< لاۋىيلار 7 >
ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مانا مۇنداق: ــ بۇ [قۇربانلىق] «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. | 1 |
A ovo je zakon za žrtvu radi prijestupa; svetinja je nad svetinjama.
كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا ئىتائەتسىزلىكنى تىلەش قۇربانلىقىمۇ بوغۇزلىنىدۇ؛ [كاھىن] قېنىنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. | 2 |
Na kojem se mjestu kolje žrtva paljenica, na onom neka se kolje i žrtva za prijestup; i krvlju njezinom neka se pokropi oltar ozgo unaokolo.
[قۇربانلىق قىلغۇچى كىشى] بارلىق مېيىنى سۇنسۇن؛ يەنى مايلىق قۇيرۇقى بىلەن ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، | 3 |
A sve salo njezino neka se prinese, i rep i salo što pokriva crijeva,
ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى ئاجرىتىپ سۇنسۇن. | 4 |
I oba bubrega, i salo što je na njima i na slabinama, i mrežicu na jetri neka izvadi s bubrezima,
كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. بۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدۇ. | 5 |
I neka zapali to sveštenik na oltaru na žrtvu ognjenu Gospodu; to je žrtva za prijestup.
كاھىنلاردىن بولغان ئەر كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى يېسۇن؛ ئۇ مۇقەددەس يەردە يېيىلسۇن؛ ئۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. | 6 |
Svako muško izmeðu sveštenika neka je jede; na svetom mjestu neka se jede; svetinja je nad svetinjama.
گۇناھ قۇربانلىقى قانداق بولسا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىمۇ شۇنداق بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىسى توغرىسىدكى قائىدە-نىزام ئوخشاش؛ بۇ قۇربانلىق كافارەت كەلتۈرۈشكە قۇربانلىق ئۆتكۈزگۈچى كاھىننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولسۇن. | 7 |
Žrtva je za prijestup kao žrtva za grijeh, jedan je zakon za obje; koji sveštenik uèini njom oèišæenje, njegova je.
كاھىن بىرسىنىڭ سۇنغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى ئۆتكۈزگەن بولسا، كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ تېرىسى شۇ كاھىننىڭ بولىدۇ. | 8 |
A kad sveštenik prinese èiju žrtvu paljenicu, koža od žrtve koju prinese njegova je.
تونۇردا پىشۇرۇلغان ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە، شۇنداقلا قازاندا ياكى تاۋىدا ئېتىلگەن ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇنى ئۆتكۈزگەن كاھىننىڭ بولىدۇ، يەنى كاھىننىڭ ئۆزىگە تەۋە بولىدۇ. | 9 |
I svaki dar peèen u peæi ili zgotovljen u kotliæu ili u tavi, onoga je sveštenika koji ga prinese.
ھەربىر ئاشلىق ھەدىيە، مەيلى زەيتۇن مېيى ئارىلاشتۇرۇلغان بولسۇن، ياكى قۇرۇق كەلتۈرۈلگەن بولسۇن، بۇلار ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەربىرىگە باراۋەر بۆلۈپ بېرىلىدۇ. | 10 |
I svaki dar zamiješen s uljem ili suh, svijeh je sinova Aronovijeh, kako jednoga tako drugoga.
پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كەلتۈرۈلگەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ | 11 |
A ovo je zakon za žrtvu zahvalnu, koja se prinese Gospodu:
سۇنماقچى بولغان كىشى ئۇنى تەشەككۈر ئېيتىش ئۈچۈن سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ «تەشەككۈر قۇربانلىقى» بىلەن بىللە زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن پېتىر توقاچلار، زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلار ۋە ئېسىل ئۇندىن زەيتۇن مېيىغا چىلاپ پىشۇرۇلغان توقاچلارنىمۇ كەلتۈرسۇن. | 12 |
Ako bi je ko prinosio da zahvali, neka prinese na žrtvu zahvalnu kolaèe bez kvasca zamiješene s uljem i pogaèe bez kvasca namazane uljem, i bijeloga brašna popržena s tijem kolaèima zamiješenim s uljem.
شۇ توقاچلاردىن باشقا، يەنە تەشەككۈر ئېيتىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى بىلەن بىللە ئېچىتقۇ سېلىنغان نانلارنىمۇ سۇنسۇن؛ | 13 |
Osim kolaèa hljeb kiseli neka prinese za prinos svoj sa žrtvom zahvalnom, kojom zahvaljuje.
ئۇ شۇ سۇنغانلىرىنىڭ ھەربىر تۈرىدىن بىرنى ئېلىپ پەرۋەردىگار ئۈچۈن [قوش قوللاپ] سۇنىدىغان «كۆتۈرمە ھەدىيە» قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنىنى [قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە] سەپكەن كاھىننىڭ ئۆزىگە تەگسۇن. | 14 |
I od svega što prinosi neka prinese po jedno za žrtvu podignutu Gospodu; i to æe biti onoga sveštenika koji pokropi krvlju od žrtve zahvalne.
تەشەككۈر بىلدۈرىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشى بولسا قۇربانلىق قىلىنغان شۇ كۈنى يېيىلىشى كېرەك؛ [قۇربانلىقنى سۇنغۇچى كىشى] تاڭ ئاتقۇچە ئۇنىڭ ھېچ نېمىسىنى قالدۇرمىسۇن. | 15 |
A meso od žrtve zahvalne, kojom se zahvaljuje, neka se pojede onaj dan kad se prinese; i neka ne ostaje ništa do jutra.
ئەگەر ئۇنىڭ سۇنغان قۇربانلىقى قەسىمىگە خاس قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي كەلتۈرگەن قۇربانلىق بولسا، ئۇنداقتا ھايۋاننىڭ گۆشى قۇربانلىق قىلىنغان كۈندە يېيىلسۇن؛ ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالغىنىنى بولسا، ئەتىسىمۇ يېيىشكە بولىدۇ؛ | 16 |
Ako li prinese žrtvu radi zavjeta ili od volje, neka se jede onaj dan kad se prinese; ako što ostane, neka se pojede sjutradan.
لېكىن قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىگىچە ئېشىپ قالسا، ئۇ ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك. | 17 |
Ako li što mesa od te žrtve ostane do treæega dana, neka se sažeže ognjem.
ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن ئۈچىنچى كۈنىدە يېيىلسە، ئۇنداقتا قۇربانلىق قوبۇل بولمايدۇ، قۇربانلىق سۇنغۇچىنىڭ ھېسابىغىمۇ ھېسابلانمايدۇ، بەلكى مەكرۇھ بولىدۇ؛ كىمدەكىم ئۇنىڭدىن يېسە ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ. | 18 |
Ako li bi ko treæi dan jeo mesa od žrtve zahvalne, neæe biti ugodan onaj koji je prinio, niti æe mu se ona primiti, nego æe biti mrska, i ko bi je god jeo, nosiæe grijeh svoj.
شۇنداقلا ناپاك نەرسىگە تېگىپ قالغان گۆشمۇ يېيىلمەسلىكى كېرەك، بەلكى ئوتتا كۆيدۈرۈلۈشى كېرەك. ھەرقانداق پاك ئادەم [ناپاك نەرسىگە تەگمىگەن] قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېسە بولىدۇ. | 19 |
I meso koje bi se dotaklo èega neèistoga, da se ne jede, nego neka se sažeže ognjem; a drugo meso može jesti ko je god èist.
لېكىن كىمكى ناپاك ھالەتتە تۇرۇپ پەرۋەردىگارغا ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. | 20 |
A ko bi jeo mesa od žrtve zahvalne prinesene Gospodu, a ne bi bio èist, taj da se istrijebi iz naroda svojega.
كىمكى ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە (مەيلى ناپاك ھالەتتىكى ئادەم بولسۇن، ناپاك بىر ھايۋان بولسۇن ياكى ھەرقانداق ناپاك يىرگىنچلىك نەرسە بولسۇن) ۋە شۇنداقلا پەرۋەردىگارغا خاس ئاتالغان ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ گۆشىدىن يېسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. | 21 |
I ko se dotakne èega neèistoga, ili neèista èovjeka ili neèista živinèeta, ili kojega mu drago gada neèistoga, pa jede mesa od žrtve zahvalne prinesene Gospodu, taj da se istrijebi iz naroda svojega.
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 22 |
I reèe Gospod Mojsiju govoreæi:
ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ سىلەر كالا، قوي ۋە ئۆچكىلەرنىڭ مېيىنى ھەرگىز يېمەڭلار. | 23 |
Kaži sinovima Izrailjevim, i reci: ne jedite sala od vola ni od ovce ni od koze.
ئۆزلۈكىدىن ئۆلگەن ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننىڭ جەسىتىنىڭ مېيىنى ھەرقانداق ئىشقا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، لېكىن ھەرگىز ئۇنىڭدىن يېمەڭلار. | 24 |
Može se uzeti za svaku potrebu salo od živinèeta koje crkne ili ga zvjerka razdre; ali ga ne jedite;
چۈنكى كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەرقانداق ھايۋاننىڭ مېيىنى يېسە، شۇنى يېگەن كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. | 25 |
Ko li bi jeo salo od stoke koju prinosi èovjek na žrtvu ognjenu Gospodu, neka se istrijebi iz naroda svojega onaj koji jede.
سىلەر ھەرقانداق تۇرار جايىڭلاردا ھېچقانداق قاننى، يەنى ئۇچار-قاناتلارنىڭ بولسۇن ياكى چارپايلارنىڭ بولسۇن قېنىنى ھەرگىز ئېستىمال قىلماڭلار. | 26 |
Ni krvi ne jedite u stanovima svojim ni od ptice niti od kojega živinèeta.
كىمدەكىم ھەرقانداق قاننى ئېستىمال قىلسا، شۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. | 27 |
Svaki koji bi jeo kakovu krv, neka se istrijebi iz naroda svojega.
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 28 |
Opet reèe Gospod Mojsiju govoreæi:
ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ كىمكى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر ئىناقلىق قۇربانلىقى سۇنسا، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارغا خاس بولغان ھەدىيەنى شۇ ئىناقلىق قۇربانلىقتىن ئايرىپ كەلتۈرسۇن. | 29 |
Kaži sinovima Izrailjevim, i reci: ko prinosi žrtvu svoju zahvalnu Gospodu, neka donese Gospodu prinos svoj od žrtve zahvalne.
ئۆز قولى بىلەن پەرۋەردىگارغا ئاتىغان، ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەلەرنى، يەنى ماي بىلەن تۆشنى قوشۇپ ئېلىپ كېلىپ، تۆشنى «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» سۈپىتىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا پۇلاڭلاتسۇن. | 30 |
Svojim rukama neka donese što se sažiže Gospodu, salo s grudima neka donese, i grudi neka se obrnu tamo i amo na žrtvu pred Gospodom.
كاھىن مېيىنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرۈۋەتسۇن. تۆش بولسا ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا خاس بولسۇن. | 31 |
A sveštenik neka zapali salo na oltaru, grudi pak nek budu Aronu i sinovima njegovijem.
ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىڭلارنىڭ ئوڭ ئارقا پۇتىنى سىلەر «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە كاھىنغا بېرىڭلار. | 32 |
I desno pleæe od svojih žrtava zahvalnih podajte svešteniku da bude žrtva podignuta.
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن قايسىسى ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ قېنى بىلەن مېيىنى سۇنغان بولسا ئۆز ئۈلۈشى ئۈچۈن ئوڭ ئارقا پۇتىنى ئۆزى ئالسۇن. | 33 |
A koji izmeðu sinova Aronovijeh prinese krv i salo od žrtve zahvalne, njemu neka bude desno pleæe.
چۈنكى مەن ئىسرائىللارنىڭ ئىناقلىق قۇربانلىقلىرىدىن «پۇلاڭلاتما ھەدىيە» بولغان تۆش بىلەن «كۆتۈرمە ھەدىيە» بولغان ئارقا پۇتىنى ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بىلەن ئىسرائىللاردىن ئېلىپ، كاھىن ھارۇن ۋە ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ھەققى بولسۇن دەپ ئۇلارغا تەقدىم قىلدىم. | 34 |
Jer grudi što se obræu i pleæe što se podiže uzeh od sinova Izrailjevih od svijeh njihovijeh žrtava zahvalnih, i dadoh Aronu svešteniku i sinovima njegovijem zakonom vjeènim da se uzimaju od sinova Izrailjevih.
[مۇسا] ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىنى پەرۋەردىگارنىڭ قۇللۇقىدا كاھىن بولۇشقا ئۇنىڭ ئالدىغا كەلتۈرگەن كۈنىدە، ئۇلارغا پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىقلاردىن تەقدىم قىلىنىدىغان كاھىنلىق ئۈلۈشى مانا شۇدۇر. | 35 |
To je pomazanoga Arona i pomazanih sinova njegovijeh od ognjenih žrtava Gospodnjih od dana kad ih dovede da vrše službu sveštenièku Gospodu.
[مۇسا] ئۇلارنى مەسىھلىگەن كۈنىدە، پەرۋەردىگار بۇ ئۈلۈشنى ئىسرائىللاردىن ئېلىپ ئۇلارغا بېرىلسۇن دەپ ئەمر قىلغان. بۇ [ئىسرائىللارغا] دەۋردىن دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. | 36 |
To zapovjedi Gospod da im od dana kad ih pomaza daju sinovi Izrailjevi zakonom vjeènim od koljena na koljeno.
كۆيدۈرمە قۇربانلىق بىلەن ئاشلىق ھەدىيەسى، گۇناھ قۇربانلىقى بىلەن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى، كاھىنلىققا تىكلەش قۇربانلىقى بىلەن ئىناقلىق قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مانا شۇدۇر. | 37 |
To je zakon za žrtvu paljenicu, za dar, za žrtvu radi grijeha i za žrtvu radi prijestupa, i za osveštanje i za žrtvu zahvalnu,
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا: «سىلەر بۇ سىناي باياۋىنىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا قۇربانلىقلىرىڭلارنى سۇنۇڭلار» دەپ بۇيرۇغان كۈنىدە، ئۇ بۇلارنىڭ ھەممىسىنى سىناي تېغىدا مۇساغا تاپشۇرغانىدى. | 38 |
Što je Gospod zapovjedio Mojsiju na gori Sinajskoj kad zapovjedi sinovima Izrailjevim u pustinji Sinajskoj da prinose žrtve svoje Gospodu.