< لاۋىيلار 8 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ: ــ | 1 |
І Господь промовляв до Мойсея, говорячи:
ھارۇننى ئوغۇللىرى بىلەن بىللە، ۋە ئۇلارنىڭ مەخسۇس كىيىملىرىنى، «مەسىھلەش مېيى»نى، گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاق بىلەن ئىككى قوچقارنى، پېتىر نان سېلىنغان سېۋەتنى ئېلىپ كېلىپ، | 2 |
„Візьми Ааро́на та синів його з ним, і шати, і оливу пома́зання, і бичка жертви за гріх, і два барани́, і коша́ з опрісноками.
[ئىسرائىلنىڭ] پۈتۈن جامائىتىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا جەم قىلغىن، ــ دېدى. | 3 |
І збери всю громаду до входу скинії заповіту“.
مۇسا پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى، جامائەت جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا يىغىلدى. | 4 |
І зробив Мойсей, як Госпо́дь наказав був йому. І зібралась громада до входу скинії заповіту.
ئاندىن مۇسا جامائەتكە: ــ پەرۋەردىگار بۇيرۇغان ئىش مانا مۇنداق، ــ دېدى. | 5 |
І промовив Мойсей до громади: „Оце та річ, що Господь наказав зробити“.
شۇنىڭ بىلەن مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئۇلارنى سۇ بىلەن يۇيۇپ، | 6 |
І привів Мойсей Ааро́на й синів його, та й умив їх водою.
[ھارۇنغا] كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەلۋاغ باغلاپ، توننى كىيدۈردى ۋە ئۈستىگە ئەفودنى ياپتى؛ ئۇ ئەفودنىڭ بەلۋېغىنى باغلاپ، ئەفودنى ئۇنىڭغا تاقاپ قويدى. | 7 |
І дав він на нього хіто́на, й опереза́в його поясом, і зодягнув його ша́тою, і дав на нього ефо́да, і оперезав його поясом ефоду, і прикріпив ним ефода на ньо́му.
ئاندىن مۇسا ئۇنىڭغا «قوشېن»نى تاقاپ، قوشېننىڭ ئىچىگە «ئۇرىم بىلەن تۇممىم»نى سېلىپ، | 8 |
І поклав на нього нагру́дника, і дав до нагрудника урі́м та туммі́м.
بېشىغا سەللە يۆگەپ پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك سەللىنىڭ ئالدى تەرىپىگە «ئالتۇن تاختىلىق مۇقەددەس ئوتۇغات»نى بېكىتىپ قويدى. | 9 |
І поклав заво́я на голову його, і поклав на завоя спереду його золоту квітку, вінця святости, як Господь наказав був Мойсе́єві.
ئاندىن مۇسا مەسىھلەش مېيىنى ئېلىپ ئىبادەت چېدىرى بىلەن ئىچىدىكى بارلىق نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى مەسىھلەپ مۇقەددەس قىلدى. | 10 |
І взяв Мойсей оливу пома́зання, і намастив скинію, і все, що в ній, та й освятив їх.
ئۇ مايدىن ئېلىپ قۇربانگاھقا يەتتە مەرتىۋە چېچىپ، قۇربانگاھ بىلەن ئۇنىڭ بارچە قاچا-قۇچىلىرىنى، يۇيۇنۇش دېسى ۋە تەگلىكىنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى. | 11 |
І покропи́в він із неї сім раз на же́ртівника, і намастив жертівника та ввесь по́суд його, і вмивальницю та підставу її, щоб їх освятити.
ئۇ يەنە مەسىھلەش مېيىدىن ئازراق ئېلىپ ھارۇننىڭ بېشىغا قۇيۇپ ئۇنى خۇداغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىشقا مەسىھلىدى. | 12 |
І вилив з оливи пома́зання на Ааро́нову голову, та й пома́зав його, щоб його посвятити.
ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنىدەك ئۇلارغا كۆڭلەك كىيدۈرۈپ، بەللىرىگە بەلۋاغ باغلاپ، ئۇلارغا ئېگىز بۆكلەرنىمۇ تاقاپ قويدى. | 13 |
І привів Мойсей Ааро́нових синів, і зодягнув їх у хітони, й оперезав їх поясом, і поклав на них накриття́ голови, як Господь наказав був Мойсеєві.
ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تورپاقنى يېتىلەپ كەلدى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تورپاقنىڭ بېشىغا قوللىرىنى قويدى. | 14 |
І підвів він бичка жертви за гріх, — і поклав Ааро́н та сини його свої ру́ки на голову того бичка жертви за гріх.
ئۇ ئۇنى بوغۇزلىدى، ئاندىن مۇسا قېنىدىن ئېلىپ، ئۆز بارمىقى بىلەن قۇربانگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە، چۆرىسىگە سۈرۈپ قۇربانگاھنى گۇناھتىن پاكلىدى؛ قالغان قاننى بولسا ئۇ قۇربانگاھنىڭ تۆۋىگە تۆكۈپ، مۇقەددەس بولۇشقا كافارەت كەلتۈردى. | 15 |
І зарізав, і взяв Мойсей кро́ви і дав своїм пальцем на ро́ги навколо же́ртівника, — і очистив жертівника. А кров вилив до підстави жертівника, і освятив його для очища́ння на ньому.
ئاندىن ئۇ ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينىڭ ھەممىسىنى، جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا ماينى، ئىككى بۆرەك ۋە ئۈستىدىكى مايلىرىنى قوشۇپ ئالدى؛ ئاندىن مۇسا بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈردى. | 16 |
І взяв він увесь лій, що на ну́трощах, і сальника́ на печінці, і оби́дві ни́рки та їхній лій, — і Мойсей спалив на жертівнику.
بىراق [مۇسا] تورپاقنىڭ تېرىسى بىلەن گۆشى ۋە تېزىكىنى بولسا پەرۋەردىگار ئۆزىگە بۇيرۇغىنىدەك چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىدا ئوتتا كۆيدۈرۈۋەتتى. | 17 |
А бичка́, і шкуру його, і м'ясо його, і нечистість його спалив в огні поза табо́ром, як Господь наказав був Мойсеєві.
ئاندىن ئۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان قوچقارنى كەلتۈردى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. | 18 |
І привів він барана́ цілопа́лення, — і поклали Ааро́н та сини його руки свої на голову барана.
[ھارۇن قوچقارنى] بوغۇزلىدى؛ ئاندىن مۇسا قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپتى؛ | 19 |
І зарізав, і покропив Мойсей кров'ю навколо жертівника.
[ھارۇن] قوچقارنى پارچە-پارچە قىلىپ پارچىلىدى؛ ئاندىن مۇسا بېشىنى، پارچىلانغان گۆشلىرىنى بارلىق مېيى بىلەن قوشۇپ كۆيدۈردى. | 20 |
А барана розсік на куски його, — і Мойсей спалив голову, і куски, і товщ.
ئۈچەي-قېرىنلىرى بىلەن پاچاقلىرىنى سۇدا يۇدى. ئاندىن مۇسا قوچقارنى پۈتۈن پېتى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈردى. بۇ پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغان، «پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان خۇشبۇي چىقىدىغان قۇربانلىق» ئىدى. | 21 |
А ну́трощі та голі́нки пообмивав водою. І Мойсей спалив ці́лого барана на жертівнику, — це цілопа́лення на па́хощі любі, це огняна́ жертва для Господа, як Господь наказав був Мойсеєві.
ئاندىن ئۇ كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى قىلىنىدىغان قوچقارنى، ئىككىنچى قوچقارنى كەلتۈردى؛ ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى قوللىرىنى قوچقارنىڭ بېشىغا قويدى. | 22 |
І привів барана другого, барана посвя́чення. І поклали Аарон та сини його руки свої на голову того барана.
ئۇ ئۇنى بوغۇزلىدى؛ ۋە مۇسا ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ھارۇننىڭ ئوڭ قۇلىقىنىڭ يۇمشىقى بىلەن ئوڭ قولىنىڭ باش بارمىقىغا سۈرۈپ ۋە ئوڭ پۇتىنىڭ چوڭ بارمىقىغىمۇ سۇۋاپ قويدى. | 23 |
І зарізав, і взяв Мойсей із кро́ви його та й дав на пи́пку правого вуха Ааро́нового й на великого пальця правої руки його, і на великого пальця правої ноги його.
ئاندىن مۇسا ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنى ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قاندىن ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئوڭ قۇلاقلىرىنىڭ يۇمشىقى بىلەن ئوڭ قوللىرىنىڭ باش بارماقلىرىغا سۈردى، ئۇلارنىڭ ئوڭ پۇتلىرىنىڭ چوڭ بارماقلىرىغىمۇ سۇۋاپ قويدى، قالغان قاننى مۇسا قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىگە سەپتى. | 24 |
І привів Ааро́нових синів, і дав Мойсей із кро́ви тієї на пи́пку правого їхнього вуха, і на великого пальця правої руки їх, і на великого пальця правої ноги їх. І покропив Мойсей тією кров'ю жертівника навко́ло.
شۇنداق قىلىپ، ئۇ مېيى بىلەن مايلىق قۇيرۇقىنى، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان بارلىق ماي بىلەن جىگەرنىڭ ئۈستىدىكى چاۋا مېيىنى، ئىككى بۆرەك ۋە ئۈستىدىكى مايلىرىنى قوشۇپ ئېلىپ ئوڭ ئارقا پۇتىنىمۇ كېسىپ ئېلىپ، | 25 |
І взяв він лій, і курдюка́, і ввесь лій, що на ну́трощах, і сальника на печінці, і оби́дві ни́рки й їх лій, і стегно́ правиці.
پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى پېتىر نان سېلىنغان سېۋەتتىن بىر پېتىر توقاچ بىلەن بىر زەيتۇن ماي توقىچى ۋە بىر دانە ھەمەك ناننى ئېلىپ بۇلارنى ماي بىلەن ئوڭ ئارقا پۇتنىڭ ئۈستىدە قويدى؛ | 26 |
А з коша́ з опрісноками, що перед лицем Господнім, узяв одного прі́сного калача та калача хлі́бного, одну оливу та одного коржика, і поклав на лої й на правім стегні́.
ئاندىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قوللىرىغا تۇتقۇزۇپ، پۇلاڭلاتما ھەدىيە بولسۇن دەپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى. | 27 |
І дав він усе на руки Ааро́на, і на руки синів його, і заколиха́в це, як колиха́ння перед Господнім лицем.
ئاندىن مۇسا بۇلارنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن ئېلىپ قۇربانگاھتىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ ئۈستىدە قويۇپ كۆيدۈردى. بۇ «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» بولۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىدىغان قۇربانلىق ئىدى. | 28 |
І взяв це Мойсей із їхніх рук, та й спалив на жертівнику на цілопалення, — воно жертва посвячення, на пахощі любі, воно огняна жертва для Господа.
ئاندىن مۇسا تۆشنى ئېلىپ پۇلاڭلاتما ھەدىيە سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتتى؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئۇنىڭغا بۇيرۇغىنى بويىچە، «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى» بولغان قوچقارنىڭ بۇ قىسمى مۇسانىڭ ئۈلۈشى ئىدى. | 29 |
І взяв Мойсей груди́ну та й заколиха́в її, як колиха́ння перед Господнім лицем, із барана́ посвяче́ння. Вона була́ для Мойсея на па́йку, як Господь наказав був Мойсеєві.
ئاندىن مۇسا مەسىھلەش مېيىدىن ۋە قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدىكى قاندىن بىرئاز ئېلىپ، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ كىيىملىرىگە ۋە ئوغۇللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىگە سەپتى. شۇنداق قىلىپ، ئۇ ھارۇن ۋە كىيىملىرىنى، ئوغۇللىرى بىلەن ئۇلارنىڭ كىيىملىرىنى مۇقەددەس قىلدى. | 30 |
І взяв Мойсей оливи пома́зання та кро́ви, що на жертівнику, і покропи́в на Ааро́на, на ша́ти його, і на синів його, і на ша́ти синів його з ним. І посвятив Аарона, ша́ти його, і синів його, і ша́ти синів його з ним.
مۇسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق بۇيرۇدى: ــ «بۇ گۆشنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا قاينىتىپ پىشۇرۇپ شۇ يەردە ئولتۇرۇپ «كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى»غا تەۋە بولغان سېۋەتتىكى نان بىلەن قوشۇپ يەڭلار؛ بۇلارنى ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى يېسۇن، دەپ بۇيرۇغىنىمدەك ئۇنى يەڭلار؛ | 31 |
І сказав Мойсей до Ааро́на й до синів його: „Варіть м'ясо при вході скинії заповіту, і там бу́дете їсти його, і хліб, що в коші посвя́чення, як я наказав був, говорячи: Аарон та сини його будуть їсти його.
لېكىن گۆش بىلەن ناندىن ئېشىپ قالغانلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئوتتا كۆيدۈرۈۋېتىڭلار. | 32 |
А позостале з м'яса та з хліба спалите в огні.
سىلەر يەتتە كۈنگىچە جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدىن چىقماي، خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش كۈنلىرىڭلار توشقۇچە شۇ يەردە تۇرۇڭلار؛ چۈنكى سىلەرنى خۇداغا ئاتاپ كاھىنلىققا تىكلەش ئۈچۈن يەتتە كۈن كېتىدۇ. | 33 |
А із входу скинії заповіту не вийдете сім день, аж до дня ви́повнення днів вашого посвя́чення, бо Він буде сім день посвя́чувати вас.
بۈگۈن قىلىنغان ئىشلار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە سىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلسۇن دەپ قىلىندى. | 34 |
Як учинив я сьогодні, так наказав Госпо́дь робити, щоб очистити вас.
سىلەر ئۆلمەسلىكىڭلار ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا كېچە-كۈندۈز يەتتە كۈن تۇرۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى ماڭا شۇنداق بۇيرۇلدى». | 35 |
А при вході скинії заповіту бу́дете сидіти день і ніч сім день, і будете вико́нувати варту Господню, — щоб вам не померти, бо так мені наказано“.
ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى پەرۋەردىگارنىڭ مۇسانىڭ ۋاسىتىسى بىلەن بۇيرۇغىنىنىڭ ھەممىسىنى بەجا كەلتۈردى. | 36 |
І зробив Аарон та сини його все те, як наказав був Господь через Мойсея.