< لاۋىيلار 17 >
پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
१फिर यहोवा ने मूसा से कहा,
ھارۇن بىلەن ئوغۇللىرى ۋە بارلىق ئىسرائىللارغا مۇنداق دېگىن: ــ پەرۋەردىگار سىلەرگە بۇيرۇغان ھۆكۈم شۇكى: ــ | 2 |
२“हारून और उसके पुत्रों से और सब इस्राएलियों से कह कि यहोवा ने यह आज्ञा दी है:
ئىسرائىلنىڭ جەمەتلىرىدىن بولغان ھەرقانداق كىشى قۇربانلىق قىلماقچى بولۇپ، كالا ياكى قوي ياكى ئۆچكىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا، پەرۋەردىگارنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىنىڭ ئالدىغا، پەرۋەردىگارغا ئاتالغان قۇربانلىق سۈپىتىدە يېتىلەپ ئەپكەلمەي، بەلكى چېدىرگاھنىڭ ئىچىدە ياكى تاشقىرىدا بوغۇزلىسا، ئۇنىڭدىن ئاققان قان شۇ كىشىنىڭ گەدىنىگە ئارتىلىدۇ؛ بۇ ئادەم «قان تۆككەن» دەپ، ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ. | 3 |
३इस्राएल के घराने में से कोई मनुष्य हो जो बैल या भेड़ के बच्चे, या बकरी को, चाहे छावनी में चाहे छावनी से बाहर घात करके
४मिलापवाले तम्बू के द्वार पर, यहोवा के निवास के सामने यहोवा को चढ़ाने के निमित्त न ले जाए, तो उस मनुष्य को लहू बहाने का दोष लगेगा; और वह मनुष्य जो लहू बहानेवाला ठहरेगा, वह अपने लोगों के बीच से नष्ट किया जाए।
بۇ ھۆكۈمنىڭ مەقسىتى ئىسرائىللارنىڭ ھازىرقىدەك دالادا مال سويۇپ قۇربانلىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، قۇربانلىقلىرىنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىدا پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرۇپ پەرۋەردىگارغا «ئىناقلىق قۇربانلىقلىرى» سۈپىتىدە سۇنۇپ بوغۇزلىشى ئۈچۈندۇر. | 5 |
५इस विधि का यह कारण है कि इस्राएली अपने बलिदान जिनको वे खुले मैदान में वध करते हैं, वे उन्हें मिलापवाले तम्बू के द्वार पर याजक के पास, यहोवा के लिये ले जाकर उसी के लिये मेलबलि करके बलिदान किया करें;
كاھىن قاننى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ يېنىدىكى پەرۋەردىگارنىڭ قۇربانگاھىنىڭ ئۈستىگە سېپىپ، پەرۋەردىگارغا خۇشبۇي كەلتۈرۈش ئۈچۈن ماينى كۆيدۈرسۇن. | 6 |
६और याजक लहू को मिलापवाले तम्बू के द्वार पर यहोवा की वेदी के ऊपर छिड़के, और चर्बी को उसके सुखदायक सुगन्ध के लिये जलाए।
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەمدى بۇرۇنقىدەك بۇزۇقلۇق قىلىپ تېكە-جىنلارنىڭ كەينىدە يۈرۈپ، ئۇلارغا ئۆز قۇربانلىقلىرىنى ئۆتكۈزۈپ يۈرمىسۇن. مانا بۇ ئۇلار ئۈچۈن دەۋردىن-دەۋرگىچە ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولسۇن. | 7 |
७वे जो बकरों के पूजक होकर व्यभिचार करते हैं, वे फिर अपने बलिपशुओं को उनके लिये बलिदान न करें। तुम्हारी पीढ़ियों के लिये यह सदा की विधि होगी।
سەن ئۇلارغا: ــ ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلاردىن بىرى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ياكى [باشقا] قۇربانلىق ئۆتكۈزمەكچى بولسا، | 8 |
८“तू उनसे कह कि इस्राएल के घराने के लोगों में से या उनके बीच रहनेवाले परदेशियों में से कोई मनुष्य क्यों न हो जो होमबलि या मेलबलि चढ़ाए,
ئۇنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ سۇنۇش ئۈچۈن جامائەت چېدىرىغا كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرمىسە، ئۇ كىشى ئۆز خەلقلىرىدىن ئۈزۈپ تاشلانسۇن» ــ دېگىن. | 9 |
९और उसको मिलापवाले तम्बू के द्वार पर यहोवा के लिये चढ़ाने को न ले आए; वह मनुष्य अपने लोगों में से नष्ट किया जाए।
ئەگەر ئىسرائىلنىڭ جەمەتىدىن بولغان ھەرقانداق ئادەم ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار قان يېسە، مەن يۈزۈمنى قاننى يېگەن شۇ كىشىگە قارشى قىلىمەن، ئۇنى ئۆز خەلقىدىن ئۈزۈپ تاشلايمەن. | 10 |
१०“फिर इस्राएल के घराने के लोगों में से या उनके बीच रहनेवाले परदेशियों में से कोई मनुष्य क्यों न हो जो किसी प्रकार का लहू खाए, मैं उस लहू खानेवाले के विमुख होकर उसको उसके लोगों के बीच में से नष्ट कर डालूँगा।
چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ مەن ئۇنى جېنىڭلار ئۈچۈن قۇربانگاھ ئۈستىگە كافارەت كەلتۈرۈشكە بەرگەنمەن. چۈنكى قان ئۆزىدىكى جاننىڭ ۋاسىتىسى بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ. | 11 |
११क्योंकि शरीर का प्राण लहू में रहता है; और उसको मैंने तुम लोगों को वेदी पर चढ़ाने के लिये दिया है कि तुम्हारे प्राणों के लिये प्रायश्चित किया जाए; क्योंकि प्राण के लिए लहू ही से प्रायश्चित होता है।
شۇڭا بۇ سەۋەبتىن مەن ئىسرائىللارغا: ــ «سىلەرنىڭ ھېچبىرىڭلار قان يېمەسلىكىڭلار كېرەك، ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارمۇ قان يېمەسلىكى كېرەك» ــ دېگەنىدىم. | 12 |
१२इस कारण मैं इस्राएलियों से कहता हूँ कि तुम में से कोई प्राणी लहू न खाए, और जो परदेशी तुम्हारे बीच रहता हो वह भी लहू कभी न खाए।”
ئەگەر ئىسرائىللاردىن بىرى ياكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلارنىڭ بىرى يېيىشكە بولىدىغان بىر چارپاي ھايۋان ياكى قۇشنى ئوۋلاپ، قېنىنى تۆكسە، ئۇنى توپا بىلەن يېپىپ قويسۇن. | 13 |
१३“इस्राएलियों में से या उनके बीच रहनेवाले परदेशियों में से, कोई मनुष्य क्यों न हो, जो शिकार करके खाने के योग्य पशु या पक्षी को पकड़े, वह उसके लहू को उण्डेलकर धूलि से ढाँप दे।
چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى بولسا، ئۇنىڭ قېنىدىن ئىبارەتتۇر. ئۇنىڭ جېنى قېنىدا بولغاچ مەن ئىسرائىللارغا: «سىلەر ھېچقانداق جانىۋارنىڭ قېنىنى يېمەڭلار، چۈنكى ھەربىر جانىۋارنىڭ جېنى ئۇنىڭ قېنىدىدۇر؛ كىمكى ئۇنى يېسە ئۈزۈپ تاشلىنىدۇ» ــ دېدىم. | 14 |
१४क्योंकि शरीर का प्राण जो है वह उसका लहू ही है जो उसके प्राण के साथ एक है; इसलिए मैं इस्राएलियों से कहता हूँ कि किसी प्रकार के प्राणी के लहू को तुम न खाना, क्योंकि सब प्राणियों का प्राण उनका लहू ही है; जो कोई उसको खाए वह नष्ट किया जाएगा।
كىمدەكىم ئۆلۈپ قالغان ياكى يىرتقۇچلار بوغۇپ تىتما-تىتما قىلىۋەتكەن بىر ھايۋاننى يېسە، مەيلى ئۇ يەرلىك ياكى ياقا يۇرتلۇق بولسۇن ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن؛ ئاندىن ئۇ پاك بولىدۇ. | 15 |
१५और चाहे वह देशी हो या परदेशी हो, जो कोई किसी लोथ या फाड़े हुए पशु का माँस खाए वह अपने वस्त्रों को धोकर जल से स्नान करे, और साँझ तक अशुद्ध रहे; तब वह शुद्ध होगा।
لېكىن ئۇ ياكى كىيىملىرىنى يۇمىسا، ياكى سۇدا بەدىنىنى يۇمىسا، شۇ كىشى ئۆز قەبىھلىكىنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ. | 16 |
१६परन्तु यदि वह उनको न धोए और न स्नान करे, तो उसको अपने अधर्म का भार स्वयं उठाना पड़ेगा।”