< لاۋىيلار 15 >
پەرۋەردىگار مۇسا بىلەن ھارۇنغا سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: ــ | 1 |
Ubangiji ya ce wa Musa da Haruna,
ئىسرائىللارغا مۇنداق دەڭلار: ــ ھەرقانداق ئەركەكنىڭ ئۆز تېنىدىن ئاقما چىقسا شۇ كىشى شۇ ئاقما سەۋەبىدىن ناپاك سانالسۇن. | 2 |
“Yi wa Isra’ilawa magana, ku ce musu, ‘Duk sa’ad da wani namiji yake ɗiga daga azzakarinsa, wannan ɗiga marar tsarki ne.
ئاقما چىقىشتىن بولغان ناپاكلىق توغرىسىدىكى ھۆكۈم شۇكى، ئاقمىسى مەيلى تېنىدىن ئېقىپ تۇرسۇن ياكى ئېقىشتىن توختىتىلغان بولسۇن، شۇ كىشى يەنىلا ناپاك سانالسۇن؛ | 3 |
Ko ɗigar ta ci gaba da fitowa daga azzakarinsa ko an tsere ta, za tă sa mutumin yă zama marar tsarki. Ga yadda ɗigarsa za tă kawo ƙazantuwa,
مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ياتقان ھەربىر ئورۇن-كۆرپە ناپاك سانىلىدۇ ۋە ئۇ قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرسا شۇ نەرسىمۇ ناپاك سانىلىدۇ. | 4 |
“‘Duk gadon da mutumin mai ɗigar ya kwanta a kai, zai zama marar tsarki, kuma duk abin da ya zauna a kai, zai zama marar tsarki.
كىمكى ئۇ ياتقان ئورۇن-كۆرپىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ئاندىن كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 5 |
Duk wanda ya taɓa gadonsa dole yă wanke rigunansa, yă kuma yi wanka, zai kuwa ƙazantu har yamma.
شۇنىڭدەك كىمكى مۇنداق ئاقما بولغان كىشى ئولتۇرغان نەرسىدە ئولتۇرسا ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 6 |
Duk wanda ya zauna a inda wannan mai ɗiga ya zauna a kai, dole yă wanke rigunansa yă kuma yi wanka, zai kuwa ƙazantu har yamma.
كىمكى ئاقما بولغان كىشىنىڭ تېنىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 7 |
“‘Duk wanda ya taɓa jikin mai ɗiga, dole yă wanke rigunansa, yă kuma yi wanka, zai kuma ƙazantu har yamma.
ئەگەر ئاقما بولغان كىشى پاك بىرسىگە تۈكۈرسە، شۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 8 |
“‘In mai ɗiga ya tofa miyau a kan wani wanda yake tsarkakakke, dole tsarkakakken nan yă wanke rigunansa, yă kuma yi wanka, zai kuma ƙazantu har yamma.
قايسىبىر ئېگەر-توقۇمنىڭ ئۈستىگە [ئاقما بولغان] كىشى مىنسە، شۇ نەرسە ناپاك سانالسۇن. | 9 |
“‘Kowane sirdi da mai ɗigar ya zauna a kai zai ƙazantu,
كىمكى ئۇنىڭ تېگىدە قويۇلغان نەرسىلەرگە تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانىلىدۇ؛ ۋە كىمكى شۇ نەرسىلەرنى كۆتۈرسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن، ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 10 |
kuma duk wanda ya taɓa wani abu cikin abubuwan da suke a ƙarƙashin sirdin zai ƙazantu har yamma; duk wanda ya ɗauki abubuwan nan dole yă wanke rigunansa, yă kuma yi wanka, zai kuwa ƙazantu har yamma.
ئاقما بولغان كىشى قولىنى يۇماستىن بىركىمگە تەگكۈزسە، شۇ كىشى ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 11 |
“‘Duk wanda mai ɗiga ya taɓa ba tare da ya wanke hannuwansa da ruwa ba, dole yă wanke rigunansa yă kuma yi wanka, zai kuma ƙazantu har yamma.
ئاقما بولغان كىشى ساپال قاچىنى تۇتۇپ سالسا، شۇ قاچا چېقىۋېتىلسۇن؛ ياغاچ قاچا بولسا سۇدا يۇيۇلسۇن. | 12 |
“‘Dole a farfashe tukunya lakar da mutumin ya taɓa, kuma dole a ɗauraye duk wani abin da aka yi da katako wanda ya taɓa da ruwa.
قاچانىكى ئاقما بار كىشى ئاقما ھالىتىدىن قۇتۇلسا، ئۆزىنىڭ پاك قىلىنىشى ئۈچۈن يەتتە كۈننى ھېسابلاپ ئۆتكۈزۈپ، ئاندىن كىيىملىرىنى يۇيۇپ، ئېقىن سۇدا يۇيۇنسۇن؛ ئاندىن پاك سانىلىدۇ. | 13 |
“‘Sa’ad da aka tsabtacce mai ɗigar, zai ɗauki kwana bakwai don tsabtaccewarsa; dole yă wanke rigunansa, yă kuma yi wanka mai tsabta, zai kuwa zama tsarkakakke.
سەككىزىنچى كۈنى ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ، جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ، كاھىنغا تاپشۇرسۇن. | 14 |
A rana ta takwas dole yă ɗauki kurciyoyi biyu ko tattabarai biyu, yă zo gaban Ubangiji a ƙofar Tentin Sujada, yă ba da su ga firist.
كاھىن ئۇلاردىن بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن سۇنسۇن. بۇ يول بىلەن كاھىن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئۇنىڭ ئاقما بولغانلىقىغا كافارەت كەلتۈرىدۇ. | 15 |
Firist ɗin zai miƙa su, ɗaya domin hadaya don zunubi, ɗayan kuma domin hadaya ta ƙonawa. Ta haka zai yi kafara a gaban Ubangiji saboda mai ɗigar.
ئەگەر بىر ئەركەكنىڭ مەنىيسى ئۆزلۈكىدىن چىقىپ كەتكەن بولسا، ئۇ پۈتۈن بەدىنىنى سۇدا يۇسۇن، ئۇ كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 16 |
“‘Sa’ad da namiji ya ɗigar maniyyi, dole yă wanke jikinsa gaba ɗaya da ruwa, zai kuma ƙazantu har yamma.
شۇنىڭدەك ئادەمنىڭ مەنىيسى قايسى كىيىمىگە ياكى تېرىسىگە يۇقۇپ قالسا، سۇدا يۇيۇلسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 17 |
Dole a wanke duk riga ko fatar da yake da maniyyin a kansa da ruwa, zai kuma ƙazantu har yamma.
ئەر ۋە ئايال كىشى بىر-بىرىگە يېقىنلىشىشى بىلەن مەنىي چىقسا، ئىككىسى يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 18 |
Sa’ad da namiji ya kwana da mace ya kuwa zub da maniyyi, dole dukansu biyu su yi wanka, za su kuma ƙazantu har yamma.
ئەگەر ئايال كىشىلەر ئاقما كېلىش ھالىتىدە تۇرسا ۋە ئاقمىسى خۇن بولسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە «ئايرىم» تۇرسۇن؛ كىمكى ئۇنىڭغا تەگسە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 19 |
“‘Sa’ad mace take al’adarta ta ƙa’ida, rashin tsabtarta ta al’adar zai ɗauki kwana bakwai, kuma duk wanda ya taɓa ta, zai ƙazantu har yamma.
«ئايرىم» تۇرۇش مەزگىلىدە، قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ياتسا، شۇ نەرسە ناپاك سانىلىدۇ، شۇنداقلا قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، شۇ نەرسىمۇ ناپاك سانالسۇن. | 20 |
“‘Duk abin da ta kwanta a kai a lokacin al’adarta zai ƙazantu, kuma duk abin da ta zauna a kai zai ƙazantu.
ھەركىم ئۇنىڭ ئورۇن-كۆرپىسىگە تەگسە ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 21 |
Duk wanda ya taɓa gadonta dole yă wanke rigunansa yă kuma yi wanka, zai kuma ƙazantu har yamma.
ھەركىم ئۇ ئولتۇرغان نەرسىگە تەگسە، ئۆز كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 22 |
Duk wanda ya taɓa wani abin da ta zauna a kai, dole yă wanke rigunansa yă kuma yi wanka, zai kuma ƙazantu har yamma.
ۋە ئەگەر بىركىم ئۇ ياتقان ياكى ئولتۇرغان جايدا قويۇلغان بىرەر نەرسىگە تەگسە، كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 23 |
Ko gado ne, ko kuwa wani abin da ta zauna a kai, sa’ad da wani ya taɓa shi, zai ƙazantu har yamma.
ئەگەر بىر ئەر كىشى شۇ ھالەتتىكى ئايال بىلەن بىرگە ياتسا، شۇنداقلا ئۇنىڭ خۇن ناپاكلىقى شۇ ئەرگە يۇقۇپ قالسا، ئۇ يەتتە كۈنگىچە ناپاك سانالسۇن؛ ئۇ ياتقان ھەربىر ئورۇن-كۆرپىمۇ ناپاك سانالسۇن. | 24 |
“‘In namiji ya kwana da ita, al’adarta kuwa ta taɓa shi, zai ƙazantu na kwana bakwai; duk kuma gadon da ya kwanta a kai, zai ƙazantu.
ئەگەر ئايال كىشىنىڭ ئادەت ۋاقتىنىڭ سىرتىدىمۇ بىرنەچچە كۈنگىچە خۇنى كېلىپ تۇرسا، ياكى خۇن ئاقمىسى ئادەت ۋاقتىدىن ئېشىپ كەتكەن بولسا، ئۇنداقتا بۇ ناپاك قان ئېقىپ تۇرغان كۈنلىرىنىڭ ھەممىسىدە، ئۇ ئادەت كۈنلىرىدە تۇرغاندەك سانالسۇن، يەنە ناپاك سانالسۇن. | 25 |
“‘Idan mace tana ɗigar jini na tsawon kwanaki, ban da kwanakin ganin al’adarta, ko kuwa idan al’adarta ya wuce yawan kwanakin da ya kamata, to, za tă ƙazantu daidai kamar na kwanakin al’adar da ta saba yi. Wato, muddin tana cikin ɗiga, ta zama mai ƙazanta.
قان كەلگەن ھەربىر كۈندە ئۇ قايسى ئورۇن-كۆرپە ئۈستىدە ياتسا، بۇلار ئۇ ئادەت كۈنلىرىدە ياتقان ئورۇن-كۆرپىلەردەك ھېسابلىنىدۇ؛ ئۇ قايسى نەرسىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغان بولسا، شۇ نەرسە ئادەت كۈنلىرىنىڭ ناپاكلىقىدەك ناپاك سانالسۇن. | 26 |
Duk gadon da ta kwanta yayinda ta ci gaba da ɗiga zai zama marar tsarki, kamar yadda gadonta yake a lokacin al’adarta, kuma duk abin da ta zauna a kai zai zama marar tsarki, kamar yadda yake a lokacin al’adarta.
ھەركىم بۇ نەرسىلەرگە تەگسە ناپاك بولىدۇ؛ شۇ كىشى كىيىملىرىنى يۇيۇپ، سۇدا يۇيۇنسۇن ۋە كەچ كىرگۈچە ناپاك سانالسۇن. | 27 |
Duk wanda ta taɓa su zai zama marar tsarki; dole yă wanke rigunansa yă kuma yi wanka, zai kuma ƙazantu har yamma.
ئايال كىشى قاچان خۇن كېلىشتىن ساقايسا، ئۇ يەتتە كۈننى ھېسابلاپ، ئۆتكۈزۈپ بولغاندا پاك سانىلىدۇ. | 28 |
“‘Sa’ad da aka tsabtacce ta daga ɗigarta, dole tă ɗauki kwana bakwai, bayan haka za tă zama mai tsarki.
سەككىزىنچى كۈنى ئۇ ئىككى پاختەك ياكى ئىككى باچكىنى ئېلىپ جامائەت چېدىرىنىڭ كىرىش ئاغزىغا، كاھىننىڭ قېشىغا كەلتۈرسۇن. | 29 |
A rana ta takwas, dole tă ɗauki kurciyoyi biyu ko tattabari biyu ta kawo su ga firist a bakin ƙofar Tentin Sujada.
كاھىن بۇلارنىڭ بىرىنى گۇناھ قۇربانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىرىنى كۆيدۈرمە قۇربانلىق ئۈچۈن ئۆتكۈزسۇن؛ بۇ يول بىلەن كاھىن ئۇنىڭ ناپاك ئاقما قېنىدىن پاك بولۇشىغا ئۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا كافارەت كەلتۈرىدۇ. | 30 |
Firist zai miƙa ɗaya saboda hadaya don zunubi, ɗayan kuma don hadaya ta ƙonawa. Ta haka zai yi kafara dominta a gaban Ubangiji saboda ƙazantar ɗigarta.
سىلەر مۇشۇ يول بىلەن ئىسرائىللارنى ناپاكلىقىدىن ئۈزۈڭلار؛ بولمىسا، ئۇلار ناپاكلىقىدا تۇرىۋېرىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا تۇرغان مېنىڭ تۇرالغۇ چېدىرىمنى بۇلغىشى تۈپەيلىدىن ناپاك ھالىتىدە ئۆلۈپ كېتىدۇ. | 31 |
“‘Ta haka za ka tsarkake Isra’ilawa daga rashin tsarkinsu, domin kada su mutu saboda rashin tsarkinsu ta wurin ƙazantar da wurin zamana wanda yake tsakiyarsu.’”
ئاقما كېلىش ھالىتىدە بولغان كىشى ۋە مەنىي كېتىش بىلەن ناپاك بولغان كىشى توغرىسىدا، | 32 |
Waɗannan su ne ƙa’idodi a kan wanda yake ɗiga, da wanda yake zubar da maniyyi,
شۇنىڭدەك خۇن كېلىش كۈنلىرىدىكى ئاغرىق ئايال كىشى توغرۇلۇق، ئاقما ھالەتتە بولغان ئەر ۋە ئايال توغرۇلۇق، ناپاك ھالەتتىكى ئايال بىللە ياتقان ئەر توغرۇلۇق كەلگەن قانۇن-بەلگىلىمە مانا شۇلاردۇر. | 33 |
ƙa’idodi ne kuma ga mace wadda take al’ada, ga namiji ko macen da take ɗiga, ga kuma namijin da ya kwana da mace marar tsarki.