< لاۋىيلار 16 >
ھارۇننىڭ ئىككى ئوغلى پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا يېقىنلىشىشى بىلەن ئۆلۈپ كەتتى. ئۇلار ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن، پەرۋەردىگار مۇساغا سۆز قىلدى. | 1 |
И рече Господ Мојсију пошто погибоше два сина Аронова, а погибоше кад приступише пред Господа,
پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: ــ «سەن ئۆز قېرىندىشىڭ ھارۇنغا: «سەن ئۆلۈپ كەتمەسلىكىڭ ئۈچۈن پەردىنىڭ ئىچىدىكى مۇقەددەس جايغا قويۇلغان ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى «كافارەت تەختى»نىڭ ئالدىغا ھەر ۋاقىت كەلمە»، دېگىن. چۈنكى مەن «كافارەت تەختى»نىڭ ئۈستىدىكى بۇلۇتتا ئايان بولىمەن. | 2 |
И каза Господ Мојсију: Реци Арону, брату свом, да не улази у свако доба у светињу за завес пред заклопац који је на ковчегу, да не погине, јер ћу се у облаку над заклопцем јављати.
ھارۇن [ئەڭ] مۇقەددەس جايغا مۇنۇ يول بىلەن كىرسۇن: ــ گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن بىر ياش تورپاق، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى كەلتۈرسۇن؛ | 3 |
С овим нека улази Арон у светињу: с јунцем за жртву ради греха и с овном за жртву паљеницу.
ئۆزى مۇقەددەس كاناپ خالتا كۆڭلەكنى كىيىپ، ئەتلىرىنى ياپىدىغان كاناپ ئىشتاننىمۇ كىيىپ، بېلىگە بىر كاناپ بەلۋاغنى باغلاپ، بېشىغا كاناپ سەللىنى يۆگەپ كەلسۇن. بۇلار مۇقەددەس كىيىملەر بولغاچقا، كىيىشتىن ئىلگىرى بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن. | 4 |
Свету кошуљу ланену нека обуче, и гаће ланене нека су на телу његовом, и нека се опаше појасом ланеним и капу ланену нека метне на главу; то су хаљине свете, и нека опере тело своје водом, па онда нека их обуче.
ئۇ ئىسرائىللارنىڭ جامائىتىدىن گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن ئىككى تېكە، كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن بىر قوچقارنى تاپشۇرۇۋالسۇن. | 5 |
А од збора синова Израиљевих нека узме два јарца за жртву ради греха, и једног овна за жртву паљеницу.
شۇنىڭ بىلەن ھارۇن ئاۋۋال گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان تورپاقنى سۇنۇپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشى كېرەك. | 6 |
И нека принесе Арон јунца свог на жртву за грех и очисти себе и дом свој.
ئاندىن ئۇ ئىككى تېكىنى ئېلىپ، ئۇلارنى جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تۇرغۇزسۇن. | 7 |
Потом нека узме два јарца, и нека их метне пред Господа на врата шатора од састанка.
ئاندىن ھارۇن بۇ ئىككى تېكە توغرىسىدا چەك تاشلىسۇن؛ چەكنىڭ بىرىنى «پەرۋەردىگار ئۈچۈن»، يەنە بىرىنى «ئازازەل ئۈچۈن» تاشلىسۇن. | 8 |
И нека Арон баци жреб за та два јарца, један жреб Господу а други жреб Азазелу.
ھارۇن پەرۋەردىگارغا چەك چۈشكەن تېكىنى كەلتۈرۈپ، گۇناھ قۇربانلىقى سۈپىتىدە سۇنسۇن. | 9 |
И нека Арон принесе на жртву јарца на ког падне жреб Господњи, нека га принесе на жртву за грех.
لېكىن «ئازازەل»گە چەك چۈشكەن تېكىنى بولسا، كافارەت كەلتۈرۈشى ئۈچۈن چۆلگە ھەيدىلىشكە، شۇنداقلا «ئازازەل»گە ئەۋەتىلىشكە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا تىرىك قالدۇرۇلسۇن. | 10 |
А јарца на ког падне жреб Азазелов нека метне жива пред Господа, да учини очишћење на њему, па нека га пусти у пустињу Азазелу.
ئاندىن ھارۇن گۇناھ قۇربانلىقىنى، يەنى ئۆزى ئۈچۈن بولغان تورپاقنى كەلتۈرۈپ، ئۆزى ۋە ئۆز ئۆيىدىكىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈشكە ئۆزىگە گۇناھ قۇربانلىقى بولىدىغان بۇ تورپاقنى بوغۇزلىسۇن؛ | 11 |
И нека Арон принесе јунца свог на жртву за грех и очисти себе и дом свој, и нека закоље јунца свог на жртву за грех.
ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھتىن ئېلىنغان چوغ بىلەن تولغان بىر خۇشبۇيداننى ئېلىپ، ئىككى قوللاپ يۇمشاق ئېزىلگەن ئېسىل خۇشبۇي ئەتىر بىلەن تولدۇرۇپ، بۇنى پەردىنىڭ ئىچىگە ئېلىپ بارسۇن؛ | 12 |
И нека узме кадионицу пуну жеравице с олтара, који је пред Господом, и пуне прегршти када мирисног истуцаног, и нека унесе за завес.
ئاندىن خۇشبۇي ئىس-تۈتىكى ھۆكۈم-گۇۋاھ ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كافارەت تەختىنى قاپلىسۇن دەپ، خۇشبۇينى پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئوتنىڭ ئۈستىگە قويسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆلمەيدۇ. | 13 |
И нека метне кад на огањ пред Господом, да дим од када заклони заклопац који је на сведочанству; тако неће погинути.
ئۇ تورپاقنىڭ قېنىدىن ئېلىپ ئۆز بارمىقى بىلەن كافارەت تەختىنىڭ شەرق تەرىپىگە چېچىپ، كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغىمۇ ئۆز بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ، يەتتە قېتىم سەپسۇن. | 14 |
После нека узме крви од јунца и покропи с прста свог по заклопцу према истоку, а пред заклопцем нека седам пута покропи том крвљу с прста свог.
ئاندىن ئۇ خەلق ئۈچۈن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنىدىغان تېكىنى بوغۇزلىسۇن؛ قېنىنى پەردىنىڭ ئىچىگە كەلتۈرۈپ، تورپاقنىڭ قېنىنى قىلغاندەك قىلسۇن، يەنى ئۇنىڭ قېنىدىن ئېلىپ كافارەت تەختىگە ۋە كافارەت تەختىنىڭ ئالدىغا چاچسۇن. | 15 |
И нека закоље јарца на жртву за грех народни, и нека учини с крвљу његовом као што је учинио с крвљу јунчијом, и покропи њом по заклопцу и пред заклопцем.
ئۇ بۇ يول بىلەن مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ، ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقىدىن، ھەممە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىدىن پاكلايدۇ ۋە شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ ناپاكلىقى ئارىسىدا تۇرۇۋاتقان جامائەت چېدىرى ئۈچۈنمۇ شۇنداق كافارەت قىلسۇن. | 16 |
И тако ће очистити светињу од нечистота синова Израиљевих и од преступа њихових у свим гресима њиховим; тако ће учинити и у шатору од састанка, који је међу њима усред нечистота њихових.
ئۇ كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن ئەڭ مۇقەددەس جايغا كىرگەندىن تارتىپ ئۇنىڭدىن چىققۇچە ھېچبىر ئادەم جامائەت چېدىرى ئىچىدە بولمىسۇن؛ بۇ يول بىلەن ئۇ ئۆزى، ئۆيىدىكىلەر ۋە ئىسرائىلنىڭ پۈتكۈل جامائىتى ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. | 17 |
А нико да не буде у шатору од састанка кад он уђе да чини очишћење у светињи, докле не изађе и сврши очишћење за се и за дом свој и за сав збор израиљски.
ئاندىن ئۇ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدىكى قۇربانگاھقا چىقىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ شۇنىڭدەك تورپاقنىڭ قېنى بىلەن تېكىنىڭ قېنىدىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ چۆرىسىدىكى مۈڭگۈزلەرگە سۈرسۇن؛ | 18 |
А нека изађе к олтару који је пред Господом, и очисти га; и узевши крви од јунца и крви од јарца нека помаже рогове олтару унаоколо;
ئۇ بارمىقى بىلەن قاندىن ئېلىپ قۇربانگاھنىڭ ئۈستىگە يەتتە قېتىم سەپسۇن؛ شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇنى ئىسرائىللارنىڭ ناپاكلىقلىرىدىن پاكلاپ [خۇداغا ئاتاپ] مۇقەددەس قىلىدۇ. | 19 |
И нека га покропи одозго истом крвљу с прста свог седам пута; тако ће га очистити и посветити га од нечистота синова Израиљевих.
ــ مۇقەددەس جاي، جامائەت چېدىرى ۋە قۇربانگاھ ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئۇ تىرىك تېكىنى كەلتۈرسۇن؛ | 20 |
А кад очисти светињу и шатор од састанка и олтар, тада нека доведе јарца живог.
ئاندىن ھارۇن ئىككى قولىنى تىرىك تېكىنىڭ بېشىغا قويۇپ تۇرۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىدە تۇرۇپ، ئىسرائىللارنىڭ بارلىق قەبىھلىكلىرى ۋە ئىتائەتسىزلىكلىرىنى ئېلىپ بارىدىغان گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ، ئۇلارنى تېكىنىڭ بېشىغا ئارتسۇن؛ ئاندىن ئۇنى يېنىدا تەييار تۇرىدىغان بىر ئادەمنىڭ قولى بىلەن چۆلگە ئەۋەتىۋەتسۇن. | 21 |
И метнувши Арон обе руке своје на главу јарцу живом, нека исповеди над њим сва безакоња синова Израиљевих и све преступе њихове у свим гресима њиховим, и метнувши их на главу јарцу нека га да човеку спремном да га истера у пустињу.
بۇ يول بىلەن تېكە ئۇلارنىڭ ھەممە قەبىھلىكلىرىنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىپ، ئادەمزاتسىز چۆلگە كېتىدۇ. شۇڭا ئۇ تېكىنى چۆلگە قويۇۋەتسۇن. | 22 |
И јарац ће однети на себи сва безакоња њихова у пустињу; и пустиће оног јарца у пустињу.
ــ ئاندىن ھارۇن جامائەت چېدىرىغا كىرىپ مۇقەددەس جايغا كىرگەن ۋاقىتتا كىيگەن كاناپ كىيىملىرىنى سېلىپ شۇ يەردە ئۇلارنى قويۇپ قويسۇن. | 23 |
Потом нека опет уђе Арон у шатор од састанка и свуче хаљине ланене које је обукао када је ишао у светињу, и онде нека их остави.
ئۇ مۇقەددەس يەردە ئۆز بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئۆز كىيىملىرىنى كىيىپ تاشقىرىغا چىقىپ، ئۆزىنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقى بىلەن خەلقنىڭ كۆيدۈرمە قۇربانلىقىنى سۇنۇپ، شۇ يول بىلەن ئۆزى ۋە خەلق ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ. | 24 |
Па нека опере тело своје на светом месту и обуче своје хаљине; и изашав нека принесе своју жртву паљеницу, и очисти себе и народ.
شۇنداقلا ئۇ گۇناھ قۇربانلىقىنىڭ مېيىنى قۇربانگاھتا كۆيدۈرسۇن. | 25 |
А сало од жртве за грех нека запали на олтару.
«ئازازەل»گە بېكىتىلگەن تېكىنى ئېلىپ بېرىپ قويۇۋەتكەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن چېدىرگاھقا كىرىشكە بولىدۇ. | 26 |
А ко одведе јарца за Азазела, нека опере хаљине своје и окупа тело своје у води, па онда нека уђе у логор.
كافارەت كەلتۈرۈش ئۈچۈن قېنى [ئەڭ] مۇقەددەس جايغا ئېلىپ كىرىلىپ، گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تورپاق بىلەن گۇناھ قۇربانلىقى قىلىنغان تېكىنى بىرسى چېدىرگاھنىڭ تاشقىرىغا ئېلىپ چىقىپ، ئۇلارنىڭ تېرىسى، گۆشى ۋە تېزەكلىرىنى ئوتتا كۆيدۈرسۇن. | 27 |
А јунца за грех и јарца за грех, од којих је крв унесена да се учини очишћење у светињи, нека изнесу напоље из логора, и нека спале огњем коже њихове и месо њихово и балегу њихову.
ئۇلارنى كۆيدۈرگەن كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، بەدىنىنى سۇدا يۇيۇپ، ئاندىن چېدىرگاھقا كىرىشكە بولىدۇ. | 28 |
А ко их спали, нека опере хаљине своје и окупа тело своје у води, па онда нека дође у логор.
ــ مانا بۇ سىلەرگە بىر ئەبەدىي قانۇن-بەلگىلىمە بولسۇن: ــ ھەر يەتتىنچى ئاينىڭ ئونىنچى كۈنىدە سىلەر ئۆز نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتۇڭلار ۋە ھېچقانداق ئىش قىلماڭلار؛ مەيلى يەرلىكلەر بولسۇن ياكى ئاراڭلاردا تۇرۇۋاتقان ياقا يۇرتلۇقلار بولسۇن شۇنداق قىلىشىڭلار كېرەك. | 29 |
И ово нека вам буде вечна уредба: десети дан седмог месеца мучите душе своје, и не радите никакав посао, ни домородац ни дошљак који се бави међу вама.
چۈنكى شۇ كۈنىدە سىلەرنى پاكلاشقا سىلەر ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرۈلىدۇ؛ پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا سىلەر ھەممە گۇناھلىرىڭلاردىن پاك بولىسىلەر. | 30 |
Јер у тај дан бива очишћење за вас, да се очистите; бићете очишћени од свих греха својих пред Господом.
بۇ كۈن سىلەرگە پۈتۈنلەي ئارام ئالىدىغان شابات كۈنى بولۇپ، نەپسىڭلارنى تارتىپ ئۆزۈڭلارنى تۆۋەن تۇتىسىلەر؛ بۇ ئەبەدىي بىر بەلگىلىمىدۇر. | 31 |
То нека вам је почивање суботно, и мучите душе своје по уредби вечној.
كىمكى ئاتىسىنىڭ ئورنىدا كاھىنلىق يۈرگۈزۈش ئۈچۈن مەسىھ قىلىنىپ، خۇداغا ئاتاپ تىكلەنگەن كاھىن بولسا شۇ يول بىلەن كافارەت كەلتۈرىدۇ. ئۇ كاناپتىن ئېتىلگەن مۇقەددەس كىيىمنى كىيىپ تۇرۇپ، | 32 |
А свештеник који буде помазан и који буде освећен да врши службу свештеничку на место оца свог, он нека очишћа обукавши се у хаљине ланене, хаљине свете.
ئەڭ مۇقەددەس جاي ئۈچۈن كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ جامائەت چېدىرى بىلەن قۇربانگاھ ئۈچۈنمۇ كافارەت كەلتۈرىدۇ؛ قالغان كاھىنلار بىلەن بارلىق خەلقنىڭ جامائىتى ئۈچۈن ھەم كافارەت كەلتۈرىدۇ. | 33 |
И нека очисти светињу свету и шатор од састанка; и олтар нека очисти; и свештенике и сав народ сабрани нека очисти.
بۇ بولسا سىلەر ئۈچۈن ئەبەدىي بىر بەلگىلىمە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللارنى بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلاش ئۈچۈن يىلدا بىر قېتىم كافارەت كەلتۈرۈپ بېرىسىلەر». شۇنىڭ بىلەن [ھارۇن] پەرۋەردىگار مۇساغا بۇيرۇغىنىدەك قىلدى. | 34 |
И ово нека вам је вечна уредба да очишћате синове Израиљеве од свих греха њихових један пут у години. И учини Мојсије како му заповеди Господ.