< لاۋىيلار 5 >
ئەگەر بىرسى مەلۇم ئىشقا گۇۋاھچى بولۇپ، شۇنداقلا ئۇنىڭغا قەسەم بۇيرۇلغىنىدا كۆرگىنى ياكى بىلگىنىدىن مەلۇمات بەرمىسە، ئۇنداقتا ئۇ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ. | 1 |
Eger birsi melum ishqa guwahchi bolup, shundaqla uninggha qesem buyrulghinida körgini yaki bilginidin melumat bermise, undaqta u qebihlikining jazasigha tartilidu.
ئەگەر بىرسى ئۆزى بىلمەي ناپاك بىر نەرسىگە تېگىپ كەتسە ــ مەيلى ئۇ ناپاك بىر ھايۋاننىڭ جەسىتى بولسۇن، مەيلى ناپاك بىر چارپاينىڭ جەسىتى بولسۇن، ياكى ناپاك بىر ئۆمىلىگۈچى ھايۋاننىڭ جەسىتى بولسۇن، مۇشۇنداق نەرسىگە تېگىپ كەتسە ئۇمۇ ناپاك سانىلىپ گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ؛ | 2 |
Eger birsi özi bilmey napak bir nersige tégip ketse — meyli u napak bir haywanning jesiti bolsun, meyli napak bir charpayning jesiti bolsun, yaki napak bir ömiligüchi haywanning jesiti bolsun, mushundaq nersige tégip ketse umu napak sanilip gunahkar hésablinidu;
ئەگەر شۇنىڭدەك بىرسى ئۆزى تۇيماي مەلۇم كىشىنىڭ ئادەمنى ناپاك قىلىدىغان ھەرقانداق نىجاسىتىگە تېگىپ كەتسە، شۇنداقلا ئۇ بۇنى بىلىپ يەتسە، ئۇنداقتا ئۇ گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. | 3 |
eger shuningdek birsi özi tuymay melum kishining ademni napak qilidighan herqandaq nijasitige tégip ketse, shundaqla u buni bilip yetse, undaqta u gunahkar hésablinidu.
ئەگەر بىرسى ئاڭسىز رەۋىشتە يامان ياكى ياخشى بىر ئىشنى قىلاي دەپ قەسەم قىلىپ سالسا (كىشىلەر ھەرتۈرلۈك ئىش توغرىسىدا ئاڭسىز رەۋىشتە قەسەم قىلىشى مۇمكىن)، شۇنداقلا ئۇ بۇنى تونۇپ يەتسە، ئۇ بۇ ئىشلار تۈپەيلىدىن گۇناھكار ھېسابلىنىدۇ. | 4 |
Eger birsi angsiz rewishte yaman yaki yaxshi bir ishni qilay dep qesem qilip salsa (kishiler hertürlük ish toghrisida angsiz rewishte qesem qilishi mumkin), shundaqla u buni tonup yetse, u bu ishlar tüpeylidin gunahkar hésablinidu.
بىرسى يۇقىرىقى ھەرقايسى ئىشلاردا مەن گۇناھكار بولدۇم دەپ بىلسە، ئۇ ئۆز گۇناھىنى «مەن مۇنداق گۇناھ قىلدىم» دەپ ئىقرار قىلسۇن؛ | 5 |
Birsi yuqiriqi herqaysi ishlarda men gunahkar boldum dep bilse, u öz gunahini «men mundaq gunah qildim» dep iqrar qilsun;
ئاندىن ئۆزى سادىر قىلغان گۇناھىنىڭ كافارىتى ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا «ئىتائەتسىزلىكنى تىلىگۈچى قۇربانلىق» سۈپىتىدە ئۇششاق مالدىن ساغلىق ۋە يا بىر چىشى ئۆچكىنى گۇناھ قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ ئاندىن كاھىن ئۇنى گۇناھىدىن پاكلاندۇرۇشقا ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرسۇن. | 6 |
andin özi sadir qilghan gunahining kafariti üchün Perwerdigarning aldigha «itaetsizlikni tiligüchi qurbanliq» süpitide ushshaq maldin saghliq we ya bir chishi öchkini gunah qurbanliqi qilip keltürsun; andin kahin uni gunahidin paklandurushqa uning üchün kafaret keltürsun.
ئەگەر ئۇ قويلاردىن [قۇربانلىق] قىلىشقا قۇربى يەتمىسە، ئۇ قىلغان ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ كېلىپ، بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا سۇنسۇن. | 7 |
Eger u qoylardin [qurbanliq] qilishqa qurbi yetmise, u qilghan itaetsizliki üchün ikki paxtek yaki ikki bachkini élip kélip, birini gunah qurbanliqi üchün, yene birini köydürme qurbanliq üchün Perwerdigarning aldigha sunsun.
ئۇ بۇلارنى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرگەندە، [كاھىن] ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقىغا تەييارلانغاننى قۇربانلىق قىلىپ بوينىنى ئۈزمەي، بېشىغا يېقىن جايىدىن تولغىسۇن، لېكىن بېشىنى بوينىدىن ئۈزۈۋەتمىسۇن؛ | 8 |
U bularni kahinning qéshigha keltürgende, [kahin] awwal gunah qurbanliqigha teyyarlan’ghanni qurbanliq qilip boynini üzmey, béshigha yéqin jayidin tolghisun, lékin béshini boynidin üzüwetmisun;
ئاندىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ تېمىغا چاچسۇن؛ قالغان قېنى بولسا قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە سىقىپ چىقىرىلسۇن. بۇنىڭ ئۆزى گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. | 9 |
andin gunah qurbanliqining qénidin azghina élip qurban’gahning témigha chachsun; qalghan qéni bolsa qurban’gahning tüwige siqip chiqirilsun. Buning özi gunah qurbanliqi bolidu.
ئەمما ئىككىنچىسىنى بولسا بېكىتىلگەن بەلگىلىمە بويىچە كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىپ سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. | 10 |
Emma ikkinchisini bolsa békitilgen belgilime boyiche köydürme qurbanliq qilip sunsun. Bu yol bilen kahin uning qilghan gunahi üchün kafaret keltüridu we shu gunah uningdin kechürülidu.
ئەگەر ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى كەلتۈرۈشكە قۇربى يەتمىسە، ئۇنداقتا گۇناھ قىلغان كىشى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئېسىل ئۇندىن بىر ئەفاھنىڭ ئوندىن بىرىنى كەلتۈرسۇن؛ بۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغاچقا ئۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيمىسۇن ياكى ئۈستىگە ھېچقانداق مەستىكى سالمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. | 11 |
Eger ikki paxtek yaki ikki bachkini keltürüshke qurbi yetmise, undaqta gunah qilghan kishi gunah qurbanliqi üchün ésil undin bir efahning ondin birini keltürsun; bu gunah qurbanliqi bolghachqa u uning üstige zeytun méyi quymisun yaki üstige héchqandaq mestiki salmisun; chünki u gunah qurbanliqi bolidu.
ئۇ ئۇنى كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن ۋە كاھىن بۇنىڭدىن [سۇنغۇچىنىڭ] «يادلىنىش ئۈلۈشى» سۈپىتىدە بىر چاڭگال ئېلىپ، شۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلغان قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇنىڭ ئۆزى گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. | 12 |
U uni kahinning qéshigha keltürsun we kahin buningdin [sun’ghuchining] «yadlinish ülüshi» süpitide bir changgal élip, shuni Perwerdigargha atap otta sunulghan qurbanliqlargha qoshup, qurban’gahning üstide köydürsun. Buning özi gunah qurbanliqi bolidu.
بۇ يول بىلەن ئۇ شۇ گۇناھلاردىن قايسىسىنى قىلغان بولسا، كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. ئاشلىق ھەدىيەلەردىكىگە ئوخشاش قالغان قىسمى كاھىنغا تەۋە بولىدۇ. | 13 |
Bu yol bilen u shu gunahlardin qaysisini qilghan bolsa, kahin uning üchün kafaret keltüridu. Ashliq hediyelerdikige oxshash qalghan qismi kahin’gha tewe bolidu.
ئاندىن پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 14 |
Andin Perwerdigar Musagha söz qilip mundaq dédi: —
بىرسى بىلمەي پەرۋەردىگارغا ئاتالغان مۇقەددەس نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئىتائەتسىزلىك قىلىپ گۇناھ ئۆتكۈزسە، ئۇنداقتا ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا ئۇششاق مالدىن بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ كەلتۈرسۇن؛ شۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولغان قوچقارنىڭ باھاسىنى سەن مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە كۈمۈش شەكەلگە توختاتقىن. | 15 |
Birsi bilmey Perwerdigargha atalghan muqeddes nersilerge nisbeten itaetsizlik qilip gunah ötküzse, undaqta u Perwerdigarning aldigha ushshaq maldin béjirim bir qochqarni itaetsizlik qurbanliqi qilip keltürsun; shu itaetsizlik qurbanliqi bolghan qochqarning bahasini sen muqeddes jaydiki shekelning ölchem birliki boyiche kümüsh shekelge toxtatqin.
ئاندىن شۇ كىشى مۇقەددەس نەرسىلەرگە نىسبەتەن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىدىن بولغان زىياننى تولدۇرسۇن، شۇنداقلا زىياننىڭ بەشتىن بىرى بويىچە قوشۇپ كاھىنغا تۆلەم تۆلىسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولغان قوچقارنىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. | 16 |
Andin shu kishi muqeddes nersilerge nisbeten ötküzgen xataliqidin bolghan ziyanni toldursun, shundaqla ziyanning beshtin biri boyiche qoshup kahin’gha tölem tölisun. Bu yol bilen kahin itaetsizlik qurbanliqi bolghan qochqarning wasitisi bilen uning üchün kafaret keltüridu; shu gunah uningdin kechürülidu.
ئەگەر بىرسى بىلمەي پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرەرىسىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھكار بولغان بولسا ئۇ قەبىھلىكىنىڭ جازاسىغا تارتىلىدۇ؛ | 17 |
Eger birsi bilmey Perwerdigarning «qilma» dégen herqandaq emrlirining birerisige xilapliq qilip, gunahkar bolghan bolsa u qebihlikining jazasigha tartilidu;
شۇنداق بولسا، ئۇ ئۇششاق مالدىن سەن توختاتقان قىممەتتە بېجىرىم بىر قوچقارنى ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى قىلىپ سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ بىلمەي ئۆتكۈزگەن ئىتائەتسىزلىكى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ ئىتائەتسىزلىك گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. | 18 |
shundaq bolsa, u ushshaq maldin sen toxtatqan qimmette béjirim bir qochqarni itaetsizlik qurbanliqi qilip sunsun. Bu yol bilen kahin uning bilmey ötküzgen itaetsizliki üchün kafaret keltüridu we shu itaetsizlik gunahi uningdin kechürülidu.
بۇ ئىتائەتسىزلىك قۇربانلىقى بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇ دەرھەقىقەت پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىتائەتسىزلىك قىلغان. | 19 |
Bu itaetsizlik qurbanliqi bolidu; chünki u derheqiqet Perwerdigarning aldida itaetsizlik qilghan.