< لاۋىيلار 6 >
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
主はまたモーセに言われた、
ئەگەر بىرسى گۇناھ قىلىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ۋاپاسىزلىق قىلىپ، قوشنىسى ئۆزىگە ئامانەت ياكى كاپالەتكە بەرگەن بىر نەرسە ياكى قوشنىسىدىن زوراۋانلىق بىلەن بۇلۇۋالغان مەلۇم بىر نەرسە توغرىسىدا يالغان گەپ قىلغان بولسا ياكى قوشنىسىدىن ناھەقلىق بىلەن مەلۇم نەرسىنى تارتىۋالغان بولسا، | 2 |
「もし人が罪を犯し、主に対して不正をなしたとき、すなわち預かり物、手にした質草、またはかすめた物について、その隣人を欺き、あるいはその隣人をしえたげ、
ياكى يىتىپ كەتكەن بىر نەرسىنى تېپىۋېلىپ ئۇنىڭدىن تانسا ياكى كىشىلەرنىڭ گۇناھ سادىر قىلغان ھەرقانداق بىر ئىشى توغرىسىدا يالغان قەسەم ئىچسە، | 3 |
あるいは落し物を拾い、それについて欺き、偽って誓うなど、すべて人がそれをなして罪となることの一つについて、
ئۇ گۇناھ قىلغان ئىشتا ئۆزىنى گۇناھكار دەپ تونۇپ يەتسە، ئۇنداقتا ئۇ بۇلىۋالغان ياكى ناھەق تارتىۋالغان نەرسە ياكى ئۇنىڭغا ئامانەتكە بېرىلگەن نەرسە بولسۇن، ياكى يىتىپ كېتىپ تېپىۋالغان نەرسە بولسۇن، | 4 |
罪を犯し、とがを得たならば、彼はそのかすめた物、しえたげて取った物、預かった物、拾った落し物、
ياكى ئۇ ھەرقانداق نەرسە توغرىسىدا يالغان قەسەم ئىچكەن بولسۇن، ئۇنىڭ ھەممىسىنى تولۇق باھاسى بويىچە تۆلىسۇن، شۇنداقلا شۇ باھانىڭ بەشتىن بىر قىسمى بويىچە قوشۇپ تۆلىسۇن؛ ئۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقىنى قىلغان كۈنىدە تۆلەمنى ئىگىسىگە تاپشۇرۇپ بەرسۇن. | 5 |
または偽り誓ったすべての物を返さなければならない。すなわち残りなく償い、更にその五分の一をこれに加え、彼が愆祭をささげる日に、これをその元の持ち主に渡さなければならない。
ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئۇششاق مالدىن سەن توختاتقان قىممەت بويىچە بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كاھىننىڭ قېشىغا ئېلىپ كەلسۇن. | 6 |
彼はその償いとして、あなたの値積りにしたがい、雄羊の全きものを、群れの中から取り、これを祭司のもとに携えてきて、愆祭として主にささげなければならない。
كاھىن بۇ يول بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە ئۇ ھەرقايسى ئىشتا ئىتائەتسىزلىك قىلغان بولسىمۇ ئۇ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. | 7 |
こうして、祭司が主の前で彼のためにあがないをするならば、彼はそのいずれを行ってとがを得てもゆるされるであろう」。
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 8 |
主はまたモーセに言われた、
سەن ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدا ئەمر قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق بولىدۇ: ــ كۆيدۈرمە قۇربانلىق پۈتۈن كېچە تاڭ ئاتقۇچە قۇربانگاھتىكى ئوچاقنىڭ ئۈستىدە كۆيۈپ تۇرسۇن؛ ۋە قۇربانگاھنىڭ ئوتىنى ئۆچۈرمەي يېنىق تۇرغۇزۇڭلار. | 9 |
「アロンとその子たちに命じて言いなさい、『燔祭のおきては次のとおりである。燔祭は祭壇の炉の上に、朝まで夜もすがらあるようにし、そこに祭壇の火を燃え続かせなければならない。
كاھىن كاناپ تونىنى كىيىپ، يالىڭاچلىقىنى يېپىپ، ساغرىسىغىچە كاناپ ئىچ تامبال كىيىپ تۇرسۇن؛ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدىكى ئوت بىلەن كۆيدۈرۈلگەن كۆيدۈرمە قۇربانلىقنىڭ كۈلىنى ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ بىر تەرىپىدە قويسۇن؛ | 10 |
祭司は亜麻布の服を着、亜麻布のももひきを身につけ、祭壇の上で火に焼けた燔祭の灰を取って、これを祭壇のそばに置き、
ئاندىن كىيىملىرىنى سېلىۋېتىپ باشقا كىيىملەرنى كىيىپ، كۈلىنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ پاكىز بىر جايدا قويسۇن. | 11 |
その衣服を脱ぎ、ほかの衣服を着て、その灰を宿営の外の清い場所に携え出さなければならない。
قۇربانگاھنىڭ ئوتى بولسا ھەمىشە يېنىپ تۇرسۇن؛ ئۇنى ھېچ ۋاقىت ئۆچۈرۈشكە بولمايدۇ، كاھىن ئۆزى ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئۇنىڭغا ئوتۇن سېلىپ، ئۈستىگە كۆيدۈرمە قۇربانلىقنى تىزسۇن ۋە ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىناقلىق قۇربانلىقىنىڭ مېيىنى قويۇپ كۆيدۈرسۇن. | 12 |
祭壇の上の火は、そこに燃え続かせ、それを消してはならない。祭司は朝ごとに、たきぎをその上に燃やし、燔祭をその上に並べ、また酬恩祭の脂肪をその上で焼かなければならない。
ئۈزۈلمەس بىر ئوت قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە ھەمىشە كۆيۈپ تۇرسۇن؛ ئۇ ھەرگىز ئۆچۈرۈلمىسۇن. | 13 |
火は絶えず祭壇の上に燃え続かせ、これを消してはならない。
ئاشلىق ھەدىيە توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرى ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا، قۇربانگاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن. | 14 |
素祭のおきては次のとおりである。アロンの子たちはそれを祭壇の前で主の前にささげなければならない。
ئۇ ئاشلىق ھەدىيە بولغان ئېسىل ئۇنغا قولىنى سېلىپ ئۇنىڭدىن شۇنداقلا ئۇنىڭدىكى زەيتۇن مېيىدىن بىر چاڭگال ئېلىپ ۋە ھەدىيەنىڭ ئۈستىدىكى بارلىق مەستىكىنى قوشۇپ، بۇلارنى قۇربانگاھ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ھەدىيەنىڭ «يادلىنىش ئۈلۈشى» بولۇپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن قىلىنغان بولىدۇ. | 15 |
すなわち素祭の麦粉一握りとその油を、素祭の上にある全部の乳香と共に取って、祭壇の上で焼き、香ばしいかおりとし、記念の分として主にささげなければならない。
ئېشىپ قالغانلىرىنى بولسا ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى يېسۇن؛ ئۇ ئېچىتقۇ سېلىنماي پىشۇرۇلۇپ مۇقەددەس بىر جايدا يېيىلسۇن؛ ئۇلار ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېسۇن. | 16 |
その残りはアロンとその子たちが食べなければならない。すなわち、種を入れずに聖なる所で食べなければならない。会見の幕屋の庭でこれを食べなければならない。
ئۇ مۇتلەق ئېچىتقۇسىز پىشۇرۇلسۇن. مەن ئوتتا ماڭا سۇنۇلىدىغان قۇربانلىق-ھەدىيەلەر ئىچىدىن شۇنى ئۇلارنىڭ ئۆز ئۈلۈشى بولسۇن دەپ ئۇلارغا ھەق قىلىپ بەردىم؛ ئۇ گۇناھ ۋە ئىتائەتسىزلىكنى تىلىگۈچى قۇربانلىقلارغا ئوخشاش «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. | 17 |
これは種を入れて焼いてはならない。わたしはこれをわたしの火祭のうちから彼らの分として与える。これは罪祭および愆祭と同様に、いと聖なるものである。
ھارۇننىڭ ئەۋلادىدىن بولغان ئەركەكلەرنىڭ ھەممىسى بۇنىڭدىن يېسۇن؛ بۇ دەۋردىن-دەۋرگە ئاراڭلاردا ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغانلىرىدىن بۇلار ئۇلارنىڭ ئۈلۈشى بولسۇن. ئۇنىڭغا قول تەگكۈزگۈچى جەزمەن مۇقەددەس بولۇشى كېرەك. | 18 |
アロンの子たちのうち、すべての男子はこれを食べることができる。これは主にささげる火祭のうちから、あなたがたが代々永久に受けるように定められた分である。すべてこれに触れるものは聖となるであろう』」。
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 19 |
主はまたモーセに言われた、
ھارۇن مەسىھلىنىدىغان كۈنىدە ئۇ ۋە ئوغۇللىرىنىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنىدىغىنى مۇنداق بولۇشى كېرەك: ــ ئۇلار ئۈزۈلمەس ئاشلىق ھەدىيە سۈپىتىدە ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى سۇنۇشى كېرەك؛ ئەتىگىنى يېرىمىنى، ئاخشىمى يەنە يېرىمىنى سۇنسۇن. | 20 |
「アロンとその子たちが、アロンの油注がれる日に、主にささぐべき供え物は次のとおりである。すなわち麦粉十分の一エパを、絶えずささげる素祭とし、半ばは朝に、半ばは夕にささげなければならない。
ئۇ تاۋىدا زەيتۇن مېيى بىلەن ئېتىلسۇن؛ ئۇ زەيتۇن مېيىغا چىلاپ پىشۇرۇلغاندىن كېيىن سەن ئۇنى ئېلىپ كىر؛ ئاشلىق ھەدىيەنىڭ پىشۇرۇلغان پارچىلىرىنى خۇشبۇي سۈپىتىدە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنغىن. | 21 |
それは油をよく混ぜて平鍋で焼き、それを携えてきて、細かく砕いた素祭とし、香ばしいかおりとして、主にささげなければならない。
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ قايسىسى ئۇنىڭ ئورنىدا تۇرۇشقا مەسىھلەنگەن بولسا ئۇمۇ [ھەدىيەنى] شۇنداق تەييارلاپ سۇنسۇن؛ بۇ ئەبەدىي مۇتلەق بىر بەلگىلىمە بولىدۇ. بۇ ھەدىيە پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تولۇق كۆيدۈرۈلسۇن. | 22 |
彼の子たちのうち、油注がれて彼についで祭司となる者は、これをささげなければならない。これは永久に主に帰する分として、全く焼きつくすべきものである。
كاھىننىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەسى بولسا پۈتۈنلەي كۆيدۈرۈلسۇن؛ ئۇ ھەرگىز يېيىلمىسۇن. | 23 |
すべて祭司の素祭は全く焼きつくすべきものであって、これを食べてはならない」。
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 24 |
主はまたモーセに言われた、
ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ گۇناھ قۇربانلىقى توغرىسىدىكى قائىدە-نىزام مۇنداق: ــ گۇناھ قۇربانلىقىمۇ كۆيدۈرمە قۇربانلىق بوغۇزلىنىدىغان جايدا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلانسۇن؛ بۇ خىل قۇربانلىق «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. | 25 |
「アロンとその子たちに言いなさい、『罪祭のおきては次のとおりである。罪祭は燔祭をほふる場所で、主の前にほふらなければならない。これはいと聖なる物である。
گۇناھ قۇربانلىقىنى ئۆتكۈزگۈچى كاھىن ئۆزى ئۇنى يېسۇن؛ قۇربانلىق مۇقەددەس بىر يەردە، جامائەت چېدىرىنىڭ ھويلىسىدا يېيىلسۇن. | 26 |
罪のためにこれをささげる祭司が、これを食べなければならない。すなわち会見の幕屋の庭の聖なる所で、これを食べなければならない。
ئۇنىڭ گۆشىگە قول تەگكۈزگۈچى ھەركىم مۇقەددەس بولمىسا بولمايدۇ، شۇنىڭدەك ئەگەر ئۇنىڭ قېنى بىرسىنىڭ كىيىمىگە چاچراپ كەتسە، ئۇنداقتا قان چېچىلغان جاي مۇقەددەس بىر يەردە يۇيۇلسۇن. | 27 |
すべてその肉に触れる者は聖となるであろう。もしその血が衣服にかかったならば、そのかかったものは聖なる所で洗わなければならない。
قايسى ساپال قازاندا قۇربانلىق قاينىتىلىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ سۇندۇرۇلسۇن. ئەگەر ئۇ مىس قازاندا قاينىتىپ پىشۇرۇلغان بولسا، ئۇ قىرىپ سۈرۈلسۇن ھەم سۇ بىلەن يۇيۇلسۇن. | 28 |
またそれを煮た土の器は砕かなければならない。もし青銅の器で煮たのであれば、それはみがいて、水で洗わなければならない。
كاھىنلاردىن بولغان بارلىق ئەر كىشىلەر ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. بۇ «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. | 29 |
祭司たちのうちのすべての男子は、これを食べることができる。これはいと聖なるものである。
ھالبۇكى، مۇقەددەس جايدا كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن قېنى جامائەت چېدىرىغا كىرگۈزۈلگەن ھەرقانداق گۇناھ قۇربانلىقى بولسا، ھەرگىز يېيىلمىسۇن، بەلكى [پۈتۈنلەي] كۆيدۈرۈلسۇن. | 30 |
しかし、その血を会見の幕屋に携えていって、聖所であがないに用いた罪祭は食べてはならない。これは火で焼き捨てなければならない。