< لاۋىيلار 2 >
ئەگەر بىركىم پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا ئاشلىق ھەدىيە سۇنماقچى بولسا ھەدىيەسى ئېسىل ئۇندىن بولۇشى كېرەك؛ ئۇ ئۇنىڭغا زەيتۇن مېيى قۇيۇپ ئاندىن ئۈستىگە مەستىكى سالسۇن. | 1 |
Gdyby też kto ofiarować chciał dar ofiary śniednej Panu, pszenna mąka będzie ofiara jego; i poleje ją oliwą, i nakładzie na nią kadzidła.
ئۇ ئۇنى ئېلىپ كاھىنلار بولغان ھارۇننىڭ ئوغۇللىرىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرسۇن؛ ئاندىن [كاھىن ھەدىيە سۇنغۇچىنىڭ] يادلىنىشى ئۈچۈن زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئۇندىن بىر چاڭگال ئېلىپ، ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ، بۇ ھەدىيەنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن؛ بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. | 2 |
I przyniesie ją do synów Aaronowych, kapłanów, a weźmie stąd pełną garść swoję tej pszennej mąki, i tej oliwy, ze wszystkiem kadzidłem; i zapali to kapłan na pamiątkę jej na ołtarzu; ofiara ognista jest ku wdzięcznej wonności Panu;
ئەمما ئاشلىق ھەدىيەدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. | 3 |
Ale co zostanie od onej ofiary śniednej, Aaronowi i synom jego będzie; najświętsza rzecz jest z ognistych ofiar Panu.
ئەگەر سەن تونۇردا پىشۇرۇلغان نەرسىلەردىن ئاشلىق ھەدىيە سۇناي دېسەڭ، ئۇلار زەيتۇن مېيى ئىلەشتۈرۈلگەن ئېسىل ئۇندىن پىشۇرۇلغان توقاچلار ياكى زەيتۇن مېيى سۈرۈلۈپ مەسىھلەنگەن پېتىر ھەمەك نانلاردىن بولسۇن. | 4 |
A jeźlibyś też ofiarował dar ofiary śniednej w piecu pieczonej, niechże będzie z pszennej mąki placek przaśny zagnieciony w oliwie, i kreple przaśne, pomazane oliwą.
ئەگەر سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ تاۋىدا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇ زەيتۇن مېيى ئىشلەشتۈرۈلۈپ ئېسىل ئۇندىن پېتىر ھالدا ئېتىلسۇن. | 5 |
Jeźliże zaś ofiarę śniedną smażoną w pańwi ofiarować będziesz, niechże będzie z mąki pszennej zagniecionej w oliwie, oprócz zakwaszenia.
سەن ئۇنى ئوشتۇپ ئۈستىگە زەيتۇن مېيى قۇيغىن؛ ئۇ ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. | 6 |
Połamiesz ją na kęsy, i polejesz ją oliwą; ofiara to śniedna jest.
سېنىڭ كەلتۈرىدىغان ھەدىيەڭ قازاندا پىشۇرۇلغان ئاشلىق ھەدىيە بولسا ئۇنداقتا ئۇ ئېسىل ئۇن بىلەن زەيتۇن مېيىدا ئېتىلسۇن. | 7 |
A jeźli ofiarę śniedną w kotle zgotowaną ofiarować będziesz, z mąki pszennej z oliwą będzie.
شۇ يوللاردا تەييارلانغان ئاشلىق ھەدىيەلەرنى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا كەلتۈرگىن؛ ئۇنى كاھىنغا بەرگىن، ئۇ ئۇنى قۇربانگاھقا ئېلىپ بارىدۇ. | 8 |
I przyniesiesz ofiarę śniedną z tych rzeczy sprawioną Panu, i oddasz ją kapłanowi, a odniesie ją na ołtarz.
كاھىن بولسا ئاشلىق ھەدىيەدىن «يادلىنىش ئۈلۈشى»نى ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق سۇنۇلىدىغان، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي چىقىرىلىدىغان ھەدىيە بولىدۇ. | 9 |
I weźmie kapłan z onej ofiary śniednej pamiątkę jej, i zapali na ołtarzu; ofiara to ognista ku wdzięcznej wonności Panu.
ئەمما ئاشلىق ھەدىيەدىن قالغىنى بولسا، ھارۇن بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىغا تەۋە بولسۇن. بۇ پەرۋەردىگارغا ئوت ئارقىلىق سۇنۇلغانلارنىڭ ئىچىدە «ئەڭ مۇقەددەسلەرنىڭ بىرى» ھېسابلىنىدۇ. | 10 |
A co pozostanie od onej ofiary śniednej, Aaronowi i synom jego będzie; najświętsza rzecz jest z ognistych ofiar Panu.
سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنىدىغان ھەرقانداق ئاشلىق ھەدىيەلەر ئېچىتقۇ بىلەن تەييارلانمىسون. چۈنكى سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئوتتا سۇنۇلىدىغان ھەدىيەڭلارنىڭ ھېچقايسىسىدا ئېچىتقۇ ياكى ھەسەلنى كۆيدۈرۈشكە بولمايدۇ. | 11 |
Wszelka ofiara śniedna, którą ofiarować będziecie Panu, bez kwasu będzie; bo żadnego kwasu i żadnego miodu nie będziecie zapalać na ofiarę ognistą Panu.
بۇلارنى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا «دەسلەپكى ھوسۇل» سۈپىتىدە سۇنساڭلار بولىدۇ، لېكىن ئۇلار خۇشبۇي سۈپىتىدە قۇربانگاھنىڭ ئۈستىدە كۆيدۈرۈلۈپ سۇنۇلمىسۇن. | 12 |
Tylko w ofiarach pierwiastek ofiarować to będziecie Panu; ale na ołtarz nie będziecie ich kłaść ku wdzięcznej wonności.
سېنىڭ ھەربىر ئاشلىق ھەدىيەڭ تۇز بىلەن تۇزلىنىشى كېرەك؛ ئاشلىق ھەدىيەڭنى خۇدايىڭنىڭ ئەھدە تۇزىدىن مەھرۇم قىلماي، ھەممە ئاشلىق ھەدىيەلىرىڭنى تۇز بىلەن تۇزلىغىن. | 13 |
Każdy dar ofiary twojej śniednej solą posolisz a nie odejmiesz soli przymierza Boga twojego od ofiary twojej śniednej; przy każdej ofierze twojej ofiarować będziesz sól.
ئەگەر سەن پەرۋەردىگارغا «دەسلەپكى ھوسۇل»دىن ئاشلىق ھەدىيە سۇناي دېسەڭ، ئۇنداقتا زىرائەتنىڭ يېڭى پىشقان كۆك بېشىنى ئېلىپ، دانلارنى ئوتتا قورۇپ، ئېزىپ تالقان سۈپىتىدە سۇنغىن؛ بۇ «دەسلەپكى ھوسۇل» ھەدىيەسى بولىدۇ؛ | 14 |
A jeźli ofiarować będziesz ofiarę śniedną z pierwszych urodzajów Panu, świeże kłosy uprażysz ogniem, a zboże wykruszone z kłosów świeżych ofiarować będziesz na ofiarę śniedną pierwszych urodzajów twoich;
سەن ئۇنىڭغا زەيتۇن مېيى قۇيۇپ ئۈستىگە مەستىكى سالغىن؛ بۇ ئاشلىق ھەدىيە بولىدۇ. | 15 |
I nalejesz na nią oliwy, a nakładziesz na nią kadzidła; bo ofiara śniedna jest.
كاھىن بولسا ئۇنىڭدىن، يەنى قورۇپ ئېزىلگەن دانلار بىلەن زەيتۇن مېيىدىن بىر قىسمىنى ئېلىپ ھەممە مەستىكى بىلەن قوشۇپ، بولارنى «يادلىنىش ئۈلۈشى» سۈپىتىدە كۆيدۈرسۇن. بۇ ئوت ئارقىلىق پەرۋەردىگارغا سۇنۇلغان ھەدىيە بولىدۇ. | 16 |
Tedy zapali kapłan pamiątkę jej ze zboża wykruszonego jej, i z oliwy jej, ze wszystkiem kadzidłem jej; bo ofiara ognista jest Panu.