بىرسىنىڭ سۇنىدىغىنى ئىناقلىق قۇربانلىقى بولسا، شۇنداقلا كالىلاردىن سۇنسا، ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا بېجىرىم بىر ئەركىكىنى ياكى چىشىسىنى كەلتۈرسۇن. | 1 |
وَإِنْ قَرَّبَ أَحَدٌ ذَبِيحَةَ سَلامٍ مِنْ بَقَرٍ، ثَوْراً أَوْ عِجْلَةً، فَلْيُقَدِّمْ قُرْبَاناً لِلرَّبِّ سَلِيماً مِنْ كُلِّ عَيْبٍ، | ١ |
ئۇ سۇنىدىغان بۇ ھايۋاننىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئېغىزى ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. | 2 |
فَيَضَعُ الْمُقَرِّبُ يَدَهُ عَلَى رَأْسِ تَقْدِمَتِهِ وَيَذْبَحُهَا عِنْدَ بَابِ خَيْمَةِ الاجْتِمَاعِ، ثُمَّ يَرُشُّ أَبْنَاءُ هَرُونَ، الْكَهَنَةُ، الدَّمَ عَلَى جَوَانِبِ الْمَذْبَحِ، الْمُحِيطَةِ بِهِ. | ٢ |
سۇنغۇچى كىشى بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ | 3 |
وَيُحْرِقُ الْكَاهِنُ أَمَامَ الرَّبِّ مِنْ ذَبِيحَةِ السَّلامِ، جَمِيعَ شَحْمِ الأَعْضَاءِ الدَّاخِلِيَّةِ | ٣ |
ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن. | 4 |
وَالْكُلْيَتَيْنِ وَشَحْمَهُمَا الَّذِي عَلَى الْخَاصِرَتَيْنِ وَالْمَرَارَةَ. | ٤ |
ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى بولسا بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە كەلتۈرۈپ ئوت ئۈستىگە قويۇلغان ئوتۇننىڭ ئۈستىدىكى كۆيدۈرمە قۇربانلىققا قوشۇپ كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان قۇربانلىق بولىدۇ. | 5 |
فَيُوْقِدُهَا أَبْنَاءُ هَرُونَ عَلَى الْمَذْبَحِ، عَلَى الْمُحْرَقَةِ الَّتِي فَوْقَ حَطَبِ النَّارِ، فَتَكُونُ مُحْرَقَةً وَوَقُودَ رِضًى تَسُرُّ الرَّبَّ. | ٥ |
بىرسىنىڭ پەرۋەردىگارغا قىلىدىغان ئىناقلىق قۇربانلىقى ئۈچۈن سۇنىدىغىنى ئۇششاق مالدىن بولسا، ئۇنداقتا ئۇ بېجىرىم بىر ئەركىكىنى ياكى چىشىسىنى كەلتۈرسۇن. | 6 |
وَإِنْ قَرَّبَ ذَبِيحَةَ سَلامٍ مِنْ غَنَمٍ، ذَكَراً أَوْ أُنْثَى، فَلْيُقَدِّمْ قُرْبَاناً لِلرَّبِّ سَلِيماً مِنْ كُلِّ عَيْبٍ. | ٦ |
ئەگەر ئۇنىڭ قۇربانلىقى قوي بولسا ئۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، | 7 |
وَإِنْ كَانَ الْقُرْبَانُ مِنَ الضَّأْنِ، فَلْيُقَدِّمْهُ أَمَامَ الرَّبِّ. | ٧ |
قۇربانلىق قىلىدىغان بۇ ھايۋاننىڭ بېشىغا قولىنى قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. | 8 |
وَيَضَعُ يَدَهُ عَلَى رَأْسِ تَقْدِمَتِهِ وَيَذْبَحُهَا عِنْدَ خَيْمَةِ الاجْتِمَاعِ، فَيَرُشُّ أَبْنَاءُ هَرُونَ دَمَهَا عَلَى جَوَانِبِ الْمَذْبَحِ الْمُحِيطَةِ بِهِ. | ٨ |
سۇنغۇچى كىشى بۇ ئىناقلىق قۇربانلىقىدىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى، يەنى ئۇنىڭ مېيىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، ــ پۈتۈن مايلىق قۇيرۇقىنى ئۇنىڭ ئومۇرتقىسىغا يېقىن يەردىن ئاجرىتىپ ئېلىپ، ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ، | 9 |
وَيُحْرِقُ الْكَاهِنُ أَمَامَ الرَّبِّ مِنْ ذَبِيحَةِ السَّلامِ شَحْمَهَا، فَيَنْزِعُ كَامِلَ الأَلْيَةِ مِنْ عِنْدِ الْعُصْعُصِ وَجَمِيعَ شَحْمِ الأَعْضَاءِ الدَّاخِلِيَّةِ | ٩ |
ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن. | 10 |
وَالْكُلْيَتَيْنِ وَشَحْمَهُمَا الَّذِي عَلَى الْخَاصِرَتَيْنِ، وَالْمَرَارَةَ، | ١٠ |
كاھىن بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. | 11 |
وَيُحْرِقُهَا الْكَاهِنُ عَلَى الْمَذْبَحِ طَعَامَ وَقُودٍ لِلرَّبِّ. | ١١ |
ئۇنىڭ سۇنىدىغىنى ئۆچكە بولسا، بۇنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرسۇن. | 12 |
وَإِنْ كَانَ قُرْبَانُهُ مِنَ الْمَعَزِ فَلْيُقَدِّمْهُ أَمَامَ الرَّبِّ، | ١٢ |
ئۇ قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويۇپ، ئاندىن ئۇنى جامائەت چېدىرىنىڭ ئالدىدا بوغۇزلىسۇن. ئاندىن ھارۇننىڭ ئوغۇللىرى قېنىنى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستى قىسمىنىڭ ئەتراپىغا سەپسۇن. | 13 |
فَيَضَعُ يَدَهُ عَلَى رَأْسِ تَقْدِمَتِهِ وَيَذْبَحُهَا عِنْدَ خَيْمَةِ الاجْتِمَاعِ، فَيَرُشُّ أَبْنَاءُ هَرُونَ دَمَهَا عَلَى جَوَانِبِ الْمَذْبَحِ الْمُحِيطَةِ بِهِ. | ١٣ |
ئاندىن سۇنغۇچى كىشى بۇ قۇربانلىقتىن پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيە سۈپىتىدە بىر قىسمىنى ئېلىپ بېغىشلىسۇن، يەنى ئىچ قارنىنى يۆگەپ تۇرغان ماينى، شۇنداقلا بارلىق ئىچ مېيىنى ئېلىپ، | 14 |
وَيُحْرِقُ الْكَاهِنُ أَمَامَ الرَّبِّ مِنْ ذَبِيحَتِهِ جَمِيعَ شَحْمِ الأَعْضَاءِ الدَّاخِلِيَّةِ، | ١٤ |
ئىككى بۆرەكنى ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىدىكى ھەمدە ئىككى يانپىشىدىكى ماينى ئاجرىتىپ، جىگەرنىڭ بۆرەككىچە بولغان چاۋا مېيىنى كېسىپ، ئېلىپ كەلسۇن. | 15 |
وَيَنْزِعُ كَذَلِكَ الْكُلْيَتَيْنِ وَشَحْمَهُمَا الَّذِي عَلَى الْخَاصِرَتَيْنِ وَالْمَرَارَةَ. | ١٥ |
كاھىن بۇلارنى قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوتتا سۇنۇلىدىغان، خۇشبۇي چىقىرىدىغان تائام ھەدىيەسى بولىدۇ. ماينىڭ ھەممىسى پەرۋەردىگارغا تەۋەدۇر. | 16 |
وَيُحْرِقُهَا الْكَاهِنُ عَلَى الْمَذْبَحِ طَعَامَ وَقُودِ رِضًى وَسُرُورٍ، فَيَكُونُ كُلُّ الشَّحْمِ لِلرَّبِّ. | ١٦ |
بۇ ھەرقانداق تۇرار جايىڭلاردا سىلەرگە ئەبەدىي بەلگىلىمە بولىدۇ؛ سىلەر ھېچقانداق ماي ياكى قان يېمەسلىكىڭلار كېرەك. | 17 |
لَا تَأْكُلُوا الشَّحْمَ وَلا الدَّمَ. هَذَا فَرْضٌ دَائِمٌ عَلَيْكُمْ حَيْثُ تُقِيمُونَ، جِيلاً بَعْدَ جِيلٍ». | ١٧ |