< لاۋىيلار 27 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Perwerdigar Musagha söz qilip mundaq dédi: —
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر بىرسى پەۋقۇلئاددە بىر قەسەم قىلىپ مەلۇم كىشىنىڭ جېنىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بولسا، ئۇنداقتا شۇ كىشىگە سەن بېكىتكەن جېنىنىڭ قىممىتىنىڭ نەرخى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ؛ | 2 |
Sen Israillargha mundaq dégin: — Eger birsi pewqul’adde bir qesem qilip melum kishining jénini Perwerdigargha atighan bolsa, undaqta shu kishige sen békitken jénining qimmitining nerxi töwendikidek bolidu;
يېشى يىگىرمە بىلەن ئاتمىشنىڭ ئارىلىقىدا بولغان ئەر كىشى بولسا، سەن توختىتىدىغان قىممىتى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بولسۇن؛ ئۇنىڭ قىممىتى ئەللىك شەكەل كۈمۈشكە توختىتىلسۇن. | 3 |
Yéshi yigirme bilen atmishning ariliqida bolghan er kishi bolsa, sen toxtitidighan qimmiti muqeddes jaydiki shekelning ölchem birliki boyiche bolsun; uning qimmiti ellik shekel kümüshke toxtitilsun.
ئايال كىشى بولسا، ئاراڭلاردا توختىتىلغان قىممىتى ئوتتۇز شەكەل بولسۇن. | 4 |
Ayal kishi bolsa, aranglarda toxtitilghan qimmiti ottuz shekel bolsun.
ئەگەر يېشى بەش بىلەن يىگىرمىنىڭ ئارىلىقىدا بولسا، ئەركەك ئۈچۈن توختىتىلىدىغان قىممىتى يىگىرمە شەكەل بولۇپ، ئايال كىشى ئۈچۈن ئون شەكەل بولسۇن. | 5 |
Eger yéshi besh bilen yigirmining ariliqida bolsa, erkek üchün toxtitilidighan qimmiti yigirme shekel bolup, ayal kishi üchün on shekel bolsun.
ئەگەر يېشى بىر ئاي بىلەن بەش ياشنىڭ ئارىلىقىدا بولسا، توختىتىلىدىغان قىممىتى ئوغۇل بالا ئۈچۈن بەش شەكەل، قىز بالا ئۈچۈن ئۈچ شەكەل كۈمۈش بولسۇن. | 6 |
Eger yéshi bir ay bilen besh yashning ariliqida bolsa, toxtitilidighan qimmiti oghul bala üchün besh shekel, qiz bala üchün üch shekel kümüsh bolsun.
ئەگەر ئاتمىش يا ئۇنىڭدىن چوڭراق ياشتىكى كىشى بولسا، توختىتىلىدىغان قىممىتى ئەر كىشى ئۈچۈن ئون بەش شەكەل، خوتۇن كىشى ئۈچۈن ئون شەكەل بولسۇن. | 7 |
Eger atmish ya uningdin chongraq yashtiki kishi bolsa, toxtitilidighan qimmiti er kishi üchün on besh shekel, xotun kishi üchün on shekel bolsun.
ئەگەر بىرسى توختىتىلغان قىممىتىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە، ئۇ ئۆزىنى كاھىننىڭ ئالدىدا تەق قىلسۇن؛ كاھىن ئۇنىڭ قىممىتىنى بېكىتسۇن. كاھىن قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۇنىڭ قىممىتىنى توختىتىپ بەرسۇن. | 8 |
Eger birsi toxtitilghan qimmitini töleshke qurbi yetmise, u özini kahinning aldida teq qilsun; kahin uning qimmitini békitsun. Kahin qesem qilghuchining ehwaligha qarap uning qimmitini toxtitip bersun.
ئەگەر بىرسى [قەسەم قىلىپ] پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق بولۇشقا لايىق بولىدىغان بىر ھايۋاننى ئۇنىڭغا ئاتىغان بولسا، ئۇنداقتا شۇنداق ھايۋانلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇتلەق مۇقەددەس سانالسۇن؛ | 9 |
Eger birsi [qesem qilip] Perwerdigargha qurbanliq bolushqa layiq bolidighan bir haywanni uninggha atighan bolsa, undaqta shundaq haywanlar Perwerdigargha atap mutleq muqeddes sanalsun;
ھايۋان ناچار بولسا ئۇنىڭ ئورنىغا ياخشىنى ياكى ياخشىنىڭ ئورنىغا ناچىرىنى تېگىشىشكە ياكى ئورنىغا باشقىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. مۇبادا ئاتىغۇچى ئۇ ھايۋاننىڭ ئورنىغا يەنە بىر ھايۋاننى يەڭگۈشلىمەكچى بولسا، ئاۋۋالقىسى بىلەن ئورنىغا ئەكەلگىنىنىڭ ھەر ئىككىسى مۇقەددەس سانالسۇن. | 10 |
haywan nachar bolsa uning ornigha yaxshini yaki yaxshining ornigha nachirini tégishishke yaki ornigha bashqisini almashturushqa hergiz bolmaydu. Mubada atighuchi u haywanning ornigha yene bir haywanni yenggüshlimekchi bolsa, Awwalqisi bilen ornigha ekelginining her ikkisi muqeddes sanalsun.
ئەگەر ھايۋان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىققا لايىق بولمايدىغان بىر «ناپاك» ھايۋان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ھايۋاننى كاھىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن؛ | 11 |
Eger haywan Perwerdigargha atalghan qurbanliqqa layiq bolmaydighan bir «napak» haywan bolsa, undaqta u haywanni kahinning aldigha élip kelsun;
ئاندىن كاھىن ئۆزى ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ قىممىتىنى توختاتسۇن؛ كاھىن قىممىتىنى قانچە توختاتقان بولسا شۇنداق بولسۇن. | 12 |
andin kahin özi uning yaxshi-yamanliqigha qarap qimmitini toxtatsun; kahin qimmitini qanche toxtatqan bolsa shundaq bolsun.
ئەگەر ئىگىسى پۇل تۆلەپ ھايۋاننى قايتۇرۇۋلماقچى بولسا، توختىتىلغان قىممىتىگە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن. | 13 |
Eger igisi pul tölep haywanni qayturuwlmaqchi bolsa, toxtitilghan qimmitige yene uning beshtin birini qoshup bersun.
ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس بولسۇن دەپ ئۆيىنى ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسا، كاھىن ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ قىممىتىنى توختاتسۇن؛ كاھىن ئۇنىڭ قىممىتىنى قانچە توختاتقان بولسا، شۇ قىممىتى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. | 14 |
Eger birsi Perwerdigargha muqeddes bolsun dep öyini uninggha atap muqeddes qilsa, kahin uning yaxshi-yamanliqigha qarap qimmitini toxtatsun; kahin uning qimmitini qanche toxtatqan bolsa, shu qimmiti inawetlik bolidu.
كېيىن ئەگەر ئۆينى ئاتىغۇچى كىشى ئۇنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ توختىتىلغان قىممىتىگە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن؛ ئاندىن ئۆي يەنە ئۇنىڭ بولىدۇ. | 15 |
Kéyin eger öyni atighuchi kishi uni qayturuwalmaqchi bolsa, u toxtitilghan qimmitige uning beshtin birini qoshup bersun; andin öy yene uning bolidu.
ئەگەر بىرسى ئۆز مال-مۈلكى بولغان ئېتىزلىقنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسا، قىممىتى ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۇرۇق تېرىلىدىغانلىقىغا قاراپ توختىتىلسۇن؛ بىر خومىر ئارپا ئۇرۇقى كېتىدىغان يەر بولسا، قىممىتى ئەللىك شەكەل كۆمۈشكە توختىتىلسۇن. | 16 |
Eger birsi öz mal-mülki bolghan étizliqning bir qismini Perwerdigargha atap muqeddes qilsa, qimmiti uninggha qanchilik uruq térilidighanliqigha qarap toxtitilsun; bir xomir arpa uruqi kétidighan yer bolsa, qimmiti ellik shekel kömüshke toxtitilsun.
ئەگەر بىرسى «ئازادلىق يىلى»دىن تارتىپ ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلسا، سەن قانچە توختاتساڭ شۇ بولسۇن. | 17 |
Eger birsi «azadliq yili»din tartip öz étizliqini muqeddes qilsa, sen qanche toxtatsang shu bolsun.
لېكىن ئەگەر بىرسى «ئازادلىق يىلى»دىن كېيىن ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلغان بولسا، كاھىن كېلىدىغان ئازادلىق يىلىغىچە قانچىلىك يىللار قالغانلىقىنى ھېسابلاپ قىممىتىنى توختاتسۇن. ئۆتۈپ كەتكەن يىللارغا قاراپ تولۇق باھادىن مۇۋاپىق پۇل كېمەيتىلسۇن. | 18 |
Lékin eger birsi «azadliq yili»din kéyin öz étizliqini muqeddes qilghan bolsa, kahin kélidighan azadliq yilighiche qanchilik yillar qalghanliqini hésablap qimmitini toxtatsun. Ötüp ketken yillargha qarap toluq bahadin muwapiq pul kémeytilsun.
ئەگەر بىرسى ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلغاندىن كېيىن پۇل تۆلەپ ئۇنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ سەن توختاتقان قىممىتىگە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىزلىق ئۇنىڭ ئۆز قولىغا قايتىدۇ. | 19 |
Eger birsi öz étizliqini muqeddes qilghandin kéyin pul tölep uni qayturuwalmaqchi bolsa, u sen toxtatqan qimmitige yene uning beshtin birini qoshup bersun; shuning bilen étizliq uning öz qoligha qaytidu.
ئەگەر ئۇ پۇل بېرىپ ئېتىزلىقنى قايتۇرۇۋالمىغان بولسا ياكى باشقا بىرسىگە سېتىپ بەرگەن بولسا، كېيىن شۇ ئېتىزلىقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، | 20 |
Eger u pul bérip étizliqni qayturuwalmighan bolsa yaki bashqa birsige sétip bergen bolsa, kéyin shu étizliqni qayturuwélishqa bolmaydu,
بەلكى ئازادلىق يىلى كەلگەندە ئېتىزلىق «ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدىغاندا» ئۇ مۇتلەق بېغىشلانغان يەرگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنىپ، مىراس ھوقۇقى كاھىنغا ئۆتىدۇ. | 21 |
Belki azadliq yili kelgende étizliq «igisige qayturulidighanda» u mutleq béghishlan’ghan yerge oxshash, Perwerdigargha atap muqeddes qilinip, miras hoquqi kahin’gha ötidu.
ئەگەر بىرسى سېتىۋالغان ئەمما ئۆز مىراسى بولمىغان بىر پارچە يەر-ئېتىزنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان بولسا، | 22 |
Eger birsi sétiwalghan emma öz mirasi bolmighan bir parche yer-étizni Perwerdigargha atap muqeddes qilghan bolsa,
كاھىن ئازادلىق يىلىغىچە قالغان يىلنى ھېسابلاپ، قىممىتىنى توختاتسۇن. ئاندىن ئۇ كۈنى شۇ كىشى توختىتىلغان قىممىتىنى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلغان نەرسە سۈپىتىدە كەلتۈرسۇن. | 23 |
kahin azadliq yilighiche qalghan yilni hésablap, qimmitini toxtatsun. Andin u küni shu kishi toxtitilghan qimmitini Perwerdigargha muqeddes qilghan nerse süpitide keltürsun.
لېكىن ئازادلىق يىلى كەلگەندە، ئېتىزلىق كىمدىن ئېلىنغان بولسا، شۇ كىشىگە، يەنى ئەسلىدىكى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. | 24 |
Lékin azadliq yili kelgende, étizliq kimdin élin’ghan bolsa, shu kishige, yeni eslidiki igisige qayturup bérilsun.
سەن توختىتىدىغان بارلىق قىممەتلەر بولسا ھەمىشە مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بوچىچە ھېسابلانسۇن؛ بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر بولىدۇ. | 25 |
Sen toxtitidighan barliq qimmetler bolsa hemishe muqeddes jaydiki shekelning ölchem birliki bochiche hésablansun; bir shekel yigirme gerahqa barawer bolidu.
لېكىن چارپاينىڭ تۇنجى بالىسى تۇنجى بالا بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەسلىدىنلا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان بولغاچقا، كالا بولسۇن، قوي-ئۆچكە بولسۇن ھېچكىم ئۇنى «خۇداغا ئاتاپ» مۇقەددەس قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىدى. | 26 |
Lékin charpayning tunji balisi tunji bala bolghanliqi sewebidin eslidinla Perwerdigargha atilidighan bolghachqa, kala bolsun, qoy-öchke bolsun héchkim uni «Xudagha atap» muqeddes qilmisun; chünki u eslide Perwerdigarning idi.
ئەگەر ئۇ ناپاك بىر ھايۋاندىن تۇغۇلغان بولسا، ئىگىسى سەن توختاتقان قىممەتكە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ، ئاندىن ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسۇن؛ لېكىن ئەگەر ئىگىسى ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالمايمەن دېسە، بۇ ھايۋان سەن توختاتقان قىممەتكە سېتىلسۇن. | 27 |
Eger u napak bir haywandin tughulghan bolsa, igisi sen toxtatqan qimmetke yene uning beshtin birini qoshup bérip, andin özige qayturuwalsun; lékin eger igisi uni özige qayturuwalmaymen dése, bu haywan sen toxtatqan qimmetke sétilsun.
ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا ئۆز مېلىدىن، ئادەم بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ياكى مىراس يېرى بولسۇن، پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتىغان بولسا، ئۇنداق نەرسە ھەرگىز سېتىلمىسۇن ياكى بەدەل تۆلەش بىلەنمۇ قايتۇرۇلمىسۇن. پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغان ھەرنەرسە بولسا «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭغا خاس بولىدۇ. | 28 |
Eger birsi Perwerdigargha öz mélidin, adem bolsun, haywan bolsun yaki miras yéri bolsun, Perwerdigargha mutleq atighan bolsa, undaq nerse hergiz sétilmisun yaki bedel tölesh bilenmu qayturulmisun. Perwerdigargha mutleq atalghan hernerse bolsa «eng muqeddeslerning biri» hésablinip, uninggha xas bolidu.
ئەگەر بىر ئادەم خۇداغا مۇتلەق خاس ئاتالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل بېرىلىپ، قايتۇرۇۋېلىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ؛ ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. | 29 |
Eger bir adem Xudagha mutleq xas atalghan bolsa, undaqta uning üchün bedel bérilip, qayturuwélinishqa hergiz bolmaydu; u choqum öltürülüshi kérek.
يەر-زېمىندىن چىققان ھەممە ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرە بولسا، يەرنىڭ دانلىق زىرائەتلىرى بولسۇن ياكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسى بولسۇن، پەرۋەردىگارنىڭكى بولىدۇ؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىنغاندۇر. | 30 |
Yer-zémindin chiqqan hemme hosulning ondin biri bolghan öshre bolsa, yerning danliq ziraetliri bolsun yaki derexlerning méwisi bolsun, Perwerdigarningki bolidu; u Perwerdigargha muqeddes qilin’ghandur.
بىرسى ئۆز ئۆشرىلىرىدىن مەلۇم بىرنەرسىنى بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ شۇنىڭغا يەنە ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ، قايتۇرۇۋالسۇن. | 31 |
Birsi öz öshriliridin melum birnersini bedel bérip qayturuwalmaqchi bolsa, u shuninggha yene uning qimmitining beshtin birini qoshup bérip, qayturuwalsun.
كالا ياكى قوي-ئۆچكە پادىسىدىن ئېلىنىدىغان ئۆشرە بولسا پادىچىنىڭ تايىقى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھايۋانلاردىن ھەر ئونىنچىسى بولسۇن؛ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس قىلىنغىنى شۇ بولسۇن. | 32 |
Kala yaki qoy-öchke padisidin élinidighan öshre bolsa padichining tayiqi astidin ötküzülgen haywanlardin her oninchisi bolsun; Perwerdigargha atilip muqeddes qilin’ghini shu bolsun.
ھېچكىم ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قارىمىسۇن ۋە ياكى ئۇنى ئالماشتۇرمىسۇن؛ ئەگەر ئۇنى ئالماشتۇرىمەن دېسە، ئاۋۋالقىسى بىلەن ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان ھەر ئىككىسى مۇقەددەس سانالسۇن؛ ئۇ ھەرگىز بەدەل تۆلۈپ قايتۇرۇۋېلىنمىسۇن. | 33 |
Héchkim uning yaxshi-yamanliqigha qarimisun we yaki uni almashturmisun; eger uni almashturimen dése, Awwalqisi bilen ornigha almashturulghan her ikkisi muqeddes sanalsun; u hergiz bedel tölüp qayturuwélinmisun.
پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا تاپىلغان، ئىسرائىللارغا تاپشۇرۇش كېرەك بولغان ئەمرلەر مانا شۇلار ئىدى. | 34 |
Perwerdigar Sinay téghida Musagha tapilghan, Israillargha tapshurush kérek bolghan emrler mana shular idi.