< لۇقا 11 >
ئەمدى شۇنداق بولدىكى، ئۇ بىر يەردە دۇئا قىلىۋاتاتتى؛ دۇئا ئاياغلاشقاندا، مۇخلىسلىرىدىن بىرى ئۇنىڭدىن: ــ ئى رەب، يەھيا ئۆز مۇخلىسلىرىغا ئۆگەتكىنىدەك، سەنمۇ بىزگە دۇئا قىلىشنى ئۆگەتسەڭ، ــ دېدى. | 1 |
YA susede anae mananaetae güe gui un lugat, ya magpo, uno gui disipuluña ilegña nu güiya: Señot, fanagüejam manmanaetae, taegüije locue as Juan ni jafanagüe y disipuluña!
ئۇ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ دۇئا قىلغىنىڭلاردا، مۇنداق دەڭلار: «ئى ئاتا، سېنىڭ نامىڭ مۇقەددەس دەپ ئۇلۇغلانغاي. سېنىڭ پادىشاھلىقىڭ كەلگەي. | 2 |
Ya ilegña na sija: Yaguin manmanaetae jamyo alog: Tata, Umatuna y naanmo. Umamaela y raenomo,
ھەر كۈنلۈك نېنىمىزنى بىزگە ھەركۈنى بەرگەيسەن. | 3 |
Naejam pago cada jaane ni y nengcanomame.
بىزگە قەرزدار بولغان ھەركىمنى كەچۈرگىنىمىزدەك، سەنمۇ گۇناھلىرىمىزنى كەچۈرگەيسەن. بىزنى ئازدۇرۇلۇشلارغا ئۇچراتقۇزمىغايسەن». | 4 |
Ya unasiijam ni isaomame; sa jame locue inasisie todo ayo y dumidibe jam. Ya chamojam pumopolo gui tentasion.
ئۇ سۆزىنى [داۋام قىلىپ] ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن بىرىڭلارنىڭ بىر دوستى بولۇپ، يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ: ئەي دوستۇم، ماڭا ئۈچ نان ئۆتنە بەرگىن؛ | 5 |
Ya ilegña nu sija: Jaye guiya jamyo y gaeamigo uno, ya ufinatoigüe gui tatalopuenge, ya ualog nu güiya: Amigo naayaoyo tres pan;
چۈنكى ماڭا سەپەردىن بىر دوستۇم كەلدى ۋە ئۇنىڭ ئالدىغا قويغۇدەك بىر نەرسەم قالماپتۇ، دېسە، | 6 |
Sa un amigojo mato guiya guajo guinin bumiaje, ya taya ni jafa para juplantaye gui menaña;
ئۇ ئۆيىنىڭ ئىچىدە تۇرۇپ: «مېنى ئاۋارە قىلمىغىن، ئىشىك تاقاقلىق، بالىلار ئورۇندا يېنىمدا ياتىدۇ. ساڭا ئېلىپ بېرىشكە قوپالمايمەن»، دېيىشى مۇمكىن. | 7 |
Ya ayo y gaegue gui sumanjalom ufanope, ya ualog: Chamo umatbororotayo; sa esta majuchom y petta, ya estagüejam gui cama yan y famaguonjo; ti siñayo cajulo ya junae jao.
سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، گەرچە ئۇ ئۇنىڭ دوستى بولۇش سۈپىتى بىلەن بېرىشكە ئورنىدىن تۇرمىسىمۇ، ئۇنىڭ خىجىل بولماي قايتا-قايتا يالۋۇرۇشى بىلەن ئۇ چوقۇم ئورنىدىن تۇرۇپ، قانچە لازىم بولسا ئۇنىڭغا بېرىدۇ. | 8 |
Ya jusangane jamyo: Achogja ti ucajulo ya uninae pot y amiguña: lao pot y magagaoña, ucajulo ya unae jaftaemano y janesesita.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە ئېيتايكى، تىلەڭلار، سىلەرگە ئاتا قىلىنىدۇ؛ ئىزدەڭلار، تاپىسىلەر. ئىشىكنى چېكىڭلار، ئېچىلىدۇ. | 9 |
Ya jusangane jamyo: Gagao, ya infanmanae; aligao ya inseda; yajo, ya infanmababaye.
چۈنكى ھەربىر تىلىگۈچى تىلىگىنىگە ئېرىشىدۇ؛ ئىزدىگۈچى ئىزدىگىنىنى تاپىدۇ؛ ئىشىكنى چەككۈچىلەرگە ئىشىك ئېچىلىدۇ. | 10 |
Sa jayeja y mangagao uresibe; ya y manaligao usoda; ya y manayajo, umababaye.
ئاراڭلاردا ئاتا بولغۇچىلار ئۆز ئوغلى نان تەلەپ قىلسا، ئۇنىڭغا تاش بېرىدىغانلار بارمۇ؟! ياكى بېلىق تەلەپ قىلسا، يىلان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ | 11 |
Pat jaye guiya jamyo na tata, yan uguinagao ni y lajiña un pan, ya unnae un acho? pat un güijan ya enbes di güijan unnae culebla?
تۇخۇم تەلەپ قىلسا، چايان بېرىدىغانلار بارمۇ؟ | 12 |
Pat yan guinagao un chada, ada unnae un alacran?
ئەمدى سىلەر رەزىل تۇرۇپ ئۆز پەرزەنتلىرىڭلارغا ياخشى ئىلتىپاتلارنى بېرىشنى بىلگەن يەردە، ئەرشتىكى ئاتا ئۆزىدىن تىلىگەنلەرگە مۇقەددەس روھنى تېخىمۇ ئاتا قىلماسمۇ؟ | 13 |
Pues ombre jamyo, ni y manaelaye, intingo numae mauleg na ninae y famaguonmiyo, cuanto mas y Tatanmiyo gui langet unae ni y Espiritu Santo todo ayo y gumagao güe?
ئەمدى ئۇ بىر كىشىدىن «ئادەمنى گاچا قىلغۇچى» جىننى ھەيدىۋەتكەندە، شۇنداق بولدىكى، جىن ئۇنىڭدىن چىققاندا، گاچا زۇۋانغا كەلدى. خالايىق بۇنىڭغا ئىنتايىن ھەيران بولۇشتى. | 14 |
Ya jayute juyong un anite na udo. Ya susede anae jumuyong este y anite, y ido cumuentos, ya y linajyan taotao sija ninafanmanman.
بىراق ئۇلاردىن بەزىلىرى: «ئۇ جىنلارنى جىنلارنىڭ ئەمىرى بولغان بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدىۋېتىدۇ» ــ دېدى. | 15 |
Ya palo guiya sija ilegñija: Pot si Beetsebub, ni magas y manganite, na jayuyuteja juyong y manganite sija.
ۋە باشقا بەزىلەر ئۇنى سىناش مەقسىتىدە ئۇنىڭدىن بىزگە ئاسماندىن بىر مۆجىزىلىك ئالامەت كۆرسەتسەڭ، دەپ تەلەپ قىلغىلى تۇردى. | 16 |
Lao y pumalo matietientagüe, magagagao un señat gui langet.
لېكىن ئۇ ئۇلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىپ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: ــ ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشقان ھەرقانداق پادىشاھلىق ۋەيران بولىدۇ؛ ۋە ھەرقانداق ئائىلە ئۆز ئىچىدىن بۆلۈنۈپ ئۆزئارا سوقۇشسا زاۋاللىققا يۈز تۇتىدۇ. | 17 |
Lao güiya jatungo y jinason ayo sija ya ilegña nu sija: Todo y raeno umadibide contra güiyaja, uyulang; ya y guima umadibide contra guma, upodong.
شۇنىڭغا ئوخشاش، ئەگەر شەيتان ئۆز-ئۆزىگە قارشى چىققان بولسا، ئۇنداقتا، ئۇنىڭ پادىشاھلىقى قانداقمۇ پۇت تىرەپ تۇرالىسۇن؟ چۈنكى سىلەر مېنى، «جىنلارنى بەئەلزەبۇلغا تايىنىپ ھەيدەيدىكەن» دەيسىلەر. | 18 |
Yaguin si Satanas locue madibide contra güiya namaesa, jaftaemano y raenoña sumaga? Sa ilegmiyo na juyuyute juyong y manganite pot si Beetsebub.
ئەگەر مەن جىنلارنى بەئەلزىبۇلغا تايىنىپ قوغلىسام، سىلەرنىڭ پەرزەنتلىرىڭلار كىمگە تايىنىپ جىنلارنى قوغلايدۇ؟! شۇڭا ئۇلار سىلەر توغرۇلۇق ھۆكۈم چىقارسۇن! | 19 |
Lao yaguin junajujuyong y manganite pot si Beetsebub, pot jaye y famaguonmiyo ufanyinite sija juyong? Enaomina sija ufanjues para jamyo.
لېكىن مەن خۇدانىڭ بارمىقى بىلەن جىنلارنى قوغلىسام، ئۇنداقتا خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ئۈستۈڭلارغا چۈشۈپ نامايان بولغان بولىدۇ. | 20 |
Lao yaguin pot y calulot Yuus nae, juyuyute juyong y manganite, magajet na y raenon Yuus mato guiya jamyo.
تولۇق قوراللانغان كۈچتۈڭگۈر ئۆز ئۆيىنى قوغداپ تۇرغاندا، ئۇنىڭ مال-مۈلكى ئامان قالىدۇ؛ | 21 |
Yaguin un taotao ni matatnga, ya jafamauleg y atmasña, ya japulan y guimaña: todo güinajaña, manseguro.
لېكىن ئۇنىڭدىن كۈچتۈڭگۈر بىرى ئۇنىڭ ئۈستىگە ھۇجۇم قىلىپ ئۇنى يەڭسە، ئۇنىڭ تايانغان قوراللىرىنى تارتىۋالىدۇ ۋە مال-مۈلۈكلىرىنى ئولجا قىلىپ ئۆزىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىپ بېرىدۇ. | 22 |
Lao anae mato otro na matatngaña qui güiya ya inañao, inamot ni atmasña anae jaangoco güe ya jafacae y güinajaña.
مەن تەرەپتە تۇرمىغانلار ماڭا قارشى تۇرغۇچىدۇر. مەن تەرەپكە [ئادەملەرنى] يىغمىغۇچىلار بولسا توزۇتۇۋەتكۈچىدۇر. | 23 |
Ayo y ti jumujame, contra guajo yuje; ya ayo y ti rumecocoge guiya guajo machalapon.
ناپاك روھ بىراۋنىڭ تېنىدىن چىقىرىۋېتىلىشى بىلەن، ئۇ قۇرغاق جايلارنى چۆرگىلەپ يۈرۈپ بىرەر ئارامگاھنى ئىزدەيدۇ؛ بىراق تاپالمىغاندىن كېيىن، «مەن چىققان ماكانىمغا قايتاي!» دەيدۇ. | 24 |
Ya y espiritun áplacha, anae jumuyong gui taotao, jumajanao gui anglo na lugat, manaliligao dinescansa; ya anae ti mañoda, ilegña: Bae talo guato gui guimajo anae jumanaoyo.
شۇنىڭ بىلەن قايتىپ كېلىپ، شۇ ماكانىنىڭ پاكىز تازىلانغانلىقىنى ۋە رەتلەنگەنلىكىنى بايقايدۇ-دە، | 25 |
Ya anae mato, jasoda mabale yan maadotna.
بېرىپ ئۆزىدىنمۇ بەتتەر يەتتە روھنى باشلاپ كېلىدۇ؛ ئۇلار كىرىپ بىللە تۇرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئادەمنىڭ كېيىنكى ھالى بۇرۇنقىدىنمۇ تېخىمۇ يامان بولىدۇ. | 26 |
Ya jumanao ya mangone yan güiya otro siete espiritu mas manaelayeña qui güiya, ya jumalom ya sumaga güije: ya taelayeña y uttimoña ayo na taotao qui y finena.
ۋە شۇنداق بولدىكى، ئۇ بۇ گەپلەرنى قىلىۋاتقاندا، كۆپچىلىك ئارىسىدا بىر ئايال ئاۋازىنى كۆتۈرۈپ: ــ سېنى كۆتۈرگەن قورساق ۋە ئېمىتكەن ئەمچەك بەختلىكتۇر! ــ دېدى. | 27 |
Ya susede anae jasangan estesija, un palaoan gui linajyan taotao, umagang ilegña nu güiya: Dichoso ayo na tuyan y chumuchulejao, yan ayo na pecho y anae sumususo jao.
بىراق ئۇ جاۋابەن: ــ بەلكى خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىدىغانلار بەختلىكتۇر! ــ دېدى. | 28 |
Lao güiya ilegña: junggan, lao dichosuña ayo y jumungog y sinangan Yuus, ya jaadaje.
شۇ چاغدا، توپ-تاپ ئادەملەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا ئولاشقاندا، ئۇ مۇنداق سۆزلەشكە باشلىدى: ــ بۇ دەۋر دەرۋەقە رەزىل بىر دەۋردۇر؛ ئۇ مۆجىزىلىك بىر ئالامەتنىڭ كۆرىستىلىشنى ئىستەپ يۈرىدۇ. بىراق بۇنىڭغا «يۇنۇس پەيغەمبەردە كۆرۈلگەن مۆجىزىلىك ئالامەت»تىن باشقا ھېچقانداق ئىككىنچى بىر ئالامەت كۆرسىتىلمەيدۇ. | 29 |
Ya anae manetnon y linajyan taotao guiya güiya, jatutujon sumangan: Este na generasion manaelaye: manmanaliligao señat; lao ti ufanmannae nu señat mas na ayoja y señat Jonas.
چۈنكى يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئۆزى نىنەۋە شەھىرىدىكىلەرگە ئالامەت-كارامەت بولغىنىغا ئوخشاش، ئىنسانئوغلىمۇ بۇ دەۋرگە يەنە شۇنداق بولىدۇ. | 30 |
Sa taegüije si Jonas y señat para y taotao Ninibe taegüijeja locue y Lajin taotao para güine na generasion.
قىيامەت كۈنى «جەنۇبتىن كەلگەن ئايال پادىشاھ»مۇ بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ تىرىلىپ، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى ئۇ سۇلايماننىڭ دانا سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن يەر يۈزىنىڭ چېتىدىن كەلگەن؛ ۋە مانا، سۇلايماندىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ. | 31 |
Y raenan sanjaya cumajulo gui jaanin juisio yan y taotao este na generasion ya manquinendena; sa mato guinin y uttimon y tano para uecungog y minalate Salomon; ya estagüeja uno dangculoña qui si Salomon gaegue guine na lugat.
قىيامەت كۈنى نىنەۋەلىكىلەر بۇ دەۋردىكىلەر بىلەن تەڭ قوپۇپ، بۇ دەۋردىكىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى بېكىتىدۇ. چۈنكى نىنەۋەلىكلەر يۇنۇس پەيغەمبەر جاكارلىغان خەۋەرنى ئاڭلاپ توۋا قىلغان؛ ۋە مانا، يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى مۇشۇ يەردە تۇرىدۇ! | 32 |
Y taotao sija guiya Ninibe, ufangajulo gui jaanin juisio yan este na generasion ya manquinendena; sa manmañotsot pot y prenedican Jonas; ya estagüe uno mas dangculoña qui si Jonas gaegue güine na lugat.
ھېچكىم چىراغنى يېقىپ قويۇپ، ئۇنى يوشۇرۇن جايدا قويماس، ياكى ئۈستىگە سېۋەتنى كۆمتۈرۈپ قويماس، بەلكى چىراغداننىڭ ئۈستىگە قويىدۇ؛ بۇنىڭ بىلەن ئۆيگە كىرگەنلەر يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ. | 33 |
Taya ni un taotao munaaatog gui bedega y candet ni esta masonggue, ni upolo gui papa ganta, sino y candelero para todo y manjajalom ujalie y manana.
تەننىڭ چىرىغى كۆزدۇر. شۇڭا ئەگەر كۆزۈڭ ساپ بولسا، پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ يورۇتۇلىدۇ. لېكىن ئەگەر كۆزۈڭ خۇنۈك بولسا پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭ قاراڭغۇ بولىدۇ. | 34 |
Y candet y taotao, y atadog; yaguin y atadogmo sensiyo todo y tataotaomo maninina; lao yaguin taelaye, y tataotaomo locue bula jomjom.
شۇنىڭ ئۈچۈن ھېزى بولغىنكى، ۋۇجۇدۇڭدىكى «يورۇقلۇق» قاراڭغۇلۇق بولمىسۇن! | 35 |
Atan pues sa y manana ni y gaegue guiya jago, munga jomjom.
ئەمدى ئەگەر بارچە ۋۇجۇدۇڭ يورۇق بولسا ۋە ئۇنىڭ ھېچ يېرى قاراڭغۇ بولمىسا، ۋۇجۇدۇڭ خۇددى چىراغ پارلاق نۇرى بىلەن سېنى يورۇتقاندەك تامامەن ئايدىڭ بولىدۇ. | 36 |
Enao mina yaguin todo y tataotaomo bula manana, ni mano na lugat nae guaja jomjom, cabales na ubula manana, taegüije y yanguin malag ininaña y candet ya inina jao.
ئەيسا سۆز قىلىۋاتقاندا، بىر پەرىسىي ئۇنى ئۆيىگە غىزاغا تەكلىپ قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆيگە كىرىپ، داستىخاندا ئولتۇردى. | 37 |
Ya mientras cumuecuentos, un Fariseo siniplicagüe na usija chumocho, ya jumalom ya matachong gui lamasa.
لېكىن ھېلىقى پەرىسىي ئۇنىڭ تاماقتىن ئىلگىرى قول يۇمىغىنىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن ھەيران بولدى. | 38 |
Lao y Fariseo ninamanman anae jalie este, pot y ti jafagase güe finena antes di uchocho.
لېكىن رەب ئۇنىڭغا: ــ ئەمدى سىلەر ئەي پەرىسىيلەر، چىنە-قاچىلارنىڭ تېشىنىلا يۇيۇپ پاكىزلىغىنىڭلار بىلەن ئىچىڭلار ھەرتۈرلۈك ھېرىسلىك ۋە رەزىللىككە تولغاندۇر. | 39 |
Ya y Señot ilegña nu güiya: Pago jamyo ni Fariseo, y sumanjiyongja gui copa yan plato innagagasgas, lao y sumanjalommiyo bula inamot an tinaelaye.
ئەي نادانلار، تېشىنى ياراتقۇچى ئىچىنىمۇ ياراتقان ئەمەسمۇ؟! | 40 |
Manaejinaso jamyo, ada ayo y fumatinas gui sumanjiyong, ti güiya locue y fumatinas gui sumanjalom?
ئەمدى ئۆز ئىچ-ئىچىڭلاردىن خەيرخاھلىق قىلىڭلار ۋە مانا، ھەممە نەرسە سىلەرگە پاكىز بولىدۇ. | 41 |
Lao todo y guajanmiyo naenñaejon limosña; ya estagüe na todo ufangasgas para jamyo.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! چۈنكى سىلەر ھەتتا يالپۇز بىلەن سۇزاپنىڭ ۋە ھەرخىل دورا-دەرمانلارنىڭ ئوندىن بىرىنى ئۆشرە قىلىپ خۇداغا ئاتايسىلەر-يۇ، بىراق ئادالەت ۋە خۇدانىڭ مۇھەببىتىنى ھېچ ئېتىبارغا ئالماي كېتىۋېرىسىلەر. دەرۋەقە، ئاۋۋال مۇشۇ ئىشلارنى ئورۇندىشىڭلار كېرەك، ئاندىن شۇ ئىشلارنىمۇ ئادا قىلماي قويماسلىقىڭلار كېرەك. | 42 |
Lao ay, ay jamyo Fariseo! ni infanmannae diesmos nu y yetba buena yan laruda yan todo golae; ya innafapos y tininas yan y güinaeyan Yuus. Estesija nesesita infatinas, sin pelo y pumalo.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي پەرىسىيلەر! چۈنكى سىلەر سىناگوگلاردا ئالدىنقى ئورۇنلاردا ئولتۇرۇشقا، بازارلاردا كىشىلەرنىڭ سىلەرگە بولغان [ھۆرمەتلىك] سالاملىرىغا ئامراقسىلەر. | 43 |
Ay, ay jamyo Fariseo! sa ingüaeya etmas manaquilo na tachong gui sinagoga, yan y sinaluda sija gui metcado.
سىلەرگە ۋاي! چۈنكى سىلەر خۇددى كىشىلەر كېتىۋېتىپ، ئۈستىگە دەسسەپ سېلىپمۇ سەزمەي ئۆتۈپ كەتكەن گۆرلەرگە ئوخشايسىلەر! ــ دېدى. | 44 |
Ay ay jamyo! sa calang jamyo naftan ni ti malilie; ya y taotao sija manmalolofanja gui sumanjilo ya ti matungo.
تەۋرات ئەھلىلىرىدىن بىرى ئۇنىڭغا: ــ ئۇستاز، بۇلارنى ئېيتقىنىڭ بىزگىمۇ ھاقارەت بولدى! ــ دېدى. | 45 |
Ya manope un magas y lay, ilegña nu güiya: Maestro, yaguin unsangan estesija unlatdejam locue.
ئۇ ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: ــ سىلەرگىمۇ ۋاي، ئەي تەۋرات ئەھلىلىرى! چۈنكى سىلەر كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر يۈكلەرنى ئادەملەرنىڭ زىممىسىگە ئارتىپ قويسىلەر-يۇ، ئەمما ئۆزۈڭلار بۇ يۈكلەرنى كۆتۈرۈشكە بىرمۇ بارمىقىڭلارنى تەگكۈزمەيسىلەر! | 46 |
Lao güiya ilegña: Ay ay jamyo locue y manmagas y lay! sa innafanmangangatga y taotao sija ni ayo na catga y macat para uchule, ya ni un calolotmiyo innainete para inayuda.
سىلەرگە ۋاي! چۈنكى پەيغەمبەرلەرنىڭ قەبرىلىرىنى ياساپ كېلىۋاتىسىلەر، لېكىن ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۇلارنى ئۆلتۈردى. | 47 |
Ay, ay jamyo! sa infatinas y naftan, y profeta sija, ya y tatanmiyo pumuno.
شۇنىڭ بىلەن سىلەر ئاتا-بوۋىلىرىڭلار قىلغانلىرىغا رازى بولغانلىقىڭلارغا گۇۋاھلىق بېرىسىلەر. چۈنكى ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈردى ۋە سىلەر ئۇلارنىڭ قەبرىلىرىنى ياسايسىلەر. | 48 |
Taegüine mantestigo jamyo, ya inconsienteja y checho y tatanmiyo; sa sija magajet pumuno, ya jamyo fumatinas y naftanñija.
بۇ سەۋەبتىنمۇ خۇدانىڭ دانالىقى دەيدۇكى: «مەن ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ۋە روسۇللارنى ئەۋەتىمەن ۋە بۇلاردىن بەزىلىرىنى ئۇلار ئۆلتۈرىدۇ ۋە بەزىلىرىنى زىيانكەشلىك بىلەن قوغلىۋېتىدۇ». | 49 |
Enaomina ilegña y minalate Yuus: Bae managoyo profeta yan apostoles para sija; ya megae guiya sija inpino yan inpetsigue:
شۇنىڭ بىلەن دۇنيا ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيانقى بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ تۆكۈلگەن قان قەرزلىرى، يەنى ھابىلنىڭ تۆكۈلگەن قېنىدىن تارتىپ تاكى [ئىبادەتخانىدىكى] قۇربانگاھ بىلەن مۇقەددەس جاي ئارىلىقىدا قەتل قىلىنغان [كاھىن] زەكەرىيانىڭ تۆكۈلگەن قېنىغىچە بارلىق قان قەرزلەر ئۈچۈن مۇشۇ دەۋردىكىلەردىن ھېساب ئېلىنىدۇ. مەن سىلەرگە بەرھەق شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بۇلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇ دەۋردىن ئېلىنىدىغان بولىدۇ! | 50 |
Sa guinin este na generasion manesesita machule y jâgâ todo y profeta, ni manmachuda desde y tutujon y tano;
Desde jâgâ Abel, asta y jâgâ Sacharias, ni y matae gui entalo y attat yan y templo; magajet, jusangane jamyo na umanesesita machule guinin este na generasion.
ھالىڭلارغا ۋاي، ئەي تەۋرات ئەھلىلىرى! چۈنكى ھېكمەت خەزىنىسىنىڭ ئاچقۇچىنى ئېلىپ تۇرۇپ، ئۆزۈڭلار ئۇنىڭ ئىچىگە كىرمىدىڭلار ۋە كىرەي دېگەنلەرنىمۇ كىرگۈزمىدىڭلار. | 52 |
Ay ay jamyo y manmagas y lay! sa innajanao y yaben tiningo; ya ti infanjalom jamyo yan y mangequejalom inchechema.
ئۇ شۇ يەردىن چىققاندىن كېيىن، تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن پەرىسىيلەر ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق قارشىلىشىپ، ئۇنىڭغا كۆپ ئىشلارنى مۇزاكىرىلىشىشكە قىستىدى | 53 |
Ya anae jumuyong güije, y escribas yan y Fariseos sija, matutujon ma afuefuetsas ya macacase para usigue cumuentos megae;
ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلىشقا سۆزىدىن بىرەر ئەيىب تېپىۋېلىشقا پايلاپ يۈرەتتى. | 54 |
Maespipia, para umaquechule jafa guinin y pachotña.