< لاۋىيلار 22 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Then the LORD said to Moses,
سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا مۇنداق دېگىن: ــ «سىلەر ئىسرائىللارنىڭ ماڭا ئاتىغان مۇقەددەس ھەدىيەلەرنى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىڭلار، بولمىسا ئۇلار نامىمنى بۇلغىشى مۇمكىن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن». | 2 |
“Tell Aaron and his sons to treat with respect the sacred offerings that the Israelites have consecrated to Me, so that they do not profane My holy name. I am the LORD.
ئۇلارغا مۇنداق دېگىن: ــ «سىلەر ھەربىر دەۋرلەردە، بارلىق نەسىللىڭلاردىن ھەرقايسىسى ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتىغان پاك نەرسىلەرگە ناپاك ھالەتتە يېقىنلاشسا، ئۇنداق كىشى مېنىڭ ئالدىمدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 3 |
Tell them that for the generations to come, if any of their descendants in a state of uncleanness approaches the sacred offerings that the Israelites consecrate to the LORD, that person must be cut off from My presence. I am the LORD.
ھارۇننىڭ نەسلىدىن بىرى پېسە-ماخاۋ ياكى ئاقما كېسىلى بولغان بولسا، پاك بولمىغۇچە مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. بىركىم ئۆلۈكنىڭ سەۋەبىدىن ناپاك بولغان بىركىمگە ۋە ياكى مەنىيسى ئېقىپ كەتكەن كىشىگە تېگىپ كەتسە، | 4 |
If a descendant of Aaron has a skin disease or a discharge, he may not eat the sacred offerings until he is clean. Whoever touches anything defiled by a corpse or by a man who has an emission of semen,
ياكى ئادەمنى ناپاك قىلىدىغان ئۆمىلىگۈچى جانىۋارغا تەگسە ياكى ھەرقانداق يۇقۇپ قالىدىغان ناپاكلىقى بار بىر ئادەمگە تېگىپ كەتسە، (ناپاكلىقى نېمىدىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) | 5 |
or whoever touches a crawling creature or a person that makes him unclean, whatever the uncleanness may be—
مۇنداق نەرسىلەرگە تەگكەن كىشى كەچ كىرگۈچە ناپاك بولۇپ، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. ئۇ بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن | 6 |
the man who touches any of these will remain unclean until evening. He must not eat from the sacred offerings unless he has bathed himself with water.
ئاندىن كۈن ئولتۇرغاندا پاك سانىلىپ، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېيىشكە بولىدۇ؛ چۈنكى بۇلار ئۇنىڭ ئوزۇقىدۇر. | 7 |
When the sun has set, he will become clean, and then he may eat from the sacred offerings, for they are his food.
ئۇ [ئۆزلۈكىدىن] ئۆلگەن ۋە ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ قويغان ھايۋاننى يېيىش بىلەن ئۆزىنى ناپاك قىلمىسۇن. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 8 |
He must not eat anything found dead or torn by wild animals, which would make him unclean. I am the LORD.
ئۇلار مېنىڭ بۇ تاپىلىغانلىرىمنى تۇتۇشى كېرەك؛ بولمىسا، بۇنىڭغا ئىخلاسسىزلىق قىلسا، [شۇ ئۆلۈك] تۈپەيلىدىن گۇناھكار بولۇپ ئۆلىدۇ؛ ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن. | 9 |
The priests must keep My charge, lest they bear the guilt and die because they profane it. I am the LORD who sanctifies them.
كاھىنلارغا يات بولغان ھېچقانداق كىشى مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. كاھىننىڭ يېنىدىكى مۇساپىر-مېھمان ۋە ياكى مەدىكارى بولسۇن ئۇلارمۇ مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. | 10 |
No one outside a priest’s family may eat the sacred offering, nor may the guest of a priest or his hired hand eat it.
ھالبۇكى، كاھىن ئۆزى پۇل چىقىرىپ سېتىۋالغان قۇل ئۇنىڭدىن يېيىشكە بولىدۇ؛ شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئۆيىدە تۇغۇلغان كىشىمۇ ئۇنىڭدىن يېسە بولىدۇ. | 11 |
But if a priest buys a slave with his own money, or if a slave is born in his household, that slave may eat his food.
كاھىننىڭ قىزى يات كىشىگە تەگكەن بولسا ئۇمۇ «كۆتۈرمە ھەدىيە» سۈپىتىدە ئاتالغان مۇقەددەس نەرسىلەردىن يېمىسۇن. | 12 |
If the priest’s daughter is married to a man other than a priest, she is not to eat of the sacred contributions.
لېكىن ئەگەر كاھىننىڭ قىزى تۇل بولۇپ قېلىپ، ياكى قويۇپ بېرىلىپ پەرزەنتسىز ھالەتتە ئاتىسىنىڭ ئۆيىگە يېنىپ كېلىپ، ياش ۋاقتىدىكىدەك ئولتۇرغان بولسا، ئۇنداقتا ئاتىسىنىڭ تائامىدىن يېيەلەيدۇ؛ لېكىن ھېچبىر يات كىشى ئۇنىڭدىن يېمەسلىكى كېرەك. | 13 |
But if a priest’s daughter with no children becomes widowed or divorced and returns to her father’s house, she may share her father’s food as in her youth. But no outsider may share it.
ئەگەر بىركىم بىلمەي، مۇقەددەس نەرسىلەردىن يەپ سالسا، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭغا شۇنىڭ بەشتىن بىرىنى قوشۇپ، مۇقەددەس نەرسىنىڭ ئۆزى بىلەن كاھىنغا قايتۇرۇپ بەرسۇن. | 14 |
If anyone eats a sacred offering in error, he must add a fifth to its value and give the sacred offering to the priest.
[كاھىنلار] ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارغا ئاتىغان نەرسىلىرىنى بۇلغىماسلىقى كېرەك؛ | 15 |
The priests must not profane the sacred offerings that the Israelites present to the LORD
بولمىسا، خەلق مۇقەددەس ھەدىيىلەردىن يېيىشى بىلەن، كاھىنلار خەلقنىڭ گەدىنىگە ئىتائەتسىزلىك گۇناھىنى يۈكلەپ قويغان بولىدۇ؛ چۈنكى ئۇلارنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار ئۆزۈمدۇرمەن». | 16 |
by allowing the people to eat the sacred offerings and thus to bear the punishment for guilt. For I am the LORD who sanctifies them.”
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 17 |
Then the LORD said to Moses,
سەن ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرى ۋە ئىسرائىللارنىڭ ھەممىسىگە مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر ئىسرائىل جەمەتىدىن بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى ئۆز قەسەملىرىگە باغلىق قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي قۇربانلىقنى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ كۆيدۈرمە قۇربانلىق قىلماقچى بولسا، | 18 |
“Speak to Aaron and his sons and all the Israelites and tell them, ‘Any man of the house of Israel or any foreign resident who presents a gift for a burnt offering to the LORD, whether to fulfill a vow or as a freewill offering,
ئۇنداقتا ئۇ قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بېجىرىم ئەركەك كالا، قوي ياكى ئۆچكىلەردىن كەلتۈرۈڭلار. | 19 |
must offer an unblemished male from the cattle, sheep, or goats in order for it to be accepted on your behalf.
ئەيىبى بولمىغان بىر جانىۋارنى سۇنۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى شۇنداق بولغىنى سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماس. | 20 |
You must not present anything with a defect, because it will not be accepted on your behalf.
بىرسى كالىلاردىن ياكى ئۇششاق مالدىن ئۆز قەسەملىرىگە باغلىق قۇربانلىق ياكى ئىختىيارىي قۇربانلىقنى سۇنۇپ، پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئىناقلىق قۇربانلىقى قىلماقچى بولسا، سۇنۇلغان ھايۋان قوبۇل قىلىنىشى ئۈچۈن بېجىرىم بولۇشى كېرەك؛ ئۇنىڭ ھېچقانداق ئەيىبى بولمىسۇن. | 21 |
When a man presents a peace offering to the LORD from the herd or flock to fulfill a vow or as a freewill offering, it must be without blemish or defect to be acceptable.
كور ياكى ئاقساق-چولاق، چوناق ياكى يارىسى يىرىڭداپ كەتكەن، تەمرەتكە باسقان ياكى قوتۇر-چاقا بېسىپ قالغان ھايۋانلار بولسا ــ بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنساڭلار ياكى بۇلارنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق سۈپىتىدە قۇربانگاھتا ئوتتا كۆيدۈرسەڭلار بولمايدۇ. | 22 |
You are not to present to the LORD any animal that is blind, injured, or maimed, or anything with a running sore, a festering rash, or a scab; you must not put any of these on the altar as an offering made by fire to the LORD.
تورپاق ياكى قوينىڭ مەلۇم جۈپ ئەزاسىدىن بىرى ئۇزۇنراق يا قىسقا بولسا، مۇنداقلارنى ئىختىيارىي قۇربانلىق سۈپىتىدە ئۆتكۈزسەڭ بولىدۇ، لېكىن قەسەمگە باغلىق بولسا قۇربانلىق ئۈچۈن قوبۇل قىلىنماس. | 23 |
You may present as a freewill offering an ox or sheep that has a deformed or stunted limb, but it is not acceptable in fulfillment of a vow.
ئۇرۇقدىنى زەخىملەنگەن، ئېزىلىپ كەتكەن، يېرىلغان ياكى پىچىلغان ھايۋاننى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ قۇربانلىق قىلماڭلار. مۇنداق ئىشنى ئۆز زېمىنىڭلاردىمۇ ھەرگىز قىلماڭلار. | 24 |
You are not to present to the LORD an animal whose testicles are bruised, crushed, torn, or cut; you are not to sacrifice them in your land.
خۇدايىڭلارنىڭ نېنى سۈپىتىدە ياقا يۇرتلۇق كىشىنىڭ قولىدىن شۇنداق ھايۋانلاردىن ھېچقايسىسىنى ئېلىپ سۇنماڭلار؛ چۈنكى ئۇلار مېيىپ بولغاچقا، سىلەر ئۈچۈن قوبۇل قىلىنمايدۇ. | 25 |
Neither you nor a foreigner shall present food to your God from any such animal. They will not be accepted on your behalf, because they are deformed and flawed.’”
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 26 |
Then the LORD said to Moses,
بىر موزاي، قوزا ياكى ئوغلاق تۇغۇلسا يەتتە كۈنگىچە ئانىسىنى ئەمسۇن؛ سەككىزىنچى كۈنىدىن باشلاپ پەرۋەردىگارغا ئاتاپ ئوتتا سۇنىدىغان قۇربانلىق سۈپىتىدە قوبۇل بولۇشقا يارايدۇ. | 27 |
“When an ox, a sheep, or a goat is born, it must remain with its mother for seven days. From the eighth day on, it will be acceptable as an offering made by fire to the LORD.
مەيلى كالا بولسۇن، قوي بولسۇن، سىلەر ئانىسى بىلەن بالىسىنى بىر كۈندە بوغۇزلىماڭلار. | 28 |
But you must not slaughter an ox or a sheep on the same day as its young.
سىلەر پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر تەشەككۈر قۇربانلىقى سۇنماقچى بولساڭلار، قوبۇل قىلىنىشقا لايىق بولغان يول بىلەن سۇنۇڭلار. | 29 |
When you sacrifice a thank offering to the LORD, offer it so that it may be acceptable on your behalf.
ئۇ سۇنۇلغان كۈنىدە يېيىلىشى كېرەك؛ ئۇنىڭدىن ھېچنېمىنى ئەتىسىگە قالدۇرماسلىقىڭلار كېرەك. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 30 |
It must be eaten that same day. Do not leave any of it until morning. I am the LORD.
سىلەر مېنىڭ ئەمرلىرىمنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 31 |
You are to keep My commandments and practice them. I am the LORD.
مېنىڭ مۇقەددەس نامىمنى بۇلغىماڭلار، مەن ئەمدى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىدا مۇقەددەس دەپ بىلىنىمەن. مەن سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگار بولۇپ، | 32 |
You must not profane My holy name. I must be acknowledged as holy among the Israelites. I am the LORD who sanctifies you,
خۇدايىڭلار بولۇشقا سىلەرنى مىسىر زېمىنىدىن چىقىرىپ كەلدىم. مەن پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 33 |
who brought you out of the land of Egypt to be your God. I am the LORD.”