< لاۋىيلار 4 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Chúa Hằng Hữu lại truyền dạy cho Môi-se:
ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ «بىرسى بىلمەي ئېزىپ، پەرۋەردىگار «قىلما» دەپ بۇيرۇغان ھەرقانداق ئەمرلەردىن بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھ قىلسا، [تۆۋەندىكىدەك قىلسۇن]: ــ | 2 |
“Hãy dạy người Ít-ra-ên về trường hợp một người vô tình vi phạm luật lệ của Chúa Hằng Hữu:
ــ ئەگەر مەسىھلەنگەن كاھىن خەلقنى گۇناھقا پۇتلاشتۇرىدىغان بىر گۇناھنى قىلسا، ئۇنداقتا ئۇ بۇ قىلغان گۇناھى ئۈچۈن بىر بېجىرىم ياش تورپاقنى ئېلىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارغا گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. | 3 |
Nếu một thầy tế lễ vô tình vi phạm, gây cho dân mang lỗi, thì thầy tế lễ đó phải dâng một con bò tơ không tì vít lên Chúa Hằng Hữu để chuộc tội,
ئۇ تورپاقنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ يېنىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بوغۇزلىسۇن. | 4 |
bằng cách dẫn con bò đến trước cửa Đền Tạm, đặt tay trên đầu nó, rồi giết nó trước mặt Chúa Hằng Hữu.
ئاندىن مەسىھلەنگەن كاھىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ، جامائەت چېدىرى ئىچىگە كۆتۈرۈپ ئاپارسۇن؛ | 5 |
Sau đó thầy tế lễ lấy một phần máu bò đem vào Đền Tạm,
كاھىن شۇ يەردە بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى مۇقەددەس جاينىڭ پەردىسىنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن. | 6 |
nhúng ngón tay vào máu, rảy bảy lần trước mặt Chúa Hằng Hữu, phía trước bức màn ngăn cách Nơi Chí Thánh.
شۇنداقلا كاھىن قاندىن ئېلىپ، جامائەت چېدىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان خۇشبۇيگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرسۇن. تورپاقنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى بولسا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن؛ | 7 |
Xong, thầy tế lễ ấy sẽ bôi máu trên các sừng bàn thờ xông hương trước mặt Chúa Hằng Hữu trong Đền Tạm. Máu còn lại đem đổ dưới chân bàn thờ dâng lễ thiêu, tại cửa Đền Tạm.
ئاندىن ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان تورپاقنىڭ ئىچىدىن ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن ــ يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماي بىلەن قالغان ئىچ مېيى، | 8 |
Thầy tế lễ ấy sẽ lấy tất cả mỡ con bò, mỡ bọc ruột, tất cả mỡ trên bộ lòng,
ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى ئاجراتسۇن | 9 |
hai trái thận với mỡ của nó dính nơi sườn và nơi túi mật, gỡ ra chung với hai trái thận,
(خۇددى ئىناقلىق قۇربانلىقى بولغان كالىنىڭ ئىچىدىكى ماي ئاجرىتىلغاندەك)؛ ئاندىن كاھىن بۇلارنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. | 10 |
rồi đem đốt trên bàn thờ dâng lễ thiêu, cũng như trường hợp dâng con bò làm lễ tạ ơn.
لېكىن تورپاقنىڭ تېرىسى بىلەن ھەممە گۆشى، باش بىلەن پاچاقلىرى، ئىچ قارنى بىلەن ژىنىنى، | 11 |
Nhưng phần còn lại gồm da, thịt, đầu, chân, bộ lòng, phân bò,
يەنى پۈتكۈل تورپاقنىڭ قالغان قىسىملىرىنى چېدىرگاھنىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ، پاك بىر يەرگە، يەنى كۈللەر تۆكۈلىدىغان جايغا ئېلىپ چىقىپ، ئوتۇننىڭ ئۈستىدە ئوتتا كۆيدۈرسۇن. بۇلار كۈللەر تۆكۈلىدىغان جايدا كۆيدۈرۈۋېتىلسۇن. | 12 |
nghĩa là tất cả phần còn lại của nó, thầy tế lễ sẽ đem ra khỏi nơi đóng trại, tại một nơi sạch sẽ, là nơi đổ tro bàn thờ, xếp tất cả trên củi mà đốt đi.
ئەگەر پۈتكۈل ئىسرائىل جامائىتى ئۆزى بىلمىگەن ھالدا ئېزىپ گۇناھ قىلغان بولسا، پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دەپ بۇيرۇغان ھەرقانداق ئەمرلىرىگە خىلاپلىق ئىشلارنىڭ بىرىنى قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا، | 13 |
Nếu toàn dân Ít-ra-ên vô tình vi phạm một điều gì Chúa Hằng Hữu cấm đoán,
شۇنداقلا ئۇلارنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئايدىڭلاشقان بولسا، ئۇنداقتا جامائەت گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بىر ياش تورپاقنى سۇنۇپ جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن. | 14 |
và nhận biết lỗi mình, thì họ phải dâng một con bò tơ để chuộc tội. Bò sẽ được dẫn đến cửa Đền Tạm.
جامائەتنىڭ ئاقساقاللىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوللىرىنى تورپاقنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن تورپاقنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. | 15 |
Các trưởng lão trong dân chúng sẽ đặt tay trên đầu con bò, rồi giết nó trước mặt Chúa Hằng Hữu.
مەسىھلەنگەن كاھىن تورپاقنىڭ قېنىدىن ئازغىنا ئېلىپ جامائەت چېدىرى ئىچىگە ئېلىپ كىرسۇن؛ | 16 |
Thầy tế lễ sẽ lấy một phần máu bò đem vào Đền Tạm,
شۇ يەردە بارمىقىنى قانغا چىلاپ، قاننى [مۇقەددەس جاينىڭ] پەردىسىنىڭ ئالدىدا، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا يەتتە مەرتىۋە سەپسۇن. | 17 |
nhúng ngón tay vào máu, rảy bảy lần trước mặt Chúa Hằng Hữu, phía trước bức màn ngăn cách Nơi Chí Thánh.
شۇنداقلا كاھىن قاندىن ئېلىپ جامائەت چېدىرى ئىچىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغان خۇشبۇيگاھنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرسۇن. تورپاقنىڭ قالغان ھەممە قېنىنى بولسا، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن؛ | 18 |
Thầy tế lễ cũng sẽ bôi máu trên các sừng bàn thờ xông hương trước mặt Chúa Hằng Hữu trong Đền Tạm. Máu còn lại đem đổ dưới chân bàn thờ dâng lễ thiêu, tại cửa Đền Tạm.
كاھىن [تورپاقنىڭ] ئىچىدىن بارلىق مېيىنى ئاجرىتىپ ئېلىپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. | 19 |
Thầy tế lễ cũng lấy tất cả mỡ bò đem đốt trên bàn thờ.
ئۇ گۇناھ قۇربانلىقى بولغان ئىلگىرىكى تورپاقنى قىلغىنىغا ئوخشاش بۇ تورپاقنىمۇ شۇنداق قىلسۇن؛ ۋە دەل شۇنداق قىلىشى كېرەك؛ شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇلار ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇلاردىن كەچۈرۈلىدۇ. | 20 |
Nếu thầy tế lễ làm lễ chuộc tội cho dân đúng theo thủ tục, thì lỗi họ sẽ được tha.
ئاندىن ئۇ تورپاقنى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئىلگىرىكى تورپاقنى كۆيدۈرگەندەك بۇ تورپاقنىمۇ كۆيدۈرسۇن. بۇ جامائەت ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. | 21 |
Sau đó, thầy tế lễ đem con bò ra khỏi nơi đóng trại để thiêu như trường hợp tế lễ thiêu chuộc tội cho cá nhân. Đây là lễ chuộc tội cho toàn dân Ít-ra-ên.
ئەگەر بىر ئەمىر بىلمەي ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا، | 22 |
Nếu một cấp lãnh đạo Ít-ra-ên vô tình vi phạm điều gì Chúa Hằng Hữu, Đức Chúa Trời của họ cấm đoán,
ۋە قىلغان گۇناھى ئۆزىگە مەلۇم قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزى قۇربانلىق ئۈچۈن بېجىرىم بىر تېكىنى سۇنسۇن؛ | 23 |
và nhận biết tội mình, thì phải dâng một con dê đực không tì vít để chuộc tội.
ئۇ قولىنى تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلىنىدىغان ھايۋانلارنى بوغۇزلايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. بۇ بىر گۇناھ قۇربانلىقى بولىدۇ. | 24 |
Người ấy sẽ đặt tay mình trên đầu con dê, rồi giết nó tại nơi người ta giết sinh tế lễ thiêu, trước mặt Chúa Hằng Hữu. Đây là lễ chuộc tội.
كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ، ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ ئاندىن قالغان قېنىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن. | 25 |
Thầy tế lễ sẽ lấy ngón tay nhúng vào máu dê, đem bôi lên các sừng bàn thờ dâng lễ thiêu, máu còn lại đem đổ dưới chân bàn thờ.
ئۇ ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ مېيىنى كۆيدۈرگەندەك، ئۇنىڭ بارلىق مېيىنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنى گۇناھىدىن پاكلاندۇرۇش ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ ۋە شۇ گۇناھى ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. | 26 |
Tất cả mỡ dê sẽ được đốt trên bàn thờ, như trường hợp dâng lễ tạ ơn. Như vậy, khi thầy tế lễ làm lễ chuộc tội cho người này, lỗi người sẽ được tha.
ئەگەر پۇقرالاردىن بىرى بىلمەي ئۇنىڭ خۇداسى پەرۋەردىگارنىڭ «قىلما» دېگەن ھەرقانداق ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ سېلىپ، گۇناھقا چۈشۈپ قالسا، | 27 |
Nếu một công dân Ít-ra-ên vô tình vi phạm một điều gì Chúa Hằng Hữu cấm đoán
ۋە قىلغان گۇناھى ئۆزىگە مەلۇم قىلىنغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۆزىنىڭ، يەنى ئۇ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن قۇربانلىق قىلىشقا بېجىرىم بىر چىشى ئۆچكىنى سۇنسۇن؛ | 28 |
và nhận biết tội mình, thì phải dâng một con dê cái không tì vít để chuộc tội.
ئۇ قولىنى گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىقلارنى بوغۇزلايدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ بوغۇزلىسۇن. | 29 |
Người ấy sẽ đặt tay trên đầu con dê, rồi giết nó tại nơi người ta giết sinh tế lễ thiêu.
ئاندىن كاھىن ئۇنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ قالغان بارلىق قېنىنى قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن. | 30 |
Thầy tế lễ sẽ lấy ngón tay nhúng vào máu dê, đem bôi trên các sừng bàn thờ dâng lễ thiêu, máu còn lại đem đổ dưới chân bàn thờ.
ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان ھايۋاننىڭ مېيى ئىچىدىن ئاجرىتىلغاندەك ئۇنىڭمۇ ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن؛ كاھىن ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا خۇشبۇي كەلتۈرسۇن دەپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. | 31 |
Thầy tế lễ cũng lấy tất cả mỡ đem đốt trên bàn thờ dâng hương thơm lên Chúa Hằng Hữu như trường hợp dâng lễ tạ ơn. Như vậy, khi thầy tế lễ làm lễ chuộc tội cho người này, lỗi người sẽ được tha.
ئەگەر ئۇ كىشى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن قوزا كەلتۈرۈشنى خالىسا، بېجىرىم بىر چىشى قوزىنى سۇنسۇن. | 32 |
Nếu người này muốn dâng một con chiên để làm lễ chuộc tội, thì phải chọn một con chiên cái không tì vít.
ئۇ قولىنى گۇناھ قۇربانلىقى [قوزىسىنىڭ] بېشىغا قويۇپ، كۆيدۈرمە قۇربانلىقلار بوغۇزلىنىدىغان جايغا ئېلىپ بېرىپ، ئۇنى گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە بوغۇزلىسۇن. | 33 |
Người ấy sẽ đặt tay trên đầu con chiên, rồi giết nó tại nơi người ta giết sinh tế lễ thiêu.
ئاندىن كاھىن گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ قېنىدىن بارمىقىغا ئازغىنا ئېلىپ ئۇنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق قۇربانگاھىنىڭ مۈڭگۈزلىرىگە سۈرۈپ قويسۇن؛ ئۇنىڭ قالغان بارلىق قېنىنى ئۇ قۇربانگاھنىڭ تۈۋىگە تۆكۈپ قويسۇن. | 34 |
Thầy tế lễ lấy ngón tay nhúng vào máu chiên, đem bôi trên các sừng bàn thờ dâng lễ thiêu, máu còn lại đem đổ dưới chân bàn thờ.
ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلىنغان قوزىنىڭ مېيى ئىچىدىن ئاجرىتىلغاندەك، ئۇنىڭمۇ ھەممە مېيىنى ئاجرىتىپ چىقارسۇن؛ كاھىن بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان بارلىق قۇربانلىقلارغا قوشۇپ، قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. شۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ سادىر قىلغان گۇناھى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇ گۇناھ ئۇنىڭدىن كەچۈرۈلىدۇ. | 35 |
Thầy tế lễ cũng lấy mỡ chiên đốt trên bàn thờ, như trường hợp dâng chiên làm lễ tạ ơn lên Chúa Hằng Hữu. Như vậy, khi thầy tế lễ làm lễ chuộc tội cho người này, lỗi người sẽ được tha.”