< لاۋىيلار 16 >

ھارۇننىڭ ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىنلىشىشى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلدى. 1
Ⱨarunning ikki oƣli Pǝrwǝrdigarning aldiƣa yeⱪinlixixi bilǝn ɵlüp kǝtti. Ular ɵlüp kǝtkǝndin keyin, Pǝrwǝrdigar Musaƣa sɵz ⱪildi.
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئۆز قېرىندىشىڭ ھارۇنغا: «سەن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىڭ ئۈچۈن پەردىنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭ ئالدىغا ھەر ۋاقىت كەلمە»، دېگىن. چۈنكى مەن «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇتتا ئايان بولىمەن. 2
Pǝrwǝrdigar Musaƣa mundaⱪ dedi: — «Sǝn ɵz ⱪerindixing Ⱨarunƣa: «Sǝn ɵlüp kǝtmǝsliking üqün pǝrdining iqidiki muⱪǝddǝs jayƣa ⱪoyulƣan ǝⱨdǝ sanduⱪining üstidiki «kafarǝt tǝhti»ning aldiƣa ⱨǝr waⱪit kǝlmǝ», degin. Qünki Mǝn «kafarǝt tǝhti»ning üstidiki bulutta ayan bolimǝn.
ھارۇن [ئەڭ] مۇقەددەس جايغا مۇنۇ يول بىلەن كىرسۇن: ــ گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياش تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى كەلتۈرسۇن؛ 3
Ⱨarun [ǝng] muⱪǝddǝs jayƣa munu yol bilǝn kirsun: — Gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün bir yax torpaⱪ, kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir ⱪoqⱪarni kǝltürsun;
ئۆزى مۇقەددەس كاناپ خالتا كۆڭلەكنى كىيىپ، ئەتلىرىنى ياپىدىغان كاناپ ئىشتاننىمۇ كىيىپ، بېلىگە بىر كاناپ بەلۋاغنى باغلاپ، بېشىغا كاناپ سەللىنى يۆگەپ كەلسۇن. بۇلار مۇقەددەس كىيىملەر بولغاچقا، كىيىشتىن ئىلگىرى بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن. 4
ɵzi muⱪǝddǝs kanap halta kɵnglǝkni kiyip, ǝtlirini yapidiƣan kanap ixtannimu kiyip, beligǝ bir kanap bǝlwaƣni baƣlap, bexiƣa kanap sǝllini yɵgǝp kǝlsun. Bular muⱪǝddǝs kiyimlǝr bolƣaqⱪa, kiyixtin ilgiri bǝdinini suda yusun.
ئۇ ئىسرائىللارنىڭ جامائىتىدىن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى تاپشۇرۇۋالسۇن. 5
U Israillarning jamaitidin gunaⱨ ⱪurbanliⱪi üqün ikki tekǝ, kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪ üqün bir ⱪoqⱪarni tapxuruwalsun.
شۇنىڭ بىلەن ھارۇن ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاقنى سۇنۇپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشى كېرەك. 6
Xuning bilǝn Ⱨarun awwal gunaⱨ ⱪurbanliⱪi bolidiƣan torpaⱪni sunup, ɵzi wǝ ɵz ɵyidikilǝr üqün kafarǝt kǝltürüxi kerǝk.
ئاندىن ئۇ ئىككى تېكىنى ئېلىپ، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن. 7
Andin u ikki tekini elip, ularni jamaǝt qedirining kirix aƣzining aldiƣa kǝltürüp, Pǝrwǝrdigarning aldida turƣuzsun.
ئاندىن ھارۇن بۇ ئىككى تېكە توغرىسىدا چەك تاشلىسۇن؛ چەكنىڭ بىرىنى «پەرۋەردىگار ئۈچۈن»، يەنە بىرىنى «ئازازەل ئۈچۈن» تاشلىسۇن. 8
Andin Ⱨarun bu ikki tekǝ toƣrisida qǝk taxlisun; qǝkning birini «Pǝrwǝrdigar üqün», yǝnǝ birini «azazǝl üqün» taxlisun.
ھارۇن پەرۋەردىگارغا چەك چۈشكەن تېكىنى كەلتۈرۈپ، گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. 9
Ⱨarun Pǝrwǝrdigarƣa qǝk qüxkǝn tekini kǝltürüp, gunaⱨ ⱪurbanliⱪi süpitidǝ sunsun.
لېكىن «ئازازەل»گە چەك چۈشكەن تېكىنى بولسا، كافارەت كەلتۈرۈشى ئۈچۈن چۆلگە ھەيدىلىشكە، شۇنداقلا «ئازازەل»گە ئەۋەتىلىشكە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىرىك قالدۇرۇلسۇن. 10
Lekin «azazǝl»gǝ qǝk qüxkǝn tekini bolsa, kafarǝt kǝltürüxi üqün qɵlgǝ ⱨǝydilixkǝ, xundaⱪla «azazǝl»gǝ ǝwǝtilixkǝ Pǝrwǝrdigarning aldida tirik ⱪaldurulsun.
ئاندىن ھارۇن گۇناھ قۇربانلىقىنى، يەنى ئۆزى ئۈچۈن بولغان تورپاقنى كەلتۈرۈپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە ئۆزىگە گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان بۇ تورپاقنى بوغۇزلىسۇن؛ 11
Andin Ⱨarun gunaⱨ ⱪurbanliⱪini, yǝni ɵzi üqün bolƣan torpaⱪni kǝltürüp, ɵzi wǝ ɵz ɵyidikilǝr üqün kafarǝt kǝltürüxkǝ ɵzigǝ gunaⱨ ⱪurbanliⱪi bolidiƣan bu torpaⱪni boƣuzlisun;
ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھتىن ئېلىنغان چوغ بىلەن تولغان بىر خۇشبۇيداننى ئېلىپ، ئىككى قوللاپ يۇمشاق ئېزىلگەن ئېسىل خۇشبۇي ئەتىر بىلەن تولدۇرۇپ، بۇنى پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ بارسۇن؛ 12
Andin u Pǝrwǝrdigarning aldidiki ⱪurbangaⱨtin elinƣan qoƣ bilǝn tolƣan bir huxbuydanni elip, ikki ⱪollap yumxaⱪ ezilgǝn esil huxbuy ǝtir bilǝn toldurup, buni pǝrdining iqigǝ elip barsun;
ئاندىن خۇشبۇي ئىس-تۈتىكى ھۆكۈم-گۇۋاھ ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنى قاپلىسۇن دەپ، خۇشبۇينى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلمەيدۇ. 13
andin huxbuy is-tütiki ⱨɵküm-guwaⱨ sanduⱪining üstidiki kafarǝt tǝhtini ⱪaplisun dǝp, huxbuyni Pǝrwǝrdigarning ⱨuzuridiki otning üstigǝ ⱪoysun; xuning bilǝn u ɵlmǝydu.
ئۇ تورپاقنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئۆز بارمىقى بىلەن كافارەت تەختىنىڭ شەرق تەرىپىگە چېچىپ، كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغىمۇ ئۆز بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ، يەتتە قېتىم سەپسۇن. 14
U torpaⱪning ⱪenidin elip ɵz barmiⱪi bilǝn kafarǝt tǝhtining xǝrⱪ tǝripigǝ qeqip, kafarǝt tǝhtining aldiƣimu ɵz barmiⱪi bilǝn ⱪandin elip, yǝttǝ ⱪetim sǝpsun.
ئاندىن ئۇ خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىنى بوغۇزلىسۇن؛ قېنىنى پەردىنىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈپ، تورپاقنىڭ قېنىنى قىلغاندەك قىلسۇن، يەنى ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ كافارەت تەختىگە ۋە كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغا چاچسۇن. 15
Andin u hǝlⱪ üqün gunaⱨ ⱪurbanliⱪi ⱪilinidiƣan tekini boƣuzlisun; ⱪenini pǝrdining iqigǝ kǝltürüp, torpaⱪning ⱪenini ⱪilƣandǝk ⱪilsun, yǝni uning ⱪenidin elip kafarǝt tǝhtigǝ wǝ kafarǝt tǝhtining aldiƣa qaqsun.
ئۇ بۇ يول بىلەن مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقىدىن، ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىدىن پاكلايدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ناپاكلىقى ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان جامائەت چېدىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق كافارەت قىلسۇن. 16
U bu yol bilǝn muⱪǝddǝs jay üqün kafarǝt kǝltürüp, uni Israillarning napakliⱪidin, ⱨǝmmǝ itaǝtsizliklirini elip baridiƣan gunaⱨliridin paklaydu wǝ xuningdǝk ularning napakliⱪi arisida turuwatⱪan jamaǝt qediri üqünmu xundaⱪ kafarǝt ⱪilsun.
ئۇ كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرگەندىن تارتىپ ئۇنىڭدىن چىققۇچە ھېچبىر ئادەم جامائەت چېدىرى ئىچىدە بولمىسۇن؛ بۇ يول بىلەن ئۇ ئۆزى، ئۆيىدىكىلەر ۋە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. 17
U kafarǝt kǝltürüx üqün ǝng muⱪǝddǝs jayƣa kirgǝndin tartip uningdin qiⱪⱪuqǝ ⱨeqbir adǝm jamaǝt qediri iqidǝ bolmisun; bu yol bilǝn u ɵzi, ɵyidikilǝr wǝ Israilning pütkül jamaiti üqün kafarǝt kǝltüridu.
ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھقا چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭدەك تورپاقنىڭ قېنى بىلەن تېكىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىكى مۈڭگۈزلەرگە سۈرسۇن؛ 18
Andin u Pǝrwǝrdigarning aldidiki ⱪurbangaⱨⱪa qiⱪip, uning üqünmu kafarǝt kǝltüridu; xuningdǝk torpaⱪning ⱪeni bilǝn tekining ⱪenidin elip ⱪurbangaⱨning qɵrisidiki münggüzlǝrgǝ sürsun;
ئۇ بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم سەپسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقلىرىدىن پاكلاپ [خۇداغا ئاتاپ] مۇقەددەس قىلىدۇ. 19
u barmiⱪi bilǝn ⱪandin elip ⱪurbangaⱨning üstigǝ yǝttǝ ⱪetim sǝpsun; xuning bilǝn u uni Israillarning napakliⱪliridin paklap [Hudaƣa atap] muⱪǝddǝs ⱪilidu.
ــ مۇقەددەس جاي، جامائەت چېدىرى ۋە قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ تىرىك تېكىنى كەلتۈرسۇن؛ 20
— Muⱪǝddǝs jay, jamaǝt qediri wǝ ⱪurbangaⱨ üqün kafarǝt kǝltürüp bolƣandin keyin, u tirik tekini kǝltürsun;
ئاندىن ھارۇن ئىككى قولىنى تىرىك تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىھلىكلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئۇلارنى تېكىنىڭ بېشىغا ئارتسۇن؛ ئاندىن ئۇنى يېنىدا تەييار تۇرىدىغان بىر ئادەمنىڭ قولى بىلەن چۆلگە ئەۋەتىۋەتسۇن. 21
andin Ⱨarun ikki ⱪolini tirik tekining bexiƣa ⱪoyup turup, uning üstidǝ turup, Israillarning barliⱪ ⱪǝbiⱨlikliri wǝ itaǝtsizliklirini elip baridiƣan gunaⱨlirini iⱪrar ⱪilip, ularni tekining bexiƣa artsun; andin uni yenida tǝyyar turidiƣan bir adǝmning ⱪoli bilǝn qɵlgǝ ǝwǝtiwǝtsun.
بۇ يول بىلەن تېكە ئۇلارنىڭ ھەممە قەبىھلىكلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئادەمزاتسىز چۆلگە كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ تېكىنى چۆلگە قويۇۋەتسۇن. 22
Bu yol bilǝn tekǝ ularning ⱨǝmmǝ ⱪǝbiⱨliklirini ɵz üstigǝ elip, adǝmzatsiz qɵlgǝ ketidu. Xunga u tekini qɵlgǝ ⱪoyuwǝtsun.
ــ ئاندىن ھارۇن جامائەت چېدىرىغا كىرىپ مۇقەددەس جايغا كىرگەن ۋاقىتتا كىيگەن كاناپ كىيىملىرىنى سېلىپ شۇ يەردە ئۇلارنى قويۇپ قويسۇن. 23
— Andin Ⱨarun jamaǝt qediriƣa kirip muⱪǝddǝs jayƣa kirgǝn waⱪitta kiygǝn kanap kiyimlirini selip xu yǝrdǝ ularni ⱪoyup ⱪoysun.
ئۇ مۇقەددەس يەردە ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ تاشقىرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، شۇ يول بىلەن ئۆزى ۋە خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. 24
U muⱪǝddǝs yǝrdǝ ɵz bǝdinini suda yuyup, ɵz kiyimlirini kiyip taxⱪiriƣa qiⱪip, ɵzining kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪi bilǝn hǝlⱪning kɵydürmǝ ⱪurbanliⱪini sunup, xu yol bilǝn ɵzi wǝ hǝlⱪ üqün kafarǝt kǝltüridu.
شۇنداقلا ئۇ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ مېيىنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. 25
Xundaⱪla u gunaⱨ ⱪurbanliⱪining meyini ⱪurbangaⱨta kɵydürsun.
«ئازازەل»گە بېكىتىلگەن تېكىنى ئېلىپ بېرىپ قويۇۋەتكەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن چېدىرگاھقا كىرىشكە بولىدۇ. 26
«Azazǝl»gǝ bekitilgǝn tekini elip berip ⱪoyuwǝtkǝn kixi ɵz kiyimlirini yuyup, bǝdinini suda yuyup, andin qedirgaⱨⱪa kirixkǝ bolidu.
كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن قېنى [ئەڭ] مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلىپ، گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تورپاق بىلەن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تېكىنى بىرسى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە تېزەكلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرسۇن. 27
Kafarǝt kǝltürüx üqün ⱪeni [ǝng] muⱪǝddǝs jayƣa elip kirilip, gunaⱨ ⱪurbanliⱪi ⱪilinƣan torpaⱪ bilǝn gunaⱨ ⱪurbanliⱪi ⱪilinƣan tekini birsi qedirgaⱨning taxⱪiriƣa elip qiⱪip, ularning terisi, gɵxi wǝ tezǝklirini otta kɵydürsun.
ئۇلارنى كۆيدۈرگەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن چېدىرگاھقا كىرىشكە بولىدۇ. 28
Ularni kɵydürgǝn kixi ɵz kiyimlirini yuyup, bǝdinini suda yuyup, andin qedirgaⱨⱪa kirixkǝ bolidu.
ــ مانا بۇ سىلەرگە بىر ئەبەدىي قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن: ــ ھەر يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە سىلەر ئۆز نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار بولسۇن شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەك. 29
— Mana bu silǝrgǝ bir ǝbǝdiy ⱪanun-bǝlgilimǝ bolsun: — Ⱨǝr yǝttinqi ayning oninqi künidǝ silǝr ɵz nǝpsinglarni tartip ɵzünglarni tɵwǝn tutunglar wǝ ⱨeqⱪandaⱪ ix ⱪilmanglar; mǝyli yǝrliklǝr bolsun yaki aranglarda turuwatⱪan Yaⱪ. yurtluⱪlar bolsun xundaⱪ ⱪilixinglar kerǝk.
چۈنكى شۇ كۈنىدە سىلەرنى پاكلاشقا سىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ھەممە گۇناھلىرىڭلاردىن پاك بولىسىلەر. 30
Qünki xu künidǝ silǝrni paklaxⱪa silǝr üqün kafarǝt kǝltürülidu; Pǝrwǝrdigarning aldida silǝr ⱨǝmmǝ gunaⱨliringlardin pak bolisilǝr.
بۇ كۈن سىلەرگە پۈتۈنلەي ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولۇپ، نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتىسىلەر؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمىدۇر. 31
Bu kün silǝrgǝ pütünlǝy aram alidiƣan xabat küni bolup, nǝpsinglarni tartip ɵzünglarni tɵwǝn tutisilǝr; bu ǝbǝdiy bir bǝlgilimidur.
كىمكى ئاتىسىنىڭ ئورنىدا كاھىنلىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنىپ، خۇداغا ئاتاپ تىكلەنگەن كاھىن بولسا شۇ يول بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ. ئۇ كاناپتىن ئېتىلگەن مۇقەددەس كىيىمنى كىيىپ تۇرۇپ، 32
Kimki atisining ornida kaⱨinliⱪ yürgüzüx üqün mǝsiⱨ ⱪilinip, Hudaƣa atap tiklǝngǝn kaⱨin bolsa xu yol bilǝn kafarǝt kǝltüridu. U kanaptin etilgǝn muⱪǝddǝs kiyimni kiyip turup,
ئەڭ مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ قالغان كاھىنلار بىلەن بارلىق خەلقنىڭ جامائىتى ئۈچۈن ھەم كافارەت كەلتۈرىدۇ. 33
Əng muⱪǝddǝs jay üqün kafarǝt kǝltüridu; jamaǝt qediri bilǝn ⱪurbangaⱨ üqünmu kafarǝt kǝltüridu; ⱪalƣan kaⱨinlar bilǝn barliⱪ hǝlⱪning jamaiti üqün ⱨǝm kafarǝt kǝltüridu.
بۇ بولسا سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنى بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم كافارەت كەلتۈرۈپ بېرىسىلەر». شۇنىڭ بىلەن [ھارۇن] پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. 34
Bu bolsa silǝr üqün ǝbǝdiy bir bǝlgilimǝ bolidu; xuning bilǝn Israillarni barliⱪ gunaⱨliridin paklax üqün yilda bir ⱪetim kafarǝt kǝltürüp berisilǝr». Xuning bilǝn [Ⱨarun] Pǝrwǝrdigar Musaƣa buyruƣinidǝk ⱪildi.

< لاۋىيلار 16 >