< لاۋىيلار 27 >

پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ 1
locutusque est Dominus ad Mosen dicens
سەن ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر بىرسى پەۋقۇلئاددە بىر قەسەم قىلىپ مەلۇم كىشىنىڭ جېنىنى پەرۋەردىگارغا ئاتىغان بولسا، ئۇنداقتا شۇ كىشىگە سەن بېكىتكەن جېنىنىڭ قىممىتىنىڭ نەرخى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ؛ 2
loquere filiis Israhel et dices ad eos homo qui votum fecerit et spoponderit Deo animam suam sub aestimatione dabit pretium
يېشى يىگىرمە بىلەن ئاتمىشنىڭ ئارىلىقىدا بولغان ئەر كىشى بولسا، سەن توختىتىدىغان قىممىتى مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بويىچە بولسۇن؛ ئۇنىڭ قىممىتى ئەللىك شەكەل كۈمۈشكە توختىتىلسۇن. 3
si fuerit masculus a vicesimo usque ad sexagesimum annum dabit quinquaginta siclos argenti ad mensuram sanctuarii
ئايال كىشى بولسا، ئاراڭلاردا توختىتىلغان قىممىتى ئوتتۇز شەكەل بولسۇن. 4
si mulier triginta
ئەگەر يېشى بەش بىلەن يىگىرمىنىڭ ئارىلىقىدا بولسا، ئەركەك ئۈچۈن توختىتىلىدىغان قىممىتى يىگىرمە شەكەل بولۇپ، ئايال كىشى ئۈچۈن ئون شەكەل بولسۇن. 5
a quinto autem anno usque ad vicesimum masculus dabit viginti siclos femina decem
ئەگەر يېشى بىر ئاي بىلەن بەش ياشنىڭ ئارىلىقىدا بولسا، توختىتىلىدىغان قىممىتى ئوغۇل بالا ئۈچۈن بەش شەكەل، قىز بالا ئۈچۈن ئۈچ شەكەل كۈمۈش بولسۇن. 6
ab uno mense usque ad annum quintum pro masculo dabuntur quinque sicli pro femina tres
ئەگەر ئاتمىش يا ئۇنىڭدىن چوڭراق ياشتىكى كىشى بولسا، توختىتىلىدىغان قىممىتى ئەر كىشى ئۈچۈن ئون بەش شەكەل، خوتۇن كىشى ئۈچۈن ئون شەكەل بولسۇن. 7
sexagenarius et ultra masculus dabit quindecim siclos femina decem
ئەگەر بىرسى توختىتىلغان قىممىتىنى تۆلەشكە قۇربى يەتمىسە، ئۇ ئۆزىنى كاھىننىڭ ئالدىدا تەق قىلسۇن؛ كاھىن ئۇنىڭ قىممىتىنى بېكىتسۇن. كاھىن قەسەم قىلغۇچىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئۇنىڭ قىممىتىنى توختىتىپ بەرسۇن. 8
si pauper fuerit et aestimationem reddere non valebit stabit coram sacerdote et quantum ille aestimaverit et viderit eum posse reddere tantum dabit
ئەگەر بىرسى [قەسەم قىلىپ] پەرۋەردىگارغا قۇربانلىق بولۇشقا لايىق بولىدىغان بىر ھايۋاننى ئۇنىڭغا ئاتىغان بولسا، ئۇنداقتا شۇنداق ھايۋانلار پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇتلەق مۇقەددەس سانالسۇن؛ 9
animal autem quod immolari potest Domino si quis voverit sanctum erit
ھايۋان ناچار بولسا ئۇنىڭ ئورنىغا ياخشىنى ياكى ياخشىنىڭ ئورنىغا ناچىرىنى تېگىشىشكە ياكى ئورنىغا باشقىسىنى ئالماشتۇرۇشقا ھەرگىز بولمايدۇ. مۇبادا ئاتىغۇچى ئۇ ھايۋاننىڭ ئورنىغا يەنە بىر ھايۋاننى يەڭگۈشلىمەكچى بولسا، ئاۋۋالقىسى بىلەن ئورنىغا ئەكەلگىنىنىڭ ھەر ئىككىسى مۇقەددەس سانالسۇن. 10
et mutari non poterit id est nec melius malo nec peius bono quod si mutaverit et ipsum quod mutatum est et illud pro quo mutatum est consecratum erit Domino
ئەگەر ھايۋان پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىققا لايىق بولمايدىغان بىر «ناپاك» ھايۋان بولسا، ئۇنداقتا ئۇ ھايۋاننى كاھىننىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلسۇن؛ 11
animal inmundum quod immolari Domino non potest si quis voverit adducetur ante sacerdotem
ئاندىن كاھىن ئۆزى ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ قىممىتىنى توختاتسۇن؛ كاھىن قىممىتىنى قانچە توختاتقان بولسا شۇنداق بولسۇن. 12
qui diiudicans utrum bonum an malum sit statuet pretium
ئەگەر ئىگىسى پۇل تۆلەپ ھايۋاننى قايتۇرۇۋلماقچى بولسا، توختىتىلغان قىممىتىگە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن. 13
quod si dare voluerit is qui offert addet supra aestimationis quintam partem
ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس بولسۇن دەپ ئۆيىنى ئۇنىڭغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسا، كاھىن ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قاراپ قىممىتىنى توختاتسۇن؛ كاھىن ئۇنىڭ قىممىتىنى قانچە توختاتقان بولسا، شۇ قىممىتى ئىناۋەتلىك بولىدۇ. 14
homo si voverit domum suam et sanctificaverit Domino considerabit eam sacerdos utrum bona an mala sit et iuxta pretium quod ab eo fuerit constitutum venundabitur
كېيىن ئەگەر ئۆينى ئاتىغۇچى كىشى ئۇنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ توختىتىلغان قىممىتىگە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن؛ ئاندىن ئۆي يەنە ئۇنىڭ بولىدۇ. 15
sin autem ille qui voverat voluerit redimere eam dabit quintam partem aestimationis supra et habebit domum
ئەگەر بىرسى ئۆز مال-مۈلكى بولغان ئېتىزلىقنىڭ بىر قىسمىنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلسا، قىممىتى ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۇرۇق تېرىلىدىغانلىقىغا قاراپ توختىتىلسۇن؛ بىر خومىر ئارپا ئۇرۇقى كېتىدىغان يەر بولسا، قىممىتى ئەللىك شەكەل كۆمۈشكە توختىتىلسۇن. 16
quod si agrum possessionis suae voverit et consecraverit Domino iuxta mensuram sementis aestimabitur pretium si triginta modiis hordei seritur terra quinquaginta siclis veniet argenti
ئەگەر بىرسى «ئازادلىق يىلى»دىن تارتىپ ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلسا، سەن قانچە توختاتساڭ شۇ بولسۇن. 17
si statim ab anno incipientis iobelei voverit agrum quanto valere potest tanto aestimabitur
لېكىن ئەگەر بىرسى «ئازادلىق يىلى»دىن كېيىن ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلغان بولسا، كاھىن كېلىدىغان ئازادلىق يىلىغىچە قانچىلىك يىللار قالغانلىقىنى ھېسابلاپ قىممىتىنى توختاتسۇن. ئۆتۈپ كەتكەن يىللارغا قاراپ تولۇق باھادىن مۇۋاپىق پۇل كېمەيتىلسۇن. 18
sin autem post aliquantum temporis supputabit sacerdos pecuniam iuxta annorum qui reliqui sunt numerum usque ad iobeleum et detrahetur ex pretio
ئەگەر بىرسى ئۆز ئېتىزلىقىنى مۇقەددەس قىلغاندىن كېيىن پۇل تۆلەپ ئۇنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ سەن توختاتقان قىممىتىگە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بەرسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئېتىزلىق ئۇنىڭ ئۆز قولىغا قايتىدۇ. 19
quod si voluerit redimere agrum ille qui voverat addet quintam partem aestimatae pecuniae et possidebit eum
ئەگەر ئۇ پۇل بېرىپ ئېتىزلىقنى قايتۇرۇۋالمىغان بولسا ياكى باشقا بىرسىگە سېتىپ بەرگەن بولسا، كېيىن شۇ ئېتىزلىقنى قايتۇرۇۋېلىشقا بولمايدۇ، 20
sin autem noluerit redimere sed alteri cuilibet fuerit venundatus ultra eum qui voverat redimere non poterit
بەلكى ئازادلىق يىلى كەلگەندە ئېتىزلىق «ئىگىسىگە قايتۇرۇلىدىغاندا» ئۇ مۇتلەق بېغىشلانغان يەرگە ئوخشاش، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلىنىپ، مىراس ھوقۇقى كاھىنغا ئۆتىدۇ. 21
quia cum iobelei venerit dies sanctificatus erit Domino et possessio consecrata ad ius pertinet sacerdotum
ئەگەر بىرسى سېتىۋالغان ئەمما ئۆز مىراسى بولمىغان بىر پارچە يەر-ئېتىزنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ مۇقەددەس قىلغان بولسا، 22
si ager emptus et non de possessione maiorum sanctificatus fuerit Domino
كاھىن ئازادلىق يىلىغىچە قالغان يىلنى ھېسابلاپ، قىممىتىنى توختاتسۇن. ئاندىن ئۇ كۈنى شۇ كىشى توختىتىلغان قىممىتىنى پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلغان نەرسە سۈپىتىدە كەلتۈرسۇن. 23
supputabit sacerdos iuxta annorum numerum usque ad iobeleum pretium et dabit ille qui voverat eum Domino
لېكىن ئازادلىق يىلى كەلگەندە، ئېتىزلىق كىمدىن ئېلىنغان بولسا، شۇ كىشىگە، يەنى ئەسلىدىكى ئىگىسىگە قايتۇرۇپ بېرىلسۇن. 24
in iobeleo autem revertetur ad priorem dominum qui vendiderat eum et habuerat in sortem possessionis suae
سەن توختىتىدىغان بارلىق قىممەتلەر بولسا ھەمىشە مۇقەددەس جايدىكى شەكەلنىڭ ئۆلچەم بىرلىكى بوچىچە ھېسابلانسۇن؛ بىر شەكەل يىگىرمە گەراھقا باراۋەر بولىدۇ. 25
omnis aestimatio siclo sanctuarii ponderabitur siclus viginti obolos habet
لېكىن چارپاينىڭ تۇنجى بالىسى تۇنجى بالا بولغانلىقى سەۋەبىدىن ئەسلىدىنلا پەرۋەردىگارغا ئاتىلىدىغان بولغاچقا، كالا بولسۇن، قوي-ئۆچكە بولسۇن ھېچكىم ئۇنى «خۇداغا ئاتاپ» مۇقەددەس قىلمىسۇن؛ چۈنكى ئۇ ئەسلىدە پەرۋەردىگارنىڭ ئىدى. 26
primogenita quae ad Dominum pertinent nemo sanctificare poterit et vovere sive bos sive ovis fuerit Domini sunt
ئەگەر ئۇ ناپاك بىر ھايۋاندىن تۇغۇلغان بولسا، ئىگىسى سەن توختاتقان قىممەتكە يەنە ئۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ، ئاندىن ئۆزىگە قايتۇرۇۋالسۇن؛ لېكىن ئەگەر ئىگىسى ئۇنى ئۆزىگە قايتۇرۇۋالمايمەن دېسە، بۇ ھايۋان سەن توختاتقان قىممەتكە سېتىلسۇن. 27
quod si inmundum est animal redimet qui obtulit iuxta aestimationem tuam et addet quintam partem pretii si redimere noluerit vendetur alteri quantocumque a te fuerit aestimatum
ئەگەر بىرسى پەرۋەردىگارغا ئۆز مېلىدىن، ئادەم بولسۇن، ھايۋان بولسۇن ياكى مىراس يېرى بولسۇن، پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتىغان بولسا، ئۇنداق نەرسە ھەرگىز سېتىلمىسۇن ياكى بەدەل تۆلەش بىلەنمۇ قايتۇرۇلمىسۇن. پەرۋەردىگارغا مۇتلەق ئاتالغان ھەرنەرسە بولسا «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىپ، ئۇنىڭغا خاس بولىدۇ. 28
omne quod Domino consecratur sive homo fuerit sive animal sive ager non veniet nec redimi poterit quicquid semel fuerit consecratum sanctum sanctorum erit Domino
ئەگەر بىر ئادەم خۇداغا مۇتلەق خاس ئاتالغان بولسا، ئۇنداقتا ئۇنىڭ ئۈچۈن بەدەل بېرىلىپ، قايتۇرۇۋېلىنىشقا ھەرگىز بولمايدۇ؛ ئۇ چوقۇم ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك. 29
et omnis consecratio quae offertur ab homine non redimetur sed morte morietur
يەر-زېمىندىن چىققان ھەممە ھوسۇلنىڭ ئوندىن بىرى بولغان ئۆشرە بولسا، يەرنىڭ دانلىق زىرائەتلىرى بولسۇن ياكى دەرەخلەرنىڭ مېۋىسى بولسۇن، پەرۋەردىگارنىڭكى بولىدۇ؛ ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇقەددەس قىلىنغاندۇر. 30
omnes decimae terrae sive de frugibus sive de pomis arborum Domini sunt et illi sanctificantur
بىرسى ئۆز ئۆشرىلىرىدىن مەلۇم بىرنەرسىنى بەدەل بېرىپ قايتۇرۇۋالماقچى بولسا، ئۇ شۇنىڭغا يەنە ئۇنىڭ قىممىتىنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ بېرىپ، قايتۇرۇۋالسۇن. 31
si quis autem voluerit redimere decimas suas addet quintam partem earum
كالا ياكى قوي-ئۆچكە پادىسىدىن ئېلىنىدىغان ئۆشرە بولسا پادىچىنىڭ تايىقى ئاستىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ھايۋانلاردىن ھەر ئونىنچىسى بولسۇن؛ پەرۋەردىگارغا ئاتىلىپ مۇقەددەس قىلىنغىنى شۇ بولسۇن. 32
omnium decimarum boves et oves et caprae quae sub pastoris virga transeunt quicquid decimum venerit sanctificabitur Domino
ھېچكىم ئۇنىڭ ياخشى-يامانلىقىغا قارىمىسۇن ۋە ياكى ئۇنى ئالماشتۇرمىسۇن؛ ئەگەر ئۇنى ئالماشتۇرىمەن دېسە، ئاۋۋالقىسى بىلەن ئورنىغا ئالماشتۇرۇلغان ھەر ئىككىسى مۇقەددەس سانالسۇن؛ ئۇ ھەرگىز بەدەل تۆلۈپ قايتۇرۇۋېلىنمىسۇن. 33
non eligetur nec bonum nec malum nec altero commutabitur si quis mutaverit et quod mutatum est et pro quo mutatum est sanctificabitur Domino et non redimetur
پەرۋەردىگار سىناي تېغىدا مۇساغا تاپىلغان، ئىسرائىللارغا تاپشۇرۇش كېرەك بولغان ئەمرلەر مانا شۇلار ئىدى. 34
haec sunt praecepta quae mandavit Dominus Mosi ad filios Israhel in monte Sinai

< لاۋىيلار 27 >