< لاۋىيلار 20 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Olúwa sọ fún Mose pé,
سەن ئىسرائىللارغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېگىن: ــ ئەگەر ئىسرائىللارنىڭ بىرى ۋە ياكى ئىسرائىل زېمىنىدا تۇرۇۋاتقان مۇساپىرلارنىڭ بىرى مولەك بۇتىغا نەسلىنىڭ بىرىنى بېغىشلىسا، ئۇنىڭغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىشى كېرەك؛ زېمىندىكىلەر ئۇنى چالما-كېسەك قىلسۇن. | 2 |
“Sọ fún àwọn ará Israẹli pé, ‘Ẹnikẹ́ni nínú àwọn ará Israẹli tàbí àwọn àlejò tí ń gbé láàrín Israẹli, tí ó bá fi èyíkéyìí nínú àwọn ọmọ rẹ̀ fún Moleki, kí wọ́n pa á, kí àwọn olùgbé ilẹ̀ náà sọ ọ́ ní òkúta pa.
ۋە مەن ئۆز يۈزۈمنى بۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، چۈنكى ئۆزى ئۆز ئەۋلادلىرىنىڭ بىرىنى مولەك بۇتىغا بېغىشلاپ مۇقەددەس جايىمنى پاسكىنا قىلىپ، مېنىڭ نامىمنى بۇلغىغىنى ئۈچۈن ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. | 3 |
Èmi tìkára mi yóò bínú sí irú ẹni bẹ́ẹ̀, ń ó sì gé e kúrò láàrín àwọn ènìyàn rẹ̀ fún òrìṣà Moleki ó ti ba ibi mímọ́ mi jẹ́ pẹ̀lú.
ئەگەر زېمىندا تۇرۇۋاتقانلار ئۆز نەسلىدىن بىرىنى مولەككە بېغىشلىغاندا شۇ كىشىگە كۆزلىرىنى يۇمۇپ، ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىسا، شۇنداقلا ئۇنى ئۆلتۈرمىسە، | 4 |
Bí àwọn ènìyàn ilẹ̀ náà bá mójú kúrò lára irú ẹni bẹ́ẹ̀ tí ó fi ọ̀kan nínú àwọn ọmọ rẹ̀ fún òrìṣà Moleki tí wọn kò sì pa irú ẹni bẹ́ẹ̀.
مەن ئۆزۈم يۈزۈمنى ئۇ كىشى بىلەن ئۇنىڭ ئائىلىسىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ۋە ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلار، يەنى مولەكنىڭ كەينىدىن يۈرۈپ بۇزۇقچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. | 5 |
Èmi yóò bínú sí irú ẹni bẹ́ẹ̀ àti gbogbo ìdílé rẹ̀, èmi yóò sì ké wọn kúrò láàrín àwọn ènìyàn wọn, òun àti gbogbo àwọn tí ó jọ ṣe àgbèrè tọ òrìṣà Moleki lẹ́yìn.
جىنكەشلەر بىلەن سېھىرگەرلەرگە تايىنىپ، ئۇلارنىڭ كەينىگە كىرىپ بۇزۇقچىلىق قىلىپ يۈرگۈچىلەر بولسا، مەن يۈزۈمنى شۇ كىشىلەرگە قارشى قىلىپ، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. | 6 |
“‘Bí ẹnikẹ́ni bá tọ àwọn abókùúsọ̀rọ̀ àti àwọn ẹlẹ́mìí òkùnkùn lọ, tí ó sì ṣe àgbèrè tọ̀ wọ́n lẹ́yìn, Èmi yóò bínú sí irú ẹni bẹ́ẹ̀, Èmi yóò sì gé e kúrò láàrín àwọn ènìyàn rẹ̀.
شۇڭا ئۆزۈڭلارنى پاك قىلىپ مۇقەددەس بولۇڭلار، چۈنكى مەن خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 7 |
“‘Torí náà ẹ ya ara yín sí mímọ́ kí ẹ sì jẹ́ mímọ́, torí pé, Èmi ni Olúwa Ọlọ́run yín.
قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمنى تۇتۇپ، ئۇلارغا ئەمەل قىلىڭلار؛ مەن بولسام سىلەرنى مۇقەددەس قىلغۇچى پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 8 |
Ẹ máa kíyèsi àṣẹ mi, kí ẹ sì máa pa wọ́n mọ́. Èmi ni Olúwa tí ó sọ yín di mímọ́.
ئەگەر بىركىم ئۆز ئاتىسى ياكى ئانىسىنى قارغىسا، ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇ ئۆز ئاتا-ئانىسىنى قارغىغىنى ئۈچۈن ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. | 9 |
“‘Ẹnikẹ́ni tí ó bá ṣépè lé baba tàbí ìyá rẹ̀ ni kí ẹ pa, ẹ̀jẹ̀ rẹ̀ wà lórí ara rẹ̀ torí pé ó ti ṣépè lé baba àti ìyá rẹ̀.
ئەگەر بىركىم باشقىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، يەنى ئۆز قوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلسا، زىنا قىلغان ئەر بىلەن ئايال ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ. | 10 |
“‘Bí ẹnikẹ́ni bá bá aya aládùúgbò rẹ̀ lòpọ̀: ọkùnrin àti obìnrin náà ni kí ẹ sọ ní òkúta pa.
ئەگەر بىرسى ئاتىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا، ئۆز ئاتىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىسى ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. | 11 |
“‘Ẹnikẹ́ni tí ó bá bá aya baba rẹ̀ lòpọ̀ ti tàbùkù baba rẹ̀. Àwọn méjèèjì ni kí ẹ pa. Ẹ̀jẹ̀ wọn yóò wà lórí wọn.
بىرسى ئۆز كېلىنى بىلەن ياتسا، ئىككىسى نىجىسلىق قىلغىنى ئۈچۈن ئۆلۈم جازاسىنى تارتمىسا بولمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. | 12 |
“‘Bí ọkùnrin kan bá bá arábìnrin ìyàwó rẹ̀ lòpọ̀, àwọn méjèèjì ni kí ẹ pa, wọ́n ti ṣe ohun tí ó lòdì, ẹ̀jẹ̀ wọn yóò wà lórí wọn.
بىرسى ئايال كىشى بىلەن ياتقاندەك ئەر كىشى بىلەن ياتسا ئىككىسى يىرگىنچلىك ئىش قىلغان بولىدۇ؛ ئۇلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ. ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. | 13 |
“‘Bí ọkùnrin kan bá bá ọkùnrin mìíràn lòpọ̀ bí wọ́n ti í bá obìnrin lòpọ̀: àwọn méjèèjì ti ṣe ohun ìríra, pípa ni kí ẹ pa wọ́n, ẹ̀jẹ̀ wọn yóò wà lórí wọn.
ئەگەر بىرسى قىزى بىلەن ئانىسىنى قوشۇپ خوتۇنلۇققا ئالسا پەسەندىلىك قىلغان بولىدۇ. ئەر بىلەن ئىككى ئايال ئوتتا كۆيدۈرۈلسۇن. شۇنىڭ بىلەن ئاراڭلاردا ھېچ پەسەندىلىك ئىش بولمايدۇ. | 14 |
“‘Bí ọkùnrin kan bá fẹ́ tìyátọmọ papọ̀, ìwà búburú ni èyí: iná ni kí ẹ fi sun wọ́n, òun àti àwọn méjèèjì, kí ìwà búburú má ba à gbilẹ̀ láàrín yín.
بىرسى بىر ھايۋان بىلەن مۇناسىۋەت ئۆتكۈزسە، ئۇ ئۆلۈم جازاسىنى تارتسۇن، ھايۋاننىمۇ ئۆلتۇرۈڭلار. | 15 |
“‘Bí ọkùnrin kan bá bá ẹranko lòpọ̀, ẹ gbọdọ̀ pa ọkùnrin náà àti ẹranko náà.
ئەگەر ئايال كىشى بىر ھايۋاننىڭ قېشىغا بېرىپ مۇناسىۋەت قىلدۇرسا، ئايال بىلەن ھايۋاننىڭ ئىككىسىنى ئۆلتۈرۈڭلار؛ ئۆز قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. | 16 |
“‘Bí obìnrin kan bá súnmọ́ ẹranko tí ó sì bá a lòpọ̀ obìnrin náà àti ẹranko náà ni kí ẹ pa, ẹ̀jẹ̀ wọn yóò sì wà lórí ara wọn.
بىرسى ئاچا-سىڭلىسىنى، يەنى ئاتىسىدىن ياكى ئانىسىدىن بولغان قىزنى ئېلىپ، ئەۋرىتىگە تەگسە ۋە بۇ قىزمۇ ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە ئۇياتلىق ئىش بولىدۇ؛ شۇنىڭ ئۈچۈن ئەر-ئايال ئىككىسى ئۆز خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن؛ ئۇ ئۆز ئاچا ياكى سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەچكە، ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. | 17 |
“‘Bí ọkùnrin kan bá fẹ́ arábìnrin rẹ̀ yálà ọmọbìnrin baba rẹ̀ tàbí ọmọbìnrin ìyá rẹ̀ tí ó sì bá a lòpọ̀, ohun ìtìjú ni èyí, ẹ ó gé wọn kúrò lójú àwọn ènìyàn wọn, ó ti tàbùkù arábìnrin rẹ̀. Ẹ̀bi rẹ̀ yóò wá sórí rẹ̀.
بىرسى ئادەت كۆرگەن ئاغرىق ۋاقتىدا بىر ئايال بىلەن بىرگە يېتىپ، ئۇنىڭ ئەۋرىتىگە تەگسە، ئۇنداقتا ئۇ ئۇنىڭ قان مەنبەسىگە تەگكەن، ئايالمۇ قان مەنبەسىنى ئېچىپ بەرگەن بولۇپ، ئىككىسى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. | 18 |
“‘Bí ọkùnrin kan bá súnmọ́ obìnrin, ní àkókò nǹkan oṣù rẹ̀ tí ó sì bá a lòpọ̀. Ó ti tú orísun ẹ̀jẹ̀ rẹ̀. Òun náà sì gbà á láààyè. Àwọn méjèèjì ni a ó gé kúrò láàrín àwọn ènìyàn wọn.
سەن ئۆز ئاناڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسى ۋە ئاتاڭنىڭ ئاچا-سىڭلىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگمە؛ چۈنكى كىمكى شۇنداق قىلسا يېقىن تۇغقىنىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسىنىڭ ئۆز قەبىھلىكى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. | 19 |
“‘Má ṣe bá arábìnrin baba tàbí ti ìyá rẹ lòpọ̀, nítorí o ti tú ìhòhò ìbátan rẹ, ẹ̀yin méjèèjì ni yóò ru ẹ̀bi yín.
بىرسى تاغىسىنىڭ ئايالى بىلەن ياتسا تاغىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئىككىلىسى ئۆز گۇناھىنى ئۆز بېشىغا ئالىدۇ؛ ئۇلار پەرزەنتسىز ئۆلىدۇ. | 20 |
“‘Bí ọkùnrin kan bá bá aya arákùnrin baba rẹ̀ lòpọ̀ ó ti tàbùkù arákùnrin baba rẹ̀. A ó jẹ wọ́n ní ìyà; wọn yóò sì kú láìlọ́mọ.
بىرسى ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئايالىنى ئالسا پاسكىنا بىر ئىش بولىدۇ. ئۇ ئۆز بىرتۇغقان ئاكا-ئىنىسىنىڭ ئەۋرىتىگە تەگكەن بولىدۇ؛ ئۇلار ئىككىلىسى پەرزەنتسىز قالىدۇ. | 21 |
“‘Bí ọkùnrin kan bá gba aya arákùnrin rẹ̀, ohun àìmọ́ ni èyí, ó ti tàbùkù arákùnrin rẹ̀, wọn ó wà láìlọ́mọ.
سىلەر مېنىڭ بارلىق قانۇن بەلگىلىمىلىرىم بىلەن بارلىق ھۆكۈملىرىمنى تۇتۇپ، بۇنىڭغا مۇۋاپىق ئەمەل قىلىڭلار؛ بولمىسا، مەن سىلەرنى ئېلىپ بېرىپ تۇرغۇزىدىغان زېمىن سىلەرنى قۇسۇپ چىقىرىۋېتىدۇ. | 22 |
“‘Kí ẹ pa gbogbo àṣẹ àti òfin mi mọ́, kí ẹ sì máa ṣe wọ́n. Kí ilẹ̀ náà tí èmi ó fi fún yín láti máa gbé má ba à pọ̀ yín jáde.
سىلەر مەن ئالدىڭلاردىن ھەيدىۋېتىدىغان ئەللەرنىڭ رەسىم-قائىدىلىرى بويىچە ماڭساڭلار بولمايدۇ؛ چۈنكى ئۇلار بۇ يىرگىنچلىك ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كەلدى، ۋە شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ماڭا يىرگىنچلىك بولدى. | 23 |
Ẹ má ṣe tẹ̀lé àṣà àwọn orílẹ̀-èdè tí mo lé jáde níwájú yín torí pé gbogbo nǹkan wọ̀nyí ni wọ́n ń ṣe, tí mo kórìíra wọn.
شۇنىڭ ئۈچۈن مەن سىلەرگە: «سىلەر ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مىراس قىلىپ ئالىسىلەر؛ مەن شۇ سۈت بىلەن ھەسەل ئاقىدىغان زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن»، دەپ ئېيتقانىدىم؛ سىلەرنى باشقا خەلقلەردىن ئايرىم قىلغان خۇدايىڭلار پەرۋەردىگاردۇرمەن. | 24 |
Ṣùgbọ́n mo ti sọ fún yín pé, “Ẹ̀yin ni yóò jogún ilẹ̀ wọn, Èmi yóò sì fi fún yín láti jogún ilẹ̀ tí ó ń sàn fún wàrà àti oyin.” Èmi ni Olúwa Ọlọ́run yín tí ó ti yà yín sọ́tọ̀ kúrò láàrín àwọn ènìyàn yòókù.
شۇڭا سىلەر پاك ۋە ناپاك چارپايلارنى پەرق ئېتىپ، پاك ۋە ناپاك ئۇچار-قاناتلارنى تونۇپ، مەن سىلەر ئۈچۈن ئايرىپ، ناپاك قىلىپ بېكىتىپ بەرگەن جانىۋارلارنىڭ ئىچىدىن ھەرقاندىقى، چارپاي ياكى ئۇچار-قانات بولسۇن ياكى يەردە ئۆمىلىگۈچى جانىۋار بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى بىلەن ئۆزۈڭلارنى ناپاك قىلماڭلار. | 25 |
“‘Ẹ gbọdọ̀ pààlà sáàrín ẹran tí ó mọ́ àti àwọn tí kò mọ́. Láàrín ẹyẹ tí ó mọ́ àti àwọn tí kò mọ́. Ẹ má ṣe sọ ara yín di àìmọ́ nípasẹ̀ àwọn ẹranko tàbí ẹyẹ tàbí ohunkóhun tí ń rìn lórí ilẹ̀: èyí tí mo yà sọ́tọ̀ fún yín gẹ́gẹ́ bí ohun àìmọ́.
سىلەر ماڭا خاس پاك-مۇقەددەس بولۇشۇڭلار كېرەك؛ چۈنكى مەن پەرۋەردىگار پاك-مۇقەددەستۇرمەن، سىلەرنى ماڭا خاس بولسۇن دەپ بارلىق ئەللەردىن ئايرىم قىلغانمەن. | 26 |
Ẹ gbọdọ̀ jẹ́ mímọ́ fún mi torí pé, Èmi Olúwa fẹ́ mímọ́. Mó sì ti yà yín kúrò nínú àwọn orílẹ̀-èdè yòókù kí ẹ le jẹ́ tèmi.
جىنكەش ياكى سېھىرگەر بولغان ھەرقانداق ئەر ياكى خوتۇن كىشىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلمىسە بولمايدۇ؛ خەلق ئۇلارنى چالما-كېسەك قىلسۇن؛ ئۇلارنىڭ قېنى ئۆز بېشىغا چۈشكەن بولىدۇ. | 27 |
“‘Ọkùnrin tàbí obìnrin tí ó jẹ́ abókùúsọ̀rọ̀ tàbí oṣó láàrín yín ni kí ẹ pa. Ẹ sọ wọ́n ní òkúta, ẹ̀jẹ̀ wọn yóò wà lórí wọn.’”