىلمەيمەن، مەندىن نېرى كېتىڭلار، ئەي قەبىھلىك قىلغۇچىلار!» دەيدۇ. | 27 |
And he will say, I tell you, I know you not whence ye are; depart from me, all ye workers of iniquity.
سىلەر ئىبراھىم، ئىسھاق، ياقۇپ ۋە بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئىچىدە ئىكەنلىكىنى، ئۆزۈڭلارنىڭ سىرتقا تاشلىۋېتىلگىنىڭلارنى كۆرگىنىڭلاردا، يىغا-زارلار كۆتۈرۈلىدۇ، چىشلار غۇچۇرلايدۇ. | 28 |
There shall be wailing and gnashing of teeth, when ye shall see Abraham, and Isaac, and Jacob, and all the prophets, in the kingdom, and yourselves cast out.
ئۇ چاغدا، كىشىلەر مەشرىق بىلەن مەغرىبتىن ۋە شىمال بىلەن جەنۇبتىن كېلىشىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا داستىخاندا ئولتۇرىدۇ. | 29 |
And they shall come from the east, and west, and from north, and south, and shall sit down in the kingdom of God.
شۇنىڭ بىلەن مانا، شۇ چاغدا ئالدىدا تۇرغانلاردىن ئارقىغا ئۆتىدىغانلار، ئارقىدا تۇرغانلاردىن ئالدىغا ئۆتىدىغانلار بار بولىدۇ. | 30 |
And, behold, there are last who shall be first, and there are first who shall be last.
دەل شۇ ۋاقىتتا بىرنەچچە پەرىسىيلەر ئەيسانىڭ ئالدىغا كېلىپ ئۇنىڭغا: ــ مۇشۇ يەردىن چىقىپ ئۆزۈڭنى نېرىغا ئال. چۈنكى ھېرود سېنى ئۆلتۈرمەكچى، ــ دېدى. | 31 |
The same day came certain Pharisees, saying to him, Depart, and begone from hence: for Herod will kill thee.
ئۇ ئۇلارغا: ــ بېرىپ شۇ تۈلكىگە ئېيتىڭلار: مانا مەن جىنلارنى ھەيدىۋېتىپ، بۈگۈن ۋە ئەتە شىپا بېرەرمەن ۋە ئۈچىنچى كۈنى تاكامۇللاشتۇرۇلىمەن، دەڭلار. | 32 |
And he said to them, Go tell that fox, Behold, I cast out devils, and perform cures today and to-morrow, and on the third day I shall be perfected.
ھالبۇكى، بۈگۈن ۋە ئەتە ۋە ئۆگۈنلۈككە مېڭىپ يۈرۈشۈم كېرەكتۇر؛ چۈنكى ھېچ پەيغەمبەرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى يېرۇسالېمدىن باشقا ھېچقانداق جايدا مۇمكىن بولماس. | 33 |
But I must go on to-day and to-morrow, and the day following: for it is impossible that a prophet perish out of Jerusalem.
ئەي يېرۇسالېم، يېرۇسالېم! پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرىدىغان ۋە ساڭا ئەۋەتىلگەنلەرنى چالما-كېسەك قىلىدىغان شەھەر! مەن قانچە قېتىملاپ مېكىيان ئۆز چۈجىلىرىنى قانات ئاستىغا ئالغاندەك سېنىڭ بالىلىرىڭنى قوينۇمغا ئالماقچى بولدۇم، لېكىن سىلەر خالىمىدىڭلار. | 34 |
O Jerusalem! Jerusalem! thou that killest the prophets, and stonest those who are sent unto thee; how often would I have collected thy children unto me, just as a hen gathereth her brood under her wings, and ye would not!
مانا ئۆيۈڭلار تاشلىنىپ ۋەيرانە بولۇپ قالىدۇ؛ ۋە مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، سىلەر «پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن كەلگۈچىگە مۇبارەك بولغاي!» دېمىگۈچە، مېنى يەنە كۆرەلمەيسىلەر. | 35 |
Behold, your house is left unto you desolate: verily I say unto you, That ye shall see me no more, till the day come when ye shall say, Blessed is he who cometh in the name of the Lord.